|
|
|
|
ئافغانىستاندا بادام باغ دەپ ئاتىلىدىغان بىر داڭلىق ئاياللار تۇرمىسى بولۇپ 4-ئاينىڭ 9-كۇنى ئاخپارات ۋاستىلىرى بۇ تۇرمە توغۇرلۇق بىر قىسىم سۇرەتلەرنى توردا ئىلان قىلدى ، بۇ تۇرمىدە ئايال مەھبۇسلار ئوقۇيدۇ ئەمگەك قىلىدۇ ۋە ھەر خىل قول ھۇنەر كەسىپلىرى بىلەن تەربىيەلىنىدۇ ، يەنە بالىسى بار ئاياللار بالىسىنىمۇ يىنىدا بىرگە ئىلىپ يۇردۇ ، بەزى بالىلار تۇرمىدە تۇغۇلغاچقا ،بۇ گۇناسىز باللىلارمۇ ئانىسى بىلەن تۆمۇر رىشاتكا ئىچىدە بىرگە ياشاشقا مەجبۇر بولدۇ ، ئادەتتە كىچىك بالىلار ئازادە ئۆيگە ئىككى ئۇچ كۇن سىرىتقا چىقارماي سولاپ قويسا قانچىلىك بىئارام بولۇپ ئۆزنى سىرىتقا ئاتىدۇ... بۇ بالىلارنىڭ ئۇ يەردە گەرچە ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرسىمۇ قانچىلىك جاپالىق ياشايدىغانلىقنى بىلىش تەس ئەمەس .بۇ تۇرمىدە ھازىر 62 بالا ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ. بۇ ئايال مەھبۇسلارنىڭ بەزىلىرى زەھەر سودىسىغا ئارلىشىپ قالغان ، ھەر خىل جىنايى قىلىمىشلارنى سادىر قىلغانلار ۋە ئەخلاق ساقچىلىرى تەرپىدىن شەرىئەتكە مۇخالىپ ئىشلارنى قىلدى دەپ قولغا ئىلىنغانلار ئىكەن .
بۇ تۇرمىدكى ئىبادەتخانا .
ئازغۇن ئايال
بۇ بالىنىڭ سىرىتقا چىقۇسى كىلىپ ئىشىكىنى قاقتى .
ئۆيدىلىرى بىلەن كۆرشىۋاتقان ئايال
بۇلار ئادەتتە 6ئايال بىر كامىردا تۇردۇ
بۇللار ئۆز- ئارا كۆينۇشۇپ ياردەم قىلىشىپ ئىغىر كۇنلەرنى بىرگە ئۆتكۇزىدۇ.
ئايال گۇندىپاي
بۇ ئايالنىڭ ئىسمى مەريەم بولۇپ ،ئۇ ئۆزگە باسقۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان بىر مەلئۇنغا ئۆزنىڭ ئىپىتىنى ساقلاش ئۇچۇن پىچاق تىقىپ ئۆلتۇرۋىتىدۇ ، خۇن ھەققى ئۇچۇن ئۇنى 10يىل قاماققا ئالىدۇ ، ئۇنىڭغا ئەمدى 3ئاي بولدى.ئۇ ئامالسىز قۇچاقتىكى بالىسنى تۇرمىگە بىرگە ئىلىپ كىردى.
تىكۇچىلىك قىلىۋاتقان ئايال مەھبۇسلار
ئوقۇۋاتقان ئايال مەھبۇسلار ، بۇلار بىرەر كەسىپىنى ئۇگنىپ تۇرمىدىن چىقىپ ياخشىراق بىرەر ئىش ئورنىغا چىقىشنى ئويلايدۇ .
مەنبەhttp://bbs.tiexue.net/post_6657845_1.html
|
|
|
|
|
|