ئارتىس بولمايدىغان قىز فىلىمى توغرىسىدا بۇ فىلىمنىڭ سىنارىستى-لى خۇن،رىژىسۇرى-گۇاڭ چۈنلەن بولۇپ، 1983-يىلى تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ئىشلىگەن. ئاساسلىق روللارنى رەيھان ئابلىز، مىھرىگۈل ئەمەت، ئىبرايىم پەخىردىن، قاسىم ئېزىز قاتارلىقلار ئالغان. بۇ فىلىم لى خۇننىڭ «تەڭرىتاغدىكى تۇلۇنئاي»دېگەن ئەسىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىلگەن سىنارىيە بولۇپ، ئۈرۈمچى ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىگىدىكى ئاساساىي قاتلام ئارتىسلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىن تاللانغان نادىر فىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. فىلىمدە ئايال باش قەھرىمان-ئامىنەدىن ئىبارەت ئوبرازنى يارىتىش ئارقىلىق ئۇسۇلچى سەنئەتكارلارنىڭ گۈزەل قەلبىگە مەدىھيە ئوقىغان. بۇ فىلىم «4كىشلىك گورۇھ»يوقالغاندىن كىيىنكى سەھنىگە چىققان نادىر فىلىم. ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت باھارىنى كۈتۈۋالغانلىقىغا مەدىھيە ئوقۇلغان. ئارتىس بولمايدىغان قىز- ئايال باش قەھرىمان ئامىنەنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن 10 يىللىق قالايمىقانچىلىقتىكى ئېزىلىش ۋە ئازاپ-ئوقىبەتلىك تۇرمۇشقا باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرالايدىغان رىيال تۇرمۇشتىكى بىر ئايال سەنئەتكارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش، رىياللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان ئەمەت ئوبرازىنى رۇشەن ھالدا سىلىشتۇرما قىلغان. بولۇپمۇ ئامىنە ئانا بولۇش سۈپىتى بىلەن قىزىنى يوقۇتۇپ قويۇش ئازاۋىنى باشتىن كۆچۈرىدۇ. فىلىمدە ئامىنەنىڭ كەسىپكە بولغان قىزغىنلىقى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى مەرگەزلىك ھالدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. فىلىمنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى-تاللانغان مىللىي ناخشا-ئۇسۇل،ۋە مۇزىكا. ئاشۇ ناخشا-مۇزىكىلار فىلىمنىڭ باشقا فىلىملاردىن پەرىقلىنىدىغان بىر ئالاھىدىلىگىدىن ئىبارەت. فىلىمنىڭ ئىجادىيەتچىسى-«ئارتىس بولمايدىغان قىز» دېگەن بۇ فىلىمنى ناخشا-ئۇسۇل فىلىمى دەپ قارايدۇ. گۇاڭ چۈنلەن ئايال چولپان ئامىنەنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، مۇشۇ ئانا-بالىنىڭ كەچۈرمىشىنى يىپ ئۇچى قىلغان. ئايال باش قەھرىمان ئامىنە مىللىي ناخشا-ئۇسۇل ۋە مۇزىكا ئالاھىدىلىگى گە ئىگە باي سەنئەتكار. بۇ فىلىم 1983-يىلى مەدىنىيەت مىنىستىرلىگى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر فىلىم» شەرەپ گۇۋانامىسىگە ئىرىشكەن. 1985-يىلى تۈركىيە ئىستامبۇل خەلقىرا كىنو بايرىمىدا «مۇنەۋۋەر فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1985-تىلى5-ئايدىن باشلاپ، كەيلۇ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان. بۇ فىلىم قويۇلغاندىن كىيىن تاماشىبىنلار ئارقا-ئارقىدىن تېلفۇن ئۇرۇپ، بۇ فىلىمغا بولغان تەسىراتلىرىنى دوكىلات قىلغان. دېمەك بۇ فىلىم 1980-يىللاردىن كىيىن تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسى ئىشلىگەن تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە ۋە مەدىھيىسىگە ئىرىشكەن ئەڭ ياخشى نادىر فىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. فىلىمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى: ئاتاغلىق ئۇسۇل ئارتىسى-ئامىنە ئون يىللىق قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ،خىزمىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. ئۇ كومپىزىتور-نۇر بىلەن بىللە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن،تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغا ئاتلىنىدۇ. يول ئۈستىدە ماھىرەئىسىملىك قىز ئامىنەنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئۇنىڭ يېقىملىق ناخشىسى ،لەرزان ئۇسۇلى ئامىنەنى قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە يوقۇتۇپ قويغان قىزى-ماھىرەنى ئەسلىتىدۇ. ۋاقىت قىس بولغاچقا،ئامىنەماھىرە بىلەن تەپسىلى پاراڭلىشالماي، ئالدىراشلا خوشلىشىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشى-ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. تىزىملاتقىلى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. ئامىنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ماھىرەنىڭ يوقلىغىنى بىلگەندىن كىيىن، سۈرۈشتۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىنى تاپىدۇ ھەم ماھىرەنىڭ دادىسى-ئەمەتكە كېلىشتىكى مەخسىدىنى ئېيتىدۇ. ئەمەت قوپاللىق بىلەن ئامىنەنى ھويلىسىدىن چىقىرۋىتىدۇ. ئىمتىھان كۈنى ماھىرە ئوغۇرلۇقچە ئۆيدىن چىقىپ،ئىمتىھان مەيدانىغا بارىدۇ ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئويناپ،ناخشا ئېيتىپ،ئۆزىنىڭ تالانتىنى نامايەن قىلىدۇ. ئامىنە ھاياجانلانغانلىقىدىن ماھىرەنى قەتئى قوبۇل قىلىش نىيتىگە كېلىدۇ. بىراق شۇ پەيىتتە ئەمەت يېتىپ كېلىپ،ماھىرەنىڭ قولىدىن تارتقىنىچە،ئۆيىگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ. ئامىنە نۇرنى ئېدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەش ئۈچۈن، ئەمەتنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىدۇ.پاراڭ جەريانىدا ئامىنەنىڭ مەدىنىيەت زور ئىنقىلاۋىدا تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى، ئېرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى،يۈرەك پارىسى بولغان قىزى-ماھىرەنى يوقۇتۇپ قويغانلىقىنى ئەمەتكە ئېيتىپ بېرىدۇ. ئەمەت شۇ ھامان ئامىنەنىڭ ئەينى يىلى ئۆزى بېقىپ قاتارغا قوشقان شۇنداقلا ئۆزى ئارتىسلىققا ئاپىرىپ بەرگەن ئايشەمنىڭ دەل شۇ ئىكەنلىكىنى شۇنداقلا 20 يىل ئىلگىركى ھېلىقى قىش كۈنىدە قولىدا بىر جۇپ ئۇسۇل ئايىغىنى كۆتۈرىۋالغان ۋە ھازىرغىچە ئۆزى ئۆزى بېقىپ كېلىۋاتقان قىزنىڭ ماھىرە ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ. گەرچە ئەمەتنىڭ ماھىرەدىن ئايرىلغۇسى كەلمىسىمۇ،لىكىن ماھىرەنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىگىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ ۋە ئۇزاق يىللاردىن بېرى ساقلاپ كەلگەن ئۇسۇل ئايىغىنى ماھىرەگە بېرىدۇ. ئامىنە ئۇسۇل ئايىغىنىڭ ئۆز پىتى تۇرغانلىغىنى كۆرۈپ، ھەممىنى چۈشۈنىدۇ. ئامىنە بىلەن ماھىرە دۆۋلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا-ئۇسۇللۇق ئوپىرا كېچىلىگىدىكى«تۇلۇن ئاي» ناملىق نومۇردا ئانا-بالىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئويۇن قويۇلىۋاتقان شۇ كۈنى ماھىرە ئەمەتتىن كەلگەن خەتتىن ئامىنەنىڭ ئۆز ئانىسى ئىكەنلىگىنى بىلىپ، چەكسىز خوش بولىدۇ. سەھنىدە «ئانا!»دەپ چاقىرغىنىچە ئامىنە بىلەن قۇچاقلىشىپ، كۆرۈشىدۇ. بۇ فىلىم 1983-يىلى مەمىلىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا،1985-يىلى ئىستامبۇل خەلقىرا كىنو بايرىمىدا مۇنەۋۋەر فىلىم مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
|