|
|
|
|
ئەدەپ – ئەخلاقتىن تەۋسىيىلەر
جامائەت سورۇنى ئەخلاقى
ھەركىتىدىن خەلىق بولماس رازى، ئۇ بۇلۇريۈزمىڭ بالاغا مۇپتىلا. ‹دانىشمەنلەرئەدەپ – ئەخلاق توغرىسىدا›دىن
سىزگە مەلۇمكى، ئادەم ئۆز ھاياتىدا تۇرمۇش،ئۆگىنىش، خىزمەت، سەيىلى – ساياھەت قاتارلىقلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن تۈرلۈك جامائەتسورۇنلىرىغا (ئاممىۋى سورۇن) ئىشتىراك ئىتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ سورۇندىكى ئەخلاقىكىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش – ئېرىشەلمەسلىكىگە بىۋاستە سەۋەپ بولىدۇ. مۇباداسىز ئۆز ئىش – ھەركىتىڭىز بىلەن ئىززەت – ئابرويغا ئىگە بولىمەن دېسىڭىز تۈۋەندىكىئاممىۋى سورۇن ئەخلاقىغا رىئايە قىلمىقىڭىز زۆرۈر: 1. جامائەت سورۇنلىرىدا ئۈزىڭىزدىن چوڭلارنىڭئالدىغا ئۈتۈپ ياكى تۆرگە چىقىپ ئولتۇرماڭ، چوڭلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەڭ. ئورنىڭىزنىتېپىپ ئولتۇرۇڭ. چوڭلار تۆرىگە تەكلىپ قىلسا چىرايلىق رەت قىلىڭ. چوڭلارنىڭئالدىدا پۇتىڭىزنى مىنگەشتۈرۈپ ياكى پۇتۇڭىزنى سۇنۇپ ئولتۇرماڭ، ئولتۇرغانئورنىڭىزنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتمەڭ. ئۆتۈنۈپ بېرىۋەتسىڭىز پەگاغا بېرىپقالىسىز-دە ھۆرمىتىڭىزنى تۆكىۋالىسىز.
2.يېنىڭىزدىكىلەر بىلەن بىلەن كۇسۇرلىشىپ، قۇلاقنى قۇلاققا يېقىپ پاراڭلاشماڭ.باشقىلار بىلمەيدىغان تىلدا سۆزلەشمەڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئەگەر ئۈچ كىشىبولساڭلار ئىككىڭلار بىرلىشىپ ئۈچۈنچى كىشىگە ئاڭلاتماي پىچچىرلاپ گەپلەشمەڭلار،چۈنكى، بۇ ئۇنى غەم – ئەندىشىگەسېلىپ قۇيىدۇ› دېگەن.
3. سورۇنغا كىچىكىپكەلگەن بولسىڭىز سورۇندىكىلەرگە ئەدەپ بىلەن ئوڭ قۇلۇڭىزنى كۆكسىڭىزگە قۇيۇپ:‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم› دەپ سالام بىرىپ كىرىڭ – دە ئازادىرەك بىر جاينى تېپىپئولتۇرۇڭ. سالام بەرمەي كىرىپ غىپپىدە ئولتۇرۋالماڭ. بۇنداق قىلسىڭىز ئەدەپسىزلىكبۇلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹سالام بېرىپ كىرمىگەن ئادەمنى ھۇزۇرۇڭلارداتۇتماڭلار› دېگەن. بۇ سالامنىڭ ئۇلۇغلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سورۇنغا كىرگەندەباشقىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قىسىلىپ ئولتۇرماڭ. بۇنداق قىلسىڭىز بىراقلا ئىككىئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچىرايسىز. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ئىككى كىشىنىڭئارىسىنى رۇخسەتسىز ئايرىۋىتىش توغرا ئەمەس› دېگەن.
4. ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكاچەكمەڭ، قالايمىقان تۈكۈرمەڭ، ئادەملەرگە قاراپ كېكىرمەڭ، بۇرنىڭىزنى قاشلىماڭ،چىشلىرىڭىزنى، بۇرنىڭىزنى كولىماڭ. چۈشكۈرۈك كەلسە، ئەسنەك تۇتسا قولىڭىز ياكى قولياغلىقىڭىز بىلەن ئېغىزىڭىزنى توسىۋېلىڭ. ئېتىكىڭىز ياكى چاپان، كۆينىكىڭىزنىڭيېڭى، پېشى بىلەن يۆزىڭىزنى، بۇرنىڭىزنى سۈرتمەڭ.
5.ئامىۋى سورۇندا يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن باشقىلارنى چاقىرماڭ. قاقاقلاپكۈلمەڭ. بىراۋنى زومىزو كۈلدۈرمەڭ، باشقىلارغا تىكىلىپ قاراۋەرمەڭ، ئۇنداققىلسىڭىز باشقىلارنى ئۇيالدۇرۇپ قۇيىسىز. ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئەلشىر ناۋائى‹ئەدەپسىزلىكنىڭ بىر بەلگىسى ئۇرۇنسىز كۈلكۈدۇر، قارا، كەكلىك ئۆز كۈلكىسىدەبېشىغا بالا كەلتۈرىدۇ، غۇنچە كۈلۈپ ئېچىلىپ ئارقىدىن تۇزىيدۇ› دېگەن.
6. ئاممىۋىسورۇنلاردا مىۋە – چىۋە، كەمپۇت، شاكىلات قاتارلىقلارنى يىمەڭ. سېغىز كەمپۇتچاينىماڭ. گازىر – پۇررچاق چاقماڭ، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ تازلىقىغا ئەھمىيەت بېرىڭ.كەمپۇت قەغىزى، پارچە – پۇرات قەغەز، مىۋە شۇپىكى قاتارلىقلارنى خالىغان يەرگەتاشلىماڭ. 7. يىغىن يىغىلىشلىرىدا بېشىڭىزنى ساڭگىلىتىپ مۈگۈدەپ ئولتۇرماڭ،يېنىڭىزدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشى ئولتۇرۇپ سۆزلىگۈچىنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەتسىزلىكقىلماڭ.ئىنتىزامنى ساقلاڭ،تۆت ئەتىراپىڭىزغا مەقسەتسىزلا قاراۋەرمەڭ، بۇ قىلمىشئەخلاقسىزلىقتۇر.
8. ئاممىۋى سورۇننىڭئەسلىھەلىرىنى ئاسىراڭ، باشقىلارنىڭ ئاسىرماۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز ‹نىمە كارىم،مىنىڭ ئەمەسقۇ› دىمەي ئۇلارنى تۇسۇڭ، ئاممىۋى سورۇندا باشقىلارنىڭ يۈرۈشىگە پۇتلاكاشاڭ بۇلىدىغان، زىيان – زەخمەت يەتكۈزىدىغان تاش، كېسەك، ئەينەپ كارچىسىقاتارلىق نەرسىلەر بولسا ئېلىۋىتىڭ.
9. كوچىلاردا، بازار –رەستىلەدە، سودا – سېتىق ئۇرۇنلىرىدا مەقسەتسىز توپلىشىۋېلىپ باشقىلارنىڭ بىمالاليۈرۈشىگە ۋە سودا تىجارىتىگە دەخلە يەتكۈزمەڭ. بۇنداق قىلسىڭىز باشقىلا ئاشكارەبىرنىمە دىيەلمىسىمۇ كۆڭلىدە نارازى بۇلىدۇ.
10. ئەگەر سىز تىياتتىر،كونسېرىت، كىنو قاتارلىق سورۇنلارغا بارسىڭىز، باشقىلارغا سۇقۇلۇپ كىتىشتىن،پۇتىغا دەسسىۋېلىشتىن، باشقىلارنى تۇسىۋېلىشتىن ساقلىنىڭ. ئەگەر شۇنداق ئىش يۈزبىرىپ قالسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەپۇ سۇراڭ.
11. ئەگەر سىز توي – تۆكۈنگەبارسىڭىز توي ئىگىسى بىلەن تەڭ خۇشاللىنىڭكى، بولمىغۇر ئىش – ھەركەتلەر بىلەن تويشادلىقىنى بۇزماڭ. تويدا باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ، كەلسە – كەلمەس باھابەرمەڭ. ئەگەر سىز ئۈلۈم – يىتىم، نەزىرە – چىراق سورۇنلىرىغا بېرىپ قالسىڭىزمەرھومنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىنىڭ دەرد – ئەلىمىگە ئورتاقلىشىپ ھازا ئېچىپئۈزىڭىزنىڭ قايغۇرغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. ھېسداشلىق قىلىڭ. ‹قازاغا رىزا، بالاغاسەۋرى قىلىش›نى ئىنساننىڭ ھامان بىر كۈن پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگەكىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەسەللى بىرىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹كىمكى بېشىغامۇسىبەت چۈشكەن ئادەمدىن ھال – ئەھۋال سوراپ تەسەللى بەرسە، شۇ مۇسىبەتلىك ئادەمگەبىرىلىدىغان ساۋاپ مىقدارىدىكى ساۋاپقا ئىگە بۇلىدۇ› دېگەن. تۇپىراق بېشىدا، نەزىرە – چىراق سورۇنىداباشقىلار بىلەن پارڭلىشىپ تۇرماڭ، چاقچاقلىشىپ كۈلمەڭ، ھازىدار بىلەن بىرلىكتەمەرھومغا ئاتاپ دۇئا قىلىڭ. ھەرگىزمۇ مەرھومنىڭ ھايات ۋاختىدىكى يىتەرسىزلىكىنىئېغىزغا ئالماڭ. بۇ جەھەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹ دۇنيادىن ئۈتۈپكەتكەنلەرنىڭ پەقەت ياخشى سۈپۈتىنى ياد ئېتىڭلار، يامان سۈپەتلىرىدىن تىلىڭلارنىيىغىڭلار› دېگەن. 12. ئاممىۋى سورۇنلاردا باشقىلارغا قۇلىڭىزدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىڭ، يەنىئېغىر يۈك – تاقىللىرىنى كۈتۈرشۈپ بىرىڭ، جىدەل – ماجىرا بولسا ئوتتۇرغا چۈشۈپچىرايلىقچە ئايرىپ قۇيۇڭ. يولدىن ئازغان يول سۇرىسا كۆرسىتىپ قۇيۇڭ ياكى ئىرىنمەيكۇچا بېشىغىچە باشلاپ بېرىڭ. كارىڭىز بولماي ئۈتۈپ كەتمەڭ. مەنبە:‹ئەدەپ – ئەخلاقتىن تەۋسىيىلەر› دىن
مەنبە: ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت مۇنبىرى
|
|
|
|
|
|