مىنىڭ پىكرىم .پەقەت پۇل تېپىشنىلا ئويلىسىڭىز تاۋ باۋ دىن ئېچىڭ.ئانچە مۇنچە پائالىيەت .كوپىچىلىككە مۇنازىرلەشكۈدەك،پىكىرلەشكۈدەك.ياخشى ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا خەۋەر قىلدۇدەك.يېڭى،كونا كىتاپلار توغۇرسىدا كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشقۇدەك،كۆپچىلىكنىڭ قىزىقىشى،تاللىشىنى پىكىر -تەكلىپىنىمۇ ئاڭلاپ قويۇشنىمۇ ئاڭلاپ قويۇش زۆرۈر دەپ قارىسىڭىز تاۋ باۋدىن ئاچماڭ.
سىز باشقا بىر بەت سېستىمىسىنى ئىشلىتىم تور كىتاپىانىسى ئېچىڭ.ئاندىن سېتىۋىلىشنى ئويلىغانلار،تاللىغان كىتاپنى ‹‹سېتىۋىلىش››نى باشقاندىن كىيىن تاۋباۋ سودا دۇكىنىغا ئۇلىندىغان،ياكى باشقا بىر قولايلىق بولغان پۇل تاپشۇرۇش ۋە مال تاپشۇرۋىلىش سۇپىسىغا كىردىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇڭ.شىنجاڭ سودا تورىدىن ئكرنەك ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
مىنىڭچە سىز پەقەت كىتاپ سېتىپ پۇل تېپىشنىلا مەخسەت قىلمىدىڭىز.كىتاپ سېتىۋالدىغانلار.پەقەت كىتاپ مۇقاۋىسىنى كۆرۈپلا سېتىۋالمايدۇ،سېتىۋالغۇچىنىڭ تاللىشى،كىتاپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولۇش ،شۇ كىتاپ تۇغۇرسىدا ئېنىق بولغان ئۇقۇم بولىشى كېرەك.سېتىۋالغۇچى مەلۇم بىر تېمىدىكى كىتاپ توغۇرسىدا كۆپچىلىكنىڭ تەۋسىيە قىلىشىغا مۇھتاج بولىدۇ.كىتاپ ئالىغانلار ھازىرچە تاۋباۋغا كىرىپ كىتاپ ئىزدەيدىغان دەرىجىگە كەلمىدى.كەلدى دىگەندىمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتاپلارنى ھەرگىز تاۋباۋدىن ئىزلىمەيدۇ.
شۇنداقلا سىز كىتاپلىرىڭىزنى تاۋباۋدا تولۇق تەشۋىقات قىلالمايسىز،مەزكۇر كىتاپ توغۇرسىدا مۇكەممەل چۈشەندۈرۈش يېزىپ بولالمايسىز.كىتاپ مۇقاۋىسىنى ‹‹سايىلەپ››‹‹扫描››قىلىپ تاۋغاۋغا تىزىپ قويۇش پەقەت پۇل تېپىش،پۇلغا قىزىقىش خارەكتىرنى ئېلىپ قالىدۇ.تاۋباۋدا دۇكان ئېچىش،تىجارەت قىلىش قولايلىق ئەمما ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىمىز ئۈچۈن ماس ئورۇن بولالمايدۇ.ھازىر ئۇيغۇرچە تور بەت سېستىما يازىدىغانلىرىمىزنىڭ سەۋيىسىمۇ خېلى بىر يەرگە باردى.بۇنداق شەرەپلىك بىر ئىشنى ئويلىغانكەنسىز چوقۇم مۇكەممەل ،چىرايلىق بىر تور موھىتى قۇرۇپ چىقىپ كىتاپلىرىمىزنى رەتلىك تىزىپ قويىشىڭىز كېرەك.كىتاپ كۆرمەكچى بولغانلار(سېتىۋالغۇچىلار)سىز بىلەن ياكى مەزكۇر تور كىتاپخانىسىدىكىلەر بىلەن ئەركىن پاراڭلىشىپ ئۆزى ئىزلىگەن مەزمۇندىكى كىتاپلارنى تاللىشى كېرەك.سىزنىڭ مەزكۇر كىتاپ توغۇرسىدا ئۇيغۇر تېلىمىزدا يېزىلغان تولۇق چۈشەندۈرشىڭىزنى كۆرەلىشى يەنى(كىتاپخانا خوجايىنى)بىلەن پاراڭلاشقاندەك پاراڭلىشىپ سېتىۋالالايدىغان بولىشى كېرەك.
ئەگەر سىز ياخشى بولغان بىر تور كىتاپخانا لايىھەسى توغۇرسىدا پاراڭلاشماقچى بولسىڭز.
بۇ كىيۇ كىيۇنى بېسىڭ