مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 531|ئىنكاس: 11

قاينارى: مىللىي كارخانىلىرىمىز ھەققىدە قىسقىچە ئويلىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85197
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 782
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-9-18
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 12:02:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىي كارخانىلىرىمىز ھەققىدە قىسقىچە ئويلىنىش
      ئۆمەرجان ئەنۋەر قاينارى  

      ئىچكىردىكى چاغلىرىمدا مەيلى قايسىبىر دۇكان،سودا سارايلىرىغا كىرمەي، كۆزۈمگە چېلىقىدىغىنى ھەرخىل خەنزۇچە ماركىدىكى سوپۇن،تەييار چۆپ،ئائىلە ئېلىكتېر سايمانلىرى،كىيىم-كېچەك ۋە يەنە ئاللىقانداق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئىدى.ئۇيغۇرچە ماركىدىكى بىرەر مەھسۇلاتنى دورىلىققىمۇ تاپقىلى بولمايتتى.رايونىمىزغا قايتىپ كەلدىم.ھەرخىل تىجارەت سورۇنلىرىدا،سودىگەرلىرىمىزنىڭ ھارماي ماختاپ چۈشەندۈرۈشلىرى بىلەن سېتىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىسى ئىچكىردە كۆرگەنلىرىمدىن ئاساسەن پەرقسىز ئىدى.<<تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن>> دېگەندەك، مەن ئۆز يۇرتۇمدا 17 يىل ياشاپ ھېس قىلالمىغان بىر ئاچچىق رېئاللىقنى، خەقنىڭ يۇرتىدا يېرىم يىل تۇرۇپ كەلگەن شۇ چاغدىلا ھېس قىلدىم.
      <<خەنزۇ كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرى بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىغىمۇ شۇقەدەر سىڭىپ كېتىپتۇ، ئۇنداقتا شۇ خىلدىكى ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلار قەيەردە سېتىلىۋاتقاندۇ؟>>ئۆز-ئۆزۈمگە قويۇلغان بۇ ئازاپلىق سۇئال،مېنى بىر مەزگىل ئازاپلىق ھېس-تۇيغۇلار قاينىمىدا تۇنجۇقتۇردى ۋە ئاخىر قولۇمغا قەلەم تۇتقۇزدى...

      ئىقتىسادمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاشۇ دىنىي ئېتىقاد،تىل-يېزىق،ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلارغا ئوخشاش،مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ مۇھىم كاپالىتى.ھەتتا قىسمەن كىشىلەرنى تۇتقا قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇنى يۇقارقىلاردىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش مۇمكىن.يات ئەللەردە ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىنى يۇشۇرۇش بەدىلىگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋاتقان <<ئىختىساس>>ئىگىلىرىمىز،<<خۇدا ھەققى>>دېگەن سۆزدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ،خېرىدارلىرىدىن كۆپرەك نەپ ئۈندۈرىۋېلىشنى كۆزلەيدىغان مەككار سودىگەرلىرىمىز ۋە قايناق شەھەرنىڭ مەينەت رەستىلىرىدە،ھەرخىل شەكىللەر بىلەن ئىپپەت سودىسى قىلىپ پۇل تېپىۋاتقان،<<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم>>دېسە
<<ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام>> دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىدىغان،<<مۇسۇلمان>>قىزلىرىمىزنىڭمۇ بارلىقى،بۇ سۆزۈمنىڭ دەلىلى،ئەلۋەتتە!
      خوش،ئۇنداقتا بۇ يەردە تەبىئىي يوسۇندا تەكىتلىنىۋاتقان ،ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى نېمە؟بۇ سۇئالغا ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ<<مىللىي ئىگىلىكىمىزنىڭ راۋاجلىنىشى،ھەرخىل ئېغىر-يېنىك تىپتىكى سانائەت مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ئۆز ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرغاندىن سىرت،چەتئەللەرگە كۆپلەپ ئېكىسپورت قىلىنىشى>>دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشنىمەن.
      دەرھەقىقەت،كىتاپ-ژۇرناللاردىكى تەييار نەزەرىيىۋى پىكىر،كۆز-قاراشلارنى قويۇپ تۇرۇپ،ئەتراپىمىزدىكى
ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەھلىل يۈرگۈزۈپ باقىدىغان بولساقمۇ،يۇقارقىدەك ھۆكۈمگە ئىگە بولىمىز.ھالبۇكى،
بىز ھازىرغىچە يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دېھقان مىللەت،خام ئەشيالارنى خەقكە ئەرزان سېتىپ،شۇلارنى پىششىقلاش ئاساسىدا ئىشلىگەن مەھسۇلاتلارنى قىممەت باھادا سېتىۋالىدىغان ،ئىستېمالچى مىللەت سۈپىتىدە ياشاپ كەلدۇق.دەۋر رىتىمىنىڭ ئېھتىياجى بىلەن،مىللىي كارخانىلىرىمىز كۆپلەپ قۇرۇلىۋاتقان بولسىمۇ خەلقئاراغا يۈزلەنگىنى يوق دېيەرلىك.ئەلۋەتتە،بۇنداق بولۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ۋە سوبېكتىپ ئامىللىرى خىلمۇ خىل بولۇپ،مەن بۇ يەردە ئۆزۈم ھالقىلىق دەپ قارىغىنىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن.

      ئاتا-ئانام ئاشلىق-ماي تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ،دۇكىنىمىزدا سېتىلىدىغان بەش خىل ماركىدىكى ئۇننىڭ تۆتى ئۇيغۇرچە ماركىدىكى،بىرى ئۇيغۇرچە ماركىدىكى ئۇن.يەنە كېلىپ قالغانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا،ئاشۇ ئۇيغۇرچە ماركىدىكى ئۇننىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس.ئەتراپىمىزدىكى باشقا ئاشلىق-ماي دۇكانلىرىنىڭ ئەھۋالىمۇ بىزنىڭكىدىن پەرقلەنمەيدۇ.دېمەك،مۆلچەرىمدىكى ئۇمۇمىي نوپۇسىنىڭ %95 تىن ئارتۇقىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغان،بۇ ناھىيە بازىرىدىمۇ خەنزۇچە ماركىلىق ئۇنلارنى ئىستېمال قىلىش ئۇمۇملىشىپ،ھېساپتا بىز ئاشۇ خەنزۇچە ئۇن زاۋۇتلىرىنىڭ كۈندىن كۈنگە تەرەققىي قىلىشىغا،
قەد كۆتۈرۈشىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشقان بولدۇق.ئەكسىچە،كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئۇنچىلىرىمىز ئۆي قورۇسىنىڭ توخۇ كاتىكىچىلىك قىسىمىغا زاۋۇت قۇرۇپ،ئۇن تارتىش قىسمىتىدىن قۇتۇلالمىدى.قەد كۆتۈرەلمىدى.   
      نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟بۇنى نوقۇل ئىستېمالچىلاردىكى ئەقىلسىزلىك،ئىمانى سۇسلۇقتىن كېلىپ چىققان ھادىسە،دەپ قاراشقا بولمايدۇ.مەنچە بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى،ئۇيغۇرچە ماركىدىكى ئەرزانراق ئۇننىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس،سۈپىتى ياخشىلىرىنىڭ باھاسى قىممەت.خەنزۇچە ماركىدىكى ئۇنلار بولسا،
سۈپەت ۋە باھا جەھەتتە نىسبەتەن مۇۋاپىق.مانا بۇ بىزنىڭ <<خۇدا ئۇرغان>> <<تۈگمەنچىلىرىمىز>> ئويلىنىشتىن،ھەل قىلىشتىن باش تارماسلىققا تېگىشلىك مەسىلە.
      ئاۋام تىلى بويىچە ئېيتقاندا،قىينىلىپ پۇل تاپقان ئادەمنىڭ چوقۇم ئاز پۇل خەجلەپ، ياخشى يېگۈسى،
ئېسىل كىيىنگۈسى كېلىدۇ.سۈپەت پەرقى ئوخشاش ئىككى خىل ماركىدىكى ئۇننىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئىككى
كوي ئەرزان سېتىلسا،شۇ ئىككى كويغا بىر نان ياكى ئىككى لەغمەن پىلتىسى كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
      ھازىر تۇرمۇشىمىزغا كېرەكلىك ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇرچە ماركىدىكىسىنى تاپقىلى بولىدۇ.ئەمما،
كۆپىنچە ئىستېمالچىلىرىمىز ،بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كەلگەن،خەنزۇچە مەھسۇلاتلاردىن ئۈمىد ئۈزەلىگىنى يوق.چۈنكى ئۇلارنىڭ كاللىسىدا<<ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس،باھاسى مۇۋاپىق ئەمەس>>دېگەندەك ئۇقۇملار ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز رەۋىشتە شەكىللىنىپ قالغان.  
      بىز مىللىي مەھسۇلاتلىرىمىزنى ئۆز ئىچىمىزدىمۇ ئۇمۇميۈزلۈك ئىستېمال ئادىتىگە،ئېتىراپ قىلىشقا يۈزلەندۈرەلمىگەن تۇرۇقلۇق،قېرىنداش مىللەتلەرگە،چەتئەللەرگە ئېكىسپورت قىلالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟<<مىڭ زىيالىدىن بىر كارخانا ئەۋزەل>>دېگەن گەپنى پات-پاتلا ئاڭلاپ قالىمەن،ئۇنداقتا بىزدە شۇ مىڭ زىيالىنىڭ  
ئورنىنى باسالايدىغان كارخانا قانچىلىك؟ئويغاق ئوقۇرمەنلىرمىزنىڭ بۇ سۇئالىمنى ئىنكاسسىز قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.   
                                                                                     2013-يىل،ئاپرېل.  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaynari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-11 12:04 AM  


بۈگۈنكى خورلۇق_ئەتىكى ئىسيان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77785
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3557
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 360 سائەت
تىزىم: 2012-3-22
ئاخىرقى: 2013-6-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 09:35:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پىكىر ، لېكىن ماقالىڭىز مەزمۇنى كەمتۇك ،  پىكىر دائىرىسى تار بۇلۇپ قاپتۇ ..مەنمۇ  يېقىندىن بېرى مىللى كارخانىلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭدا ساقلىنىۋاتقان مەسسىللەر توغرىلىق بىر تەتقىقات ماقالىسى يېزىۋاتقان ، خالىسىڭىز ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرساق بولىدۇ .

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94315
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1034
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:21:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 617
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5913
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:46:07 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكىردە راستلا ئۇيغۇرچە ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئۇچراتماق بەك تەس

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:46:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز مىللى كارخانلىرمىزنى قوللايلى دىسەك ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتى بەكلا قىممەت ، بەزى مەھسۇلاتىنىڭ سۆپىتى بەك ناچار ، ختىنى ئۇيغۇرچە قىپ قۇيۇپلا باھاسىنى بەكلا يۇقۇرى ساتىدۇ ، ‹ ئازيىگەن جىق يەپتۇ ، جىق يىگەن پوق يەپتۇ › دىگەن ماقالە بار ، كىيم-كىچەكمۇ شۇنداق ، ئالاي دىسە بەك قىممەت ، لىكىن رەختلەرنىڭ سۆپىتى  خەنلەر ئىشلەپ چىقارغان كىيم-كىچەكنىڭ رەختى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ، ئالدامچىلا كۆپ بىزدە ،  مەنمۇ شۇ خىتايلارنىڭ مەھسۇلاتىنى ئالدىغان بولدۇم ،  يىمەك -ئىچمەك بۇنىڭ سىرتىدا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:50:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا بەزى مىللى كاخانلىرمىز تەرەققى قىلالمىدى ، بۇلار مەھسۇلاتىنى بازارغا سالغاندىكىن كەلگۆسى تەرەققىياتىنى ئويلىسا بۇنداق كۆمۈلۈپ قالمايتى  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 11:08:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالغۇز قىلىشقا ئىقتىسادى يىتىشمىسە  خىتايلارغا ئوخشاش بىرلىشىشىپ كارخانا قۇرسا بۇنداق كانايدىن ئىسىلىپ قالمايدۇ ، بەزىلىرى چىقارغان مەھسۇلاتنىڭ تاينى يوق  بىر ئىغىز ئۆينى ئىجارىگە ئىپلا ئۆزىدىن يوغان ۋىۋىسكىنى ئىسۋالغان ، مەھسۇلاتىنى بۈگۈن ئىلىپ ئەتىسى كەلسە يوق ، مەسىلە كۆررۈلسە تىگىشكىلى ئۇنىمىغان ،  مەنمۇ بىر تىجاەتچى  جىق ئىشلارنى باشتىن كەچۆرگەنمەن ،  مىللى كارخانلىرمىزنى تەرەققى قىلدۇرايلى  دەپ ئۇيغۇرلا ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى توپ ئالسام  نەدە دۇكان تىگى بوپ قالغان مالنى ئەۋەتىپ بىرىدۇ ، مەن ئۇنى ساتالماي خىلى قىينلىنمەن ، خىتايلاردىن مال ئالسام مەن دىگەننى سىلىپ بىرىدۇ ، سانىمۇ ساق ،  بۇلاردا ئىمان بولمىغان بىلەن ئىنساپ باركەن  دەپ قالىمەن .

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1113
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 22373
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3272 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 11:15:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاراپ باقسام ھېچكىم تۈزۈلمە توغۇرلۇق توختىلىدىغان چىراي ئەمەس ، ئارمانننىڭ مەھسۇلاتى قىممەتمۇ ئەمەس ؟ ئوخشاش تۈردىكى خەن مەھسۇلاتلىرىدىن پەرىقلەنمەيدۇ ياكى ئەرزان ، سۈپىتىدە چاتاق بارمۇ يوق ؟ يوق ، ئۇنداق بولسا سوراپ باققۇلۇق : سىز ئارماننى قانچىلىك قوللىدىڭىز ؟! ئارمان شىركىتىنىڭ پايچىك ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ ، قانچىلىك پاي ئارمانننىڭ ، يەنى ردىل ئابلانىڭ قولىدا قانچىلىك پاي خەن پايچىكنىڭ قولىدا بۇنى كىم ئويلاشتى ؟ ھە دىسە مىللى كارخانىلىرىمىز ئانداقەي - مانداقەي ، قىممەت ، ئالدامچى دەيمىز ، شۇنداق دىگەنلەر سىز ئاۋال مۇز كالتەك ساتىدىغان  بوتكىدىن بىرنى ئېچىپ بېقىپ ئاندىن مىللىي كارخانا ، مىللىي ئىگىلىك ئۈستىدە توختۇلۇڭ ، تۈزۈلمىدىكى بىر تەرەپلىمىلىك ، ھەرخىل كۆرۈنمەس قوللارنىڭ سىقىشى قاتارلىقلار يالغۇز كارخانىچىلار ئۆزى يالغۇزلا ھەل قىلىپ كىتەلەيدىغان مەسلە ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن مىللەت بىر گەۋدە ھالىتىدە ئۇيۇشۇش ئارقىلىق ئاندىن تاقابىل تۇرغىنى بولىدىغان نەرسە . بولدى گەپنى مۇشۇنچىلىك قىلاي ، ئاللاھ نىسىپ قىلسا مۇناسىۋەتلىك ماقالەمنى مۇنبەردە ئىلان قىلىمەن .

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92149
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 01:13:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ناھايىتى بىر ياخشى ئويلىنىش بولۇپتۇ . مەنمۇ يەككە تىجارەتچى .قولۇمدا ئاشلىق -ماي ، يېمەك-ئىچمەك،تۇرمۇش بويۇملىرى ۋە بەش خىل مېتال قاتارلىقلار ئاساس قىلغان تاللا دۇكىنىم بار.يەنە  يېزا ئېگىلىك دېھقانچىلىق ماددى ئەشيالار دۇكىنىم بار.
   دۇكانلاردا بولىۋاتقان سودا ئەھۋالىدىن ھازىر كۈندىن كۈنگە خېرىدارلارنىڭ ئېڭى مۇسۇلمانلار ئۆزىمىز ئىشلەپچىقارغان ئىستىمال بويۇملىرىنى سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلىشتا كۈنسېرى ئۆسمەكتە، شۇنداقلا مىللىي كارخانىللىرىمىز
ئىشلەپچىقارغان ئىستىمال بويۇملىرىغا نىسبەتەن ئېھتىياج ئاشماقتا. خەلقىمىزنىڭ مىللىي كارخنىللىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى "ئۆزىمىزنىڭ" دەپ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق قوللاۋاتماقتا. لېكىن،
ھەقىقەتەن مىللىي كارخىانىللىرىمىز ئىشلەپچىقارغان بۇيۇملار تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر كارخانىللىرى ئىشلەپچىقارغان بۇيۇملارغا نىسبەتەن سۈپەت دەرىجىسى تۆۋەن ، باھاسى بىر قەدەر يوقۇرى بولماقتا . بۇ سەۋەپ مېنىڭ تەھلىلىمچە تارىخى ،ئىقتىسادى، ئىجتىمائى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
تارىختا 1930-يىللاردىن 1949-يىللارغا قەدەر شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان «ياڭ زېنشىڭ»،«جىن شۇرېن»ۋە جاللات »«شىڭ شىسەي»قاتارلىقلار بىز مىللەتنى بىلىمسىز-نادان قالدۇرۇش سىياسىتىنى قوللانغان .
  مەسىلەن:ياڭ زېنشىڭ يامۇل مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىگە بۇ مىللەتنى نادان قالدۇرۇش ئارقىلىق باشقۇرىدىغانلىقىنى چوڭ خەتلىك تاختايغا يېزىپ،ئېسىپ قويۇپ باشقۇرغان .ئىلىم ئەھلىللىرىمىز ،زىيالىيلىرىمىزنى زىندانغا سولاپ قويۇش ، ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرگەن .
  جاللات شىڭ شىسەيمۇ ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە مىللىتىمىزدىن بولغان 120 مىڭ ئالىم -زىيالىلارنى تۈرمىگە سولاپ ئۆلتۈرۈپ يوقاتقان.بۇ بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت - مائارىپ، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىياتلىرىنى يوقاتقانلىق ،(بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي ماتىرياللارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز « شىنجاڭ تارىخى» غا قارالسۇن.
يەنە 1958-يىلدىن 1978- يىلغىچە بولغان 20 يىللىق ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى »دا ھەم «ماۋ» ئەپەندى نۇرغۇنلىغان ئالىم ،شائىر،يازغۇچى __ ئەدىپلىرىمىزنى تۇرمىگە سولىغان . بىر قىسىملىرى بەخىتكە قارشى تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن ، ھايات قالغانلىرىنى 1978- يىلىدىن كېيىن خىزمەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن .....
  دېمەك بىر مىللەت ئاسمىنى بىر ئەسىر دېگۈدەك قۇياشسىز قالسا ،ئەلۋەتتە بۇ مىللەت جەمئىيىتى نۇرسىز ،ئىسسىقلىقسىز مۇزلاپ قالمامدۇ ؟!...
  ھازىر كارخانىلارنىڭ زاۋۇت ئۈسكۈنىللكىرى كىمنىڭ قولىدا ؟!..
  باشقۇرۇش تېخنىكا سەۋىيە ئۇستىللىرى كىمدە كۆپرەك ؟!...
  بۇ كارخانىلارنى تەستىقلىغۇچىلار كىملەر؟
  ئەڭ ئاددىسى بىر ئۇيغۇر مېھمانخانا ئاچماقچى بولۇپ ،مەلۇم بىر مەمۇرى ئورگانغا تەستىقلاتماقچى بولۇپ بارسا ،مەلۇم باشلىق خەن «ئاۋارە بولما ! ئۇيغۇرلارغا ئەمدى مېھمانخانا ئېچىش تەسدىقلانمايدۇ» دەپ تامغىسىنى ئۇرۇپ بەرمىگەن..... لېكىن ھەممىلا يەردە ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس.مېنىڭچە بۇ ئەسلى ھازىرقى سىياسەتتىكى بويرۇق بولماستىن ئاشۇنداق مەلۇم شەخىسلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تۈزىۋالغان شەخسىي بەلگىلىمىسى بولسا كېرەك.
  ھازىر ھۆكىمەتمۇ تۈرلۈك سىياسەتلەر ئارقىلىق  كارخانىلارغا تۇلۇقلىما ياردەم پۇللار ئارقىلىق يۆلەپ قوللاپ - قۇۋۋەتلەۋاتىدۇ. .....
   مەن مۇشۇ يەردە توختاپ قالاي. قالغىنىنى باشقا مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرى ئارقىلىق خاتالىقىم بولسا تۈزىتىپ، كەمچىللىكىم بولسا تۇلۇقلىۋالاي.   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىراج تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-11 01:22 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 416
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 02:53:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداقلا بولمىسۇن مىللى كارخانىلار ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتنى سېتىۋالىمەن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش