ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكەتۇ!
ئاللاھ نىڭ سالامى ھەممىمىزگە بولسۇن!
ئەزىز قېرىنداشلار جۈمە بايرىمىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!
جەزەكەللاھۇ خەيرەن!
بەررائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:
مۇسۇلمانلارنىڭ
ئۇستىگە ھەر جۈمە كۈنىسىدە غۇسلى قىلپ يۇيۇنىشى، ئەگەر بولسا،
ئەھلىنىڭ خۇشپۇراق ئەتىرلىرىدىنمۇ بولسا ئىستېمال قىلىشى،
(مىسۋاك سېلىشى)، ھەق ۋاجىپتۇر،ئەگەر ئەترە تاپالمىسا، سۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭغا، خۇشپۇراق پاكلىغۇچىدۇر.ئەھمەد،تىرمىزى، بەزار توپلىغان، ھەسەن.
ئەبۇدەردائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:
ماڭا جۈمە كۈندە كۆپ دۇرۇت- سالام يوللاڭلار،
چۈنكى،ئۇكۈنگە پەرىشتىلەر ھازىر بۇلىدۇ،ئۇ مەشھۇد كۈنىدۇر، كىم ماڭا دۇرۇت، سالام يوللىسىلا،
ئۇنىڭ دۇئايى – سالاملىرى ئۇ پارىغ بۇلۇپ بولغىچىلا، ماڭا تەڭلىنىپ،يەتكۇزلىدۇ.
مەن: ئۆلۇمدىن كىيىنمۇ يەتكۇزلەمدۇ؟دىسەم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ھەقىقەتەن ئاللاھتائالا
زىمىنغا پەيغەمبەرلەرنىڭ جەسەدلىرىنى چىرىتىپ، يەۋىتىشنى ھارام قىلدى،
اللاھ نىڭ پەيغەمبىرى تىرىك ھاياتتۇر، ئۇنىڭغا رزق بىرلىپ تۇرىدۇ،دىدى.
ھاكىم، بەيھەقى،ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:
ۋەدە قىلىنغان كۈن قىيامەت كۈنىدۇر،
ھازىر قىلىنىدىغان مەشھۇد كۈن بولسا، ئاراپات كۈنىدۇر، (يەنى ئەتە قۇربان ھېيت دىگەن كۈندۇر)،
شاھىد كۈن بولسا، جۈمە كۈنىدۇر،
جۈمە كۈنىدىنمۇ ئەۋزەلرەك بىرەر كۈندە، قۇياش چىقىپ كىرمەيدۇ،
(يەنى جۈمە كۈنى بارلىق كۈنلەردىن ئەۋزەل، ئۇنىڭدىن ئەۋزەل كۈن يوق).
جۈمە كۈنى بىر سائەت بار بولۇپ، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان بەندە
بۇ سائەتتە ئاللاھدىن بىرەر ياخشىلىقنى سوراپ ياكى بىرەر يامانلىقدىن ئاللاھقا سېغىنىپ،
پاناھ تىلەپ، دۇئا قىلىپ مۇۋاپىق كېلىپ قالسا، ئاللاھ ئۇ كىشىگە سورىغان ياخشىلىقىنى بېرىدۇ،
پاناھ تىلىگەن يامانلىقدىن ئۇنى ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ،
(يەنى شۇ سائەتتە ھەر قانداق دۇئاسىنى پەقەت ھارامنى سورىمىسلا،
گۇناھ – مەئسىيەتنى سورىمىسلا، ئىجاۋەت قىلىدۇ).
تىرمىزى، بەيھەقى توپلىغان، سەھىھ.