چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،پاكىستان ھەربىي تەرەپ 11-چىسلا مۇنداق دېگەن:شۇكۈنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ غەربى شىمالىدىكى كەيبور رايونىدا پاكىستان ئارمىيسى بىلەن تالىبان كۈچلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئېتىشىش يۈز بەردى.ئېتەشىشتا 15نەپەر قوراللىق كۈچنى ئېتىپ ئۆلتۈردى،ھەمدە بىر نەپەر پاكىستان جەڭچىسى قازا قىلدى.
پاكىستان ھەربىي تەرەپ مۇنداق دېدى:پاكىستان ئارمىيسى مەزكۇر رايوندىكى تىللا تاغ جىلغىسىغا قارىتا تازىلاش ھەركىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا،تالىبان كۈچلىرى ھەم ئۇنىڭ ئىتىپاقداشلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.
خەۋەر قىلىنىشچە،پاكىستان ئارمىيسى پاكىستاندىكى تالىبان ھەم ئۇنىڭ قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن تىللا تاغ جىلغىسىدىكى كۆپ رايۇنلارنىڭ كونتىروللۇق ھوقۇقىنى تارتىۋالغان،بۇ تاغ جىلغىسى جايلاشقان كەيبور رايونى تالىباننىڭ ئاساسلىق يوشۇرۇنغان جايى دەپ قارالغان.
بۇنىڭدىن بۇرۇن،پاكىستان ئەمەلدارى 8-چىسلا مۇنداق دېگەن:پاكىستان ھەربىي تەرەپ تىللا تاغ جىلغىسىدا تۆت قېتىم تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.ھەربىي تەرەپ 100گە يېقىن قوراللىق كۈچنى ئېتىپ ئۆلتۈردى،لېكىن يەنە 30نەپەر ئەسكىرىمىزمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئىگىلىنىشچە،يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ، شۇ يەردىكى قوراللىق تەشكىلات ئىزچىل تىللا تاغ جىلغىسىنىڭ كونتىروللۇق ھوقۇقىنى تالىشىپ،مەزكۇر رايۇندىكى كۆپلىگەن پۇقرالارنىڭ قېچىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
تەرجىمە قىلغۇچى:مەمەتئابدۇللا ئۆزياش
مەنبە:تېڭشۈن خەۋەرلىرى
http://t.cn/zTtw115
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا handanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-12 11:48 AM