كېلىدۇ
ئۇياتسىز ئوغرى كېلىدۇ،
ھۇرۇن توڭرا كېلىدۇ.
پىخسىق قىزغانچۇق كېلىدۇ،
مىشچان ياسانچۇق كېلىدۇ.
پارىخور ئاچكۆز كېلىدۇ،
تىلەمچى داپ يۈز كېلىدۇ.
كەمتەر تىرىشقاق كېلىدۇ،
نادان ئۇرۇشقاق كېلىدۇ.
بىكارچى تاماخور كېلىدۇ،
ئوغرى گۇمانخور كېلىدۇ.
تويمىغۇر ئىنساپسىز كېلىدۇ،
بىلى بوش چىدامسىز كېلىدۇ.
بەڭگى سەپرا كېلىدۇ،
كۆڭلى ئاق ئەسرا كېلىدۇ.
قىزىق ئادەم چاقچاقچى كېلىدۇ،
مەس كىشى چاتاقچى كېلىدۇ.
سۇپۇندىن ماغزاپ كېلىدۇ،
ھىلىگەر كاززاپ كېلىدۇ.
كۆرەلمەس ھەسەتخور كېلىدۇ،
نامەرت قەسەمخور كېلىدۇ.
چىدىماس غەيۋەتخور كېلىدۇ،
ئۈششۈق جېدەلخور كېلىدۇ.
يوقسۇل ئىلاجىسىز كېلىدۇ،
قورقۇنچاق ئىرادىسىز كېلىدۇ.
شەخسىيەتچى خوشامەتچى كېلىدۇ،
نەپسى يامان خىيانەتچى كېلىدۇ.
ياخشىچاق ۋىژدانسىز كېلىدۇ،
يۈزلىمىچى مەيدانسىز كېلىدۇ
*******
ئاپتۇرى ۋە يوللۇغۇچى:ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
1986-يىلى 1-ئايدا يېزىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا akkani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 04:54 PM