مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5156|ئىنكاس: 0

باي قېيىر يېزىسىدىكى «ئەكسىل ئنقىلابى توپىلاڭ»نى باستۇرۇش كۈرىشى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53409
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9838
تۆھپە نۇمۇرى: 940
توردا: 1762 سائەت
تىزىم: 2011-8-27
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 12:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1958-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى باي ناھىيسىنىڭ 7-رايۇنى (قېيىر گۇڭشى)نىڭ ئاراگەمە كەنىتىدە ئەكسىلئىنقىلابى توپىلاڭ يۈز بەردى. ئەكسىلئىنقىلابچى ھۈسەن ئايۇپ 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان بىر قىسىم بۆلگۈنچىلەرنى يىغىپ يىغىن ئېچىپ، توپىلاڭ كۈتۈرۈشنى مەخپىي پىلانلايدۇ،توپىلاڭ كۈتۈرۈلگەندىن كيىن غۇلىجىغا بېرىپ ئوزۇق-تۈلۈك،ئوت  سامان ۋە ئاتلارنى توپلايمىز دەپ جار سالدى. توپىلاڭدىن ئىلگىرى ئۇلار ئاممىنىڭ ئاشلىقلىرى،قويلىرى ۋە ئاتلىرىنى مەجبۇرى يىغۋالدى. 12-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچتە قېيىر گۇڭشىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن جامائەت خەۋىپسىزلكى خادىمى ئەزىز رۇزى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن بېرىپ ئەھۋال ئىگلەيدۇ. ئۇنىڭ كەلگىننى سېزىپ قالغان توپىلاڭچىلار ئۇنى باغلاپ ئېسىپ قۇيۇپ ئۇرىدۇ ھەمدە تۇتقۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدۇ. توپىلاڭچىلارنىڭ سۈيقەستى ئاشكارلىنىپ قالغاندىن كېيىن ھۈسەن ئايۇپ توپىلاڭنى باشلاشنى قارر قىلىدۇ. ئۇ يەنە توپىلاڭچىلارغا قۇماندانلىق قىلىپ توپىلاڭنى توسۇش ئۈچۈن كەلگەن بەش كادىرىنى ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرىدۇ. ھۈسەن ئايۇپ شۇئان توپىلاڭچىلارنى ھەقىقي ئەھۋالنى ئۇقمايدىغان 358نەپەر ئاممىنى مەجبۇرلاپ توپىلاڭ كۈتۈرگۈزۈشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ مال-مۇلىكىنى ھەدەپ بۇلايدۇ ، قوللىرىغا قارا مىلتىق، تاياق-توقماق ،دېھقانچىلىق سايمانلىرىنى كۆتۈرۋېلىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە ۋە 3-رايۇن (سايرام)نىڭ پولات-تۆمۈر بازىسىغا ھۇجۇم قىلىپ رايۇن،يېزىدىكى پارتىيلىك كادىرلارۋە ئاممىنى ئۇرىدۇ  ھەمدەتوپىلاڭچى قوشۇن تەشكىللەپ پارتىكومغا ۋە خەلىق ھۆكۈمتىگە ئوچۇق-ئاشكارا قارىشلىق كۆرسىتىدۇ ، ۋەقە بارغانسىرى چوڭىيىپ بارىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار ئەكسىيەتچىل شوئارلارنى توۋلاپ ،كىشلەرنى قايمۇتقۇرۇپ توپىلاڭچىلار قوشۇننى زورايتىشقا ئۇرۇندۇ. 3-رايۇن (سايرام)پولات-تۆمۈر بازىسىنىڭ يىتەكچىسى رېھىم قۇربان بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن دەرھال خەلىق ئەسكىرى ۋە ئامما بۇلۇپ مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىللەپ باتۇرلۇق بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىدۇ ھەمدە توپىلاڭچىلارنى تەڭىرتاغنىڭ ئىچكىرى جايلىرغىچە قىستاپ بارىدۇ. 3-رايۇن خەلىق ئەسكەرلىرىنىڭ يىتەكچىسى ئوسمان ئەزىز دەرھال 400دىن ئارتۇق خەلىق ئەسكىرى ۋە ئاممىنى تەشكىللەپ قوغلاپ قايتۇرما زەربە بېرىدۇ، قاقشاتقۇچ زەربىگە ئۇچۇرغان توپىلاڭچىلار تەرەپ-تەرەپكە قېچىشقا باشلايدۇ ،  يىتىم قالغان ھۈسەن ئايۇپ تاغقا قېچىپ ئىچكىرلەپ كىرىپ قۇتۇلماقچى بۇلىدۇ. ئوسمان ئەزىز تۆت ئادەمنى باشلاپ قېيىر تېغىنىڭ چۇققىسىغا چىقىپ تاش قاپتىلىغا مۆكۈۋالغان توپىلاڭچىلارنىڭ كاتتىبېشى ھۈسەن ئايۇپنى تۇتۇپ كىچىك كالبىرلىق مىلتىقتىن بىرنى قولغا چۈشۈردۇ،شۇنىڭ بىلەن توپىلاڭ تىنجىتىلدۇ. شۇ قېتىمقى توپلاڭنى تىنجىتىش كۈرىشىدە بىر ئوۋ مىلتىق ،10 دانە يەرلىك ئوۋ مىلتىق،توپىلاڭچىلار بۇلاپ كەتكەن 70نەچچە ئات،150 تۆگە ۋە 50 ئىشەك قولغا چۈشۈرۈلدۇ،باندىتتىن ئىككىسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدۇ،ئۇرۇپ يارلاندۇرۇلغان  كادىر، ئاممىدىن 53 سى قوتۇلدۇرۋېلىندۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ بايانلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان باي تارىخ ماتىرياللىرى 5-تومدىن ئېلىنغان بۇلۇپ ۋەقە تەپسىلاتى  قىسقاراق ، ئېنىق -كونكىرىت ئەمەسكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ۋەقە ئەينى دەۋىردە ئاش ۋەقەسىگە ئوخشاشلا ناھايىتى زور سەلبىي تەسىر قوزىغىغان. ۋەقە باشچىسى ھۈسەن ئايۇپنىڭ نامى -ئىش پائاليەتلىرى ھۈسەن پايتىم  نامى  بىلەن خۇددى رىۋايەتتەك ئەل ئارسىدا تارقىلىپ يۈرمەكتە.ۋەقە تەپسىلاتىدىن خەۋىرى بار دوسىتلارنىڭ دۆلەت قانۇنى ۋە تور ئەخلاقىغا  رىئايە قىلغان ئاساستا ئىلمىي ھالدا كەم جايلىرىنى تۇلۇقلاپ قۇيۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

قالايمىقان ئىنكاسلار بىردەك چەكلىندۇ!!!



مەنبە: باي تارىخ ماتىرياللىرىنىڭ  5-قىسىمدىكى شۇ ناملىق ماقالىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 01:04 PM  


ھازىرغىچە 5 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مەن-يوق + 39
amanturk + 39 ماختاشقا تېگىشلىك
بانكىر + 10 رېھىم قۇربان ئەسكى ئا.
wolf007 + 10 ئۆزىنى ئۆزى باستۇرغان.
Uyghun + 10 قانداق بىرتەرەپ قىلىن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش