|
|
|
|
« داپ»ناملىق ھەجۋىي تىلۋىزىيە فىلىمى توغرىسىدا
(بۇ فىلىمنى شىنجاڭ درامما ئۆمىگى 1999-يىلى ئىشلىگەن.) سىنارىست-ئۆمەر قادىر،تۇيغۇن ئەخمىدى. رىژىسۇر-تۇيغۇن ئەخمىدى. ئاساسلىق روللاردا: تۇيغۇن ئەخمىدى، گۈزەلنۇر قۇپىدىن، ئابدۇكىرىم ئابلىز، ئارزىگۈل مۆمۈن قاتارلىقلار قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ھەجۋىي تىلۋىزىيە تىياتىرىدا ئاقكۆڭۈل ئوسماننىڭ داپ سودىسىغا قىزىقىپ،چوڭ قويمىچى-لىتىپ تەرىپىدىن ئالدىنىپ قالغانلىقى، لىتىپنىڭ يۇرۇتمۇ يۇرۇت كىزىپ يۈرۈپ يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنى قاقتى-سوقتى قىلغانلىقى، لىتىپنىڭ كاساپىتىدىن قەرزگە بوغۇلغان ئوسماننىڭ ئاخىرى لىتىپنى ئىزدەپ ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكى، ئاخىرى ئۈمۈتسىز ئەھۋالدا لىتىپنى ئۇچۇرتۇپ يەنە بىر مۇنچە دىشۋاچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىدەك،قىزىقارلىق ۋەقەلەر سۈرەتلەنگەن. بۇ فىلىمنىڭ ۋەقەلىگى يۇمۇرلۇق، كۆرنۈشلەر ھەجۋىي تۈسكە باي بولۇپ،ھەرقانداق ئادەمنى ئىختىيارسىز كۈلدۈرىدۇ ھەم ئويلاندۇرىدۇ. فىلىنى تاماشىبىنلارنىڭ بىر قىتىم كۆرۈشىگە ئەرزىيدۇ.
|
|
|
|
|
|