ئاغىنەم (ساتىرا)
نۇرشاھ شېئرى
سورۇنلارغا چاقىرسام ، كىلەلىسەڭ ئاغىنەم ،
مەن تەڭلىسەم ، ھاراقنى ، ئېچەلىسەڭ ئاغىنەم .
زۆرۈر بولسا ، مېنى دەپ ، ئاتا-ئاناڭدىنمۇ ھەم ،
ئاغىنەم دەپ ئۇلاردىن ، كىچەلىسەڭ ئاغىنەم .
خۇمار تۇتسا نەشىگە ، بىسىپ بەرسەڭ ئاغىنەم .
ئاچالمىغان قۇلۇپنى ، ئېچىپ بەرسەڭ ئاغىنەم ،
ھازىر ھەممە چىقىمچى ، ئېيتىپ قويار ساقچىغا ،
چۈشسەم قانۇن تورىغا ، يىتىپ بەرسەڭ ئاغىنەم .
ئالايغانغا يەڭ تۈرۈپ ، چىقالىساڭ ئاغىنەم ،
ئىككىلەنمەي گېلىدىن ، سىقالىساڭ ئاغىنەم .
تېگىپ قويدى چىشىمغا ، چىدىماي مەن غەزەپتە ،
پىچاق بەرسەم قولۇڭغا ، تىقالىساڭ ئاغىنەم .
مېنىڭ ئۈچۈن قىزچاقلار ، توغىرلىساڭ ئاغىنەم ،
كىرەك قىلسام نىمىنى ، ئوغىرلىساڭ ئاغىنەم .
مېنىڭدە ھېچ نەرسە يوق ، بۇنى ئۆزۈڭ بىلىسەن ،
مەندىن ھەتتا قىلنىمۇ ، سورىمىساڭ ئاغىنەم .
مېنى كۈيلەپ يازماڭدا ، يازالىساڭ ئاغىنەم ،
مېنىڭ بىلەن ھەر ۋاقىت ، ئازالىساڭ ئاغىنەم .
ئالتۇن كېرەك مەن ئۈچۈن ، دىسەم ساڭا بىر كۈنى ،
ئاتاڭ ئالغان جايلىقنى ، قازالىساڭ ئاغىنەم .
ئەسكەرتىش:بۇ ساتىرا ، ساتىرانى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان مۆھتەرەملىرىمىزنىڭ مېنى ھاقارەتلەپ كېتىشىنى خالىمايمەن .. بۇ شئېرنىڭ تىلى ئاددىي ، سەۋەنلىكتىن خالي ئەمەس ...
مەنبە: نۇرشاھ (ئۆزۈم)
2013-يىلى 10-ئاپىرىل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xarari تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-10 09:54 PM