ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇ!
نامازدا دىيىلىدىغان كەلىمىلەر ۋە دۇئالارنىڭ مەنىسى.
ئاللاھۇ ئەكبەرـــــــــــ ئاللاھ ئەڭ ئۇلۇغدۇر!
ئەلھەمدۇلىللاھ ــــــــــــــ جىمى ھەمدۇ سانالار ئاللاھ قا خاستۇر!
سۇبھانەللاھ ــــــــ ئاللاھ پۈتۈن نۇقسانلاردىن كەمچىلىكلەردىن پاكتۇر!
سۇبھان رەببىيەل ئەزىيىم ــــــــ بۈيۈك ئۇلۇغ ئاللاھ بارلىق نۇقسانلاردىن پاكتۇر!
سەمىئەلللاھۇ لىمەن ھەمىدە ــــــــ ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنىڭ ھەمدۇ-سانالىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ.
رەببەنا لەكەل ھەمدۇــــــ رەببىمىز ھەمدۇ-سانا شۈكۈر ساڭىلا ئائىتتۇر!
سۇبھان رەببىيەل ئەئلە ـــــ ئۇلۇغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ رەببىم بارلىق نۇقسانلاردىن پاكتۇر!
لائىلەھە ئىللە ئەنتە ،سۇبھانەكە ئىنني كۇنتۇ مىنەز-زالىمىين!
{سەندىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر! سەن بارلىق نۇقسان -سۈپەتلەردىن پاكسەن،
مەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇم.}
ئىننە لىللاھى ۋە ئىننە ئىلەيھى راجىئون!
{بىز ئاللاھ نىڭ بەندىسى،ئاقىۋەت قايتىدىغان يەر ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر!}
كەلىمە شاھادەت:
ئەشھەددۇئەن لائىلەھە ئىللەللاھ ۋەئەشھەددۇئەننە مۇھەممەدۇن ئابدۇھۇ ۋەرەسۇلۇھۇ!
{ گۇۋاھلىق بىرىمەنكى ،ئاللاھتىن باشقا ھىچبىر مەبۇد-ئىلاھ يوقتۇر. يەنە گۇۋاھلىق بىرىمەنكى،مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرىدۇر!}
كەلىمە تەۋھىد:
لائىلەھە ئىللەللاھ ،مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ !
{بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ (مەبۇد)يوقتۇر!مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر!
<يەنى ئەلچىسىدۇر>}
ئىفتار دۇئاسى:
ئاللاھۈممە لەكە سۇمتۇ ۋە ئەلا رىزىقىكە ئەفتۇرتۇ.
{ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈن روزا تۇتتۇم ،سەن بەرگەن رېزىق بىلەن ئىفتار قىلدىم.
رېزىق-ساغلاملىق بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ساڭا ھەمدۇ ئېيتىمەن.}
ئاللاھ خالىسا ،ئەڭ ياخشى پايدىلىنىش داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بۇلىدۇ!
بۈگۈنكى يوللۇشۇم مۇشۇيەرگىچە ،كىلەر قىتىم كۈرۈشكىچە ھەممىڭلارغا ئاللاھ
ئامانلىق ۋە راھەتلىك بەرسۇن!
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-103495-1-1.html
ئاللاھ قا ئامانەت !
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kugul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 12:40 PM