مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1136|ئىنكاس: 8

ئۇيغۇر ئالىملىرنىڭ ھاياتى ئىش - ئىزلىرى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بۇگۇن ماڭسىڭىز ئەتە يۇگرەيسىز.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1986
يازما سانى: 1943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16421
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 2523 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2014-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-22 08:05:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇت قەشقەرى <1008_ 1105>  
بۇيۇك ئالىم ، تىلشۇناس ، شاھانە ئەسەرلەر < تۈركىي تىللار دىۋانى> نىڭ مۇئەللىپى. ئۇ خان جەمەتتى ئائىلىسدە دۇنياغا كىلىپ، بىر ئۆمۇر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇلىنىشتىن سىرت، قەشقەردە مەدرىسە ئېچىپ مۇدەرىسىلىك قىلغان. ئۇنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بارلىقى مەلۇم بولسىمۇ ، زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلمىگەن . ئالىمنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . ئەمما 97 يىل ئۆمۇر كۆرۇپ ئوپالغا دەپنە قىلىنغانلىقى مەلۇم.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ < 1018 _ 1085>
قاراخانىلار سۇلالىسى دەۋىردە< مىلادىيە 880 ــ 1212 - يىللار> مەيدانغا چىقىپ ئۆزىنىڭ << قۇتادغۇبىلىك>>
( << بەخـت - سائادەتكە ئېرشتۇرگۇچى بىلىم >> ) ناملىق زور ھەجىملىك داستانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بۇيۇك بىر ئابىدە تىكلىگەن شائىر . ئۇنىڭ بىر دېداكتىك داستانى ئۆز ئىچىگە ئالغان غايەت زور بىلىم مەنبەسى ئارقىلىق كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ تىللىرغا تەرجىمە قىلىنىپ ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىن تېگىشلىك ئورۇن ئالغان .

ئەلىشىر نەۋائى  < 1441 ــ 1501 >
شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈلتاجى بولغان ، ئىجادى بىلەن جاھانغا تونۇلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى ئۇلۇغ مۇتەببەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى ھىراتتا تۇغۇلغان ۋە يەتتە يىشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. ئەلىشىر نەۋائىنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بولارنىڭ ئىچىدە << خەزائىنۇل مەئانى>> ناملىق داستانلار توپلىمى ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ،

ئۆمەر ھەييام  < 1040 ــ 1123>
  نىشاپۇردا تۇغۇلغان ، خۇراسان ۋە ماۋەرائۇننەھردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان مۇتەپەككۇر ، شائىر ۋە ئاستۇرنۇم ئىدى . ئۇ سالجۇق تۈرك شاھلىردىن مالىك شاھ ھۇزۇرىدا ، ۋەزىر نىزامىمۇلىك ھامىلىقىدا << مالىك شاھ ئاستۇرنۇميىلىك جەدىۋالى >> نى ئىشلەپ ، سالجۇقىلار كالىندارنى تۇزگەن . ئۇ << ھېساپ مەسىلىلىرىنىڭ يېشىلىشى ۋە ئىسپاتى  >> ، << ئارفىمىتكىدىكى قىيىن مەسەلىلەر>> ...  قاتارلىق ئەسەرلەرنى ۋە كۆپلىگەن ئۆتكۈر پىكىرلىك رۇبائىيلارنى يېزىپ ، خەلق قەلبىدىن مۇناسىپ ئورۇن ئالغان .


غازىباي    < مىللادىىدىن ئىلگىرى 4 _ 3 ئەسىرلەر>
    ئەپلاتۇن بىلەن قويۇق مۇناسۋەتتە بولۇپ ئۆتكەن دەپ قاراۋاتقان قەدىمكى داڭلىق ئۇيغۇر تېۋىپى غازىباي خوتەندە ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ << غازىباينىڭ ئوت _ چۆپ دورلار قامۇسى >> ناملىق مەشھۇر كىتابنى يازغانلىقى مەلۇمدۇر . ئەينى ۋاقىتتا ئەپىلاتۇن ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى غازىباينىڭ بۇ دورلار قامۇسىدىن ناھايىتى زور مەنپەئەتلەر ئالغان . بۇ ئەجداتلىرىمىز نىڭ مىلادىدىن 4 _ 3 ئەسىر ئىلگىرىلا ئىنسانيەتنىڭ تېبابەت ئىلىمىگە غايەت زور تۇھپە قوشقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

  مۇساباي   < 1809 __ 1895 >
   19 ئەسىرنىڭ  ئاخىرىدا پۈتكۇل ئوتتۈرا ئاسىيا تەۋەسىدە زور شۆھرەت قازانغان كاتتا باي - مۇساباي ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىستۇر.
  ئۇ ئىلىدا كۆن خۇرۇم زاۋۇتى قۇرۇپ 200 ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قەشقەر خانلىق مەدرىسىسىنى چوڭ كۆلەمدە رىمۇنت قىلغان .
ئۇ بالىلىرنىڭ پەننىي مەكتەپ ئىچىشىغا ئىلھام بەرگەن ھەم << پۇلنىڭ خۇجايىنى بولماي ، بىلىمنىڭ خوجايىنى بولۇڭلار >> دېگەن ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ ، دۇنيادىن كەتكەن .


ئابدۇخالىق ئۇيغۇر   < 1901 __  1933 >
  ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ۋەكىلىلىرىنىڭ بىرى ، ئىنقىلابى ۋەتەنپەرۋەر شائىر ، ئازاتلىق ، تەڭلىك دېمۇكراتىيە ۋە  ئىلىم _ مەرىپەتىنڭ يالقۇنلۇق كۇيچىسى ، نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنىڭ ئۇئەللىپى  ئابدۇخالىق ئۇيغۇر  شېئىر يېزىش بىلەنلا قالماي ، ئىنقىلابقا قاتناشقان ئاكتىپ جەڭچىدۇر .
   شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر  32 يېشىدا جاللات شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن ۋەھشىلەرچە ئولتۇرۇلگەن . مەمما ، ئۇنىڭ جەڭگىۋار شېئىرلىرى ، ھازىرغىچە خەلقىمىز ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ كەلمەكتە .






مەنبە : ئەدەپ __ ئەخلاقتىن تەۋسىيىلەر < جىلىل ئۆمەر >

دەقيانو بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-22 09:48:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 2858
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5762
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 9896 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-22 10:26:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم   بۇلۇپمۇ  ئۆمەر ھەييام

مىللەتنى مىللەتنىڭ تىلىدىن بىلدىم،
مىللەتنىڭ تىلىنى ئېلىدىن بىلدىم .
     ئۆز تىلىن خار قىلغان مىللەت خار مىللەت،
  ئۇلارنى بىخۇدلار خىلىدىن بىلدىم ...

                  __ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

ھەر كىم ئۆز تەقد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3311
يازما سانى: 1313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11205
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 1168 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2011-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-22 11:19:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم [s:79]  [s:79]  [s:79]  [s:79]  [s:79]  [s:79]

مىسرانىم ھەممىمىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6739
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-22 11:48:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلشۇناس مىرسۇلتان ئوسمانۇف
مىرسۇلتان ئوسمانوۋ 1929-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىگە قاراشلىق ئاقكەنت يېزىسىدا تۇغۇلغان. كېيىن غۇلجا شەھىرىگە كۆچۈپ كەلگەن..
مىرسۇلتان ئەپەندى «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ئىشلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 1979-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە يۆتكىلىپ، «دىۋان»نىڭ 1-، 2-توملىرىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.
1980-يىلى «دىۋان»نىڭ 3-تومىنى تەھرىرلەش جەريانىدا، تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى بىلەن قەشقەرگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، مەھمۇت قەشقەرىيىنىڭ قەبرىگاھىغا مۇناسىۋەتلىك كاتتا ئەسەر «مەسنەۋىي شېرىپ»نى بايقىغان. شۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تىلشۇناس ئىبراھىم مۇتىئى بىلەن بىرلىكتە «مەھمۇت قەشقەرىيىنىڭ يۇرتى، ھاياتى ۋە مازىرى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلغان. مىرسۇلتان ئوسمانوۋ يەنە «مەملىكىتىمىزنىڭ 11-ئەسىردىكى مەشھۇر تۈركولوگى مەھمۇت قەشقىرى ۋە ئۇنىڭ "دىۋانى"دا بايان قىلىنغان ئەدەبىي تىل ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە» (1982-يىلى)، «11-ئەسىردىكى تۈركىي تىل يادىكارلىقلىرىدىكى "ز" ھەرپى ۋە ئۇ ئىپادە قىلغان تاۋۇش توغرىسىدا» (1984-يىلى) قاتارلىق ماقالىلەرنى يېزىپ، دىۋانشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ قانات يېيىشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشقان.
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەقلىد سۆزلەر توغرىسىدا»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى رەۋىشلەر توغرىسىدا»، «چاغاتاي تىلى توغرىسىدا قاراشلىرىمىز» (تىلشۇناس خەمىت تۆمۈر بىلەن بىرلىكتە)، « "قۇتادغۇ بىلىك"تە ئىپادە قىلىنغان ئەدەبىي تىل توغرىسىدا» (خەمىت تۆمۈر ئەپەندى، ئامىنە غاپپار خامىنللار بىلەن بىرلىكتە) قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى، «خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» (كوللېكتىپ)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى» (مەسئۇل مۇھەررىر)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەلەپپۇز لۇغىتى» (كوللېكتىپ)، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىئالېكتلىرى»… قاتارلىق نۇرغۇن يىرىك ئەسەرلەرنى ئىشلەشكە قاتناشقان ياكى ئۆزى ئىشلەپ چىققان، مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. ئاسپىرانتلارغا ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس بېرىپ يېتەكلىگەن.
ئىلمىي زىيارەتلىرى جەريانىدا ئۇ يەنە قازاقىستان، ياپونىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۇيغۇر تىلى مەسىلىلىرى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ ئالقىشقا ئېرىشكەن.

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ۋەتىنى يوق ئادەم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1567
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10891
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 01:08:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمەر ھەييام پارس شائىرى شۇنداقلا ئاستىرنۇم.

ۋەتىنى يوق ئادەم ئۈنى يوق بۇلبۇل!(ماقال-تەمسىل)

پاك سۆيگۈم بولىد

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4686
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 477 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2014-12-31
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 01:21:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆمەر ھەييام دۇنيا رۇبائىچىلىقىنىڭ پىشۋاسى.  پارس شائىرى ئۇ !

پاك سۆيگۈم بولىدۇ تا  ئاداققىچە،ئەزىز تەن تۇپراققا كىرىپ كەتكۈچە.ھەتتاكى  مېيىتمۇ سۈكۈت  ئىچىدە،تىلەيدۇ بەختىڭنى جىم ياتقۇنىچە.ئاپتورى : ئۆزۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5315
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8334
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 04:25:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ىابدۇشكۇر مۇھەممەت ىمىن  قاپتىغۇ  *؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15691
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-23 11:39:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھمۇد قەشقىرىنى دۇنيا خەرىتىسىنى سىزغان دەپ ئاڭلىغان ئىدىم بۇ راسمۇ؟؟
ئەخمەتجان قاسىمى ئەپەندىنىڭ ھەربىر ئىش - ئىزلىرىنى ئاڭلىغاندا ئىچىمدە شۇ كىشىگە مىڭ ئاپىرىن ئېيتىمەن.لىكىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارزۇيىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان بولسىمۇ،بۇندىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىدە يەنە بىراۋ چىقماس ھە!

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش