مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6433|ئىنكاس: 40

ئىگسىز قالغان خاتىرە (داۋامى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 10:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-مەۋلۈدە بۈگۈن ئەخمەت تاغاڭمۇ سەل كەچ قىلىپ قىلىشى مۇمكىن ئەنۋەر ئاكاڭمۇ يۇق مەن زۇلمىرەنى ئىلىپ ئولتۇرۇشقا بارىمەن ئەمسە ئۆي ساڭا قالدى ھە؟؟؟؟
دىدى ھاممام ئاياقلىرىنى سۈرىتكەچ
-بىلدىم ھامما...بىراق بۈگۈن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى ماقۇل دىگەن بولسىڭز بېرىپ كەلگەن بولسام بوپتىكەن ماقۇلمۇ؟
-ئوھۇش...ساڭا كىم قۇيدى تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشىغا بىرىشنى...ساڭا دەپ قۇياي ئۆيدىن قىمىرلىغۇچى بولما بولمايدىغان بولسا بۇنى كۆرگەنسەن ھە؟
دىدى دىلارە ئاپام مۇشتۇمىنى تۈگۈپ
-سەن بىلمەيدىغان ئوخشايسەن ئاپا..ئۇچۇ  بىزنىڭ يۇقۇرقى مەھەللىدىكى يارى ئاكامنىڭ بالىسى ئادىل بىلەن تېپىشىۋاپتۇ..بۇ يىتىمەكنى نىمدىگەن يامان پاسكىنا بۇ..
-بۇنى تىخى باياتىنلا بىلدىم شۇنداق ئاچچىقىم كەلدى .كىچىككىنە تۇرۇپ كىم قويدى بۇ شۇمتەككە چوڭچىلىق قىلىشنى ..ئاپىسىمۇ بىر بۇزۇق ئىىدى بۇنىڭ...ئەمدى بالىسىمۇ ئاپىسىنى تارىتقىلى تۇرۇپتۇ دىسە...

بۇ گەپنى ئاڭلاپ جۇدۇنىم راسا تۇتۇشقا باشلىدى قىسقىسى ھاممام ھەرقتىم دادام بىلەن ئاپامنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ مىنىڭ ئاچچقىمنى كەلتۈردىغان مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلاتتى..شۇنچە ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ چاندۇرماسلىق ئۈچۈن شۇنچە تىرىشتىم

-ئاپا..ئاپا...مەن قايتىپ كەلدىم..
ئەنۋەر ئاكام ئىىششكتىن كىرىپلا سومكىسىنى تاشلاپ قۇيغاندىن كىيىن چاپىنىى كىيىم ئاسقۇغا ئىلىپ قۇيۇپ يىنىمغا كەلدى.
-ۋۇي..بۈگۈن ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆيىدە تەكرار قىلىمەن دىگەنغۇ بالام...
-ھەئە..شۇنداق دىگەن بىراق بۈگۈن تاپشۇرۇق ئاز دىگىنە شۇڭا ئۆيگە قايتىپ كىلىشىم ،،سەنچۇ ئاپا نەگە بارىسەن؟دادام قىنى؟
-داداڭ بۈگۈن بىر ئولتۇرۇشقا كىتىپ قالغان شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھازىر بىر چايغا بىرىپ كىلىش ئۈچۈن ماڭغان ئىدىم ..سەن ئۆيدە مەۋلۈدە بىلەن قىلىپ قالىسەن ..
دىدى دىلارە ئاپام چاچلىىرنى تۈزىگەچ
-سەن مەۋلۈدەنىمۇ ئېلىپ بارساڭ بولمامدۇ ؟ئۇمۇ قىز بالا تۇرسا..
-ئوھۇش گەپنى ئاز قىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرغىنە..
دىلارە ئاپام ئىىشكنى زەردە يىپىپ ماڭا گۈلىيىپ قاراپ قۇيدى
-سەن ئۆيدە قىمىر قىلماي ئولتۇرۇپ تۇر بىلدىڭمۇ؟ناۋادا رۇخسەتسىز سىرىتقا چىقىپ كەتكىنىڭنى بىلىپ قالىدىغان بولسام كۆردىغان كۈنۈڭ بار سىنىڭ ،،،،
-ئاپا..بولدى گەپ قىلماي چىقىپ كەتكىنە ،.،،ئوھۇي كوتۇلداۋىرەمسەن؟
دىلارە ھاممام ئەنۋەر ئاكامغىمۇ قاراپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.مەن شۇنچە پەرىشان ھالدا ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىىدىم بىر چاغدا ئەنۋەر ئاكام ئىشىكنى قېقىشقا باشلىدى.
-مەۋلۈدە ساقام بولدى يىغلىماڭ..كىلىڭ بۇ يەرگە چىقىڭە...
-ئاكا مىنى بىردەم ئارامىمدا قۇيغىن ...مىنىڭ چىققۇم يۇق...
-مەن سىزنى بۇيەرگە چىقىڭ دىدىم ھە ساقام..مەن سىزنىڭ ئاكىڭىز جۇمۇ ئۇنداق بەڭۋاشلىق قىلماي بۇ يەرگە چقىڭ
.
مەن كۆزۈمدىكى ياشلارنى سۈرۈتۈپ تىشىدىكى ئۆيگە چىقىپ سافاغا كىلىپ ئولتۇردۇم .ئەنۋەر ئاكاممۇ منىڭ بۇنداق پەرىشان ھالىتىمگە قاراپ ئەپسۇسلىنىپ قالدى..ئەنۋەر ئاكام  مەندىن 2 ياشلار ئەترپىدا چوڭ كىىلپ قالاتتى بىراق ئۇ تۇلىمۇ سىلىق-سىپايە چاقچاقچى ئوماق بىر بالا ئىىدى.
-نىمە بولدى ساقام بولدى يىغلىماڭە...
ئەنۋەر ئاكام كىلىپلا ياشلىرىمنى سۈرىتكەندىن كىيىن ئورۇندۇققا ئەكەلگۈزۈپ ئولتۇرغۇزدى.
-نىمە بولدى ؟ئاپامنىڭ دىگەن گەپلىرىگە رەنجىدىڭىزمۇ؟ۋاي ئۇششۇق ساقام بۇ ئۆيدە تۇرغىنىڭىزغا نەچچە يىل بولدى ئاپامنڭ مىجەزىنى چۈشەنمەمسىز؟
-ئۇنداق ئەمەس ..ئۇنىڭغا يىغلىغىنىم يۇق..
-ئەمسە نىمىگە يىغلاۋاتىسىز؟سىزنىڭمۇ ئاپام كەتكەن ئولتۇرۇشقا بارغىڭىز باركەندە ئەسلى..
-ئۇنداق ئەمەس...بۈگۈن بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىىدى مەن بارمىسام قەتئىي بولمايتى بىراق دىلارە ئاپام مىنى بارغىلى قويمىدى.
-كىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى بۈگۈن...يىقىن دوسىتىڭىزنىڭمۇ؟
-ھەئە...
دىدىم مەن بىشىمنى لىڭشىتقىنىمچە.
-ۋاي ئاللاھ راسىت ...بۈگۈن ئادىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى ھەجەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىسە...تازىمۇ سەت بوپتۇ دە..
دىدى ئەنۋەر ئاكام بىشنى تۇتۇپ
-سەن ئادىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە باراتتىڭ ھە راسىت...سەن ئۇنىڭ يىقىن دوستى..سەن بارمىساڭ راستىنلا سەت تۇرىدۇ ئەمەسمۇ...
-مەنغۇ بارىمەن بىراق سىز يالغۇز قالىسىزكەن ..بولۇڭ سىزنىمۇ بىللە ئېلىلپ باراي ..سىزنى ئادىل بىلەن يۈرۋالدى دەپ ئاڭلايمەنغۇ بۈگۈن...شۇنداق ئىش بارمۇ تىخى؟
-بۇنى نەدىن ئاڭلىدىڭ؟
دىدىم مەن بىشىمنى تۆۋەن سېلىپ
-بۈگۈن بىزنىڭ مەھەللىدىكى باللار شۇنداق دىگەن ئىدى بىشىدا ئىشەنمەيلا قالدىم بىراق ھازىر سىز شۇنداق دىسىڭىز ئىشەنمەي ئىلاجىم يۇق.. بىراق سىز تىخى 15 ياشقا كىردىڭىز؟سىز مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكنى بىلمەيسىز مەۋلۈدە...بەك ئالدىراپ قاپسىز..
دىدى ئەنۋەر ئاكام تەربىيە قىىلپ
-بىلىسەن ئاكا..مۇھەببەت چوڭ- كىچىك، قىرى- ياش،ئىگىز-پاكار دەپ ئايرىپ يۈرمەيدۇ ..سەن بىلسەڭ مۇھاببەتنى بۇنداق ئاددى ئۇقۇم ھىساپلىساڭ قاملاشماس..
دىدىم مەن كۆزۈمدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ
-بولدى بولدى...شۇنداقلا دەيلىچۇ،،سىز تەنتەككە نىمىلا دىسەم چۈشەنمەيسىز..بىراق كىچىك تۇرۇپ شۇنچە رىيازەت چەكتىڭىز سىڭلىم...ئەمدى بۇنىڭدىن كىيىن بولسىمۇ خۇشال-خۇرام ياشاڭ ماقۇلمۇ؟
-بولىدۇ ئاكا...مەن ئۆزۈمنى راستىنلا كىچىك دەپ قارىمايمەن..ياخشى كۆرۈشنىڭ مەنىىسنى چۈشىنىپ يەتتىم دىمەك خىلى چوڭ بولۇپ قاپتىمەن ...
-بولدى بولدى،،چوڭلار مۇھاببەت باغلىغان ئادەم شائىر بولۇپ كىتىدۇ دەيدىكەن سىز كىچىك تۇرۇپلا مەجنۇن بولغىلى تۇرۇپسىز...بولىڭە ئادىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بارايلى..ئۇ چۇقۇم سىزنى ساقلاپ قالدى..
-بىراق ئاكا..دىلارە ئاپام كىلىپ قالسا نىمە دەپ چۈشەندۈرمىز؟
-بىز ئاپام كىلىپ بولغۇچە كىلىپ بولىمىز بۇ ئۆيگە..بولىڭە ساقام.تىزرەك كىيىم ئالماشتۇرۇپ چىقىڭ..
-مەن باياتىن ھەممە تەييارلىقنى قىلىپ بولغان شۇنىڭ ئۈچۈن بولدى مەن تەييار ماڭايلى ..
دىدىم مەن ئەنۋەر ئاكامنى ئالدىرىتىپ
ئەنۋەر ئاكاممۇ كۈلۈپ قۇيۇپ ئىشىككە قۇلۇپ باستى دە مىنىڭ قۇلۇمدىن تارتىپ سىرىتقا چىقىپ كىچىك ماشىنىدىن بىرنى تۇساي دەپلا تۇرىشىغا تۇلىمۇ كىلىشكەن بىر بالا بىشنى ماشىنا ئەينىكىىدىن چىقىرىپ ماڭا قاراپ قۇيغاندىن كىيىن كۈلۈپ قويدى.
-نەگە بارىسىلەر؟
-ئاققۇ رىستۇرانىغا
دىدى ئەنۋەر ئاكام ماشىنا ئىچىگە چىقىپ ئىشكنى چىڭڭىدە ياپقاندىن كىيىن
-بۇ قىز سىنىڭ لايىقىڭمۇ كىچىككىنە تۇرۇپ..
-ۋاي..خاتا چۈشنىپ قاپسىز مىنڭ سىڭلىم..بىر دۇستىىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكەن شۇ يەرگە ماڭغان ئىدۇق
-ھەي قىز مەن ئىسىڭىزگە كەلدىممۇ يۇق؟
دىدى ھىلىقى شۇپۇر بالا ماڭا قارراپ قۇيۇپ
-ياق..سىزنى ھېچبىر تۇنۇمدىمغۇ ...سىز كىمۇ؟
-قايسى كۈنى سىزنىڭ مەھەللىڭىزنىڭ بىشىدا ئۇچرىشىپ قالغان ھىلىقى بالىچۇ ...يەنە ئىسىڭىزدە يۇقمۇ مەن؟مەن دىگەنغۇ سىزگە...
-تۇغرا ..تۇغرا..ئىىسمگە كەلدى،،راسىت سىز ھىلىقى چەتئەللىك ئاقسا شۇغۇ ...سىز تىخىچە بار ئكەنسىز دە قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-بولۇپ قالىدۇ ياخشىغۇ..سىزنىڭچۇ ئەھۋالىڭىز ياخشىدۇ ھە؟
-مەنمۇ ھەرھالدا ياخشى..سىز ئەمدى چەتئەلگە قايتىدىغانغا پۇل قالماي شۇپۇرلۇق قىلىۋىتىپسىز دە.
-ھى..ھى..ھى..ئۇنداق ئەمەس.ئۆگۈنلۈككە قايتىمەن.
دىدى بالىمۇ كۈلۈپ قۇيۇپ
-سىلەر تۇنۇشامسىلەر؟
دىدى ئەنۋەر ئاكام كۈلۈپ قويۇپ
-ھەئە...ساڭا سەل تۇرۇپ چۈشەندۈرۈپ قۇيىمەن ئاكا..
بىز شۇ پاراڭلار بىلەن بىردەمدىلا رىستۇران ئالدىغا كىلىپ قالدۇق ھىلىقى بالىمۇ بىزگە قاراپ كۈلۈپ قۇيۇپ ماشىنا ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى.
-قانچە بولدى ؟
دىدى ئەنۋەر ئاكام يانچۇقىنى كوچىلاپ
-بولدى پۇل لازىم ئەمەس،ئەسلىغۇ مەن شوپۇر ئەمەس بىراق بۇ قىزنى تۇنۇغاچ ئەكىلىپ قۇيدۇم بولدى كىرىپ كىتىڭلار.
ئەنۋەر ئاكام بالىغا شۇنچە پۇل تەڭلىگەن بولسىمۇ ئالغىلى ئۇنىمىغان ئىدى.ئەنۋەر ئاكام ئىككىمىز رىستۇران ئىچىگە كىرگىنىمىزدە ئادىل تۇلىمۇ چۈشكۈن ئولتۇغانكەن ئۇ مىنى كۆرۈپلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى ۋە كىلىپ مەن بىلەن سالاملاشقاندىن كىيىن يىنىدىكى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلدى.

مەن كىرىپ قارىغىنىمدا زۇلمىرەمۇ ئادىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە كەلگەن ئىكەن يەنە تىخى دىلارە ئاپاممۇ ئادىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە كىلىپ تۇرغان ئىكەن دىلارە ئاپامنىڭ نىمە ئۈچۈن ئادىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە كەلگەنلىكىنى چۈشەنمەيلا قالغان ئىدىم
-بالىلار ئورۇننى بىكار قىلىڭلار..قىنى مەۋلۈدە بۇ يەرگە كىلىپ ئولتۇرۇڭ
دىدى ئادىل مىنى يىنىدىكى ئورۇنغا تەكلىپ قىلىپ .
مەن بىشىمنى تۆۋەن سېلىپ ئادىلنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم.دىلارە ئاپاممۇ ئادىلنىڭ ئالدىدا ئارتۇقچە گەپ قىلىپ كەتمىگەن بولسىمۇ ماڭا ئۆچمەنلىك نەزىرىدە ئالىيىپ قاراشلىرىدىن ھەممىنى چۈشەنگەندەكمۇ بولغان ئىدىم.زۇلمىرەمۇ ماڭا قاراپ ئالىيىپ قۇياتتى.
-سەنمۇ كىىلپ قاپسەنغۇ؟نىمىگە كەلدىڭ؟
دىدى زۇلمىرە ماڭا ئالىيىپ قاراپ
-قىززىق گەپ بولدىغۇ بۇ...مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە مەۋلۈدە كەلمەي كىم كىلەتتى..سىزنى ئاغرىپ قىلىپ كىلەلمىدى دىگەن ئىدى ھازىر قانداقراق خىلى ياخشى بولۇپ قالغانسىز؟
دىدى ئادىل ماڭا قاراپ
-مەن ساققۇ؟نىمىنى دەيسىز؟
گىپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا يان تەرەپتە قاراپ تۇرغان دىلارە ئاپام ماڭا چەكچىيپ قاراپ قۇيدى مەن شۇندىلا دىلارە ئاپامنىڭ مۇشۇنداق باھانىنى ئۇيدۇرۇپ تاپقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم،شۇنداقلا چاندۇرماي پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قۇيدۇم
-مەن ياخشى..خىلى ياخشى بولۇپ قالدىم...ئەنسىرمەڭ
-مەن تىخى سىزنى كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ شۇنچە كۆڭلۈم يىرىم بولغان ئىدى.ياخشى بوپتۇ كەلگىنىڭىزدىن شۇنچە خوش بولدۇم.
ئادىل ماڭا قاراپ تاتلىق كۈلۈمسىرەپ قۇيدى ۋە ئەتراپىغا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كۈتكۈچىنى چارقىرىتتى
-قىنى تۇرۇتنى ئىلىپ كىلىڭ...
-تورۇتنى تىخى ئەكەلدۈرمىگەنمۇ نىمە؟
-ياقەي 2 سائەت بولدى سىزگە قاراپ شۇ..ئەمدى ئەكەلدۈرەيمۇ ياكى سىزنى چارقىرىپ ئېلىپ كىلەيمۇ دەپ تۇرغان ئىدىم كەلگىنىڭىز بەك ياخشى بولدى.
مەن كۈلۈپ قۇيۇپ گەپ-سۆز قىلمىدىم بۈگۈنكى بۇ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە ئادەم خىلى كۆپ ئىدى ھەممسى دىگۈدەك 18-19 ياشلار ئەتراپىدىكى ئادىل بىلەن تەڭ كىىلپ قالىدىغان يىقىن دوسىتلىرىدىن ئىدى.كۆپ بالىلار ماڭا نىسپەتەن ناتۇنۇش ھەم كۆرۈشۈپ باقىمىغان بالىلاردىن ئىدى
-مانا بۇ بۇيرۇتقان تورۇت
مۇلازىمەتچى يىگىت 5 قەۋەت كىلىدىغان يۈرەك نۇسقىسى ئويدۇرۇلغان تۇرۇتنى ئىلىپ كىلىپ ئادىلنىڭ ئالدىغا قۇيدى كەينىدىنلا يۇغان ھەم شۇنچە كۆركەم <<تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن>>دىگەن خەت يىزىلغان تۇرۇتنىمۇ ئىلىپ كەلگەن ئىدى
-ئاداش سەن تۇرۇتنىڭ بەك يۇغانلىرىنى بۇيرىتىپسەنغۇ..تازا بىر تويىۋالسۇن دەپسەندە...
دىدى ئەنۋەر ئاكام ئادىلغا قاراپ
-ياقەي ئاداش بۇ بىر تال تۇرۇتنى مەۋلۈدەگە ئاتاپ ياساتتىم سىلەرگە بەرمەيمەن بۇ تۇرۇتنى بالىلار بەلكىم ھەممىڭلار مەۋلۈدە ئىككىمىزنىڭ ئىشىمىزنى بىلىپمۇ قالىسىىلەر،يەنە بەزى دوسىتلىرىم مەۋلۈدەنى تۇنۇمايدۇ..
-ئاداش قىز دۇستۇڭنى بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەمسەن؟خىلى كۆزۈڭ مال تۇنۇيدىكەن ئايدەك قىزنى كەلتۈرۋاپسەن مانا..
دىدى بالىلار چاقچاقلىشىپ
-بۇ قىزنىڭ ئىسمى مەۋلۈدە..بۇ يىل تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تۇلۇق 1 -ىنجى يىللىقتا ئوقۇيدۇ،،يۈرگىنىمىزگە 2 يىلچە بولۇپ قالدى...
-تىخى كىچىككقۇ دەيمەن ھە؟قانچە ياشقا كىردى ئۇ قىز؟
-ئۇ بۇ يىل....بۇ يىل ...
-15 ياشقا كىردى...
دىدى زۇلمىرە ئالدىراپلا.
-تىخى كىچىككەنغۇ...بەك كىچىك يۈرىۋاپتۇ بۇ قىزمۇ.
-نىمە بوپتۇ،،كۆڭۈل دىگەن چوڭ كىچىك دەپ ئولتۇرامدۇ؟بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قەدىرلەپ ئۆتسىلە بولدىغۇ ...ياش دىگەن چوڭ مەسىلە ئەمەسقۇ ئۇ..
دىدى ئالىم ئاكام بالىلارنىڭ گىپىگە بىنائەن
-ئۇغۇ شۇ...بوپتۇ شۇنداقتىمۇ بەخىت تىلەيمەن ئاداش...كىيىن تۇيلارغا چارقىرارسەن ھە؟
-بولدى بالىلار تۇرۇتنى يەيلى ئەمدى ھە..ئۇنداقتا بۇ شاملارنى سانجىپ قۇيايلى شام قىنى...ھە راسىت..مەۋلۈدە بۇ تورۇتنى سىز يەڭ ھە...
-ماڭىمۇ؟ۋاھ..بەك چىرايلىقكەن ئەسلى سوۋغاتنى مەن بەرسەم بولاتتى.
ئادىل كۈلۈپ قۇيۇپ ئۆزى ئۈچۈن ياساتقان يۇغان تۇرۇتقا 18 تال شامنى سانجىغاندىن كىيىن شامنى شۇنداقلا بىر پۈۋدىدى.ۋە ماڭا سوۋغا قىلغان تۇرۇتنى قايتىدىن ئوراپ ماڭا تۇتقۇزۇپ قۇيدى

كەينىدىنلا تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى شۇنچە موڭلۇق ئىيتىلغاندىن كىيىن ھەممىلا بالىلار ئۆزىنڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى بىرمۇ-بىر بىرىشكە باشلىدى،مەنمۇ تۇلىمۇ خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇندىن بىرى يۇشۇرۇن يىغىپ يۈرۈپ تاپقان پۇللىرىمغا ئالغان ئىتالىيەنىڭ بىر قۇل سائىتىنى سوۋغا قىلدىم ئادىلمۇ مىنىڭ بۇ سوۋغىتىمدىن مەمنۇن بولۇپ كۈلۈمسىرەپ قۇيدى ۋە بۇ تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىمدىن سۆيۈنۈپ قايتىلاپ رەھمەت ئېيتىپ كەتكەن ئىدى.

بۈگۈنكى بۇ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى 3 سائەتلەرچە داۋاملاشتى .ئولتۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كىيىن ئەتراپىمغا قارىغىنىمدا ئەنۋەر ئاكام ھەم دىلارە ئاپام زۇلمىرەلەر ئاللىقاچان كىتىپ قالغان ئىدى،راسىت گەپنى قىلسام ئۇلارنىڭ مىنى تاشلاپ قويۇپ كىتىپ قالغىنى ماڭا بەكلا ئىغىر كەلگەن ئىدى،
-مەۋلۈدە تىخى قايىتماپسىزغۇ؟سىرىتتا نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
دىىدى ئادىل يىنىمغا كلىپ
-دىلارە ئاپام بىلەن زۇلمىرەلەر كىتىپ قاپتۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەيلا قالدىم شۇ..ماڭا 5 سوم بىرىپ تۇرىڭە مەن ئۆيگە كىتىۋالاي..
-تۇۋا دەڭە..مۇشۇ كەچتە سىزنى يالغۇز يۇلغا سىلىپ قويغىلى بولاتتىمۇ؟سەل ساقلاڭ مەن سىزنى ئاپپىرىپ قۇياي ...
-يەنە ئاۋارە قىلامدىم بولدى..يەنىلا ئۆزۈم قايتايچۇ..
-ياق دىدىم،،،گەپ ئاڭلاڭ ھە..بولمىسا خاپا بولۇپ قالىمەن .مەن ئاپامغا بىر دەپ قۇياي..ھە راسىت..بۈگۈنكى تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرىشىغا دىلارە ھەدەملەرنى سىز چارقىرىپ قۇيغانمۇ قانداق؟
-ياقەي..مەن تىخى سىزنى چارقىرغان چىغى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن سىز چارقىرمىغانمۇ ئۇلارنى؟
-تۇۋا دەڭە..مەن ئۇلارنى چارقىرىپ نىمە قىلاتتىم؟مەۋلۈدە كىلەلمەيدۇ مىجەزى يۇقكەن شۇڭا سىزنى مەن بىر بىرىپ كىلەي دەپ كىلىشىم دەيدۇغۇ....مەن تىخى راسىتلىقىغا ھەم ئىشىنىپ ھەم ئىشەنمەي قالغانلا ئىدىم.شۇ سىز كەلدىڭىزغۇ ھامان...
-ئۇغۇ شۇ ئادىل....ئاپامنى بىر تاپالىغان بولسام ياخشى بولاتتى ..ئۇنداق ۋىجدانسىز ئانىنىڭ ھازىر قانداق كۈن كۆرىۋاتقانلىقىنى شۇنداق بىلگۈم بار..يەنە كىلىپ تىخى مىنىڭ ئاكام ئىرفاننىمۇ بەك كۆرۈپ باققۇم بار دەڭە...
-دىلارە ھەدەممۇ سىزگە خىلى ئامراقكەن ھە...سىز تۇغۇرلۇق قانداقلا گەپ چىقىپ قالسا ھىچ ھالى قالمايدىكەن سىزنى ماختاپ...بوپتۇ ئاللاھ خالىسا كۆرۈشۈپمۇ قالارسىز شۇ ئاكىڭىز بىلەن.
-سىز ئۇنى ياخشى دەمسىز ؟بەلكىم شۇنداقتۇ...بىراق مەن ئىشەنمەيمەن سىز ئۇنى چۈشەنمەيسىز قالغىنى ئايگۈل ياكى ئالىم ئاكامدىن سوراڭ ئۇلار چۈشىنىدۇ...بىلسىڭز دىلارە ئاپامدەك ئىچى زەھەر ئادەم بۇ جاھاندا يۇق ..يەنە كىىلپ ئىككىمىزگە بىرەر يامانلىق قىلمىسلا بولاتتىغۇ..

گىپىمىزنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا ئادىلنىڭ ئاپىسى ئامىنەم ھەدەم ۋە دادىسى يارمەمەت ئاكام چىقىپ كەلدى ۋە ئادىل ئىككىمىزگە قاراپ قويۇپ سورىدى
-ۋۇي،،مەۋلۈدە تىخى قايىتماپسىزغۇ نىمە بولدى؟
-شۇ دىلارە ئاپاملار كىتىپ قاپتۇ مەنمۇ كىتەي دىگەن بىراق ئادىل بۇ كەچتە بولمايدۇ دەپ ئۇنىمىدى شۇڭا ھازىر...
-بوپتۇغۇ قىنى ماشىنىغا چىقىڭە مەن ئاپپىرىپ قۇياي..
دىدى يارى ئاكام ماشىنا ئىشىكىنى ئىچىپ
-دادا مەنمۇ بىللە باراي
-بولدى ھازىرلا كىلىپ بولىمەن.رىستۇران ئىچىدە ئۇششاق -چۈششەك بىرنەرسىلەر قىلىپ قالدى يۇغۇشتۇرۇپ ئىلىپ ماڭغاچ تۇرۇڭلار.مەن مەۋلۈدەنى ئۆيگە ئاپىرىپ قۇيغان ھامان قايتىپ كىلىمەن.
-بىراق دادا...
-نىمە بىراق..مەن دىلارەگە بىر تىلفۇن قىلىپ قۇياي ھە.
يارى شۇنداق دەپ تىلفۇننى قۇلىغا ئالدى ۋە دىلارەگە تىلفۇن قىلدى
-دىلارە مەن يارمەمەت..مەن مەۋلۈدەنى ئىلىپ ماڭدىم
-بولىدۇ ئەمسە دىگىنىمىزدەك بولسۇن يارى ئاكا...چوقۇم پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرايلى ھەرئىككىمىزگە پايدىلىق پىلان بۇ..
-بولىدۇ چاتاق يۇق..بۇنىڭدىن ئەنسىرمەڭ ھە..
يارى تۇلىمۇ ياسالمىلىق بىلەن تىلفۇننى قۇيىۋىتىپ مەۋلۈدەگە قاراپ قۇيدى.
-يارمەمەت بولۇڭ...كىرىپ چاپىنىڭىزنى كىيىپ چىقىڭە قارىڭە بۇ قارنى دەيمەن بۈگۈن يىغىپ كىتىۋاتقىنى قارىمامدىغان...
-بولىدۇ ساقلاپ تۇرۇڭلار ھە..مەن كىرىپلا چىقىمەن
يارى  شۇنداق دەپ قۇيۇپ رىستۇران ئىچىگە كىرىپ كەتتى مەۋلۈدە بىلەن ئادىل ئاسماندىكى ئاپئاق قارغا قارىغىنچە بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى.
-قاراڭ مەۋلۈدە..قار ياغسا نىمانچە پەيزى ھە...بولۇپمۇ مەن غولچىنڭ قىشلىق مەنزىرسىنى بەك ياقتۇرىمەن دەڭە ..ھەممىلا ئەتراپ شۇنچە جىمجىت ھەم شۇنچە گۈزەل ..
-ئۆتۈپ بىرىڭە...يازلىق مەنزىرسى ھەممىدىن گۈزەل ھەممىلا ئەتراپ ياپيىشىل ھەم گۈزەل ...بولۇپمۇ قىپقىزىل پۇرەكلەپ ئىچىلغان گۈللەرچۇ تىخى،،،
-ئۇغۇ شۇ..بىراق قىشمۇ بەك گۈزەلغۇ،،،ھە راسىت سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئىدى بۈگۈن ھە...قاراڭە بىر كۈندە تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزىدىغان بولدۇق...
-قانداق دەيسىز ئادىل؟
-ئىككىمىز تۇنجى تۇنۇشۇپ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى سورىغاندا سىز تۇرۇپ كىتىپ تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىلمەيمەن بىراق مەن قار ياققان چاغدا تۇغۇلغانكەنمەن..ھەرقىتىم قار ياققاندا مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم دىگەنغۇ..قاراڭە بۈگۈن مەن بىلەن بىر كۈندە تۇغۇلغان كۈنىڭىز بوپتۇ...
-ئەخمەق..شۇ بىر ئىغىز گەپكە ئىشىنەمسىز ؟مەن 13-6 كۈنى تۇغۇلغانكەنمەن بۇ پەقەت نوپۇستكى تۇغۇلغان كۈنۈم خالاس ..بىراق دادامنىڭ دىيىشىچە مەن شۇ قار ياققان كۈنى تۇغۇلغان ئىكەنمەن مەن تۇغۇلغان چاغلاردا دادام خىزمەت سەۋەبىدىن چەتئەلگە كىتىپ قىلىپ 8 ئايدىن كىيىن قايتىپ كەپتۇ بىراق مىنىڭ ئاپام ئاللىقاچان مىنى تاشلاپ قۇيۇپ كىتىپ قاپتۇ..مىنى مۇمام باققاچقا ھەقىقى تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىلمەيدىكەن...
-دادىڭىز نىمانچە ئۇزۇندا قايتىپ كەلگەن بولغۇيتى ھە؟
-دادامنىڭ كەسپى تەتتىقات بولغاچقا شۇ مەزگىللەردە چەتئەلدىن قايتىپ كىلەلمەپتۇ...يەنە كىلىپ دادامنىڭ ئىشلىرىمۇ بەك ئالدىراش بولغۇيتى...دىلارە ئاپاملارمۇ مىنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقىمنى بىلمەيدىكەن...
-ھەي..ئاللاھ...كىچىكىڭىزدىن باشلاپ جىق رىيازەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپسىز..چوقۇم ھەممە ئىشلار چوقۇم ياخشى بولۇپ كىتىدۇ ماڭا ئىشىنىڭ.
ئادىلنىڭ گەپلىىرىدىن كۆڭلۈم بىردىنلا كۆتۈرلۈپلا قالغان ئىدى ئادىلمۇ كۈلۈپ قۇيۇپ رىستۇران يىنىدىكى كىچىك ماگزىنغا كىردى.ۋە شۇنچە ئۇماق قار يىغىپ تۇرىدىغان بىر ئەينەكلىك قار بۇۋاينى ئىلىپ چىقىپ مەۋلۈدەگە سوۋغا قىلماقچى بولدى
-مەۋلۈدە سىزگە  بىر سوۋغا بىرەيچۇ...
-نىمە؟نىم بولدى؟
-سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن،بولۇڭە...مانا قاراڭە بۇ سىزگە كۆڭۈل سوۋغام سىزگە يارىدىمۇ؟
-ۋاھ..ئىچىگە قار يىغىپ تۇرىدىكەنغۇ..ماڭا سوۋغا قىلامسىز رەھمەت سىزگە ئادىل....مەن بەكلا خۇش بولدۇم
-قانداق سىزگە يارىدىمۇ؟كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوقۇم سىزگە بۇنىڭدىن ياخشى سوۋغاتنى بىرىمەن ،،چۇقۇم سىزنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئىلىپ بارىمەن
-رەھمەت ئادىل..گەرچە سىز ماڭا سوۋغا بىرىڭ ياكى بەرمەڭ بۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر..ماڭا سىز بولسىڭزلا بولدى ..بۇنىڭدىن ئىتبارەن ھەر قار ياققاندا ماڭا مۇشۇنداق قار بۇۋاي سوۋغا قىلىڭ بولامدۇ؟
شۇنداق دىگىنىمچە كۆزلىرىمدىن نەچچە تامچە ياش سىرغىپ چۈشۈپ كەتتى .ئادىلمۇ مىنىڭ كۆزۈمدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ تاتلىققىنە كۈلۈمسىرەپ قۇيدى
-قاراڭا ..تەنتەك قىز ،،يەنە يىغلايسىزغۇ بولدى يىغلىماڭە..سىز ھەر يىغلىغاندا مىنى ئويلاڭ سىز ھەربىر قىتىم ياش تۆككەندە ماڭا يۈز كىلەلمىگەن بولىسىز بۇنى ئۇنۇتماڭ ماقۇلمۇ؟
شۇ ئارىدا يارى ئاكام رىستۇران ئىىچدىن چىقىپ كەلدى.يارمەمەت ئاكامنى كۆرۈپ كۆزۈمدىكى ياشلارنى سۈرتىۋەتتى.
-بولدى يۈرۈڭ قىزىم ...مەن سىزنى ئاپىىرىپ قۇياي
-دادا مەنمۇ بىللە بارايچۇ....
-سەن ئاپاڭغا قارىشىپ بەر،،سىلەرنى ھازىرلا ئالغىلى كىلىمەن..رىستۇراندىكى نەرسىلەرنى ئىلىپ ئۆيگە تىزرەك قايىتمىساق بولماس
-بولىدۇ ئەمسە..مەۋلۈدە ئەتە سىزنى ئالغىلى بارىمەن ماقۇلمۇ؟
مەن بىشىمنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ ماشىنىغا چىقتىم بىز رىستۇران ئالدىدىن ئۆتۈپ خىلى بىر يەرلەرگىچە باردۇق يارى ئاكام ماشىنىنى قەيەرلەرگىدۇر ھەيدەپ كىتىپ باراتتى بۇنى كۆرۈپ پۈتكۈل ئەزايىم تىترەپ كەتتى.
-يارى تاغا...نەگە ماڭدۇق؟
-قىزىم ساقلاڭ ..ماشىنىغا ماي قاچىلىۋالاي ھە...قانداق چوكلى يەمسىز؟
يارى تاغام شۇنداق دەپ ماڭا بىر تال چوكىلىنى سۇندى بۇ چوكلىنى قۇلۇمغا ئىلىپلا شۇنچە خۇش بولۇپ ئۇ چوكىلنى يىيىشكە باشلىدىم شۇنداق ئارىدا بىشىم شۇنداق قىيىپ ھۇشىمنى يۇقىتىپ قۇيغان ئىدىم ،كىيىنكى ئىشلارنى ئۆزۈممۇ بىلمەيتىم.

بىر  ئازدىن كىيىن كۆزۈمنى ئىچىپ قارىغىنىمدا بىر قاراڭغۇ ئۆينىڭ ئىچىدە ياتقان ئىدىم.ئۈستۈمگە قىشلىق قىلىن پاختا يۇتقان يىپىپ قۇيۇلغان ئىدى،ئۆي زەي ھەم شۇنچە سوغۇق ئىدى كاللامغا ھەرخىل ھەرقىسىم خىياللار كىلىشقا باشلىدى.

شۇ تاپتا مىنىڭ تۇنجى كۆز ئالدىمغا كەلگىننى جىنىمدىن ئەزىز كۆرىدىغان دادام ۋە مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىل بولغان ئىدى. كۆڭلۈم شۇنچە يىرىم ھەم پەرىشان ئىدى قۇلۇمدا ماڭا ئادىل سوۋغا قىلغان قار بۇۋاي تۇراتتى

شۇ تاپتا ئۆزۈمنڭ نىمە بولغانلىقىمنى بۇ يەرگە قانداق بولۇپ كىلىپ قالغانلىقىمنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدىم.پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىىشپ كەتكەندەك بولدى شۇ تاپتا قانچىلىك ئازاپلانغانلىقىمنى ھىچكىم تەسەۋۇر قىلىپ بولالمايتى  شۇ ئارىدا ئۆزۈمنى تۇتىۋالاماي ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم يىقىندىن كىمدۇر بىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى
.
-بۇ قزىنى ئەكىلىپ بولدۇم ئەمدى كىتىمەن..سىنىڭ باشقا ئىشىڭ يۇق ..بۇ قزىنى باغلاپ قۇيىمەن تاماقلىرىنى ۋاقتىدا بەرسەڭلا بولدى بىلدىڭمۇ؟
مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تىخىمۇ ئازاپلىنىپ يىغلاشقا باشلىدىم بىر قىز بالا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ پاكلىقى ھەممىدىن مۇھىم ئىدى مىنىڭ پۈتۈن قەلبىم پۇچلىنىپ كاللامغا قانداقتۇر خىياللار كىلىشكە باشلىغان ئىدى.مىنىڭ بۇ دۇنيادا بىردىنبىر تارتىشىدىغان ئادىمىم پەقەت بىر ئادىل ئىدى بىراق ئەمدى مەن ئۇنىڭغا قانداقمۇ يۈز كىلەلەيتىم.

مەن ئەتراپىمغا قارىغىنىمدا ئادىل ماڭا سوۋغا قىلغان قار بۇۋاي تۇراتتى قار بۇۋاينىڭ ئىچىدىن تۇختىماي قار يىغىپ تۇراتتى قار بۇۋاينى قۇلۇمغا ئىلىپ تىخىمۇ ئەدەپ يىغلاشقا باشلىدىم .سىرىتتىكى نامەلۇم ئاۋاز يەنە ئاڭلىنىپ تۇراتتى

-ئادىل مىنى كەچۈۈرۈڭ مەن سىزگە يۈز كىلەلمەيمەن..مىنى كەچۈرۈڭ..نىمىشقا...ئەجەبا ماڭا دادا يۇللۇق يارى دىگەن نىجىسنىڭ ئىشىمۇ؟ مەن يىتىمچىغا كەلگەن نىمە ئازاپ نىمە كۈلپەت بۇ...ئاھ خۇدا نىمىشقا مىنىڭ  جىنىمنى ئالمايدىغانسەن؟زادى نىمىشقا؟؟؟

شۇنداق دەپ ئادىل ماڭا سوۋغا قىلغان تىشى ئەينەك ئىچى قار بۇۋاي بار بۇ سوۋغاتنى سىلكىپ يىغلىماقتا ئىدىم ئىھتىياتسىزلىقتىن ئادىل ماڭا سوۋغا قىلغان بۇ قار بۇۋاينىڭ ئەينىكى چۇۋۇلۇپ قۇلۇمغا سانجىلىپ كەتتى شۇندىلا مەن بۇ دۇنيادىن ئۆمۈرلۈك ۋاز كىچىشنى ئويلاپ قۇلۇمنى كىىسىشكە باشلىدىم شۇ ئارىدا بىشىم قىيىپ ئايلىنىپ قالغان ئىدىم بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچقىنىمدا دۇختۇرخانا ئىچىدە ياتقان ئىدىم

بۇي تۇرقى ئىگىز كەلگەن بىر يىگىت ماڭا سوغۇق نەزەردە ئالىيىپ قاراپ تۇرغان ئىدى يەنە كىلپ يىنىمدا يارى دىگەن ئىپلاسمۇ قاراپ تۇرغان ئىدى.
-ئادەم بولمايدىغان ئىپلاس..مىنى نىمە قىلدىڭ؟مەن تىخى ئەمدىلا 15 ياشقا كىرىپ 16 ياشقا قەدەم باسقان تۇرسام بىلەمسەن شۇنى؟؟؟سەنمۇ ئادەم بولدۇڭمۇ؟
-نىمە دەيسىز؟بۇ جاھاندا سىزدەك كىچىك تۇرۇپ بايۋەچچىلەرنىڭ پۇلنى خەجلەپ جىنىنى باقىدىغان قىزلارمۇ ئاز ئەمەسقۇ..نىمە بوپتۇ؟
-سەن ماڭا خىجىل بولماي مۇشۇ گەپنى دەۋاتامسەن؟بىلەمسەن سىنىڭ بالاڭ ئادىل مىنىڭ ئوغۇل دۇستۇم ..ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىمىز بۇنى بىلىسەنغۇ..شۇ ئوغلۇڭنىڭ لايىقىنى قىسقىسى ئۆزۈڭنىڭ قىزىڭدەك شۇ قىزغا پەسكەشلىك قىلىشقا قانداقمۇ كۆڭلۈڭ ئۇنىدى؟
-گەپ سەندە..قىنى ئادىلغا دىمەمسەن؟بولىدىغان ئىش بوپ بولدى بۇنى دىسەڭمۇ يەنە نىمە پايدىسى يەنە كىلىپ ماڭا ياردەم قىلغان ئادەممۇ سنىڭ يىقىن ئادىمىڭ بىلدىڭمۇ شۇنى...
-قىنى كىمكەن ئۇ ماڭا دىگىنە..مىنىڭ تىخى يىتىم بولۇپ قالغىنىم دادا مىھرىدىن ئاپا مىھرىدىن كىچىك تۇرۇپ ئايرىلىپ قالغىنىم گۇناھ بولدىمۇ قىنى دىمەمسەن؟
-ھى..ھى،،ھى..نىمە بوپتۇ..سەن قاچانغىچە كىچىك پىتى ئۆتىۋىرەمسەن؟سەن ھازىرمۇ كىچىكمۇ تىخى؟سەن ئەمدى كىتەلمەيسەن بۇنى ئۇنۇتما..
يارى شۇنداق دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ نىمىشقا ئۆلمىگەنلىكىمگە ئىچىنىپ يىغلاشقا باشلىدىم ۋە دۇختۇرخانا ئىچىگە قاراپ ئۈستەل ئۈستىدىكى پىچاققا كۆزۈم چۈشۈپ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالماقچىمۇ بولدۇم بىراق كاللامغا شۇنداق بىر ئوي كىلىپ قالدى
-مەن ساراڭ بولمۇدۇم..ماڭا يامانلىق قىلماقچى بولغىنى مىنىڭ يىقىن ئادىمم ئىكەن مەن شۇ دۈشمىنىم ئالدىدا ئۆلۈپ بىرەمدىم ئەجەبا ئۇ دىلارە ئاپاممۇ؟ياق..ياق،،گەرچە ئۇ ماڭا ئۆچ بولسىمۇ ھەرگىز ماڭا بۇنداق پەسكەشلىك قىلماس..زادى كىم بولغۇيتى؟؟

كاللامنى ئالەمچە خىيال چىرمىۋالدى.مەن چوقۇم دۇختۇرخانىدىن چىقىپ كىتىشىم بۇ سىرلىق تىپىشماقىنىڭ جاۋابنى تىپىشىم لازىم ئىدى .بىراق يارمەمەت سىرىتتا بار قانداق چىقىمەن؟
مەن بىرەر ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن دىرىزە يىنىغا كىلىپ دىرىزىدىن سەكرىمەكچى بولدۇم .شۇ ئارىدا ئىشىك ئىچىلىپ يارمەمەت دىگەن ئپلاس كىردى ئۇنى كۆرۈپلا دىرىزىدىن شۇنداق قاتتىق سەكرىدىم تۇساتتىن كىمدۇر بىرى مىنى 4 -قەۋەتتىن تۇتىۋالدى ئىتتىك قارىغىنىمدا ياشلىرى 40 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئاكاش ئىدى مەن ئۇ كىشىگە رەھمەت ئىيتىش ئۇياقتا تۇرسۇن چەكچىيىپ قۇيۇپ يۈگۈرۈپ ماشىنىدىن بىرنى تۇسۇپ ئۆزۈمنڭ ئۆيىگە كىرىپ بىشىمنى ياستۇققا قۇيۇپ ھۆڭرەپ يىغلاۋاتاتتىم
.
-مەۋلۈدە ئاداش ئىشىكنى ئاچ..مەۋلۈدە ئىشىكنى ئاچە ئاداش..بولە نىمە بولدۇڭ؟
ئايگۈل ئىشك تۈۋىگە كىلىپ مىنى تۇختماي چارقىرىشقا باشلىدى شۇ تاپتا تۇختىماي يىغلاۋاتاتتىم ھەتتاكى ئىشكنى ئىچىشقىمۇ خۇش ياقىمىغان ئىدى.
-مەۋلۈدە ئىشىكنى ئاچ قىزىم نىمە بولدۇڭ نىمە گەپ بولسا چىرايلىقچە دىيىشەيلى..
گۈلى ئاپاممۇ مىنى تۇختىماي چارقىرىشقا باشلىدى.نائىلاج ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىكنى ئاچتىم ۋە گۈلى ئاپامنى چىڭڭىدە قۇچاغلاپ تازا يىغلىماقتا ئىدىم گۈلى ئاپامنىڭ كۆزلىرىگىمۇ ياش كىلىپ مىنىڭ يىغامنى پەس قىلىپ ماڭا تەسەللى بىرىۋاتاتتى.
-مەۋلۈدە قىزىم نىمە بولدۇڭ؟كىم سىنى خاپا قىلدى؟
-ھېچكىم..ماڭا..ماڭا...
گىپىمنىڭ ئاخىرىنى دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئىدىم شۇ ئارىدا ئالىم ئاكام قۇل تىلفۇننى تۇتۇپ يىنىمغا كىردى ۋە تىلفۇننى ماڭا سۇندى
-مەڭ ساقام ئادىلكەن....
قۇلۇم تىترەپ ئالىم ئاكامنىڭ قۇلىدىكى تىلفۇننى ئالدىم ۋە ئەتراپىمدىكىلەرگە قاراپ قۇيدۇم ئۇلارمۇ مىنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلگەندەك ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ چىقىپ كىتىپ قىلىشتى قۇلۇمغا تىلفۇننى ئىلىپ گەپنى ئارانلا قىلالىدىم
-ۋەي...ئادىل
-مەۋلۈدە نىمە بولدىڭز؟نىمىگە بۇچە يىغلايسىز؟مىنى كەچۈرۈڭ تۈنۈگۈن پاكىستاندىكى كالا فىرمىمىزدىكى كالىلار ئۆلۈپ قاپتۇ،سىزنى پەقەت تاپالمىدىم شۇنىڭ ئۈچۈن نائىلاج پاكىستانغا قايتىپ كەلدىم.مەن پات ئارىدا يىتىپ بارىمەن مىنى ساقلاڭ ماقۇلمۇ؟
-مەن سىزگە...ئادىل...
گىپىمنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمەي يەنە يىغلاشقا باشلىدىم'
-مەندىن مۇشۇ ئىش تۇغۇرلۇق رەنجىدىڭىز بىلىمەن..ئالىمدىن ئاڭلىسام نەچچە كۈندىن بىرى يۇقاپ ئۆيگىمۇ كىرمەپسىز زادى نىمە بولدى؟
-بۇنى كىيىن دىيىشەيلى...ئادىل سىزدىن بىر گەپنى سوراي ماڭا ئىشىنەمسىز؟
-ھەئە ..سىزگە ئۆزۈمدىن بەكرەك ئىشىنىمەن زادى نىمە بولدى مەۋلۈدە..دەڭە نىمە ئىش بولغان بولسا ماڭا دەڭ ..زادى نىمە بولدى؟
-ئادىل ...مەن سىزگە ھىلى تىلفۇن قىلاي ...چۇقۇم سىزگە ھەممە گەپنى دەپ بىرىمەن ماقۇلمۇ؟
مەن ئادىلنىڭ ئاخىرىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلىمايلا تىلفۇننى قۇيىۋەتتىم ۋە يەنە ھۈڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم .شۇنداقتىمۇ مەن ئەھمەت تاغامنىڭ ئۆيىگە بارماي ئىلاجىم يۇق ئىدى بەلكىم بۇ 3 كۈندىن بىرى ئۇلار مەندىن ئەنسىرەپمۇ قالغاندۇ ،مەن شۇ خىياللار بىلەن ئالىم ئاكامنىڭ تىلفۇنىنى قايتۇرۇپ بىرىپ گۈلى ئاپاملارغا بولغان ئىشنى دىيىشكە جۈرئەت قىلالماي ئۆيدىن چىقىپ تاغامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بولغۇچە تاغام نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىماي تۇرۇپلا مىنى بىر تەستەك سالدى.
-تاغا نىمە بولدۇڭ؟
-نىمە بولدۇڭ؟ما گەپنى كۆرمەمدىغان سەن ئۆزۈڭ نىمە بولدۇڭ؟ئادەم بالىسى دەپ بىقىپ چوڭ قىلىپتىمەن تىخى ..دىگىنە 3 كۈندىن بىرى نەلەردە يۈردۈڭ؟
-مەن ھىچ يەردە...تاغا،،مەن ساڭا راسىت گەپنى قىلاي ..مىنى..
گىپىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا زۇلمىرە ئەدەپ چۈشۈپ كەتتى
-دادا..مەن تۈنۈگۈن چۈشتىن كىيىن بۇنىڭ بىر ئەر كىشى بىلەن بىر مىھمانخانىدىن چىققانلىقىنى كۆردۈم،،،راسىتلا مەۋلۈدە شۇ ئىكەن.
-زۇلمىرە،،نىمىشقا يالغان سۆزلەيسىز؟بۇ ماڭا ئارتىلغان ئارتۇقچە تۆھمەت...تاغا ئۇ يالغان دەيدۇ..تاغا ماڭا ئىشەنگىن..مەن ئۇنداق پەسكەش قىزلاردىن ئەمەس.
تاغامنىڭ چىرايىدا قاننىڭ دىدارى قالمىغان ئىدى شۇ تاپتا نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى ئۆزۈممۇ بىلەلمەي قالغان ئىدىم.ئەنۋەر ئاكاممۇ كىلىپلا مىنىڭ ياشلىرىمنى سۈرتۈپ تاغامغا كايىدى.
-دادا سەن مەۋلۈدەنى 6 يىلدىن بىرى بىقىپ چوڭ قىلىپ مۇشۇنچىلىك قىلدىڭ يىشىم 18 ياشقا تاقاپ قاپتۇ،مىنىڭ 12 ياش چاغلىرىمدا مەۋلۈدە بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن .ئاپام ھەمىشە مەۋلۈدەگە يامانلىق قىلىشنىڭ پىيىدا بولاتتى،،بىراق مەن كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئاپامدىن قۇرقۇپ ساڭا گەپ قىلالماتتىم.مەۋلۈدەگە بۇ جاھاندا پەقەت ئادىللا بار.سەن ئۆزۈڭىڭ جىيەنىڭگە ئىشەنمەمسەن؟

-مانا ئىشىنىپ چوڭ قىلغان قىز مۇشۇ قىز شۇ بالام ،،كۆرگەنسەن بۈگۈنكى كۈندە...ئاھ..خۇدا نىمە شەرمەندىچىلىك بۇ ماڭا..
-بولدى قىىلىڭ ئەھمەت،،ماڭا قاراڭ مەۋلۈدە تىخى كىىچك ئەمەسمۇ..بوپتۇ ھىچقىىسى يۇق تۈزىلىپمۇ كىتەر...بۇلدى ئۇنى ئەپۇ قىلىڭ
-بولدى بۇنداق ھىلە-مىكىرلىرىڭنى قۇي ئاپا...سەن نىمانچە بولۇپ كەتتىڭ سەندەك ئاپامنىڭ بولغىندىن نەپرەتلىنىمەن،،مۇشۇ يىتىم قىزنىڭ بىشغا بۇنچە كۈنلەرنى سىلىشىڭغا نىمە سەۋەپچى سىنىڭ؟
-بولدى قىل ئۇ سىنڭ ئاپاڭ
دىدى ئەھمەت تاغام ئەنۋەر ئاكامنى سىلكىشلەپ
-دادا بىلەمسەن؟مەۋلۈدەنى پۇل ئىلىپ كىلىڭ ساقلاپ بىرەي دەپ ئوغرى دىگەن نامنى ئارتىپ قۇيغان ئادەم دەل ئاپام..قۇلىنى ئۆزى كىىسپ مەۋلۈدە قىلدى دىگەن ئادەم دەل ئاپام.مەۋلۈدەنىڭ خارلىنىشغا ۋە بىچارىلەرچە ئۆتىشىگە سەۋەپ بولغان ئادەم دەل ئاپام قارىمامسەن بۇ ناتىۋان چىرايىدىن ئاقكۆڭۈللىكى بىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ قىزنىڭ ئالدىڭلاردا نىمە گۇناھى بار؟
-دىگىنە ئەنۋەر دىگەنلىرى راسىتمۇ?گەپ قىلە...
دىلارە ئاپام نىمە دىيىشنى بىلەلمەي بىشىنى تۆۋەن سىلىپ تۇردى.ئەھمەت تاغامنىڭ چىرايى تىخىمۇ پۈرلىشىپ كەتتى.
-لىكىن بۇ راسىت دادا مەن گۇۋاھچى..ئىشەنمىسەڭ بوپتۇ..مەنمۇ سىنڭ قزىڭغۇ بولمىسا..
-بولدى مەۋلۈدەنى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىپ تەكشۈرتىمىز ئاندىن مەن قالغان گەپنى دىيىشىمەن سەن بىلەن..
-دادا بەك ئىشىپ كەتتى بولدى قىلساڭ بولمامدۇ؟
-مەن سەندىن سوراي دۇختۇرخانىغا بارامسەن يۇق ؟قانداق قىلىسەن؟
مەن بۇ گەپ ۋە ھاقەرەتلەرنى يەنە قايتا تىلغا ئىلىشنى خالىمىدىم ۋە يۈگۈرۈپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ كەتتىم ئەنۋەر ئاكاممۇ كەينىمدىن يۈگۈرۈپ كىرىپ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش ئىلىلپ ياشلىرىمنى سۈرىتتى.
-جىنىم ساقام..مەن سىزگە ئىشىنىمەن ھامان بىركۈنى ھەممە ئىش ئايدىڭلىشىدۇ؟ سىزدە ھىچقانداق گەپ يۇق ئۈلۈشكۈن نىمىشقا بىز بىلەن بىللە قايىتمايسىز؟نەگە كەتكەنتىڭىز؟
-ئاكا ..سىلەر ئۈلۈشكۈن كىتىپ قاپسىلەر شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى تاپالماي نائىلاج كەتمكەكچى بولدۇم بىراق كىيىنكى ئىشلارنى كىم بىلسۇن..كاللام قالايمىقانلا بولۇپ كەتتى.
-مەن سىزگە ئىشنىمەن مەۋلۈدە..سىز پاك ھەم ياخشى قىز مەن سىزدىن ھەرگىز گۇمانلانمايمەن ،،بىراق شۇنداقتىمۇ بىلىپ باققۇم بار.ماڭا دەپ بىرەلەمسىز؟
-ئاكا مىنى ئارتۇقچە ماختاۋەتتىڭ..مەن بۇ ئىشنى ئۆزۈمنڭ رازىلقىم بىلەن قىلمىدىم ماڭا ئورۇنسىز بەتنام چاپلاندى.ھازىر ئۆزۈممۇ ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيمەن.بۇ گەپنى ساڭا دىسەممۇ بولمايدۇ لىكىن ھامان بىر كۈنى چوقۇم ساڭا ھەقىقى ئەھۋالنىڭ سەۋەبىنى دەپ بىرىمەن.
-ئۇنداقتا سىز راستىنلا...
ئەنۋەر ئاكام ھاڭ-تاڭ بولۇپ بىشنى تۇتۇپلا ئولتۇرۇپ قالدى.مەنمۇ يەنە چۈشەندۈرمەكچى بولدۇم بىراق ئەنۋەر ئاكام مىنىڭ گىپىمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلالماي ئۇرنىدىن تۇرۇپ كەتتى
-دەڭە..كىم ئۇ؟سىزنىڭ رازىلقىڭىز يۇق؟شۇنداقمۇ؟
-ھەئە...مىنى بىلىسەن ئاكا..
-دەڭە..ئۇ كىم ؟زادى كىمكەن ئۆزى؟ئەمدى ئادىلغا نىمە دەيسىز؟
-ئاكا سەن بۇنى سۇرىما ..بۇ پەقەت سىر خالاس،،لىكىن ساڭا چۇقۇم بىركۈنى دەپ بىرىمەن بۇ گەپلەرنى ئادىلغا كىيىن دىگىن بولامدۇ؟ماڭا ۋەدە بەر.ئاز دىگەندە 1 يىلدىن كىيىن دەيدىغانغا ۋەدە بەرگىن.
-ماقۇل ،،ۋەدە بىرەي بىراق سىز قانداق قىلىسىز؟
-مىنىڭ ئامالىم يۇق..بۇ ئۆيدىمۇ مەن ئالىدىغان كىرەكلىك نەرسىلىرىم يۇق..بۇ مىنىڭ دادامنڭ ئۆينىڭ ئاچقۇچى خالىغان چاغلاردا باساڭ بولىدۇ ئەمما مەندىمۇ يەنە بىر زاپاس ئاچقۇچ بار ..
ئاچقۇچنى ئاكامغا بىرىپ تۇرىشىمغا تاغام زەردە بىلەن كىرىپلا مىنى تارتىپ چىقاردى ۋە كارىدۇردىكى ئۆيگە ئىلىپ چىقتى
-بۇ يىگىت كىم تۇنۇمسەن؟
مەن بۇ يىگىتنى دۇختۇرخانا ئىچىدە كۆرگەن ئەمما پاراڭلىشىپ باقمىغان ئىدىم
-ياق تۇنۇمايمەن ...
-يالغان سۆزلىمە..ئەمسە ئۇ سىنى ئىزدەپ كىلىپتۇغۇ..سەن تۇنۇمسەن يۇق؟
تاغامنىڭ ئەلپازى ئۆرلەپ تۇرغان چاغدا ئەنۋەر ئاكام يۈگۈرۈپ كىلىپ ھىلىقى بالىنىڭ دولىسىغا بىرنى قۇيدى ئۇ بالىغا قاراپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
-ئەسلى سەن مۇناپىق شۇ ...سەن سىڭلىمغا پەسكەشلىك قىلغان مۇناپىق راسىتتىنلا سەن شۇمۇ؟
-ئاكا بولدى ئۇ ئەمەس...
بۇ بىر ئىغىز خاتا گەپنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كىتىپ قالغانلىقىنى بىلەلمەيلا قالغان ئىدىم بۇنى ئاڭلاپ تاغامنڭ تىخىمۇ ئەرۋايى ئۇچتى ۋە مىنى ئىتتىرىپ ئۆيدىن چىقىرىۋەتتى.ھىلىقى بالىنىمۇ كەينىمدىن ئىتترىپ چىقىرۋەتكەن ئىدى.
مەن ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ مەھەللە دۇقمۇشىغا كىلىپلا ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىم ھىلىقى بالىمۇ ماڭا قاراپ قۇيۇپ قاراپ تۇراتتى
-سەن زادى كىم؟سەن زادى نىمە قىلماقچى ؟قىنى دىگىنە.
ھىلىقى بالىمۇ ماڭا سىرلىق كۈلۈمسىرەپ قاراپ قۇيۇپ ئۆتۈپ كەتتى مەن ئۇنىڭ كەينىدىن شۇنچە چارقىرىپ ئۇنى مۇشلاپ ئۇرۇپ قۇيغان بولساممۇ ئۇ ھىچ بىر قارىشلىق بىلدۈرمىگەن ئىدى.
-مىنىڭ ئىسمىم غەنى،،،قالغىنى سىز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسقۇ دەيمەن ھە...ئىشىڭشىز بولسا تىلفۇن قىلىڭ ئۇ شۇنداق دەپ قۇيۇپ گەپ-سۆز قىلماي كىتىپ قالدى ئۇنىڭغا بولغان غەزەپ-نەپرىتم تۇختىماي ئاشاتتى ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ ھەممىلا نەرسەمدىن قۇرۇق قالغان ئىدىم.
مەن شۇنداق قىلىپ ئۆيۈمگە كىلىپ دادام ۋە ئاپام شۇنداقلا مەن كۆرۈپمۇ باقمىغان ئەمما كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاكام ئىرفاننىڭ بۇ 3 لەيلەننىڭ خاتىرە سۈرىتىنى ئىلىپ دادامنىڭ بانكا كارتىلىرىنى سىلىپ مۇل تەييارلىقلارنى قىلىپ سەپەرگە چىقىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلدىم
مىنىڭ بۇنداق كىتىپ قالغىنىمنى قىسقىسى ئايگۈلمۇ بىلەلمەي قالغان ئىدى.مەن كۆزلىرىمدىكى ياشلارنى سۈرۈتۈپ بۇ ئۆيدىن ئۆزۈمنىڭ كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن بۇ ماكاندىن ئايرىلىش تەييارلىقلىرىنى قىلدىم بىراق كىممۇ ئويلاپ باققان بولسۇن مىنى ئالدىمدا نۇرغۇن خىيىم-خەتەرلەر ۋە ئاجايىپ غارايىپ تىپىشماقلىق ئۇيۇنلار مىنى گاڭگىرتىپ قۇيغان شۇ نۇرغۇن ئىشلار مىنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.
سىرلىق بۇ تىپىشماقلار ئەمدى باشلىنىپ ماڭا ئاجايىپ-غارايىپ چاقچاقلارنى قىلماقتا ئىدى بىراق كىممۇ پەرەز قىلىپ باققان بولسۇن؟تاغام مىنى ئۆز سىڭلىسىدەك كۆرىدىغان مەنمۇ بەك ھۆرمەتلەيدىغان ئەنۋەر ئاكام ئۆزۈمنڭ ھەممىلا نەرسەمدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ئادىل مانا مۇشۇ سىرلىق ھايات قايناملىرىدا ئىغىر ھەسرەت ئىچىدە قىلىشقا مەجبۇر بولدى ..لىكىن نىمە ئامال نىمە چارە بولسۇن؟

                                      <<ئاجايىپ تەقدىر>>
داۋامى بار




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-10 10:46 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1851
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 954 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 10:14:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بۇ ئەسىرىمنىڭ بىشىدىكى مەزمۇنلىرىمۇ ئىلگىرى يۇللانغان ،داۋامى يەنە يۇللاندى ،ئىگىسىز قالغان خاتىرە ناملىق ئەسىرىمنىڭ داۋامى يەنە يۇللىنىدۇ..مىنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا يۇللىۋەتكۈم بار..بىراق خەت بىسىش سۈرئىتىم بەك تىز بولمىغاچقا بۇنى ئەۋەتىپ بۇلۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقتىم كىتىپ قالىدىكەن كىلەر قىتىم ئامال بار بۇ ئەسەرنىڭ داۋامىنى تۇلۇق يىزىپ تۈگىتىشكە تىرىشىمەن شۇنداقتىمۇ تۇرداشلارنىڭ تۇغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jelwa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-10 10:16 PM  


شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7588
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:30:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2013-4-10 10:14 PM
مىنىڭ بۇ ئەسىرىمنىڭ بىشىدىكى مەزمۇنلىرىمۇ ئىلگىرى يۇل ...

كۈتىمەن ئاخىرىنى

مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 12:26:20 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كۇتمەن ئاخىرنى خەت يىزىۋەرسىڭز تىزلىشىدۇ خەت بىسىش سۇرئىتڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 12:26:22 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ كۇتمەن ئاخىرنى خەت يىزىۋەرسىڭز تىزلىشىدۇ خەت بىسىش سۇرئىتڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25798
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5501
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2011-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 05:09:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىمەن
ئۇچۇر ئەۋەتكىنىڭىزگە رەھمەت

دۇنيا كېچىكىش بىلەن تولغان!!!

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 07:09:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16945
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8092
تۆھپە نۇمۇرى: 389
توردا: 2116 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-12 07:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تېزراق يوللىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94555
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-8
ئاخىرقى: 2013-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-16 04:46:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94625
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2013-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-17 01:50:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش