https://www.box.com/embed/zyvvhe3hnth1mxj.swf
بۈيۈك مۇتەپپەككۇر، ئۇلۇغ پەيلاسوپ، ئالىم ۋە شائىر، دۆلەت ئەربابى، چوڭ ھەجىمدىكى دىداكتىكىلىق داستان _ <<قۇتادغۇبىلىك>> نىڭ مۇئەللىپى،يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىلادىيە 1018-يىلى قاراخانىلار پايتەختلىرىدىن بىرى بولغان بالاساغۇن شەھرىدە تۇغۇلغان ۋە قەشقەردە ياشاپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ھەم ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، داستاننى يېزىپ بولغاندىن كېيىن مۇئەللىپ ئۇنى قاراخانىلارھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. ھەسەن بۇغراخان مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلىق ئۇنۋانىنى بەرگەن. مۇئەللىپ 1085-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان.
<<قۇتادغۇبىلىك>> شەرق ئەدەبىياتىنىڭ گۈلتاجى، جۇڭخۇامىللەتلىرى مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك گۆھەرلەرنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە بىردەك ئىتراپقا ئىرىشكەن شاھانە ئەسەر، شۇنداقلا ئۇيغۇرخەلقىنىڭ ئەينى دەۋر سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىلمىي، مەدەنىي، ئەخلاقىي ۋە دىنىي رىئاللىقتىن خەۋەر بەرگۈچى قامۇس خارەكتېرلىك ئەسەردۇر. ئۇ پىشقان مەدەنىيەت ۋەسەلتەنەتلىك بىر دەۋرنىڭ مەسئۇلى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى يۈكسەك قىممىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرماقتا.
مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بۇ شاھانە ئەسەرنىڭ شۆھرىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋەخەلىقىمىزنىڭ توغرا قىممەت قاراش بىلەن تەربىيلىنىشىگە ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە،ئىرپان شىركىتى 1991-يىلى نەشىر قىلغان نەسرىي يەشمىسىگە ئاساسەن، ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ، مەزكۇر ئەسەرنىڭ 17 سائەتلىك ئاۋازلىق نەشىر نۇسخىسىنى تەييارلاپ، مىللەتلەر ئۈن - سىن نەشىرياتى تەرپىدىن نەشىر قىلدۇردى.
CDنۇسخسنىڭ باھاسى 28يۈەن. DVD نۇسخىسى(يەنە قۇتادغۇبىلىك ئۈنچىلىرى ۋە ئىمزا قەلىمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ باھاسى98يۈەن. شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم ئورۇنلىرىدا سېتىۋالغىلى بولىدۇ.
بوۋىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان بىباھا مىراستىكى دۇردانە سۆزلەردىن بەھىرلەنگۈڭىز بارمۇ؟
ئۇنداقتا <<قۇتادغۇبىلىك>>نىڭ شاھانەسەلتەنەتىگە ماس ھالدا داڭلىق ئاۋاز ئارتىس ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئوقۇغان ئاۋازلىق نەشرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا oygak1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 04:52 PM