كۆڭلۈمگە
يىك شىئىرلىرى
(1)
كۆڭلۈمگە
داۋاملىق ھەمراھتۇر جاپا مۇشاقەت ،
ۋە ياكى خۇشاللىق بەخىت سائادەت.
ئارتۇقچە زارلانما ئازاپلىر ىڭغا !
كۆرەڭلەپ يۈرمىگىن خۇشاللىقىڭغا.
جاپانى داۋاملىق يىڭىمەن دىسەڭ،
تەييار تۇر ھەر ۋاقىت مىنۇت سىكىنۇت.
خۇشاللىق تۇرمۇشنى ئىزدەيمەن دىسەڭ،
ئارتۇقچە زارلانما كۈنىڭگە پەقەت.
بەزىدە يىتىدۇ ماتەم مۇسىبەت،
تەقدىردىن رەنجىمە ئۇرۇنسىز پەقەت.
داۋاملىق بولمايدۇ ماتەم مۇسىبەت،
تۈگەيدۇ غەم قايغۇ تىرىشساڭ پەقەت.
خۇشاللىق كۈنلىرىڭ كەلسە بېشىڭغا،
ئارتۇقچە ماختانما خۇشاللىقىڭغا .
خۇشاللىقىڭ ئايلانمىسۇن ئازاپقا ،
خۇشاللىقىڭ نەقەش بولسۇن ھاياتقا.
ھاياتلىقىڭ كۈل بولمىسۇن گۈللىسۇن،
گۈللەر ئارا گۈزەل باغقا جۈر بولسۇن.
ھاياتلىقىڭ گۈزەللىككە پۈركەنسۇن،
ھاياتلىقنىڭ مۇڭلۇق كۈيى ياڭرىسۇن.
2008-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى
(2)
ھۇرۇنغا
دۇنياغا يارالدىڭ پۇت قوللىرىڭ ساق،
نىمە دەپ ياشايسەن بۇنى ئويلاپ باق.
چۈمىلە جېنىدا ئىشلەيدۇ شۇنچە ،
سەنمۇ ھەم شۇنچىلىك غەيرەت قىلىپ باق.
ھۇرۇننىڭ كۈنلىرى ئۈتىدۇ غەمدە،
يۇقالسا ھۇرۇنلۇق بولماسمۇ سەندە؟
ئىشقا سال ئەقلىڭنى غەيرىتىڭ نەدە؟
ئەجدادىڭ ئۈمىدى قالمىسۇن يەردە.
ئىنسانلار بىكارغا يارالغان ئەمەس ،
تەييار تاپ ھۇرۇنلۇق ساڭا خاس ئەمەس.
جاپادىن قورقمىغىن ھەرگىز ئىرىنمە،
ئىنساننىڭ ھەممىسى سەندەك پەس ئەمەس.
2007-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى
(3)
دوستۇمغا
ھەقىقى ئادەمدەك ياشايمەن دىسەڭ،
ھاياتنىڭ پەيزىن سۈرىيمەن دىسەڭ.
ياشىغىن ئەخلاقىڭ غورورىڭ بىلەن،
ھاياتلىق گۈللىرى سۇنمىسۇن دىسەڭ.
تاۋلانغان ھاياتلىق ئىنسان قۇلىدىن،
بىپەرۋا يۈرمىگىن ھايات يۇلىدىن.
ئۈمىدىڭ باغلانسۇن مەڭگۈ مۇستەھكەم،
چىكىنمە ھەرگىزمۇ ھايات يۇلىدىن.
پادىشاھ بولساڭمۇ ياشايسەن يەنە،
ۋە ياكى ئاددىيلا پۇقرامۇ يەنە.
ھەممىنىڭ قىممىتى بۇلۇر ئۆزگىچە،
چىكىنمە ھەرگىزمۇ ھايات يۇلىدىن.
2007-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى
يىك
مەنبەسى : خاتىرەم
ئەسەر مەزمۇنىنى يىتەرسىزلىكلەردى خالى دىگىلى بولمايدۇ شۇڭا تورداشلارنىڭ قالايمىقان تېتىقسىز باھالارنى يازماسلىقىنى شۇنداقلا ئەسەر مەزمۇنىنى تۇلۇق ئۇقۇپ چىقىپ ئادىل باھا بىرىشىنى يىتەرسىزلىك يەرلەر بولسا ئىلمى ئۇسۇلدا كۆرسىتىپ قۇيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-12 12:54 AM