مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1710|ئىنكاس: 37

ھاراقكەش بىلەن ئىشەكنىڭ پەرقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8570
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 08:20:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال بۇ ئىككى ئاتالغۇغا ئىزاھات بېرىۋالاي
ئادەمنىڭ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدىكى خەنزۇتىلىدىكى ئىزاھاتى تۆۋەندىكىچە:  
人士 ئەرباپ، زات
智人 ئەقىللىق ئادەم
人物 شەخىس، پىرسۇناژ
دولانلىق تورىدىن «ئالدىساڭ تۈلكە بولۇرسەن، ئالدانساڭ ئېشەك» دېگەن بىر ئېدىيۇمنى ئۇچرىتىپ قالغان ئىدىم. ئېشەكنىڭ تەبىرى ئۇنىڭدىن ئارتۇقچە بولماس دەپ قارايمەن...
ئەمدى نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەيلى
مۇشۇ كۈنلەردە توي، چايلارنىڭ كۆپلىكى، توي چاي باغاقلىرىنىڭ قىممەتلىكى ئادەمگە ئۆلۈم يېتىم نەزىر چىراق باغاقلىرىدىنمۇ بەكرەك مەيۈسلۈك ئېلىپ كېلىدىغان بۇلۇپ كەتتى. بۈگۈن ناھايتى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتۈپ تازا چارچاپ كەتكەندە، تاسلا قاپتىمەن، ئاخىرقى ئاپتوبوسقا ئۈلگۈرەلمىگىلى...  
ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبوسقا چىقىپ ئولتۇرۇشۇمغا ، قولىدا بىر نەچچە تال سامسا سېلىنغان بىر خاشو خالتىنى كۆتۈرۈۋالغان «ئۇيغۇر دېھقان» دىن بىرى ئاپتوبوسقا چىقىپ، يېنىمدا ئولتۇرۇۋىدى... ئۇنىڭدىن تارقالغان سېسىق بەدبۇي پۇراقتىن سەسكىنىپ، تاسلا قالدىم، بۇ ئاخىرقى ئاپتوبوستىنمۇ ۋاز كەچكىلى.....
بىزدە ھارۋا ھەيدەيدىغانلارنى «ھارۋىكەش»، ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىت ھەيدەپ كىرا قىلىدىغانلارنى «كىراكەش»، باشلىقلارغا خوشامەت قىلىدىغانلارنى «تەخسىكەش» دەپ ئاتىغاندەك، بىكار تەلەت، ھاراق بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزىدىغانلارنى «ھاراقكەش» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقانىكەنمىز...
مەن دەل ئاشۇ «ھاراقكەش» ۋە ھايۋانلار دۇنياسىدىكى ئېشەك ھەققىدە ئازراق گەپ ساتماقچى

بىر قانچە بېكەت ماڭغاندىن كېيىن، بۇ مەست ئۇيغۇر چۈشىدىغان يېرىگە كېلىپ، ئاپتوبوستىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. شوپۇر بېلەت پۇلىنى سۈيلىۋېدى، 40 ياشنىڭ ئۈستىدىكى بۇ دېھقان تەپ تارتماي تۇرۇپ:  
- پۇل يوق.. دەپ چۈشۈشكە تەمشەلدى.  
شوپۇر ئۇنى خېلى قىستاپ، تۆت يانچۇقلىرىنى بىرەر قۇر تەكشۈرتكۈزگەن بولسىمۇ، 3 يىۋەنلىك بىلەتكە چۇشلۇق پۇل چىقمىدى....ئاچچىقى كەلگەن شوپۇر :  
- شوۋا ئىچكىلى پۇلۇڭ بار، كىراغا پۇلۇڭ يوقمۇ، ھۇ قەلەندەر، چۈشە ماشىنىدىن!-دېگىنىچە ئۇنى ماشىنىدىن چۈشۈرۋەتتى.  
40 ياشنىڭ ئۈستىدىكى ياشتا تۇرۇپ، جەمئىيەتتە چوڭلار قاتارىغا كىرگەن بۇ ئىنسانغا، بۇ ئەركەككە، بۇ دېھقانغا بۇ ھاقارەتلىك گەپلەر تەسىر قىلىدىغاندەك ئەمەس، خۇددى ئۆزىنىڭ «بېنز» ماركىلىق پىكاۋىدىن چۈشكەندەك غېمىدە يوق چۈشۈپ يولىغا راۋان بولدى....
ئالتۇن كۈز دېھقاننىڭ ھوسۇلنى بىر دەقىقە بۇرۇن يىغىۋالمىسا بولمايدىغان ھالقىلىق پەيتى. ئەنە شۇنداق ۋاقىتلاردىمۇ يەنىلا ھاراقتىن ئىبارەت بۇ ئىبلىسنىڭ قولى بولۇۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قاراپ، شەھەرگە بارغۇچە تەگسىز خىياللارغا پېتىپتىمەن.  
بىزدە «ھاراق ئىچكۈچە، ئېشەكنىڭ سۈيدۈكىنى ئىچسەڭچۇ» دەيدىغان بىر گەپلىرىمىز بارغۇ... شۇنىڭ بىلەن كاللامدا ، ئېشەك بىلەن ھاراقكەشنىڭ قانداق پەرقى باردۇ؟ دەيدىغان غەلىتە سۇئال پەيدا بۇلۇپ بۇ تېمىنى يېزىشقا ۋە بۇ ھەقتە ئازراق ئىزدىنىشكە تۇتۇش قىلدىم.  

1-پەرىق: ھاراقنىڭ زېيىنىنى تونۇش جەھەتتە:  
جۇڭگودا ھەريىلى 114100 ئادەم ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ، ئومۇمىي ئۆلۈش نىسپىتىنىڭ %1.3 نى تەشكىل قىلىدۇ؛ ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ مېيىپ بولىدىغانلار 2737000 نەپەر بولۇپ، ئومۇمىي مىيىپ بولۇش نىسبىتىنىڭ %3 نى تەشكىل قىلىدۇ. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا بويىچە ھەريىلى يۈز بېرىدىغان قاتناش ھادىسىلىرى، خىزمەت ھادىسىلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىدىن كۆپرەكى ھاراق ئىچىشتىن كېلىپ چىقىدىكەن.
دېمەك: ھاراقتىن ھەر يىلى 114100 ئادەم ئۆلىدىكەن، بۇ ئەقلى بار، تەپەككۈرى بار، پەرىشتىلەر سەجدە قىلغان ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلاتلىرىدىن جۇڭگودەك بىر زېمىندا ئەنە شۇ نىجىس ھاراق سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلارنىڭ سانى ، بىراق دۆلىتىمىزدە يىلدا قانچىلىك ئېشەك ئۆلىدىغاندۇ؟  قانچىلىك ئېشەك مېيىپ بولىدىغاندۇ؟ قانچىلىك ئېشەك يولدا تۈز ماڭماي قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلىدىغاندۇ؟  
مېنىڭچە، ئېشەكلەردىن بىئەجەل ئۆلىدىغانلار، ئۆزىنى مېيىپلىققا مەھكۇم قىلىدىغانلار ، ھاراقكەشلەردەك جىق بولمىسا كېرەك....

2-پەرىق: سالامەتلىكنى ئاسراش جەھەتتە
ھاراقنى كۆپ ئىچسە، جىگەرنى زەخمىلەندۈرىدۇ. جېگەر ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ مۇھىم زەھەر تازىلايدىغان ئەزا، شۇنداقلا ئۆت سۇيۇقلىقى ھاسىل قىلىدىغان، شېكەرنى ساقلايدىغان مۇھىم ئەزا، ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە جىگەرنى ماي قاپلاپ، ھەزىم قىلىش، شۈمۈرۈش ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئىمونىت ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، چوڭ مېڭىنى زەخمىلەندۈرۈپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، ئەقلى قابىلىيىتى ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دائىم ھاراق ئىچكەندە قان تومۇر تارىيىپ، نەپەسلىنىش تەسلىشىدۇ. ئۇزاق مۇددەت ھاراق ئىچىش يۈرەك مۇسكۇلىنى ماي بىلەن قاپلاپ، يۈرەك ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى قان بېسىمى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ ھاراق ئىچىش ھەتتا كۆپىيىش ئەزالىرىغا تەسىر يەتكۈزۈدۇ. ھاراقكەشنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىدا ئەقلى قابىلىيىتى ئاجىز پەرزەنت ۋە غەيرى تۆرەلمە بولۇش تىراگىيەدىيەسى يۈز بېرىدۇ.  
دېمەك: ھاراقكەشلىك - ئۇدۇل دوختۇر كارۋىتىغا، دوختۇر پىچىقىغا، ئامال بولمىغاندا، ئەل جامائەت ئىچىدىكى سەتچىلىك بىلەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىش بىلەن ئاقىۋىتى خۇلاسە قىلىندىغان سەلبى قىلمىش. ئەڭ ئەقىللىق ئىنسانلار مۇشۇ بايانلارنى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىپ يەكۈنلەپ چىقىپ تۇرۇپ، ئۆزلىرى ھاراقتىن ئۆزىنى تارتماي، كېسەل كارۋىتىغا چىقىۋالىدۇ...  
بىراق ئېشەكتىن قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى، ئەقلى ئاجىزلىق ۋە ياكى باشقا كېسەللىكلەر بىلەن چارۋا دوختۇرخانىسىغا بېرىۋالغانلىرىدىن قانچىلىك بار دەيسىز؟  

3-پەرىق: ئەۋلادلارغا بولغان مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىكى پەرىق  
يېقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە شەھىرىمىزدە KTV لار كۆپلەپ قۇرۇلۇپ، نادان ياش يىگىت قىزلىرىمىز ئەنە شۇ ئايرىم خانىلاردا كىنولاردىكى قارا جەمئىيەت كاتىۋاشلىرىنىڭ ھوزۇرلىرىنى سۈرەلەيدىغان بولدى... ئەلۋەتتە جەمئىيەتتە ياشىغان ئىكەنمىز، يورۇق ۋە قاراڭغۇ تەرەپلەرنى كۈرۈپ، جاھاننى دەڭسەشمۇ مۇھىم ئىش ئىكەن. شۇ قاتاردا بىزلەرمۇ بىر قانچە قېتىم خىزمەتداشلار بىلەن بۇ «يېڭىلىق»تىن ھوزۇرلىنىشقا باردۇق، ئەپسۇس... مىڭ ئەپسۇس... بۇ ئايرىمخانىلارغا كىرىۋاتقان بالىلارنىڭ بوي تۇرقى ۋە يېشى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپىنى تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز تېنىڭىز شۈركۈنىدۇ....
بۇ يەرگە ئەڭ ئاخىرى تولۇقسىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئەڭ يۇقىرى ئالى مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىۋاتقان ئايدەك، كۈندەك ئۇكا سىڭىللىرىمىز زىيادە مەپتۇن بۇلۇشقان....
ئەنە شۇ سورۇنلاردا قىزلارنىڭ ھاراق، تاماكىنى ئوغۇللار بىلەن تەڭ ئىستىمال قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس ئەمەس....
ھاراق ئىچكەندىن كېيىنكى، تاماكا چەككەندىن كېيىنكى، ئايرىمخانىلاردىكى ئۇيۇن تاماشىدىن كېيىنكى كىچىك سىڭىللىرىمىزنىڭ ئەڭ ئاددىسى ئەخلاقى پەزىلىتىگە، ئۇنىڭ نېرىسىگە ئىپپىتىگە نېمە دەيمىز ئەمدى.....
كەلگۈسىدە ئاتا بولىدىغان، كەلگۈسىدە ئانا بولىدىغان ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەخلاق، ئىمان ئېتىقاد، بىلىم، ھۈنەر كەسىپ ئۆگىنىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بىر تۈركۈم ، بىر باسقۇچ ئۇكا سىڭىللىرىمىز ئەنە شۇنداق يوللاردا ، ئايرىمخانىلاردا، ئايرىم ئورۇنلاردا....  
ئۇلار كەلگۈسىدە بىزلەر ئۈچۈن قانداقراق ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ چىقار.....
ئۇنىڭدىن باشقا تېخى باشلانغۇچنىڭ تۆۋەن يىللىقىدا ئوقۇيدىغان ئوماق ئوغلى ياكى قىزىنى ھاراق، تاماكىغا بۇيرۇيدىغان، ئۇلارنى ھاراق، تاماكا سورۇنىغا داخىل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىپپەتسىزلىك، بەدقىلىقلىرىدىن ئۇلارغا ئۈلگە بولىدىغان ئاتا-ئانىلارنى بۇ يەردە ساناش بىھۇدە....
ئەمدى دەپ بېقىڭلارچۇ... بىز ئەۋلادلار تەربىيەسىدە، بالىلار نازارىتىدە، ئۆسمۈرلەر ئەخلاقىدا ئەنە شۇنداق يول قۇيۇۋاتقان تۇرساق، ئاتا-ئانىلار شۇنداق «توغرا چۈشىنىدىغان» تۇرسا، كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساپلىقى قانچىلىك بولار.....
بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئېشەكنىڭ نەسلى - ئۇلارنىڭ نەسلىدىن ساپراق تۇغۇلارمىكىن دەيمەن....
4-پەرىق: دىنى قاراش جەھەتتە  
ھاراق ئىچىش ئاللاھنىڭ كىتابى ،پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن قەتئىي ھارامدۇر. ئاللاھ مۇنداق دېگەن:« ئى مۆمىنلەر! ھاراق ئىچىش،قىمار ئويناش، بۇتلار (يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)غا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار. شەيتان ھاراق، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك، ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەرنى نامازدىن ۋە اﷲ نى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ، سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن،قىماردىن) يانمامسىلەر؟ اﷲ غا ۋە پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، (ئۇلارغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ھەزەر قىلىڭلار، ئەگەر (ئىتائەت قىلشتىن) باش تارتساڭلار، بىلىڭلاركى، رەسۇلىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق تەبلىغ قىلىشتۇر» (مائىدە سۈرىسى 90- 92- ئايەت)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« ھەر قانداق مەس قىلغۇچى نەرسە ھاراقتۇر ۋە ھەرقانداق ھاراق ھارامدۇر» ( مۇسلىم رىۋايىتى)
ئەنە شۇنداق يامانلىقى ئاشكارە نەرسىنى ئېشەك چېغىدا ئۇسساپ كەتسىمۇ ئىچىپ سالماس بەلكىم!
5.پەرىق:يۇقۇملۇق  كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش جەھەتتە  
 خەلق تورىنىڭ 23-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 60 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەر، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە «ئەجنەبىي كېلىن- كۈيئوغۇل»لاردىن كېلىپ چىققان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئېشىپ، ئاللىقاچان دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەمنىڭ كۆپىيىشىنىڭ كۆپ خىللىشىشىنىڭ يۆنىلىشى بولۇپ قالغان. تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ كېسەلنى كونترول قىلىش مەركىزى جىنسىي كېسەل ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىش، كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان «2011-يىللىق جۇڭگودىكى ئەيدىز كېسىلى ئەھۋالىدىن مۆلچەر» دوكلاتىدىن ئىگىلىشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھايات بىمار 780 مىڭ نەپەر بولۇپ، شۇ يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز كېسىلى بىمارى 48 مىڭ نەپەر، ئەيدىز كېسىلى تۈپەيلىدىن قازا قىلغانلار 28 مىڭ نەپەر ئىكەن.
  دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 780مىڭ نەپەر ھايات بىمار ئىچىدە ئاياللار %28.6 بولۇپ، ئەيدىز بىمارى 154 مىڭ نەپەر، يۇقۇملانغان بارلىق ئادەملەر ئىچىدىكى نىسبىتى .58 ئىكەن. 2011-يىلى شۇ يىلى يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 48 مىڭگە يەتكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.

  تارقىلىش يوللىرىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 780 مىڭ نەپەر بىمار ئىچىدە يات جىنىسلار ئارا تارقالغانلارنىڭ نىسبىتى % 46.5، ئوخشاش جىنىسلار ئارا تارقالغانلار %17.4، زەھەرلىك چىكىملىكنى ئۇكۇل قىلىشتىن يۇققانلار %28.4، قان بېرىش، قان سېلىش ۋە باشقا قان ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇققانلار %6.6، ئانىدىن بالىغا يۇققانلار %1.1 ئىكەن.  
ئاپتونوم رايونىمىز ۋە يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر ۋىلايەت، ناھىيەلەردە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەيدىزنى داۋالاش- ياردەم بېرىش سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلدى، بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 4105 ئەيدىز ئاغرىقى داۋالاندى، 5000غا يېقىن يۇقۇملانغۇچى ۋە ئاغرىق پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنى داۋالاش ۋە غەمخورلۇق مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىندى؛ ئەيدىزنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلاپ، جەمئىي 478 مىڭدىن كۆپ تۇغۇتلۇق ئايال تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىلەندى، شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۇغۇتلۇق ئاياللارغا تۇغۇتنى ئۆزلۈكىدىن توختىتىش، دورا بىلەن توسۇش، مەسلىھەت بېرىش، تەكشۈرۈش، سۈنئىي ئېمىتىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەر قوللىنىلدى.
يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەرگە قارىتىلغان ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتى ۋە خىزمەت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلدى، 11 ۋىلايەت(ئوبلاست)، 29 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە دورا بىلەن داۋالاش مەھەللە ئامبۇلاتورىيەسىدىن 31ى بار بولۇپ، جەمئىي 10 مىڭ 444 كىشى داۋالاندى، ھازىر 2989 كىشى داۋاملىق داۋالانماقتا؛ توققۇز ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر، زەھەر چەككۈچىلەر نىسبەتەن مەركەزلەشكەن 22 ناھىيە، شەھەردە ئوكۇل ئەسۋابلىرىنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى، گاندون تارقىتىش پائالىيىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنى قاپلاپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەرگە جەمئىي 800 مىڭ گاندون تارقىتىلدى،
2011-يىلدىكى ئىستاستىكىغا ئاساسلانغاندا ئەيدىز كېسىلى 1981 -يىلى ئامېرىكىدا بايقالغان.1983-يىلى فىرانسىيە بۇ كېسەلگە "ئەيدىز ''دەپ نام قويغان. بۇ كېسەل 1985- يىلى جۇڭگودا،1995- يىلى شىنجاڭدا( قومۇلدا) بايقالغان.بۇ كېسەلنى قۇمۇلغا ئىچكىرىدىن بىر ئاققۇن ئېلىپ چىققان. ئەڭ يېڭى ئىستاتېسكىغا ئاساسلانغاندا شىنجاڭدا ھازىر 33974 نەپەر ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ،ئۇيغۇرلار 27058 نەپەر،خەنزۇلار 2337 نەپەر،خۇيزۇلار 1315 نەپەر،3264 نەپىرى باشقا مىللەتلەر ئىكەن .ئايال يۇقۇملانغۇچىلار 10593نەپەر بولۇپ%31.2نى ئىگەللىگەن. ئۆلگەنلەر4540 گە يەتكەن.

قاراڭە بۇ سانلىق مەلۇتلارغا،... 33000 مىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن 27000 مىڭى ئۇيغۇر دېگەن خەتنى ئوقۇيالىغانسىز......
ھاراق، چېكىملىك، ھارام زىنا بۇلار ئەڭ يېقىن قېرىنداشلاردۇر... ھاراقكەشتە ھايا بولمايدۇ... ھايا بولمىغان يەردە ، ئىپپەت قەدىر قىممىتىنى يوقىتىدۇ. ئىپپەت يوقالسا، ئەلۋەتتە ئەيدىزدەك خەلقئارالىق كېسەل پەيدا بولىدۇ دە....
بىراق، ھازىرغىچە ئېشەك ياكى باشقا ھايۋانلاردا مانا مۇشۇنداق غەيرى مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن ، ئەيدىزدەك كېسەل تارقالغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇققۇ دەيمەن.....
بۇنىڭدىن باشقا تېخى ئۇيغۇر جەمئىيتىمىزدىكى نىكاھتىن ئاجرىشىش ۋە ھاراقتىن كېلىپ چىققان باشقا پاجىئەلەرنى، ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن ئۆمرىنى تۈرمىلەردە ئۆتكۈزۋاتقان سانسىز كىشىلەر توپى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يازمىدىم.  
رابغۇزىنىڭ « قىسسەسۇل ئەنبىيا» ناملىق كىتاۋىدا، ياراتقۇچى ئادەمنى ياراتقاندىن كېيىن، پەرىشتە بىلەن ئادەمنىڭ بەسلىشىپ، پەرىشتىلەرنى يېڭىۋالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. سىز بىز ئەنە شۇ پەرىشتىلەرنى يېڭىۋالغان ئەقىللىق ئادەم ئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى تۇرۇپ، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان ئەجداد ۋە ئەۋلادقا پالاكەت ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ ھاراقنى يەنە ئىچەمدۇق؟  
يەنە ھاراق ئىچمەكچى بولسىڭىز، خوشە دېيىشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنى ئېشەك بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۈرۈڭ!
سىز بىزنىڭ ئىچىدىغان ئەمەس، ئۆگىنىدىغان، تەرەققى قىلىدىغان، يۈكسىلىدىغان، بىر- بىرىمىزگە ھەمدەم بولىدىغان ئەڭ ياخشى ئالتۇن پەسلىمىز ھازىر....


مەنبە: مەشئەل مۇنبىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93204
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 09:51:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق ئىچمەيدىغان ئادەم-ئىشەك-ھاراق ئىچىدىغان ئادەم ،مۇشۇنداق تىزامدۇق...
ئاپتورمۇ ئىشەكلەر قاتارىدىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91949
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2013-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 10:03:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ناچار قىلىقلار  كەيىپ - ساپادىن چىقىۋاتىدۇ  ،   قاچانمۇ تۇگەر  مۇشۇ  يامان ئادەتلىرىمىز  ؟

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 783
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8022
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1860 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 10:06:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈكۈت !

چىشىمغا تەگمە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93538
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2013-3-18
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 10:17:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنى دەيمەن ...ھاراق تاماكىدىن زادى نىمە پايدا چىقار .تاپقان  پۇلىنى شۇ ھارام نەرسىگە خەجلىگىچە مائارىپقا ،يىتىم-يىسىرلارغا ،خۇتۇن بالىلىرىغا ،ئاتا-ئانىسغا خەجلەپ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالسا بولمامدۇ؟  ئۇلۇغ ئاللا بەندىلىرىنىڭ كۆڭلىگە ئنساپ بېرىپ شۇ نىجىس نەرسىدىن يىراق قىلغاي ....شۇكرى ئاللا

ئاللا ھەممە بەندىسىنى ھىدايەت يولىغا باشلىغاي.شۈكرى ئاللا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 477
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 10:54:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 403
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 10:58:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەچىتلەرنى باقىدىغانلار بار ، بۇزۇقچىلىقخانىلارنى باقىدىغان ئادەم يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92221
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 403
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:02:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
33000مىڭ ، 27000مىڭ دا خاتالىق بار . يەنە ھارام زىنا نىڭ ئوتتۇرىسىدا پەش بارمۇ -يوق ؟ بولمىسا زىنانىڭ ئۈزى ھارام دىگەنلىك بۇلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93893
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 83
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-3-26
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:09:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93893
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 83
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2013-3-26
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:11:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
erkinlik يوللىغان ۋاقتى  2013-4-10 11:02 PM
33000مىڭ ، 27000مىڭ دا خاتالىق بار . يەنە ھارام زىنا نىڭ ئوتت ...

زىنانىڭ ئۈزى ھارام ئەمەسمۇ سىزچە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش