رەھبەرلەر<< چېقىمچىلار>>غا ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىشى لازىم.
بىزدە مەلۇمات ياكى دوكلات دىگەن سۆزبار،ئۇنىڭ مەنىسى ئىش ياكى پىكىرنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش ياكى
ئاممىغا سۆزلەپ بىرىشنى كۆرسىتىدۇ.ئەمما يەنە بىر خىل<<دوكلات>>مۇ بار.ئۇنىڭ سەلبى مەنىسى بولۇپ
ئۇ <<چېقىمچىلىق>>دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇنىڭدا بەزى كىشىلەر ئۆز مەخسىدىگە يىتىش ئۈچۈن،رەھبەرلەرگە يوقنى
بار،كىچىكنى چوڭ قىلىپ چېقىپ،باشقىلارنى نابۇت قىلىش غەرىزىدە بولىدۇ.قەدىمدىن ھازىرغىچە،مۇنداق
چېقىمچىلار باشلىقلارنىڭ قۇلى بىلەن باشقىلارنىڭ ئەدىبىنى بەرگەن مىساللار ناھايتى كۆپ.چىڭ سۇلالىسىنىڭ
گۋاڭشۈي يىللىرىدا،لىن زېشۈي دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنپىئەتىنى كۆزلەپ،ئەفىيۇننى چەكلەشتە چىڭ تۇرغان
ئىدى.بۇ بەزى ئەمەلدارلارنىڭ مەنپىئەتىگە زىيان سالغاچقا،ئۇلار بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان.چى شەن
ئەنە شۇلارنىڭ بىرى ئىدى.شوڭا ئۇ نۇرغۇن قېتىم گۋاڭشۈي خانغا لېن زېشۈينى چاققان.گۋاڭشۈي خان ئەنە
شۇ ئاق -قارا،ھەق-ناھەق ئارىلاشتۇرۋېتىلگەن <<چېقىمچىلىق>>قا ئىشىنىپ،لىن زېشۈينى مەنسىۋىدىن
ئېلىپ تاشلىغان ۋە ئۇنىڭغا چارە كۆرگەن.چى شەن لىن زېشۈينىڭ ئورنىغا ھوقۇقلۇق ۋەزىر بولغان.ئۇ
ۋەتەنگە ئاسىلىق قىلىپ شۆھرەت قوغلىشىپ،دۆلەتنىڭ مەنپىئەتىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان.
<< چېقىمچىلار>>نىڭ كۈزى كىچىك،ئىچى تار بولۇپ،ئۇلار شەخسى مەنپىئەت دىسە جان بېرىدۇ.مۇبادا
بېرەر كىشى ئۈزىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى ئۇنىڭ ھارام نىيىتىگە كاشىلا قىلسا،ئۇ دەردىنى ئاشۇنداق
چېقىمچىلىق ئارقىلىق چىقىرىدۇ.بۇنداق چېقىمچىلىقنىڭ شەكلى ھەرخىل بولسىمۇ،مەخسىدى ھامان بىرلا.
ئۇ بولسىمۇ،بارلىق ئاماللار بىلەن باشقىلارنىڭ ئەدىبىنى بىرىپ،ئۈزى پايدا ئېلىش.مۇنداقلار كۆرۈنۈشتە
رەھبەرلەرگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندەك قىلسىمۇ نىيىتى بەلەك.بەزىلەر يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى
توقۇپ،باشقىلارغا قارا چاپلاپ،ئازار بېرىدۇ،بەزىلەر يوق يەردىن پۇتاق چىقىرىپ،تۇىۇمدىن تۈك
ئۈندۈرۈپ،<<پاكىت>> ئويدۇرۇپ چىقىرىدۇ،بەزىلەر كىچىكنى يوغۇنۇتۇپ،قارشى تەرەپنى ھېچنەرسىگە
ئەرزىمەس قىلىپ كۆرسىتىدۇ.<<چېقىمچىلىق>>كىچىك ئىش بولسىمۇ،خەۋپى زور،نېجىس ئىش.
ھالبۇكى:رەھبەرلىرىمىز ئىچىدە مۇشۇنداق <<چېقىمچى>>لارنى دوست تۇتىدىغان،ئۇلار نىمە دىسە،
شۇنىڭغا ئىشىنىدىغان،<< چېقىمچى>>لارنىڭ غەرىزى بۇيىچە ياخشى ئادەملەرگە ئازار بېرىدىغان،
زىيان سالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.مانا بۇ رەھبەرگە خاس ئىستىل ئەمەس.بىزنىڭ رەھبىرى كادىرلىرىمىز
<< چېقىمچى>>لارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى،ئاشۇنداق <<چاقما>> گەپلەرنى
ئاڭلىغاندا،ئاق-قارىنى ئايرىشى،ھەق-ناھەقنى پەرقلەندۈرىشى،سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل قىلىشى،
<< ئېپقاچتى>>سۆزلەرگە ئىشىنىپ،كىشىلەرنىڭ ئەدىبىنى بىرىشتىن ساقلىنىشى،خىزمەت تەرتىۋىنى
قالايمىقانلاشتۇرۇپ،خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى،ھەرگىزمۇ چېقىمچىلارنىڭ قول چومىقى،
ۋاستىسىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم.
*******
مەنبە:ھەرخىل ماتىرياللاردىن تەييارلاندى.