مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2812|ئىنكاس: 13

ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن يارىتىلغان؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 12:04:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:« بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ ياراتقىنىمىز يوق (يەنى ئۇلارنى بىكار ياراتماستىن، قۇدرىتىمىزنىڭ ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ياراتتۇق)» .سۈرە ئەنبىيا 21-ئايەت
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناپ (يەنى بىكارغا) ياراتقىنىمىز يوق. ئۇلارنى بىز پەقەت ھەق ياراتتۇق، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ». سۈرە دۇخان 38-39-ئايەتلەر
ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ:«حا، مىم . (بۇ قۇرئان) غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر. ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ھەق ئاساستا مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە قالىدىغان) قىلىپ ياراتتۇق. كاپىرلار ئاگاھلاندۇرۇلغان نەرسىلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچىدۇر». سۈرە ئەھقاف1-2-3-ئايەتلەر
ئىنساننىڭ يارىتىلىش ھېكمىتى شەرىئەت تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، شۇنداقلا ئەقىل تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندۇر. ئەقىللىق ئىنسان ھەربىر مەخلۇقنىڭ يارىتىلىشىغا ھېكمەت يوشۇرۇنغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. بىر ئەقىلگە ئىگە بولغان كىشى بىرەر ئەھمىيەتسىز ئىشنى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشقا تىرىشىدۇ، ئۇنداقتا ھەممىدىن ھېكمەتلىك بولغان ئاللاھ ھېچ ئەھمىيەتسىز ئىشنى قىلامدۇ؟ !
ھالبۇكى، ئەقىلگە ئىگە بولغان مۇئمىن ئاللاھنىڭ ئىنساننىڭ يارىتىشىدىكى ھېكمەتكە ئىشىنىدۇ، ئىمان كەلتۈرىدۇ كافىر بولسا ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىكى ھېكمىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، روشەن دەلىللەر بار. ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ، سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن» سۈرە ئال-ئىمران 190-191-ئايەتلەر
ئاللاھ يەنە كافىرلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي!»سۈرە ساد27-ئايەت
شەيخ ئابدۇراخمان ئەل سەئدى (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھ ئۆزىنىڭ كىتابىدا ئۆزىنىڭ مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتىكى تەڭداشسىز ھېكمىتىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېچبىر شەيئىنى ئوينىشىپ ياكى مەقسەتسىز ياراتمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. « ئۇ كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر »، كاپىرلار ئاللاھنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇق سۈپىتىگە قىلچىلىك ماس كەلمەيدىغان ھالدا گۇمان قىلىشىدۇ. «كاپىرلارغا دوزاخ ئازابىدىن ۋاي !» ئاللاھ ئاسمان ۋە زېمىننى ھەقىقەت بىلەن، ھەقىقەتنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ياراتتى. شۇنداقلا بەندىلىرىگە ئىلمىنىڭ كەڭلىكى ۋە قۇدرىتىنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، پەقەت ئۆزىنىڭلا ئىبادەتكە ھەقىقىي لايىق بولغان بىردىنبىر ئىلاھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ھېچنەرسىنى يارىتىشقا قادىر بولمىغان تاغۇتنىڭ چوقۇنۇشقا لايىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ياراتتى. ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ ھەقلىقىنى، ھەركىمنىڭ ئۆز ئەمەلىگە يارىشا ئورۇنغا ئېرىشىدىغانلىقىنى، نادانلارنىڭ ھەممەيلەننىڭ ئورنى ئوخشاش بولىدۇ، دەپ قالماسلىقى ئۈچۈن ياراتتى.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟» ساد سۈرىسى 28-ئايەت
ئىككىنچى:ئاللاھ ئىنسانلارنى ھەرگىزمۇ يەپ-ئىچىش ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئۈچۈنلا ياراتقىنى يوق، بۇنىڭدا ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقى قالمايدۇ. ئاللاھ ئىنساننى باشقا كۆپ قىسىم مەخلۇقلاردىن ئۇستۇن قىلىپ ياراتتى، لېكىن كۆپ قىسىم ئادەملەر كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن، ئاللاھنىڭ يارىتىشتىكى ھېكمىتىنى بىلمەيدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى كىچىككىنە خوشاللىقتىنلا ئىبارەت. مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەتتا تېخىمۇ بەتتەردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:«كاپىرلار (ھاياتى دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ ـ ئىچىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ . سۈرە مۇھەممەد 12-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
«(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرمىسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ» ھىجر سۈرىسى 3- ئايەت
«شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر » سۈرە ئەئراف 179-ئايەت
ھەربىر ئەقىل ئىگىسى بىلمەي قالمايدۇكى، بىرەر نەرسىنى ياسىغۇچى باشقىلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ ياسىلىشتىكى ھېكمىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئاللاھ بولسا ئەڭ ئالىي سۈپەتلەرگە ئىگىدۇر.
ئىنسانلارنى ياراتقۇچى بولغان ئاللاھ ئەلۋەتتە ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشتىكى ھېكمىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدۇ، بۇ ھېچبىر مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. ئىنسانلار ئۆزىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەدىنىدە ناھايىتى چوڭقۇر ھېكمەت يوشۇرۇنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىدۇ، كۆز كۆرىدۇ، قۇلاق ئاڭلايدۇ…ئەجىبا مۇشۇنداق مۇكەممەل بەدەن ۋە ئەزالار بىكارغا يارىتىلغانمۇ؟ ۋە ياكى ياراتقۇچىسى ئۇنىڭغا مۇشۇلارنىڭ يارىتىلىش ھېكمىتىنى ئېيتىپ بەرگەندە ئۇ ئاڭلاشتىن ئۆزىنى قاچۇردىمۇ؟!
ئۈچىنچى:ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئاسمان ۋە زېمىنلارنى ياراتقانلىقىنى، ئىنسانلارنى، قايتا تىرىلىش كۈنىنى، ئاخىرەتتىكى سوئال-سوراقنى، ئاللاھقا بويسۇنغانلارنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلاشنى، ئاللاھقا ئاسىي بولغانلارنى دوزاخ بىلەن جازالاشنى ئىرادە قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
«اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە ياراتتى. (ئاسمان ـ زېمىننى يارتىشتىن ئىلگىرى) اﷲ نىڭ ئەرشى سۇ ئۈستىدە ئىدى. سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن اﷲ (ئۇلارنى ياراتتى). (ئى مۇھەممەد!) ئەگەر سەن(مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: «بۇ(سۆزنى ئىچىگە ئالغان قۇرئان) پەقەت روشەن سېھىردۇر». سۈرە ھۇد 7-ئايەت
«سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، اﷲ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، اﷲ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر». مۈلك سۈرىسى 2-ئايەت
مۇشۇ سىناقلارنىڭ نەتىجىسىدىن ئاللاھنىڭ «ئەررەھمان» (ئەڭ شەپقەتلىك)، «ئەلغەفۇر»(مەغفىرەت قىلغۇچى)،« ئەلھەكىم» (ناھايىتى ھېكمەتلىك)، «ئەتتەۋۋاب» ( تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچى)، «ئەررەھىم» (ناھايىتى مېھرىبان) دېگەندەك ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى نامايەندىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئاللاھنىڭ بەندىلەرنى يارىتىشكى ئەڭ چوڭ سەۋەبى، شۇنداقلا بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سىنىقى بولسا بەندىنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى (تەۋھىدنى) ئىقرار قىلىشقا، شۇنداقلا ئۆز ئىقرارىغا مۇۋاپىق رەۋىشتە ھېچبىر شېرىكسىز ھالدا بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇشتۇر. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئىنسانلارنىڭ يارىتىشكى سەۋەبىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:«جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم». سۈرە زارىيات56-ئايەت
بۇ ئايەت ھەققىدە ئىبنى كەسىر(ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: ( يەنى مەن ئۇلارنى ئۇلارغا موھتاج بولغانلىقىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇش ئۈچۈن ياراتتىم. ئەلى ئىبنى ئەبۇ تەلھە، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ «پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم» دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىنى: ئىنسانلار ۋە جىنلارنى پەقەت ئىختىيارى ۋە مەجبۇرى يوسۇندا ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈن ياراتتىم، دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.) تەفسىرى ئىبن كەسىر، ئۇيغۇرچە نەشىرى 6- توم 18-بەت
شەيخ ئابدۇراھمان سەئدى ( ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ:« ئاللاھ بەندىنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ياراتتى، بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدۇر. ئەمەل قىلغانلار سائادەتكە ئېرىشىدۇ؛ خىلاپلىق قىلغانلار جازالىنىدۇ. قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇلارنى بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلغان ياكى قىلمىغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ئۈچۈن يىغىدۇ.
ئاللاھ مۇشرىكلارنىڭ جازا ۋە مۇكاپاتنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەگەر سەن(مەككە كۇففارلىرىغا): «سىلەر ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلىسىلەر!» دېسەڭ، كاپىرلار چوقۇم ئېيتىدۇ: بۇ(سۆزنى ئىچىگە ئالغان قۇرئان) پەقەت روشەن سېھىردۇر»سۈرە ھۇد سۈرىسى7-ئايەت
ئابدۇراھمان سەئدى بۇ ئايەتنى تۆۋەندىكىدەك شەرھلەيدۇ: « ئەگەر سەن ئۇلارغا ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىشنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئېيتساڭ ئۇلار ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ، قوپاللىق بىلەن سۆزۈڭنى رەت قىلىشىدۇ ۋە سەن يەتكۈزگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلىشىدۇ. ئاندىن ساڭا بۇ روشەن سىھىردۇر، دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ روشەن ھەقىقەتتۇر.»تەفسىرى سەئدى، ئەرەبچە نەشىرى، 333-بەت
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچىدۇر.

                                                     مەنبە: قېرىنداشلار ئىسلام تورىدىن ئېلىندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-12 01:04 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
alturuk007 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 02:07:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  بەك ياخشى تىما بۇلۇپ تۇ ئەقلىللىق ئادەم ئۇيلانغۇدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 02:07:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  بەك ياخشى تىما بۇلۇپ تۇ ئەقلىللىق ئادەم ئۇيلانغۇدەك

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50644
يازما سانى: 1110
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7260
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 02:21:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھەرقانداق نەرسە زورلانسا ئەكىس تەسىربىرىدۇ دوسلۇقمۇ ھەم شۇ..
zarqush بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 02:22:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۆلۈمدىن باشقا ھەممىسى يالغان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1039
يازما سانى: 1263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13912
تۆھپە نۇمۇرى: 376
توردا: 732 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 02:54:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تىماكەن..........
يەنە ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرارسىز..............ئاللاھ ئەجرىڭزنى بەرگەي..............

يىيىش ئۈچۈن ياشىماي،ياشاش ئۈچۈن يەڭ====چۇنكى ھايۋانلار يىيىش ئۈچۈن ياشايدۇ----

ئۈلۈم ۋە ھايات!

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 6409
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 10921
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2882 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 06:01:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!


ئىنسان ئۆزى ئۈستدە تەپەككۈر قىلىپ تۇرىشى كېرەك، مەن زادى نىمە ئۈچۈن بۇ دۇنياغا كەلدىم؟ نىمە ئۈچۈن يەنە قايتىمەن دەپ.

ئىنسان بۇ دۇنياغا، ئاللاھ قا قۇلچىلىق قىلىش-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بۇ سىناق مەيدانغا كۆز ئاچتى. يەنى مۇشۇ سىناق ئالەم  ئىمتىھانىدىن  ئۆتۈپ، ئاللاھ نىڭ مۇكاپاتىنى  ئالىدۇ ۋەياكى ئەكسىچە  جازالىنىپ جازاسىنى تارتىدۇ.

ھەركۈنى  ئۆزىمىزدىن ،نىمە ئۈچۈن يارالدىم دەپ سوراپ تۇرۇشقا ئادەتلىنەيلى.

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە، بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللاھ! مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن.ئامىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90705
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 08:30:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەل تېما.....
                     ئەستەغفىرۇللا ھەلئەغزىم...
  رەخمەت سىز گە بۇرادەر تۇلىمۇ گۈزەل تېما يوللاپسىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89621
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1236
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 893 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 08:32:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزنى ئاللاھ بەرسۇن قېرىندىشىم .بولسا مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆپرەك يوللىساق ئاگاھلاندۇرۇش بۇلۇپ قالاتتى بىزلەرگە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93941
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 114
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 39 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2014-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 09:24:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل تىما بوپتۇ ،ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش