ھازىرقى جەمىيەتتە بۇلۇپمۇ جۇڭگۇدا،
پارخورلۇق ئىللىتى ئەۋجى ئالماقتا.
چۈنكى بايلارنىڭ ئوغول قىزلىرى،
بىلىمسىز تۇرۇپ كادىر بولماقتا.
– خاتىرەمدىن
يۇقارقى رۇبائى مەن تۇلۇقسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان ۋاقتىمدا بىر مەكتەپدېشىمنىڭ يازغان مىسىرالىرى ئىدى. ئۆز ۋاختىدا مەن مەكتەپ ئەدەبىيات كۇرللىكتىپنىڭ باشلىقى بولغانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپ رادىئو ئۇزۇلىغا كۈندە ئەسەر تاللايتىم. بۇ ئەسەر قۇلۇمغا كەلگەندە بولسا يوللاشقا پېتىنىلامىغان ئىدىم.
بۈگۈن كونا ماتىرياللارنى رەتلىگەچ شۇ ۋاقىتلاردىكى ئەسەرلار توپلىمى (ئۈزۈم كۈچۈرۈپ يېزىپ قويغان) قۇلۇمغا چىقىپ قالدى. دۇكۇنۇمغا كىرىپ بىر باشتىن كۈرۈپ چىقتىم. نىمىسىنى دەي بالىلىقتا قاپىئەسى كەلسىلا شىېر، مەزمۇن بولسىلا ھىكايە، بىر نەرسە سۆزلەنسە ماقالە دەپ ئۈتۈپ كىتىپتۇق. ئۈزۈمچە شۇ راقىتقا قايتىپ ئۈزۈمنى ئۈزۈم مازاق قىلىپ خاتىرنى داۋاملىق كۆردۈم. تۇساتتىن بۇ مىسىرالار ماڭا ئۇچىراپ قالدى. نىمە مەقسەتتە ئۇردۇمكىن تاڭ مىسىرا ئاستىدا خاتا بەلگىسى تۇرىدۇ.
تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم شۇ ۋاقىتلاردا ھازىرقىدەك كاللام بولغان بولسا ئىدى چۇقۇم ……
مانا ئارىدىن ئون نەچچە يىل ئۈتۈپتۇ. پارخورلۇققا ئائىت ئىشلارنى قەدەمدە بىر ئاڭلاپ تۇرىمىز، نەچچە كۈندە بىر ئۇچۇرۇتۇپ تۇرىمىز، ئايدا ياكى يىلدا بىر قېتىم ئۈزىمىز بىلىپ بىلمەي پار بىرىمىز ياكى پار ئېلىپ سالىمىز…
شۇنداقتىمۇ پارخورلۇقنىڭ قايسى دەرجىدە بوپ كەتكىنىنى ئورتاقلىشىپ قويساق ياخشى. بىر يىلى ئاپام ۋە چوڭ ئاپام مىنىڭ خىزمەت ئورنۇمغا (ئۇ ۋاقىتتا مۇقۇم خىزمەت كۈتۈپ خۇتەننىڭ مەلۇم ئورنىدا ئىشلەگلىك ئىدىم) بېرىپتۇ. بىر نەچچە كۈنلۈك دەم ئېلىشىمنى يىغىپ دەم ئېلىپ خۇتەننىڭ ھەممە يەرلىرنى دىگۈدەك ئايلاندۇردۇم. بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇلار قايتماق بولدى. چوڭ ئاپام ياشقا چوڭ، تەن سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاپتۇبۇستا قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ بىر خىزمەت دېشىمنىڭ ماشىنىسىدا ئاپىرىپ قويماق بوپ يولغا چىقتۇق.
ئۇ چاغلاردا ئارلىقتىكى يوللاردا تەبىئى گاز بولمىغانلىقى ئۈچۈن يولنىڭ يېرىمىدىن چوڭ قىسمىنى ماي بىلەن ماڭدۇق. ماشىنا دىگەننىڭ گېلىمۇ چوڭ بۇلىدىكەن.
قەشقەرگە كەلگەندىن كىيىن تەبىئى گاز قاچىلاش ئورنىدا تۇرساق ‹سىرىتنىڭ ماشىنىللىرىغا گاز قاچىلىمايمىز› دەپ ئۈچىرەتتىن چىقىرىۋەتتى. ئامالسى ئاتۇشتا قاچىلىدۇق. ئەتىسى بىر كۈن دەم ئېلىپ ئۈزىمىزنىڭمۇ ماشىنىنىڭمۇ قۇسقىنى توقلىغاندىن كىيىن يەنە يولغا چىقتۇق. قەشقەر شەھەرىدىن چىقىپ يېڭىشەھەر رايۇنىغا كىرىش ئارلىقىدا مەلۇم بىر گاز قاچىلاش پونكىتى بار بۇلۇپ قارىساق ئۈچۈرەتمۇ ئاز ھەم سىرىتنىڭ ماشىنىللىرى تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن ماي قاچىلاش پونكىتىغا كىردۇق. لىكىن گاز قاچىلاش خادىمى ئوخشاشلا ‹سىرىتنىڭ ماشىنىللىرىغا گاز قاچىلىمايمىز› دىدى. بىز ئازىراق يال ئۇرۇپ باقىلى ئۇناپ قالسا دەپ ‹بىز خۇتەندىن زۈرۈر بىر ئىش بىلەن كەلگەن، گاز قاچىلىمىساق ماشىنىغا ماي قۇيۇپ كىتىلى دىسەك يېنىمىزدا پۇل ئاز يولدا قالىمىز. شۇڭا خاپا بولماي ياردەم قىلغان بولساڭ›. ئۇ خادىم بىر كىشىنى كۆرسىتىپ ‹ ئاشۇنىڭغا دەپ باق، شۇ قۇشۇلسا مەن قاچىلاۋېرىمەن› دىدى. بۇ قېتىم گەپنى ئازىراق ئۆزگەرتتۇق. ‹ياخشىمۇ سىز. بىز خۇتەندىن بىر بىمارنى ئېلىپ كەلگەن. جىتتى بولغاچقا يېنىمىزغا كۆپ پۇل سالمىغان ئىكەنمىز. ماي بىلەن خۇتەنگە بېرىپ بولغۇچە يولدا قالىمىز. شۇڭا ماشىنىمىزغا گاز قاچىلاپ بەرگەن بولساڭلار› بۇ خەنچۇ سىمىز بولغىنى بىلەن بەك چاققاندەك قىلاتتى. ئۇ گىپىمىزنى ئاڭلاپلا ‹ بۇلىدۇ، بۇلىدۇ› دىگەنچە بايقى خادىمغا گاز قاچىلاپ بىرىشنى بۇيرىدى. ماشىنىغا گاز قاچىلىغۇچە قاراپ تۇرسام ئاتۇش نۇمۇر تاختىسى ئاسقان بىر تاكسى ماشىنا كىرىپ گاز قاچىلاش ئورنىدا توختىدى. گاز قاچىلاش خادىمى ئۇنىڭغىمۇ بىزگە دىگەندەك دىدىيۇ لىكىن تاكسى شوپىرى 10 يۈئەننى يانچىقىغا سېلىپ قۇيىشىغا قىزغىن مۇئامىلە، ئەلا مۇلازىمەت، بىلەن گاز قاچىلىغىلى تۇردى. بىز ‹توۋا، غامان نىما بوپ كەتتى؟ گاز قاچىلاش ئورنىدىمۇ پارخورلۇق… دىگىنىمىزچە ياقىمىزنى چىشلەپ يولغا چىقتۇق›.
ئۇنىڭدىن سىرىت زورلاپ پائار بىرىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ. بۇرۇن ئىشلىگەن ئورنۇمدىكى بىر خىزمەتدېشىم مىنى چاقىرىپ ‹بىر بىمار خالىتىمنىڭ يانچۇقىغا 300 يۇئەن سېلىپ قۇيۇپتۇ. قانداق بىر تەرەپ قىلساق بۇلا؟› دەپ سۇرىدى. ئەسلى ئىش مۇنداق بولغان ئىكەن. ئۇ بىمارلار سىرىتتىن كەلگەن بۇلۇپ بىر نەچچە قېتىم مەسئول دوختۇرنى مىھمان قىلىشقا چاقىرغان بولسىمۇ لىكىن ماقۇلغا كەلتۈرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرنىڭ ئىشتىن چۈشۈشنى پەمىلەپ تۇرۇپ دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرىپ‹xx دوختدوختۇر خالىتىمنى ئېلىپ بەرسۇن دەيدۇ› دەپ نۆۋەتچى دوختۇردىن ئاغىنەمنىڭ خالىتىنى ئالغاندىن كىيىن300 يۇئەن پۇلنى سېلىپ خالاتنى ئەچىرىپ قويغان ئىكەن.
بۇنى ئاڭلار ھەم كۈلۈپتىمەن ھەم ئېچىنىپ خىيال سۈرۈپتىمەن. كۈلگۈنۈم ئۇكىشىنىڭ ئەقلىگە قايىل بولدۇم. ئېچىنغىنىم بىمارلارنى داۋالاش دوختۇرنىڭ مەسئۇلىيتى تۇرسا بۇنداق ئاقا ئىشىك بىلەن ئۇلارنى تەمەرخوقىلىپ قويماسمۇ دىگەننى ئويلۇدۇم.
ئەمدى يول قاتنىشىغا كەلسەك بۇ ئىش تېخىمۇ ئېغىر. رەسمىيتى يوق، ياكى تۇلۇق بولمىغان ماشىنىلار توسقان يەردىلا توسقۇچىغا ئازىراق پۇل بىرىپ ئۈتۈپ كىتىدىغان ئىشلار بەك كۆپ. ئىشەنمەمسىز. بۇ يەردە ئۈزۈمنىڭ بېشىدىن ئۆتكەننى سۆزلەپ بىرەي. بىر ھەپتە بۇرۇن مەلۇم سەۋەپتىن خۇتەنگە باردۇق. بېرىشىمىز تىج ئامان، سالامەتچىلىك بولدى. يانغان ۋاختىمىزدا بولسا قاغىلىق ناھىسىگە ئاز قالغاندىكى تەكشۈرۈش پونكىتىدا ماشىنىنىڭ رەسمىيتىنى كۈرۈپ ‹سۇغۇرتا ۋاختى ئۈتۈپ كىتىپتۇ.كىرىپ سۇغۇرتا ئېلىپ چىققاندىن كىيىن سۇغۇرتا سوممىسىنىڭ 2 ھەسسىسى بۇيىچە جەرىمانە تۈلەپ ئاندىن ماڭساڭلا بۇلىدۇ› دىدى. ئەمىلىيەتتە ماشىنىنى ئالغاندا ساتقۇچى بىزگە سۇغۇرتا ۋە يىللىق تەكشۈرۈشنىڭ 2013.05.01 كۈنى تۇشىدۇ دىگەن ۋە توختامدىمۇ شۇنداق يېزىلغان ئىدى. قانداق قىلىش كىرەك؟ قاراپ تۇرۇپ سۇغۇرتىغا تۈلىگەندىن 2 ھەسسە ئارتۇق يەنى 2000 يۇئەن ئەتىراپىدا جەرىمانە تۈلەيدىغان گەپمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەپەردە ئارتۇق پۇل يۈك دەپ ئۇنچە كۆپ پۇل سېلىۋالمىغان ئىكەنمىز. بۇ يەردە يا بانكا بولمىسا… شۇ خىياللاردا تۇرسام ھېلقى قاتناش ساخچىسى ‹ قانداق قىلىدىغان بولدۇڭلار؟ جەرىمانە تۈلەمسىلەر ياكى..› دىمەك بۇ ئۆز يانچۇقىنىڭ كۇيىدا قاپتۇ.
كۈن تۇماي كەچ بوپ كىتىۋاتىدۇ. بالدۇرراق ماڭمىساق مەنزىلىگە ئوتتۇرا كىچىدە چۈشۈپ قالىدىغان گەپ ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن گەپ باشلىدىم ‹ سۇغۇرتا ۋاختىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلگەن بولسام چۇقۇم سۇغۇرتا ئېلىۋالغان بۇلار ئىدىم. راستىنلا بىلمەپتىمەن. جەرىمانە تۈلەيلى دىسەك يول بولغاندىن كىيىن دەپ كۆپ پۇل سالماپتىكەنمىز. بولسا بىر كۆمەسكە سالغان بولسىڭىز› بۇ گەپلەدىن ئۇنىڭ باياقى تۇتۇق چىرايى سەل ئېچىلدى ۋە ‹ ماشىنىغا بېرىپ ئولتاغاچ تۇرۇڭلا مەن ھازىر بارىمەن› دىدى. ماشىنىدا ئولتۇرىمەن. كاللامدا نەچچە خىل خىيال. ئارىدىن 10 مىنۇتتەك ۋاقىت كۆتكەندىن كىيىن قاتناش ساقچىسى كەلدى. يەنە شۇ ‹قانداق قىلىدىغان بولدۇڭلار› دىگەن سۇئالنى سۇرىغاندىن كىيىن بىز بايىقىدەك ئەھۋال ئېيتتۇق. ‹بۇ بىرە يۈزكوي بىلەن پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. ياخشى ئويلىنىڭلا. بۇنى ھەل قىلىمىز دىسەك ئالارغىمۇ تاماكا ئېلىپ بەرمىسەم بولمايدۇ› دەپ ئولتۇرغان 2 ۋاقىتلىق ساقچىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن بايا ئايرىپ قويغان 300 يۇئەن پۇلنى چىقىرىپ ‹مۇشۇنچىلىكلا قاپتىكەن. ئاتۇشقا بارغۇچە يەنە 70 كوي يول ھەققى تاپشۇرمىساق بولمايدۇ. يولدا قۇساق ئېچىپ قالسا تاماق يىمىسەك بولمايدۇ. شۇڭا 100 كوي بىزدە قالسۇن مانى سىز سېلىپ قۇيۇڭ› دەپ 200 نى بەرگەندىن كىيىن چاندۇرماي يانچىققا سالدى ۋە كىنىشكىنى بىرىپ سالام قىلغاچ يۇقۇرى ئاۋازد (باشقىلانى ئاڭلىسۇن دىگەندەك) ‹قاغىلىققا بېرىپلا سۇغۇرتا ئىلتىماس قىلىڭلار ھە› دەپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پار بىرىش، پار ئېلىش ئىشلىرى بەك كۆپ. ھازىت دۆلىتىمىز پارخورلۇقنى يۇقۇتۇشقا زور كۈچ بىلەن ئاتلاندى. چوڭ – چوڭ پارخورلار تۇتۇلۇپ جازالىنىۋاتىدۇ. چوڭلىرى تۈگىگەندە كىچىكلىرىگىمۇ نۆۋەت كىلىپ قالار بەلكى.
دۆلىتىمىزنىڭ پات يېقىندا بۇ پارخورلۇق ئىللەتلىرىنى تۈگۈتىشىگە ئىشىنىمەن! پارخورلۇق قاچان تۈگەيدۇ؟ دىگەن سۇئالغا بىرلا جاۋاپ پار بىرىدىغانلار تۈگىگەندە تۈگەيدۇ.
http://blog.alsihat.com/107.html | ئەلسىھەت تور خاتىرسى:(permalink) مۇقىم ئۇلانما