مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3405|ئىنكاس: 0

( دولان ) خەنزۇ مىللىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:05:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەنزۇ مىللىتىنىڭ كىلىپ چىقىشى ۋە كۆپىيىپ تەرەققىي قىلىشى


ئىلاۋە: مەن بۇ يازمىنى باشقامۇنبەردە كۆرىپ بەلگۇلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئىكەن دەپ، تورداشلارنىڭ ھۆزۇرىغا سۇندىم، ئىلگىرى كۆرگەنلەر بولسا ئەيىپكە بۇيرىمايسىلەر.

     خەنزۇلارنىڭ ئەڭدەسلەپكى ئەجدادى بولغان يەندى (炎蒂)بىلەن (黄蒂) قەبىللىرى ئەسلىدە ھازىرقى خۇاڭخېدەرياسىنىڭ باش ئېقىمىدا ياشايدىغان چىياڭ (羌) دىگەن بىر قەبىلىدە شەكىللەنگەن.كىيىنچە يەندى قەبىلىسى بىلەن خۇاڭدى قەبىلىسى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كەسكىنئۇرۇشلار، جەڭگى- جىدەللەردە يەندى قەبىلىسى خۇاڭدى قەبىلىسى تەرىپىدىن مەغلۇپقىلىنغان. خۇاڭدى قەبىلىسى (خۇاڭدى ئەۋلاتلىرى) ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات ۋە ئۇرۇش(ناھايىتى زور قان تۆكۈش) ئارقىلىق ئوتتۇرا جۇڭگۇدىكى بىرمۇنچە قەبىلە ۋەئۇرۇقلارنى ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىش (قۇشىۋېلىش) ھېسابىغا كىيىنچە خۇاشيا (华夏) قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىشەكىللەندۈرگەن. خۇاشىيا سۆزى گۈللەنگەن ئەل، ئېچىلغان يۇرت دىگەن مەنالارنىئىپادىلەيدۇ، خۇاشىيالار بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرىنىڭ بىرىبولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

     خەنزۇ مىللىتىنىڭ بىۋاستە ئەجداتلىرى بولغان خۇاڭدىقەبىلىسى دۆلىتىمىز تارىخىدىكى شىيا (مىلادىدىن بۇرۇنقى 21-ئەسىردىن، مىلادىدىنبۇرۇنقى 16-ئەسىرگىچە) سۇلالىسى، شاڭ سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىردىن،مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىرگىچە)، جۇ سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 11-ئەسىردىنمىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىغىچە) دىن ئىبارەت ئۈچ سۇلالە مەزگىلىدە تازا تەرەققىقىلىپ ئەمىنىيە ۋە يېغىلىق دەۋىرلىرىگە بارغاندا خۇاشىيا نامى بىلەن ئاتالغان. جۇسۇلالىسى دەۋرىدە جۇ سۇلالىسىنىڭ ئەتىراپىدىكى قەبىلىلەر (شەرىقتىكى يى 夷 قەبىلىسى، جەنۇپتىكى مەن  蛮قەبىلىسى، شىمالى جۇڭگۇدىكى دى  狄قەبىلىلىرى)جۇ سۇلالىسى كىشىللىرىنى خۇاشىيا دەپ ئاتىغان. يېغىلىق دەۋرىگە كەلگەندە يەتتە چوڭزومىگەر (يەتتە چوڭ بەگلىك) نى ئومۇملاشتۇرۇپ خۇاشىيالىقلار دەپ ئاتىغان.مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى چېن شىخۇاڭ پۈتۈن خۇاشىيا مىللىتىنىڭ يېزىقىنى (ھازىرقىخەنزۇ يېزىقى)، پۇللىرىنى، ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى، قاتناش يوللىرىنى، ھەرقايسىبەگلىكلەر چېگىرىسىغا ياسالغان سېپىل توساقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،خۇاشىيالىقلارنى ئورتاق تۈزۈم، ئورتاق مەدىنيەتكە ئىگە بولۇش ئىمكانىيتىنىياراتتى. ھەرقايسى بەگلىكلەرنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئاراسىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت ئالاقىللىرىنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىشى ئۈچۈن مۇھىمتۆھپە قوشتى. چېن سۇلالىسى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىدىن، مىلادىدىن بۇرۇنقى206-يىلىغىچە) دەۋرىدە خۇاشىيالىقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى چىنلىقلار (秦人) دىگەن نام ئىگىلىدى. ھازىرقى بىرقىسىم ماتىرياللاردا جۇڭگۇلۇقلارنى چىنلىقلار دەپ ئاتاش ئەنە شۇ چىن سۇلالىسىدىگەن نامدىن كەلگەنلىكى ئېنىق. خەنزۇ مىللىتى خەنزۇلار قۇرغان بۈيۈك خەن سۇلالىسىدەۋرىگە كەلگەندە خەن سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى چېن سۇلالىسىنىڭ ھاكىميەت باشقۇرۇشجەھەتتىكى تەجرىبە –ساۋاقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خەن سۇلالىسىنى ئىقتىسادى ۋەمەدەنىيەت جەھەتتە قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئاسىيا قىتئەسىدىكى قۇدرەتلىكبىر ئېمپىريىگە ئايلىنىپ چىنلىقلار ئۆز دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىب كەلگەن. شۇنىڭبىلەن خەن سۇلالىسىنىڭ تۆت ئەتىراپىدا ياشاۋاتقان ھەرقايسى سۇلالە خەلىقلىرىئوتتۇرا جۇڭگۇدا ياشىغۇچى خەلىقلەرنى بۈيۈك خەن سۇلالىسىنىڭ نامى بىلەن خەنلىكلەر  (汉人)دەپئاتاشقا باشلىغان، «تارىخ- مەدەنىيەت بىلىملىرى» ژورنىلىنىڭ 1984-يىللىق 8-سانىدا،لىيۇ باڭ خەن سۇلالىسىنى قۇرغاندىن كىيىن خەن سۇلالىسىگە خوشنا بەگلىك ياكىمىللەتلەر «خەنلىكلەر» دىگەن نامنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى«خەنلىكلەر» دىگەن نامنىڭخەن سۇلالىسى كىشىللىرى دىگەن مەنانى بىلدۈردىغانلىغى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دىمەك،بۈگۈنكى خەنزۇ مىللىتى دىگەن مىللەت نامى خەن سۇلالىسى دىگەن نامدىن كەلگەن ۋەئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا بۇ مىللەت نامى چوڭقۇر ئىجتىمائى مەزمۇننىئىپادىلەيدىغان ھەممە ئادەمگە تونۇشلۇق بولغان مىللەت نامى بولۇپ قالغان.

     خەنزۇمىللىتىنىڭ كۆپىيىپ ئىلىمىزدىكى شۇنداقلا دۇنيادىكى نوپۇسى كۆپ چوڭ بىر مىللەتبولۇپ شەكىللىنىشىدە ئېلىمىز تارىخىدا يۈز بەرگەن تۆت قېتىملىق مىللەتلەرنىڭئۆز-ئارا قۇشۇلىشى مۇھىم رول ئوينىغان.

     دۆلىتىمىزتارىخىدىكى بىرىنچى قېتىملىق مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ ئەمىنىيە(مىلادىدىن بۇرۇنقى 770- يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى476 -يىلىغىچە) يېغىلىق(مىلادىدىن بۇرۇنقى 475- يىلىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلىغىچە) دەۋىرلىرىدە يۈزبەرگەن. ھەممىمىزگە مەلۇم خۇاشىيا قەبىلىسى جۇڭگۇدا ئەڭ بۇرۇن قۇلدارلىق تۈزۈمدىكىجەمىيەتكە كىرگەن بىر قەبىلە بولۇپ، بۇ قەبىلە جۇڭگۇدا شىيا، شاڭ،جۇ سۇلالىسىدىنئىبارەت قۇلدارلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنى قۇرغان. ئەمىنىيە ۋە يېغىلىقدەۋىرلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنى مەركەزقىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. خۇاشىيا قەبىلىسى ئۆز ئەتىراپىدىكى دى(狄)   چىياڭ (羌)يى(夷) مەن (蛮) قاتارلىق قەبىللەرنىڭ بىر قىسىمىنىتەدرىجى ھالدا ئۆزلىرىگە ئاسمىلاتسىيە قىلىپ قۇشىۋالغان. چۈنكى خۇاشىيا قەبىلىسىجۇ سۇلالىسىدىن باشلاپ جۇڭگۇدىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بىر قەبىلىگە ئايلانغان. شۇڭاجۇڭگۇدىكى بىر قىسىم ئاز سانلىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۇزۇن زامانلار جەريانىداخۇاشىيا قەبىلىلىرى بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، سىياسى، ئىقتىسادى،مەدەنىيەت جەھەتتە خۇاشىيا قەبىلىسىنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق،ئاستا-ئاستا خۇاشىيا قەبىلىسىگە سىڭىپ كەتكەن. نەتىجىدە خۇاشىيا قەبىلىسى  ئەينى زاماندىكى جۇڭگۇ زىمىنىدا ناھايىتىكۈچلۈك ۋە كۆپ سانلىق بىر قەبىلىگە ئايلىنىپ ھازىرقى خەنزۇ مىللىتىنىڭ شەكىللىنىشىئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس ياراتقان.

     دۆلىتىمىزتارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ ۋېي، جىن،جەنۇب، شىمال (مىلادى 190- يىلدىن 589-يىلىغىچە) سۇلالىلار دەۋرىدە يۈز بەرگەن.جۇڭگۇ تارىخىدىكى ۋېي، جىن، جەنۇب، شىمال سۇلالىلەر دەۋرى جۇڭگۇ مەدىنيىتى تۆتئەسىرگە يېقىن داۋالغۇش، بۆلىنىش، تىنىچسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن، جۇڭگۇ مەدەنىيىتىقۇتۇپلاشقان، مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا كۆچۈشى، يۆتكىلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. بىرقىسىم خەنزۇلار دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا رايۇنلىرىغا ئولتۇراقلاشقان، دۆلىتىمىزنىڭچېگرا رايۇنلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپلەپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغابېرىپ ئولتۇراقلاشقان. مەسىلەن، بۇ دەۋىردە دۆلىتىمىزنىڭ شىمالى ۋە غەربى شىمالىداياشىغۇچى ھونلار، سىيانپىلار، دىلار، چياڭ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تۈرلىكتارىخى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۈزلىكسىز تۈردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا كۆچۈپبېرىپ خەنزۇلار بىلەن قۇيۇق ئارلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا خەنزۇمەدىنيىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ھاياتىدا غايەت زورئۆزگۈرۈشلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

     دۆلىتىمىزتارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى ئېلىمىزنىڭ سۇڭ (مىلادى960- يىلىدىن 1279- يىلىغىچە) لىياۋ (مىلادى 1271-1368) سۇلالىرى دەۋرىدە يۈزبەرگەن. بۇ دەۋىرلەردە ئېلىمىزدىكى كىدان (قىتان) جۇرجىت، موڭغۇل قاتارلىق ئازسانلىق مىللەتلەر ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا لياۋ، جىن، يۈەنقاتارلىق كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرنى قۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن مۇددەت چارۋىچىلىقنىئاساس قىلغان مەدىنيىتى ئانچە تەرەققى قىلمىغان، بۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوتتۇراتۈزلەڭلىك رايۇنىغا كىرگەندىن كىيىن خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدەنىيتىنى قۇبۇلقىلىپ بارا-بارا ئۇلارغا سىڭىشقا باشلىغان. مانا شۇنداق ئۇبىكتىپ شەرت- شارائىتنىڭپىشىپ يىتىلىشى بىلەن بۇ ھاكىميەت بېشىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسىمىخەنزۇ مىللىتىگە قۇشۇلۇپ كەتكەن.

     دۆلىتىمىزتارىخىدىكى مىللەتلەرنىڭ تۆتىنچى قېتىملىق چوڭ قۇشۇلىشى مىڭ (مىلادى 1368-1644)،چىڭ (مىلادى 1644-1911) سۇلاللىرى دەۋرىدە يۈز بەرگەن، بۇ دەۋىرلەردە ئېلىمىزدىكىمىللەتلەرنىڭ چوڭ قۇشۇلىشى ناھايىتى كۈچەيگەن. مەسىلەن، مانجۇلار ئوتتۇراتۈزلەڭلىك رايۇنىدا ئېلىمىز تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان مەنچىڭ خانلىقىنىقۇرغان بولسىمۇ، بىراق خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىلغار مەدىنيەت ئامىللىرىنى قۇبۇل قىلىشئاساسىدا خەنزۇلارغا قۇشۇلۇپ كەتكەن. چۈنكى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدەكۆپلىگەن ئەمەلدار- تۆرىلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن نىكاھلىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقائايلانغان. بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى خەنزۇلىشىش يولىغا قاراپماڭغان ۋە خەنزۇلاشقان.

     ئومۇملاشتۇرغاندا،دۇنيادا ساپ مىللەت يوق، خەنزۇلارمۇ ئۇزۇن تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا كىچىكقەبىلە ئىتتىپاقىدىن چوڭ، كۈچلىك قەبىلە ئىتتىپاقىغا، نوپۇسى ئاز بىر مىللەتتىن،نۇپۇسى كۆپ بىر مىللەتكە ئايلانغان.

مەنبە:

http://www.alimbiz.net/?p=1878#comment-1049



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-11 10:09 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
!UYGHURJAN + 10 باغداشتا ئۇچۇق !

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش