قىزىقارلىق ماقال-تەمسىللەر(1)
ئا-ھەرىپىدىن باشلانغان ماقال-تەمسىللەر:
1.ئارىسالدى ئېشەكنى بۆرە يەر
مەنىسى : ئىش قىلغاندا كەسكىن بۇلمىسا ئاقىۋەتتە زىيان تارتىپ قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
2.ئاشناڭغا ئىشىنىپ ئەرسىز قالما
مەنىسى : ئۆي تۇتقاندا ساداقەتمەن بۇلۇش ، ھېسىياتقا بېرىلىپ ئائىلىنى ۋەيران قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
3.ئاغزىدا كۈلكە-چاقچاق ، قۇينىدا پالتا-پىچاق
مەنىسى : ئېغىزىدا كۈلۈپ قويۇپ ئەمەلىيەتتە سۇيقەست ،ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
4.ئالتە ئاي ئاتقان پاختا بىر چاپانغا يەتمەپتۇ
مەنىسى : بىھۇدە كۈچ سەرىپ قىلىپ ،ئۈنۈمىنى كۆرەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.
5.ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق
مەنىسى : پەرزەنتلىرىنىڭ ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتتە ئاتا-ئانىسىنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى دوراپ چىققانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
6.ئالتە تەڭگەم بار ، ئات ئالىمەن . يەتتە تەڭگەم بار ، قىز ئالىمەن
مەنىسى : ھە دېسە ئىشقا ئاشمايدىغان خام-خىياللارنى قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
7.ئالتىنچى ئايدا ئالتە چاپان ،ئون ئىككىنچى ئايدا كالتە چاپان
مەنىسى : كىيىنىشتە پەسىلگە قاراش ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بۇلمىغان ئىشىنى قىلماسلىقنى كۆرسىتىدۇ.
8.ئالدىرىغاندا ئېرى خۇتۇنىغا تەزىم قىپتۇ
مەنىسى : ئالدىراقسىانلىق بىلەن ئىش قىلىپ ، مەقسىتىگە يېتەلمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ.
9.ئالدىرىغان ئىت تامغا سەكرەپتۇ
مەنىسى : يامان ئىش قىلىپ قۇيۇپ ، ماڭارغا يۇل تاپالمىغاندا قالايمىقان دوقۇرۇپ ، ئەخمىقانە ئىش قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
10.ئالغاندا بىسمىللا ،بەرگەندە ئەستاغپۇرۇللا
مەنىسى : خەقتىن قەرز ئالغاندا خوشال بولۇپ ، بېرىدىغان چاغدا خاپا بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
11.ئاھ دېسە ئۆپكىسى كۆرۈنەر
مەنىسى : بەك نامىراتلىشىپ كەتكەنلىكنى كۆرسىتىدۇ.
12.ئاتىسى ئاتالمىغان قوڭغۇزنى ، بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى
مەنىسى : كېيىنكىلەرنىڭ بۇرۇنقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .
13. ئاسمان بېسىۋالسا ئاستىدا يېتىپ مانتا يەر
مەنىسى : ھەممە ئىشتا بىپەرۋا ئادەملەرنىڭ مىجەزىنى كۆرسىتىدۇ.
14.ئاشىنى سىڭگەندە ماختا ، خۇتۇننى ئۆلگەندە ( ماختا )
مەنىسى : ھەر قانداق خۇلاسىنى ئەمەلىي نەتىجىسىگە قاراپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ.
15.ئاشقان -تاشقان بارات تازنىڭ
مەنىسى : كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ياخشىلىققا ئاتىقى بار كىشىلەر ئېرىشىۋېلىپ ،جاپا تارتقان بىچارىلەرنىڭ تۈزۈككىنە بىر نەرسىگە ئېرىشەلمەي بىر چەتتە قېلىشنى كۆرسىتىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى نەشىر قىلىنغان <قىزىقارلىق ماقال-تەمسىللەر
> دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
داۋامى يەنە بار .