تاش مەھەللە ھەققىدە رىۋايەت
ناھايتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى دەرياغا يىراقراق،چۆللۈككە يېقىنراق يەرگە جايلاشقان بىر مەھەللە بۇلغان ئىكەن. مەھەللە ئاۋات بازارلاردىن،سۈزۈك بۇلاقلاردىن يىراق بولۇپ، ئادەملىرىنىڭ شالاڭ، تۇرمۇشىنىڭ غاراڭ بۇلۇشىغا قارىماي ئاچقانغا ئوزۇق، چاڭقىغانغا ئۇسۇلۇق بىرىپ، يولدىن ئازغاننى ئۆز يۇلىغا سېلىپ قۇيۇش ئاتا مىراس ئادىتى ئىكەن. شۇنداق خىسلەتتىن مەمنۇن بولغان ئاشۇ ئۆتكەن -كەچكەنلەر بۇ مەھەللىگە «ئۆتەڭ مەھەللە» دەپ ئات قۇيۇۋالغانكەن.
ئارىدىن نۇرغۇن زامانلار ئۆتۈپتۇ.بۇ يۇرتنىڭ ئادەملىرىبۇ ئاتا مىراس ئادەتلىرىنى ئاتىدىن بالىغا، بالىدىن نەۋرىگە مىراس قالدۇرۇپ،كۈنلەرنى ئايلارغا ئۇلاپ يىللارنى تولدۇرۇپ يۈرۈپ، بوۋايلار ئالەمدىن ئۆتۈپ،بوۋاقلار بالىلىق بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەيتاۋۇر يولدىن ئازغانمۇ ياكى ئاتايىن ماڭغانمۇ ئىشقىلىپ ئۈستى بېشىنى چاڭ باسقان، كۆزلىرىدىن نۇر قاچقان بىرى يەتتە يىقىلىپ توققۇز مۆدۈرۈپ مەھەللىنىڭ بوسوغىسىغا يەتكەندە يىقىلىپتۇ.
چۆمۈلە چاغلىق جاننى داسىۋەتمەي دەپ يەرگە ئاران دەسسەيدىغان، بوسۇغىنى پۇرىغان ئىتنىمۇ «كەت» دەپ ھەيدىمەيدىغان ئۆتەڭ مەھەللىك، ياراتقۇچىنىڭ ئەڭ ئالى مەخلۇقاتى بولمىش ئىنساننىڭ يىقىلغىنىغا چىدىيالىسۇنمۇ؟ھېلىقى يىقىلغاننى كۆزى ئۆتكۈرلار كۆرۈپ، كۈچتۈڭگەۈرلەر يۈدۈپ،ئايۋانغا ئەكىلىپ ياتقۇزۇپتۇ-دە بوۋايلار ئاۋال ئاغزىغا ئاش كۆكىدە دەملەنگەن چاي، ئاندىن ماي قۇيۇپتۇماي ئەمەس بەلكى جان قۇيۇپتۇ.
شۇنداق كۈتۈشلەر بىلەن ھېلىقى يۇلۇچى ئالتە كۈن قەي قىلىپ، يەتتە كۈن ھۆ بۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپتۇ.ئۇنىڭ ھايات قالغىنىدىن ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرىگە ياش تولۇپتۇ.بۇ ياخشىلىقتىن كۆڭلى ئاسمانغا يەتكەن يۇلۇچى شەپقەتچىسىنىڭ پۇتىغا رەھمەت بىلەن باش قۇيۇپتۇ-دە توققۇزىنچى كۈنى ئايدىڭدا سەپەرگە جابدۇنۇپتۇ.
ئەلقىسسە،بۇ ئىشلار يۈز بېرىپ كۈن ساق قىرىققا توشقاندا،جامائەتنىڭ ئارقى يېتىپ ئالدى قوپقاندا، ئەللىكچە پىيادە،ئەللىكچە ئاتلىق، سىم قامچا-پولات ساپلىق،بېشى يوغان پولات قالپاقلىق ئادەملەر ئۆتەڭ مەھەللىگە ھەيۋە سۈرەن بىلەن كىرىپ كەپتۇ.ھەممىسى بىر بۇلۇپ ئاقساقالنىڭ ئۆيىنى چۆرىدەپتۇ.ۋە كاكىراپ:«ئاڭلا ئەي خالايىق،ئىشلىرىڭ بەكمۇ نالايىق.بېقىپسەن چايانغا ئاش بىرىپ،دېمەك سەلەر ئەمەس شاھىمغا سادىق.خانىمدىن يارلىق شوڭا،جاكايىم يەتسۇن ساڭا.تۇنجى بوپ چاياننى كۆرگەن،ئىچى ئاغىرىپ يۆلىگەن،چېڭىنى قاققان،ئۆيىدە باققان،سالام بىرىپ چاخچاققا قاتقان،ئۇ كەتسە ئورنىدا ياتقان.تېز مېڭىش شاھىم ئالدىغا،ئىشنى سوزماي ھىچ ئارقىغا»دەپتۇ-دە، ئاقساقال باشلىق ئۇششاقۇ-چوڭ،پىششىقۇ چوڭ ھەممىنى قېتىپ قاملاپ، بەزىسىنى باغلاپ ئېلىپ كىتىشىپتۇ.
بۇ مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئادىتىمۇ،يا بەخت ائادىتىمۇ،ۋەياكى شۇ چاغدا شەيتان دىلىغا شۇنداق سالدىمۇ ئىشقىلىپ تۇتقۇنلارنىڭ كەينىدىن قارانچۇقتەك قاراپ،سالمىدەك مەراپ تۇرۇپ قاپتۇ. بەزىسى تېخى«ۋوي بۇ بىزنىڭ ئوتىمىزدا ئاققان،لېيىمىزنى لېيىمىزغا قاتقان،ئۆي سالساق بەش-تۆت كېسەك ئاتقان»دېمەستىن«ئەجەپ بولدى»دەپ يوتىسىغا ئۇرۇپ ساپتۇ.
ئۇلار شۇنداق ئۇرۇپ تۇرسۇن.ئەمدىكى گپنى ئېپ كەتكەنلەردىن ۋە ئېپ كىتىلگەنلەردىن ئاڭلايلى.
ئەلقىسسە. مىرزا ئابابەكرى ئاتلىق كىشى ئەلگە خان،يىگىنى جان، ئىچكىنى خان ئىكەن.«ئۆتەڭ مەھەللىدە يىقىلىپ ياتقان،ئاق ساقال ئاش بېرىپ باققان»دىيىلگەن ھېلىقى چاياننى ئەسلىدە ئۇنىڭ ئانىسى تۇغقان ئىكەن.بۇ بايقۇشلا ئاتىسى ئاران ئۆلگەندە،گۆرىگە ئەمدىلا كىرگەندە. تەخت بىر بولغاچ يىيەلمەپتۇ بىر داستخاندا بىر بۇردا توقاچ.قانداق قىلغۇلۇق دەيسىز،بالىنى ئىككى، تەختنى بىر تاپقان ئاتىنىڭ «ھالىغا ۋاي» دەيمىز.
شۇنداق قىلىپ ئۇكىسى ئاكىسىغا مۇشت ئېتىپتۇ،ئاكىسى ئۇكىسىغا پۇت ئېتىپتۇ.بىرى قوغلاپ بىرى قېچىپتۇ ۋە ئاخىرى قوغلاپ يىتىپ، ساداق بىلەن ئېتىپ پالتا بىلەن چېپىپتۇ-دە، بىر ئاخشام«ئۇھ» دەپ يېتىپتۇ.لىكىن ئەتىسىدىن باشلاپ،قىچىشمىسىمۇ بېشىنى قاشلاپ،كونا مەدەكتە دۈمبىسىنى تاتلاپ،توققۇز تولغۇنۇپ، ئوتتۇز ئويلاپتۇ.ئويلىغانسىرى تەر بېسىپ تەمتىەپ،غەم بېسىپ ئەنسىرەپ چاپارمەنلىرىنى توۋلاپتۇ.ھە دېسە ئوردىدىن قوغلاپتۇ،شۇنداق بىر ئورا كولاپتۇ.شۇ مىسالدا، سۈبھى تاڭدا،ھېلىقى چاغدا ئاق ساقاللارنى ھەيدەپ ماڭغانلار ئاشۇلاردىن ئىكەن.خان ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىنئام،بەزىسىگە بەڭنى خام بېرىپ،ئالدىنى ئالتە كۈن، ئارقىن ئاتمىش كۈن سوراقلاپ،قىزىتىلغان تاقىدا داغلاپ ئۆلتۈرۈپتۇ،زەي يەرگە كۆمدۈرۈپتۇ.
«پەلەكنىڭ چەرخى چۆرگلەيدۇ،
ئۇن تارتامدۇ ئادەممۇ»دىگەەندەك كىمدىن قالمىغان جاھان دەيسىز بۇ؟باشىنى يىدى ئابابەكرى زالىممۇ.لېكىن ھېلىقى ئۆلۈمدىن ئامان قالغان،بىر بىچارە كىچىك جان،ئازاد قىلغاچ يېڭى خان.قاراپ ئۆتەڭ مەھەللىگە، توغۇلۇپ ئۆسكەن جايىگە يۈگىرەپ بېرىپ بولغان ئىشلارنى ئەل- يۇرتقا بىرمۇ-بىر سۆزلەپ بىرىپتۇ.ئاڭلىغانلار«توۋا» دەپ ياقىسىنى چىشلەپ چەك ئېتىپتۇ.
شوندىن بۇيان بىراۋنىڭ تىلى تەگدىمۇ،ياكى قىسمەت بويۇننى ئەگدىمۇ ۋەياكى ھېلىقى ئىشلار دىلىنى چەگدىمۇ ئۆتەڭ مەھەللە ئادەملىرى ئاجىزنى كۆرمەس، يىقىلغاننى يۆلىمەس، ياتنى كۆرسە تىلى سۆزلىمەس بولۇپ قاپتۇ.مېھماننىڭ يۈزىگە ئىشىك تاقاپتۇ.سۇ سورىسا سۈيدۈك، ئاش سورىسا تاش تەڭلەپتۇ.بۇگەپ ئەلدىن ئەلگە، بەلدىن بەلگە ئاتلاپ جاھانغا تاراپتۇ.شۇنداق قىلىپ ئەسلىدىكى« ئۆتەڭ مەھەللە»كىشىلىرىنى «چاشقانغا كېپەك بەرمەيدۇ»دېيىشىپ مەھەللىنى «تاش مەھەللە» دەپ ئاتاپتۇ.ئەمما ئەيىپ كىمدە؟ئاشقانغا ئاش بەرگەن ئاق ساقالدىمۇ؟ياكى مەھەللە بوسوغىسىدا يىقىلغان بوپ ساقالدىمۇ؟ۋە ياكى بۇ ئىشنى بايقاپ شاھقا مالۇم قىلغان يوق ساقالدىمۇ؟ .....دىگەنلەرنى ئويلاپ بولغۇچىلىك بۇھىكايە تۈگەپ قاپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم !
تېما مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇڭ...رەھمەت.
-- باشقۇرغۇچىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 06:03 PM