مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3478|ئىنكاس: 27

( دولان ) دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90831
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1848
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2013-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 06:56:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


دوغاپچىلىق مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر


مۇھەممەت تۇرسۇن ھەسەن


     دوغاپچىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتىدىكى خاسئىچىملىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى. ئۇ كىشىلەر يازنىڭ تومۇز ئىسسىقكۈنلىرىدە ئىچىپ ھۇزۇرلىنىدىغان، شۇنىداقلا ئىسسىقنى (قوقاقنى) ئالىدىغان، مىجەزنىتەڭشەيدىغان خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە ئىچىملىك. ئۇنىڭ خۇرۇچى مۇز، قېتىق، قايماق، سۇ،ئۈزۈم شىرنىسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

     ئاپتونومرايونىمىزدا قىش بىلەن يازنىڭ پەرقى ئېنىق. ئەجدادلىرىمىز مانا مۇشۇنداق پەرقلەرگەئاساسەن قىشتا كەڭلىكى 5-6 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 7-8 مېتىر كېلىدىغان ئورەك كولاپ،ئاستى ۋە ئەتراپىنى قومۇش، شاخ-شۇمبا بىلەن توسۇپ، مۇزخانا (ئىپتىدائىي توڭئىسكىلاتى) ياساپ، ئۇنىڭغا قىشتا دەريا-كۆللەردىكى توڭلىغان مۇزلارنى قاچىلاپساقلاپ، ئۇنىڭدىن يازدا پايدىلىنىشنى بىلگەن. بۇنداق مۇزخانىدىكى مۇزنى يازدىمۇخاتىرجەم ساقلىغىلى بولىدۇ. شۇڭا، خەلقىمىز يازدا بولۇپمۇ ئورما، خامانمەزگىللىرىدىكى ئىسسىقلاردا مۇزخانىلاردىكى مۇزغا قېتىق، سۈزمە (بەزىدە شىرنەقوشۇپ) ئارىلاشتۇرۇپ دوغاپ ئىچىپ ھۇزۇرلانغان. بۇنداق دوغاپ تەبىئىي مۇزنى ئاساسقىلغاچقا ئادەم بەدىنىگە زىيان قىلمايدۇ. دوغاپ ئادەتتە بىرنەچچە خىل بولىدۇ. بىرخىلى مۇز، قېتىق، سۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلىنىدۇ. بۇنداق دوغاپ ساپ دوغاپ ياكىئاق دوغاپ دېيىلىدۇ، يەنە بىر تۈرى مۇز، قېتىق، سۇ، ئۈزۈم شىرنىسى بىلەنتەييارلىنىدۇ. خاس قايماق بىلەن جىگدە شەربىتى بىلەن قارا شېكەر ياكى ناۋات سۈيىبىلەن تەييارلىنىدىغان تۈرلىرىمۇ بار. يازدا ئائىلىگە مېھمان چاقىرغاندامېھمانلارغا ئاتاپ دوغاپ تەييارلىنىدۇ.

     ئىلگىرىمەھەللىلەرنى بىرلىك قىلىپ بىر ياكى ئىككى ئورۇندا مۇزخانا ھازىرلىناتتى، بۇمېھنەتكە مەھەللىدىكى ئەرلەر تەڭ قاتنىشىپ، يازدا ئۇنىڭدىن ھەممە تەڭ بەھرىمەنبولاتتى. كېيىنچە دوغاپچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار يۇرت-يۇرتلاردابارلىققا كەلدى، بۇنىڭ بىلەن دوغاپچىلىق بازارغا يۈزلەندى، بۈگۈنكى كۈندە بۇكەسىپنىڭ بازارلىشىشى تېخىمۇ تېز ۋە چاپ-چاپ بولماقتا. دوغاپ گەرچە تەييارلىنىشىئاددىي، مۇرەككەپ تېخنىكا تەلەپ قىلمايدىغان ھۈنەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغاخەلقىمىزنىڭ ئائىلە مەدەنىيىتى، مېھماندارچىلىق ئېڭى، ئىچىملىك مەدەنىيىتى،كىشىلىك مۇناسىۋەت قاراشلىرى، سودا-سېتىق پىسخىكىسى، سۈتچىلىك مەدەنىيىتى قاتارلىقمەدەنىيەت ئەندىزىسى مۇجەسسەملەشكەن. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان دوغاپنىڭمۇزلىرى سۈنئىي توڭلىتىلغان بولغاچقا، ئۇنىڭ پاكىزلىق دەرىجىسىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى.مۇزخانىلارغا قاچىلانغان تەبىئىي مۇزلار ھازىر ئىشلىتىلمەيدۇ. خېرىدارلارنىڭپاكىزلىققا بولغان تەلىپىمۇ بارغانسېرى ئاشماقتا. دوغاپنىڭ خۇرۇچلىرىغا ھېچقانداقسۈنئىي خۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىغان ساپ، پاكىز، تەبىئىي ئىچىملىك بولغاچقا، يازكۈنىدە ئۇسسىغان ھەر قانداق ئادەم بىمالال ئىستېمال قىلىۋېرىدۇ. ئۇ خەلقىمىزنىڭيېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم تېما.

مەنبە

http://www.alimbiz.net/?p=6142


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-10 06:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90659
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 10:54:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەقىقەت  چۇمۇلىنىڭ   قۇلدا بولسا  پىلمۇ سالامغا كىلدۇ؟

ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7574
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 746 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 11:25:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئامراق مەن

مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22601
يازما سانى: 347
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7198
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 12:41:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئەسنادا  قاتتىق دوغاپ ئىچكىم كىلۋاتىدۇ

سۆزلىرىم ئاشكارە
سىرلىرىم پىنھان
قەلبىمنى چۇشەنمەس
ھىچقانداق ئىنسان
zar`zar بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 12:42:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77410
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1271 سائەت
تىزىم: 2012-3-14
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 01:19:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا ھا مەن مانا كەسپى دوغچى قەشقەلىك .....
5 يىل قىپتىمەن بۇ كەسىپنى ، مۇشۇ بەدىنىمگە زىيان قىلمىغان بوسا ................
توڭلىتىشتا مۇزلاتقان مۇزنىڭ دوغى بەك لاۋزا ، تەمى يوق . كۆلنىڭ مۇزىغا يەتمەيدۇ .. بوممىسا ئېچىپ سىناپ بىقىڭلا .. ئەلۋەتتە ھېيتگاھ ئالدىدىن ...
ما قەشقەدە . قىتىق بىلەنلا ئەتسە ، ياكى شېكەر قىيامى ، ھەسەل قىيامىدىلا ئەتسە ئوڭ دوغ ،
ئىككىلىسى ئارلاشتۇرۇپ ئەتسە ساراڭ دوغ دەيدا ...
باشقا يۇرتتىكى ۋەتەنداشلىرىمغا . ساراڭ دوغ ئېچەملا ئوڭ دوغمۇ دىسەم 80 % ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدا ،
نەچچە قىتىم مۇشۇ توغۇرلۇق خاپلىق چىققان ..
ھە راس قەشقەگە كەسەڭلا مەن بىلەن ئالاقىلشىڭلا . ئۆزەم بىر قولۇق ئېتىپ بىرىمەن دوغنى ئاسمانغا ئېتىپ سورۇپ .. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۈركيار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-11 01:20 AM  


ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت ،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھاببەت .
لېكىن كىېچىمەن ھەر ئېككىسىدىنلا ،
ئازاتلىق ، ئەركىنلىك ، ئۈچۈنلا پەقەت .
............................................... پىتوفى ساندورو
جەفئەر بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 01:37:03 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69743
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3190
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2014-8-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 04:31:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچكىردە دوغچىلىق قىلسا ئابدان پۇل تاپقىلى بولدۇ  

مەنمۇ ئوتكەن يىل قىلغان بىر ياز دوغاپچىلىق قىلدىم   يىۋۇ دا  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89279
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 09:58:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەفئەر يوللىغان ۋاقتى  2013-4-11 01:37 AM
سارڭ دوغنى بەك ياقتۇرۇپ ئىچىمەن  ئىچكىرى ئۆلكىلەردە دو ...

مەن ئچكىردە ئوقۇيمەن ،مىنىڭ مۇشۇ تەرەپتە دوغچىلىق دۇكىنى ئىچىش پىلانىم بار ئىدى ،مەسلىھەت بەرسىڭىز ،مۇزنى قانداق ھەل قىلسام  بولار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 11:21:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇزنىڭ توڭلىتىلغان سۆيى پاكىزمۇ ، ياكى يۈندا  ئاقىدىغان دەريادىن باشلاپ كىلىپ توڭلىتىلغان مۇزمۇ ئۇ ؟  دىققەت قىلىپراق ئىچەرسىلە تورداشلا ، ساراڭ بوپمۇ قالمايلى ، مىنىڭ ئاغىنەممۇ دوغچىلىق قىلىدۇ ، مەن جىق ئىشلىرنى كۆرگەن ، پاكىز سۇ بىلەن توڭلۇتۇپ ئېتىلگەن دوغنى ئىچەيلى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش