مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 220|ئىنكاس: 4

شېئىرغا ئايلىنىش خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44329
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3199
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2011-6-14
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:45:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرغا ئايلىنىش خاتىرىسى
مەدەنىيەت يۈكسەك بىر ئاڭ پائالىيىتى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ئادەم گۆشى يىيىشتىن باشلانغان.تاشلاردىن ئوت چىقىرىش ئىنسانىيەتنى پۈتۈنلەي باشقىچە بىر دۇنياغا باشلاپ كىردى.شۇندىن بۇيان باراۋەرلىك ھەققىدە گەپ سېتىش خۇددى ساختا مالنىڭ داۋرىڭىدەكلاتۇترۇقسىزلىق بولۇپ قالدى. . .  زۇراۋانلىق ۋەتېرۇرلۇق ھەققىدە تېخى ھىچكىم ئۆز مەنپەتىدىن كېچىپ تۇرۇپ لىللا گەپ قىلىپ باقمىدى.قەيسەرلىك ھەققىدە ھىكايە توقۇش ئاسانلا بىر ئىش . ئەمما كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەكپەلەستىن ۋە چىچەن ياشلىرى تىراگىدىيە توغرۇلۇق جىق باش قاتۇرۇپ كەتمىدى.

كىمدۇ بىرى قوپاللىق بىلەن قولىنى سىلكىدى، ياۋۇزلۇق ئەزان ئاۋازىنى ھەم بېسىپ كەتتى. ئەشۇكىشىلەر بالايى ئاپەتنى ھۇقۇشنىڭ ئەنسىز ھۇۋلاشلىرىغا دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزلىرىبېخىرامان يۈرۈۋىرىشتى. كىم بىلىدۇ- ھۇقۇشنىڭ زۇۋانى بولغىنىدا ئىدى، ئۇلارنىڭرەزىل نىيىتىنى ئۇپۇقلارغا قەدەر يېزىپ قويغان بولاتتى.

بىر سەمىمى قولئىشەنچ بىلەن سۇنۇلدى. ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇلغىنى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان بىر تال چوغبولدى. «پىژ- پىژ» ئەتراپنى كۆيۈك ھىدى قاپلاپ كەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدىن زادى نېرىبولمايدىغىنى- شېئىر ھەققىدە توقۇلغان بەدناملار ئىدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ باغرىنى خۇددىئوغرى تىكەن سانچىلغاندەك ئازاپلايتتى.

گۈزەللىكتىنبەھرە ئېلىش- بارچە جانلىققا ئورتاق خۇسۇسىيەت بولسىمۇ، ئۇنى يارىتىش ھەممىسىنىڭقولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. قولىدا مەشئەل تۇتقانلارنىڭ پۇرسەت ھەققىدە باش قاتۇرمىقىتەس. چۈنكى ئەڭ ئاۋال ئۇ ئۆزى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىدۇ! يىراقتىراق تۇرغانلارئوتنىڭ تەپتىدىن ئىللىيدۇ، تېخىمۇ يىراقتا تۇرغانلار پەقەتلا«پىل- پىل» قىلغان ئوتئۇچقۇنلىرىنىلا كۆرەلەيدۇ . . . .

مەشئەل ئۇنىڭقولىدا ئىدى، ئۇزايىدىن تېخىمۇ قاراڭغۇ بۇلۇڭ- پۇشقاقلارنى يورۇتماقچى بولغاندەكئىدى. ئۇنىڭ دۇنياسىدا ئىس- تۈتەككە تويۇنغان شەھەرلەر، بۈگۈنىگە تاپسا ئەتىلىكىگەيوق مۇساپىرلار ۋە سۈپسۈزۈك ياشلارلا بار ئىدى. بىنالارنىڭ چىراقلىرى دەرتمەنكىشىلەرنىڭ كۆزىدەك كېچە- كېچىلەپ پىلىلداپ چىقاتتى. زاۋۇتلارنىڭ تۇرخۇنلىرى خۇددىيەجۇجى- مەجۇجىلاردەك بوشلۇقنى ئىگەللەپ تۇراتتى. ئىس پۈركۈش ئۇلارنىڭ بىردىن- بىرۋەزىپىسى، مەشئەل بولۇش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى. قارىغاندا ئۇلارنى، ئۇلارپەقەتلا تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان بىر دۇنياغا باشلاپ بارغاندىلائاندىن ئۆتمۈشىگەنەزەر تاشلايدىغاندەك، بولمىسا خۇددى رەزگى قۇرۇتلارغا ئوخشاش ۋاقىتنىڭ داترەڭپويىزىغا مەھكەم چاپلاشقىنىچە كېتىۋىرىدىغاندەك ئىدى . . . .

مەشئەل ئۇنىڭقولىدا كۆيمەكتە ئىدى، ئوتنىڭ تەپتى قولىدىن بىلەكلىرىگە ، ئاندىن يۈرىگىگە ئۆتتى.ئۇنىڭ شېئىر ھەققىدىكى ئازاپلىق خىياللىرى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا قولىدىكى مەشئەلكۆيۈپ بولدى. ئەمما شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى يېنىشقا باشلىدى! چۈنكىئەمدى ئۇنىڭ يۈرىگى ئەبەدى كۆيىدىغان بىر مەشئەلگە ئايلانغان ئىدى.

ھېلىقى شەھەرئاسمىنى. غوڭقاپاق ئېسىلغان كەپتەرلەر ئۈركۈپ- ئۈركۈپ ئۇچۇشماقتا. ئىگىدارچىلىقھەققىدە لىققىدە لىكسىيەلەرگە توشۇپ كەتكەن بىر ئىشخانا ، ئۇنىڭ ئىچىدە مۇنازىرەقىزىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئۆپكىدەك ئېسىلىپ تۇرۇپ تالىشىۋاتقىنى- شەھەردىكى مۇھىتبۇلغىنىش مەسىلىسى ئەمەس، قانداقتۇ ھەق- تەلەپ شىكايەتلىرىمۇ ئەمەس، شېئىرھەققىدىكى مۇھاكىمە تېخىمۇ ئەمەس ئىدى. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ نىمەھەققىدە مۇنچىۋالا قىزىشىپ كەتكىنىنى چۈشەنگىلىمۇ بولمايتتى.

ئۇنىڭ ئېسىدەقالغىنى- بۇ شەھەردە قىشنىڭ بەكمۇ ئۇزاق داۋاملاشقىنى. كىشىلەر ھەتتانىرۋىلىرىدىكى باھار ۋە ياز ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سەزگۈلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ كىتەي دەپقالدى. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جىسمى قۇلاققا ئايلىنىپ كۆكتىن ئاڭلىنىۋاتقان غوڭۇلدىغانئاۋازلارنى تىڭشاش بىلەن مەشغۇل ئىدى. غوڭقاپاق ئېسىلغان كەپتەرلەر بولسا تېخىمۇئۈركۈپ ئۇچۇشماقتا ئىدى .

دەرىزەتەكچىلىرىدىدىن سۇس ھور كۆتۈرۈلۈپ نىپىز تۇمانغا ئايلىنىپ بوشلۇققا تارايتتى. تىلۋۇزۇرخۇددى ئوغرى مۈشۈكتەك ئۆي ئىچىگە سەپسېلىپ قارىماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بۇئادەملەرنىڭ ئېڭىنى خۇددى سائەت سىترىلكىسىنى بۇرىغاندەك توختىماي بۇراپ، پەردىشەپنىڭئەڭ نازۇك سېزىملىرىنىمۇ يوقۇتۇشقا قەدەر يىتەكلەش ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇكۈتكىنىدىن ياخشىراق ئۈنۈمگە ئېرىشىۋاتاتتى. مەشئەل ۋە شېئىر ھەققىدە گەپ سېتىشئۇنىڭغا ياقمايتتى.

ئۇ نىمەئۈچۈندۇر ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدى. سازلىق ۋە ئۇ يەردىكى كۈپكۆك قومۇشلۇقبىردىنلا ئېسىگە كەلدى. چىراقلىرى خۇددى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان بۇ شەھەر ئۇنىبەكمۇ قىزىقتۇرغان ئىدى، ھەتتا ئۇ ھەممىدىن ۋاز كەچكەن بولۇپ، قانىتى بولغانلىغىئۈچۈنلا ئۆردەك بولۇپ يۈرۈۋىرىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزىمەس تۇيۇلغان ئىدى.

ئۇنىڭ شەھەرھەققىدە بىلىدىغانلىرى يوق ھىساپتا بولۇپ، گادىرماش تۇيغۇلارغا ھەممىلا جايدايولۇقۇپ تۇرۇش- ئۇنىڭ ئالتىنچى سەزگۈسىنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى. بىسەرەمجانلىققاپلاپ كەتكەن بۇ شەھەرنى ھەر نىمە قىلغان بىلەنمۇ چۈشىنىپ بولماس ئىدى.

( تۈگىدى )

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-11 01:15 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3920
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:22:14 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ئەمەسكەن. ئىجادىيەتمۇيا،؟كۈچۈرۇلمىمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3920
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:22:40 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ئەمەسكەن. ئىجادىيەتمۇيا،؟كۈچۈرۇلمىمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 143
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3920
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:22:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ئەمەسكەن. ئىجادىيەتمۇيا،؟كۈچۈرۇلمىمۇ

ئۆزياش←شېئىرغا ئامراق يۈرەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 899
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6933
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 429 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 11:25:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى مەزمۇن

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش