مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1822|ئىنكاس: 25

مۇھەببەتنىڭ جاۋابى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83274
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5224
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2012-7-31
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 07:43:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      مۇھەببەتنىڭ جاۋابى
     نىمە سەۋەپتىنكىن ئىنىق ئىسىمدە يوق ،نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا سىنىپىمىزدىكى بىر قىز بىلەن يۈرۈپ قالغانتىم .ئۆيىمىزنىڭ ئارىلىقى يىراق بولمىغاچقا ھەركۈنى دىگۈدەك بىللە بىرىپ كىلەتتۇق .ناۋادا بىرەر كۈنى سەل ۋاخچە قالغۇدەك بولسام ئۇ مەھەللە دوقمۇشىدا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرگەن قىياپەتتە مېنى ساقلايتتى .مەن كەلگەندە تاتلىق تىللار بىلەن مېنى تىللاپ كىتىشلىرىچۇ تېخى .بۇنداق چاغلاردا مېنى تىللاۋاتقاندەك قىلسىمۇ لىكىن كۆزلىرىدىن بىر خىل خۇشاللىق ،بىر خىل بەخىت نۇر چېچىپ تۇراتتى .مەن ھەقىقەتەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم .لىكىن بەك ياخشى كۆرگەچكىمىكىن ،نۇرغۇن پۇرسەتلەر بولسىمۇ ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋىلىشنى،قايرىلىپ سۆيىۋىلىشنى قەتئىي ئويلاپ باقمايتتىم .ھەم شۇنداق قىلىپ باقمىغانىدىم .چۈنكى خىيالىمدا ئۇنداق قىلسام ئۇنى خاپا قىلىپ قويارمەنمىكىن ،ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالارمەنمىكىن دېگەندەك ئەندىشىلەر توختاۋسىز ئەگىپ يۈرەتتى .
     كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۆتۈپ كەتتى .بىزمۇ يەنە بىر كۆڭۈللۈك تەتىلنى كۈتىۋالدۇق .بىز ھەم ساۋاقداش ھەم قوشنا بولغاچقا كىتاپ ئارىيەت ئېلىش ،بەزى مىساللارنى سوراش باھانىسى بىلەن ،قوشنىلار ئارا تەبىي ئۇچرىشىپ قىلىش قاتارلىق سەۋەپلەر بىلەن كۈندە دىگۈدەك كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق .بەزىدە «كوت-كوت» بىلەن خەت يوللاش ،تىلىفون قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ تۇراتتۇق .بەزىدە ئۇ ماڭا تىلىفون قىلىپ «بەكلا ئىچىم پۇشۇپ كەتتى ،سىزنى كۆرگۈم كەلدى »دىگەن چاغلىرىدا كۆك ئاسماننى نەچچە پەرۋاز قىلىپ چۈشەتتىم . ئەلۋەتتە ،مەنمۇ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق يىقىملىق ،رومانتىك گەپلەرنى قىلىپ تۇراتتىم .
       بىر يىرىم ئاي ئۆتۈپ كەتتى .مەن شاڭخەيگە ئۆتتۈم ،ئۇ بولسا بىيجىڭغا كەتتى .بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىز بىزنى بىر مەكتەپكە سىغدۇرالمىغانىدى. ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان مەكتەپكە ئۆتتۇق .ئوخشاشلا بىر قۇچاق شادلىق .ئەلۋەتتە ،ھىجراننىڭ كۆلەڭگىسى مېنى خېلىلا بوشاشتۇرۇپ قويغانىدى .لىكىن ئۇنىڭ ھازىردىن باشلاپ ئاز-تولاھىجراننىڭ پەردىسى بىزنى ئايرىپ تۇرمىسا كىيىن تازا قەدرىمىز ئۆتۈلمەي قالىدۇ ،شۇڭا بىر يەرگە ئۆتەلمىگىنىمىزمۇ بىر ھىساپتا ياخشى بوپتۇ دىگەنلىرىدىن ئاز-تولا روھلىنىپ قالغانىدىم .
      بۈگۈن يەكشەنبە ،سائەت ئونلار بولغان چاغ ،لىكىن قۇياش بالدۇرلا خىزمەتكە چۈشكەچكىمىكىن ،يەر زېمىن خېلىلا قىزىپ قالغان ،گۈللەرنىڭ قىزىل بەرگىلىرى تەرلەپ بارغانسىرى قىزارغان ،لىكىن دەرەخ سايىسى شۇقەدەر سالقىن . قۇشلارنىڭ تېنىمسىز سايراشلىرى كىشىگە مۇھەببەت پەسلىنىڭ ھوزۇرىنى بىرىدۇ ...
     تۇيۇقسىز تىلفونۇم سايراپ كەتتى ، دەرھال ئىلىپ قارىسام يىقىن دوستۇم ئەلى ئىكەن .
ـــ ۋەي ،ئەلى ئاداش ،ياخشى تۇرىۋاتامسەن ؟
ـــ ھە ياخشى ،ساڭا بىر ئىشنى ئىيتاي دىگەن ،دەرھال خەلق باغچىسى شاپتۇللۇق باغنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ھىلىقى ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ يىنىغا كەل ئاداش .لىكىن ئامال بار ئۆزۈڭنى دالدىغا ئىلىپ تۇرغىن ئاداش .چوقۇم كەل ،تىز بول ئاداش . ئەمىسە سەل تۇرۇپ كۆرىشەيلى .
مەن زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي قالدىم .كۆڭلۈم بىر شۇملۇقنى سىزىپ تۇراتتى .كاللام قۇپقۇرۇق بوپ قالدى .ئەلىنىڭ ئاۋازى قايتا ئاڭلاندى .
ـــ ۋەي ئاداش ،ئاڭلاۋاتامسەن ؟
مەن سەل ئىسىمنى يىغىپ جاۋاپ بەردىم .
ــ ئاڭلاۋاتىمەن ئاداش .
ــ ئەمىسە تىز بول، ئۆزۈڭنى دالدىغا ئىلىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتما . خوش ئەمىسە ،سەل تۇرۇپ كۆرىشەيلى .
ــ ماقۇل، خوش ئاداش .
تىلىفوننى قويدۇم . ئۆزۈڭنى دالدىغا ئىلىپ تۇر دىگىنى نىمە گەپ بولغىيتتى بۇ ئاداشنىڭ ؟نىمىشقا شۇنداق دەيدىغاندۇ ؟كاللامدا شۇنداق گىدىرماچ سۇئاللار بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئويناۋاتىدۇ. يۈرىكىم يۈز مىتىرغا يۈگرەش تەنھەرىكەتچىسىدەك جان-جەھلى بىلەن تېپىرلايدۇ. ئاغزىمنى ئاچساملا ئۆپكەم سۇغۇرلۇپ كىتىدىغاندەك ھىس قىلىپ ئىغىزىمنى چىڭ يۇمۇپ چىشلىرىمنى چىشلەپ تۇرىۋالدىم.
    مانا، ئەلى ئىيتقان ھىلىقى ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتىمەن. لىكىن ھىچكىم يوق. دوستۇمنىڭ ئىيتقانلىرى بويىچە ئورۇندۇقنىڭ كەينىدىكى بىر تۈپ يوغان مەجنۇنتالنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ چاپىنىم بىلەن بېشىمنى چۈمكەپ ئىچەرمەن زابويلاردەك يېتىۋالدىم. توۋا، بۇرۇن ئۇنى ساقلاتسام ئاچچىقلىنىپ كىتەتتى،ئەمدى بىلدىم ساقلاشنىڭ شۇ قەدەر تەس ئىكەنلىكىنى.ھەر خىل خىياللار بىلەن ئەلىنىڭ مېنى بۇ يەرگە نىمىشقا چاقىرغانلىقىنى قىياس قىلپ باقاتتىم. نىمىشقىدۇر بىلمەيمەن، زادىلا ياخشى تەرەپتىن بىرەر نەتىجە باردەك ئەمەس ئىدى. ئويلىغانسىرى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ئىشلار كاللامغا كىرىۋىلىپ نىرۋىلىرىمنى تېنىمسىز غاجايتتى. بەرداشلىق بىرەلمەي نىرۋىلىرىمنى دەرھال جىددىي تورمۇز قىلدىم.پۈتۈن ئەس-يادىم بىلەن ئەتراپتىكى ھەرقانداق بىر ئاۋازنىمۇ بوش قويماي تىڭشاۋاتىمەن. تۇيۇقسىز بىر ناتونۇش بىر ئاۋاز تارقىلىپ كەلدى.توغرا، يەنە بىر تونۇش ئاۋازمۇ بار، ئاھ خۇدا ! نىمىشقىمۇ كەلگەندىمەن ؟
    باھارگۈلنىڭ ئاۋازى قۇلىقىمغا ئەمەس يۈرىكىمگە كىرىۋاتاتتى. نەچچە يىل ئاشىق بوپ ياخشى كۆرۈپ كەلگەن قوشنام، ساۋاقدىشىم، ئوماق يارىم باھارگۈل باشقا بىر يىگىت بىلەن بۇ يەرگە كەلگەنىدى. ئاسمان پېرقىرايدۇ، زېمىن قاپقاراڭغۇ. گويا مەن راستىنلا مەست بولۇپ يېقىلىپ قالغان ھاراقكەشتەك. ئۇلارنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرگەنسىرى مېنى قاتتىق ئازاپلايتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ يىرىم يىللىق مۇھەببەت ھىكايىسىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاۋاتاتتىم....
    ئاھ خۇدا! تۆنۈگۈن تېخى سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ يۈرگەن ماۋۇ قىزنىڭ نىمە قىلغىنى بۇ؟يۈرىكىم ئاللاھقا بىر قۇچاق ياشلار بىلەن نالە قىلىۋاتىدۇ. لىكىن بۇ رومانتىك ئاشىق-مەشۇقلار بۇ يەردە يەنە بىر ئادەمنىڭمۇ بارلىقىنى تامامەن ئۇنۇتقان ئىدى.
      بەرداشلىق بىرەلمىدىم، ئۇلارنىڭ شۇقەدەر سۆيگۈگە باغلانغان مۇھەببەت ھىكايىلىرىنى ئاڭلاپ چىداپ بولالمىدىم. ئورنۇمدىن تۇرۇپ بۇ رومانتىك كۆرۈنۈشلەردىن يىراقلاشماقچى بولدۇم -دە ئاستا بېشىمنى كۆتۈردۈم.
ــ ئاھ خۇدا ! نىمە كۈن بۇ؟ ئەسلى ئازاپ بۇيەردە ئىكەنغۇ! يۈرىكىم نالە قىلاتتى.چۈنكى بۇ ئۇرۇشسىز زاماندا كۆز ئالدىمدا ئاللىقاچان قۇچاقلاشما جەڭ باشلىنىپ كەتكەنىدى. ئىككى روھ، ئىككى تەن، لىكىن بىر بەدەن. مانا بۇ مېنىڭ مۇھەببەت كوچىسىدا كۆرگەن تۇنجى مىۋەم ئىدى. ئارقامغا بۇرۇلۇپلا يۈگرەيتتىم، يۈگرەيمەن، يۈگرەۋاتىمەن. گويا مۇشۇ يۈگرەش بىلەن بۇ پۈتۈن ئازاپتىن قېچىپ چىقىپ كىتەلەيدىغاندەك پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگرەيمەن. گويا ئاشىقىمنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن قېچىپ چىقالايدىغاندەك يەنىلا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگرەۋاتىمەن. لىكىن ئازاپلار ئەمەس پۇت-قولۇمنىڭ ماغدۇرى ئازلاشقا باشلىدى. دەلدەڭشىپ ئالدىمغا«گۈپ»لا قىلىپ يېقىلدىم. ھىچبىر مىدىرلىماي تىپتىنىچ ياتىمەن. گويا جەسەتلەردەك. گويا يۈرىكىم بايىقى رومانتىك دۇنيادا چۈشۈپ قالغاندەك. كۆزلىرىم چالا يۇمۇلغان، گويا قاسساپ بازىرىدىكى چالا بوغۇزلانغان قوشقاردەك. يېنىمدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆتۈپ كەتتى. بەزىلىرى مېنى «ئىت پوق يىمەستە ھاراقنى ئۆلگۈدەك ئىچىپ قوپالماي قالغان ھاراقكەش زابوي ئوخشايدۇ»دېسە، يەنە بەزىلەر «ئۇتتۇرۋەتكەن قىماۋاز ئىكەن »دەپ كۇسۇرلىشاتتى. يەنە بەزىلەر بولسا «دۇمبا يىگەن يانچۇقچى»دەپ خىل «ئۇلۇغ» مەرتىۋىلەرنى بىرەتتى. لىكىن ھىچكىم «ئاشىقى ۋاپاسىزلىق قىلغان ساداقەتمەن يىگىت»دەپ باقمىدى. قارىغاندا بۇ دۇنيادا توغرا تەسەۋۇر قىلالايدىغان بىرەر ئادەم قالمىغان ئوخشايدۇ. بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ روھى تۇتقۇنلۇق ئىسكەنجىسىدە ئۆلۈپ بولغان ئوخشايدۇ.
ــ قۇياش غەربىي تاغنى سېغىنمىغانمىدۇ؟ نىمىشقا شۇنچە ئاستا ماڭىدىغاندۇ؟ بىرەر ئەسىر ئۆتۈپ بولدىمىكىن دىسەم ئەمدى بەش سائەت ئۆتۈپتۇ ئەمەسمۇ! ھەي ....!
تىلفونۇم قايتا-قايتا سايراۋەردى. نۇمۇرغىمۇ قارىماي كۆزۈمنى يۇمغان پېتى ئاستا قۇلىقىمغا تۇتتۇم.
ـــ ۋەي، مەمەتجان ئاداش، سەن ھازىر نەدە؟ ئەلى خىلى جىددىيلەشكەن ئاھاڭدا سۆزلەۋاتاتتى. لىكىن ھىچكىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىغۇم يوق ئىدى. شۇڭا ئۈزىۋەتمەكچى بولۇپ قولۇمنى قىزىل كۇنۇپكىغا ئاپىرىپ بولۇپ يەنە توختاپ قالدىم. كاللامغا بىر خىيال كەلگەنىدى. باھارگۈلنىڭ بۇ يەرگە كىلىدىغانلىقىنى ئەلىنىڭ قانداق بىلىدىغانلىقىنى بىلىپ باققۇم كىلىپ قالدى.
  ــ ۋەي ئەلى، ماڭا دەپ بەرگىن، ئۇنىڭ بۇيەرگە كىلىدىغانلىقىنى سەن قانداق بىلىسەن؟ ئاۋازىم خىلىلا بوغۇلۇپ قالغانىدى. شۇڭا گاھ پەس،گاھ ۋارقىراپ دىگەندەك ئاران دەپ تۈگەتتىم. ئەلى چوڭقۇر بىر تېنىۋىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
  ـــ ئاداش، مەن ئەتىگەن دوستۇم ئادىلغا تىلفون قىلىپ ئازراق ئىش بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىيتسام ئۇ بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىشقا بارىمەن دەپ رەت قىلىۋەتتى. قىزىقىپ قىلىپ كوچىلاپ سوراۋەرسەم ...
ئەلىنىڭ ئاۋازى سەل بوغۇلۇپ دۇدۇقلاپ قالدى. لىكىن بىر-ئىككىنى چوڭقۇر نەپەس ئىلىۋىتىپ سۆزىنى داۋام قىلدى.
ـــ بەكلا سوراپ تۇرىۋالسام ئۇ قىزنىڭ باھارگۈل ئىكەنلىكىنى، باغچىدىكى ھىلىقى ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ يېنىدا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئىيتىپ بەردى. باھارگۈل سەن بىلەن يۈرىۋاتقىلى ئىككى يىلغا يىقىن بولغان تۇرسا قانداقمۇ ئىشىنەي؟ لىكىن سەل ئەنسىرەپ قالدىم. شۇڭا ساڭا تىلفون ئۇرۇپ يەتكۈزۈپ قويۇشنى توغرا تېپىپ سېنى شۇ يەرگە چاقىرغان.ئەگەر باھارگۈل ئادىل بىلەن ئۇچرىشىشقا بارغان بولسا، بولدى قىل ئاداش. ئۇنىڭدىن باشقىمۇ نۇرغۇن قىزلار بارغۇ بۇ جاھاندا.ئۇنداق ئەرزىمەس ئادەملەر ئۈچۈن ئۆزۈڭنى ئازاپقا ئىتتەرمە. بەزىدە ۋاز كېچىشمۇ بىر خىل بەخىتقۇ؟....
     ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمىگىلى تۇردى. كاللام قۇپقۇرۇق. گويا يول بويىدىكى ياماق چاپانلىق بوۋاينىڭ قولىدىكى ماي تۇڭىدەك. تىلىفوننىمۇ ئۈزىۋەتمەي تۇرۇپ يانچۇقۇمغا سالدىم. ئەلىنىڭ يەنە قانچە ئۇزۇن سۆزلىگەنلىكىنى، نىمىلەرنى دىگەنلىكىنى بىلمەيمەن. ھەم بىلگۈممۇ يوق ئىدى.
     بارچە ئازاپلارنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئىغىر قەدەملىرىم بىلەن كىتىۋاتىمەن. ماڭغىنىم قاي تامان بۇنى ھەم بىلمەيمەن. ئاشىقلىق زامانەمدە شائىرلىقىم تۇتۇپ خېلى شىئېرلار بىلەن بارچىنى ئۇنتۇپ كىتەر ئىدىم. لىكىن ھازىرچۇ؟ شىئېر تۈگۈل بىرەر تەسەللىي،ھەتتا بىرەر ئىغىز قۇرۇق گەپكىمۇ تاۋىم يوق ئىدى. چۈنكى خۇشاللىقنى تەڭ تەبرىكلەپ كەلگەن ئاشۇ ئىككى خىل ئۆزگىرىشچان نىگار بۇ ئازاپلار ئالدىدا سايىسىنىمۇ كۆرسەتمەيدۇ، كۆرسەتمەيدۇ ئەمەس،كۆرسەتسىمۇ كۆرگۈم كەلمەيدۇ.
     قانداق  ماڭغىنىمنى بىلمەيمەن. ئىشقىلىپ مېڭىپتىمەن. بىر چاغ بولغاندا ئۆيگىمۇ كىلىپ قاپتىمەن. قىزىق، قانداق بوپ ئىزىپ قالماي ئۆيۈمگىلا كىلىپ قالغاندىمەن؟ ھەر قىتىم مەھەللە دوقمۇشىدىن قايرىلساملا باھارگۈلنىڭ ئۆيىگە ئوغىرلىقچە بىرەر ئىككى قىتىم قارىۋالمىسام كۆڭلۈم تىنمايدىغان، بۈگۈنمۇ ئۆزۈمنى بىلمەي شۇ ھويلىغا كىرىپ قالدىممىكىن دەپ ئويلاپ قاپتىمەن تېخى. توۋا، ئادەمنىڭ كاللىسى بىر قۇچاق ئازاپ بىلەن توشۇپ كەتسە تېخىمۇ سەزگۈر، ھوشيار بوپ كىتەمدۇ نىمە؟ ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان شۇ قىستاڭ كوچىلاردىن بىرەر ماشىنىغا ئۇرۇلماي ئۆتمەكنىڭ قانچىلىك تەسلىكى بىزگە ئايان، لىكىن بۇ قىستاڭچىلىقتىن قانداق بىخەتەر ئۆتۈپ كەلگەنلىكىمنى ھىچكىم بىلمەيدۇ، ھەتتا ئۆزۈممۇ شۇنداق. قارىغاندا زۇلۇمغا چىدىمىغان خەلقنىڭ ئاسانلا پادىشاھنى يىقىتىۋىتەلىگەنلىكى مۇشۇنداق يوشۇرۇن كۈچنىڭ تەسىرىدىن بولسا كىرەك. بۇنداق يوشۇرۇن كۈچ يالغۇز مەندىلا ئەمەستۇ؟
  ـــ بالام ، ساڭا نىمە بولدى؟ نىمە ئۆيگە كىرمەي ھاڭۋىقىپ تۇرىسەن بۇ يەردە؟ بىرەرسى بوزەك قىلغان ئوخشىمامدۇ سېنى؟
ـــ ھە... ھىچ...ھىچنىمە بولمىدى. شاڭخەي قانداق يەردۇ دەپ ئويلاپ قىلىۋاتىمەن شۇ.باشقا ئىش يوق.
   ـــ ۋاي بالام ئۇنداق دىمە، بىز ئاڭلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئۇنداق چوڭ شەھەرلەردە سەن بولساڭمۇ ئوقۇپ كەل ، شەھەر دىگەن قانداق يەركىن سەن بولساڭمۇ كۆرۈپ كەل بالام. ئۇنداق تولا خىيال قىلىپ يۈرمە ،بولمىسا ھەممىمىزگە يۈك بوپ قالىدۇ. بىز نىمە كۈننى كۆرسەك كۆرۈپ بولسىمۇ سېنى ئوقۇتىمىز . ئاكاڭمۇ خىزمەتكە چىقتى. ئەمدى يۈكىمىز خېلى يىنىكلەپ قالدى....
    ئانام يەنە ئىچىلىپ سۆزلەپلا كەتتى. مەن يەنىلا خىيال دەرياسىغا چۈشۈپ ئاستا،غەمكىن كىتىۋاتاتتىم. لىكىن دوقۇنلار گاھ لەيلىتىپ ،گاھ چۆكۈرۈپ ھالسىز ئېقىتىپ باراتتى. بىر چاغ بولغاندا ئانامنىڭ يىڭىمنى ئاستا تارتىشى بىلەن ئۆزۈمنىڭ ھىلھەم ئۆينىڭ ئالدىدا ئانام بىلەن بىللە ئىكەنلىكىمنى سەزدىم .
ـــ ۋاي بالام ، ئادەمنى قورقۇتمىساڭچۇ! ئەجەپ نەچچە رەت چاقىرساممۇ ئاڭلىماي كەتتىڭيا!
  ـــ ھىچ ئىش يوق ئانا، ئەنسىرىمەڭ. شۇ مەن ئوقۇشقا كەتسەم، ئاكاممۇ خىزمەت دەپ ئالدىراش بوپ كېتىپ ئۆيگە قارىشىپ بولالمىسا سېلەرنى جاپا تارتىپ قالامدىكىن دەپ خىيالغا پېتىپ قاپتىمەن شۇ.
   ـــ ئۇنداق دېمە بالام، نىمە ئىش بار دەيسەن بىز قىينىلىپ قالىدىغان. سەن ياخشى ئوقۇساڭلا بولدى. باشقا ئىشلارنى ....
  ئانامنىڭ رايىغا قويىدىغان بولسام يەنە نەچچە كۈن سۆزلەيدىغاندەك قىلاتتى. لىكىن مېنىڭ بۇ كەيپىياتىمدا  بىرەر ئىغىز گەپنىمۇ ئاڭلىغۇم يوق ئىدى. شۇڭا دەرھاللا گەپنى بۆلۈپ ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولدۇم.
   ـــ ئانا ،بولدى باشقا گەپلەرنى كىيىن ئالدىرىماي قېلىشىۋالارمىز، مەن ئۆيگە كىرىپ نامىزىمنى ئۆتىۋالاي.
  ئاناممۇ بېشىنى لىڭېشتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى. مەن ئىغىر قەدەملىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. خىيال دەرياسى قايتا ئۆركەشلىدى.
   ئاھ،باھارگۈل، بۇزادى سەنمۇ؟ شۇنداقمۇ قىلارسەنمۇ؟ قېنى بىزنىڭ ۋەدىلىرىمىز؟ ھەرقانچە بولسىمۇ ماڭا ئايرىلىش تەلىپى قويۇپ بولۇپ ئاندىن  باشقىلار بىلەن يۈرسەڭ بولماسمىدى؟ بۇ زادى ....
           سۇئاللار گويا غالجىرلىقى تۇتقان دۈشمەننىڭ پىلىموت ئوقىدەك ياغماقتا ئىدى. ئىھتىمال ھەممىسى يۈرىكىمگىلا ياغقاندۇ.
  توۋا، بۇ قورساق دېگەنمۇ تازا غەلىتە بولىدىكەن. ناشتىسىزلا تويغۇچە يەۋالغان ھەسىرەت بىلەن تويۇپلا كەتكەنىدىم. پەقەتلا ھېچنىمە يىگۈم يوق. لىكىن ئاتا-ئانا دېگەن شۇنداق بولىدىكەن،گويا مەن تاماق يېمىسەم ئۇلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىدىغاندىك ياخشى گەپ بىلەن تاماق يىگۈزەلمىسە تىللاپ قويىدىكەن، ئانچە-مۇنچە ئاچچىق-چۈچۈكلىرىمۇ بار تېخى. ئىشقىلىپ قانداقلا بولسۇن دادمنىڭ ئاچچىق تەنبىھلىرى بىلەن قوشۇپ ئانامنىڭ مىھىر قويۇپ ئەتكەن لەڭمەنلىرىدىن سوزۇپ ئولتۇرۇپ بىر قورساق يەپتىمەن. مانا، دەرتلەر تولۇپ كەتكەن قورساققا تاماقنىڭ قىستاپ كىرىشى بىلەن تىرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قالدىم. گويا پۈتۈن تىرىك دۇنيانى يالماپ يۇتىۋەتكەندەك، يۈرەك-باغرىمنى قايسىدۇر ياۋايى ئۆكتەملەر غاجىلاۋاتقاندەك بىرخىل زەربە مېنى يېقىتىپ قويدى.
   ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن بىلمىدىم. بىر چاغ بولغاندا بىر توپ دوختۇرلارنىڭ بىرنېمىلەرنى دەپ پايپېتەك بوپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەندەك بولدۇم. قايسىدۇر غەلىتە دورىلارنى نامەلۇم سۇيۇقلۇققا قوشۇپ ئىچكى ئازاپلىرىم يەتمەيۋاتقاندەك يېڭنىلەر بىلەن تومۇرلىرىمغا سانجىپ ئېقىتىۋاتاتتى. زېمىن يەنىلا پەلىپەتىش چۆرگىلەپ مېنى ئارامىمدا قويمىدى. كۆزلىرىمنى ئاستا يۇمدۇم، يۇمدۇميۇ قايتا ئېچىشقا ئىمكان بولمىدى. زېمىننىڭ ئاللىقانداق ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى قۇلىقىمغا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. لىكىن سۆزلەشكە ھىچ ئىمكان يوق. ئېھتىمال روھىم ۋاقىتلىق ئۆلۈپ قالغان ئوخشايدۇ. بەك ئۇزۇن زۇلمەتتىن كىيىن روھىم قايتىپ كەلدى بولغاي، كۆزلىرىم ئاستا ئېچىلدى. بەلكىم بۇ پەلىپەتىش غەلىتە دورىلارنىڭ تەسىرىدىنمىكىن كاللام پىرقېراپ تۇرىدۇ. ئالدىمدىن ئاللىكىملەر بىرنىمىلەرنى دېيىشىپ ئۆتتى، مېنى جىددى قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن ئادەتتىكى ياتاققا يۆتكىگەن بولسا كىرەك، ئەتراپىمدا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پەيدا بولدى. يەنە نۇرغۇن كارىۋات، نۇرغۇن نىمجان كىشىلەربار. بەزىسى ئۈن- تېىنسىز ياتىدۇ؛ بەزىسى ئازاپلىق ئىڭرايدۇ؛ يەنە بەزىسى بولسا ئۇيان- بۇيان مېڭىپ ئاۋارە. كۆز ئالدىم تامامەن ناتونۇش بىر دۇنيا. مەن بۇيەردىكى ھىنېمىنى تونۇيدىغاندەك ئەمەس. كاللامدا چاقماق تىزلىكىدە بىر سۇئال پەيدا بولدى: «مەن كىم؟ بۇ قەيەر؟ بۇ كىمنىڭ يېرى؟» لىكىن بىرەر جاۋاپ تاپالايدىغاندەك ئەمەس ئىدىم.
  بۇ ھاياتنىڭ سىرلىق تېپىشماقلىرى مېنى  يەنە بىر قىتىم قىيىن سۇئالغا قىستاپ كەلگەنىدى.مالايىكىلەردەك ئاپئاق كىيىنگەن، يوغان كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر كىشى كىرىپ كەلدى-دە قىشىمدا پايپېتەك بوپ تۇرغان ئۈچ كىشىگە قاراپ:
  ـــ بۇ بالا روھى بىسىم تەسىرىدە خاتىرىسىنى يوقىتىپتۇ. بىر مەزگىل ياخشى دەم ئالسا ھەممە ئىشلار ياخشى بوپ كىتىدۇ، دەپلا ئۆرۈلۈپ چېقىپ كەتتى. مەن ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ يېنىمدا تۇرغان چاچلىرىغا قار چۈشۈشكە باشلىغان، بىر قارىسام تونۇيدىغاندەك، بىر قارىسام پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغاندەك كۆرىنىدىغان بىر ئايالنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان قاۋۇل، سېرىق سىم ساقال بىر كىشى ئەندىشىدە قاراپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كەينىدە كۆزلىرى قىزىرىپ  ئىششىپ چىققان  ياپياشلا بىر يىگىت تۇراتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىدا بىرخىل تەشۋىش،ئەندىشە خېلى ئىنىق رەڭ ئالغان ،سىياقىدىن خېلى ئۇزۇن دەم ئالمىغانلىقى، ماڭا شۇنداق مېھىردە قاراشلىرىدىن مېنى خېلىلا تونۇيدىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، مەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تونالمىدىم. ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىلدە خېلى ئويلىنىپ باقتىم، لىكىن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى بىلەلمەي تۇرغان شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئەڭ مۇھىم ئىشنىڭ يەنىلا ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ئويلىنىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ باشقا ئوي-خىياللارنىڭ قانىتىنى ۋاقىتلىق بوغۇپ قويغانىدىم.
   ــ بالام، قانداقراق تۇرىسەن؟ خېلى ياخشى بوپ قالدىڭمۇ؟
   ھىلىقى ئايالنىڭ ۋاقىتسىز ئىغىز ئېچىشى مېنى ئۇلۇغۋار ئۆزۈمنى ئىزدەش خىيال سەپېرىمدىن تارتىپ چىقتى. ئۇ ئايال مېنىڭ بېشىمنى كۆتۈرگىنىمنى كۆرۈپ چىرايىغا كۆلكە يۈگۈردى. كۈلكە بىلەن تەڭلا سۇئاللارخۇددى ھۇجۇم بۇيرۇقى تاپشۇرۇپ ئالغان ئەسكەردەك تەپەككۇر مەيدانىمغا ياغقىلى تۇردى.
   ـــ بالام؟ بالام دېگىنىگە قارىغاندا بۇ ئايال مېنىڭ ئانام ئىكەن. ئۇنداق بولسا ئاۋۇ قاۋۇل كىشى مېنىڭ دادام بولسا كىرەك. ئۇنداقتا بۇ ياش يىگىت كىم بولغىيتتى؟ مېنىڭ بىرەر دوستۇم ئوخشىمامدۇ؟ شۇنداق گىدىرماچ سۇئاللار بىلەن چاقماق تىزلىكىدە كۆڭۈل ئىكرانىمدىن كەچتى. ئۇ ئايالنىڭ سۇئاللىرى يەنىلا جاۋاپسىز قالغاندى. ھىلىقى ياش يىگىت ئۇ ئايالغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى.
   ــ ئانا، بولدى مەمەتجاندىن كۆپ سۇئال سوراپ ئۇنى تەڭلىكتە قويماڭ. دوختۇر ئۇنى خاتىرىسىنى ۋاقىتلىق يوقىتىپتۇ دەپ ئېيتتىغۇ؟ بەلكىم بىزنىمۇ تونىيالمىشاندۇ.
   ـــ توۋا دېگىنە بالام، ئۆز ئاتا-ئانىسىنىمۇ تونىمايدىغان ئىش بولامدۇ جاھاندا؟ مەن ئۇنى تۇغۇپ يىگىرمە يىل باققان تۇرسام.
  ـــ ئانىسى، ھىلىقى كىنودىمۇ چىقىدىغۇ، خاتىرىسىنى يوقاتقان ئادەم ئۆزىنىڭ كىملىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىكەن. ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئەلۋەتتە ئۇنتۇپ قالىدۇ-دە!
     ـــ توۋا خۇدايىم، شۇنداق ئىشلارمۇ بولغانمىدۇ؟ بالىمىز ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغان بوپ قالسا بىز ئەمدى قانداق قىلىمىز؟  
     ـــ ئانا،دادا، سىلەر كېچىچە ئۇخلىمىدىڭلار، ئەمدى ئۆيگە قايتىپ ئارام ئېلىڭلار. مەمەتجانغا مەن قاراي، خاتىرجەم بولۇڭلار، ئۇ ئۇزۇن ئۆتمەي ياخشى بوپ كېتىدۇ.
     خۇدا تىزرەك ياخشى بوپ كېتىشكە نىسېپ ئەتكەي. بالام، سەن خىزمەتكە بارمىساڭ بولمايدۇ. شۇڭا يەنىلا....
     ـــ ياق ئانا، مەن بايا جۈجاڭغا تىلىفون قىلىپ روخسەت ئىلىپ بولدۇم. سېلەر قايتىۋىرىڭلار. بۇ يەردە مەن بار.
     ـــ ئەمىسە سەمەتجان بالام، مەن بىز قايتىپ تۇرايلى. بىرەر ئىش بولسا ئۆيگە تىلىفون قىلغىن. خوش ئەمىسە، خۇداغا ئامانەت!
     ـــ خۇدايىمغا ئامانەت.
     بۇ قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە مەن بۇ ئۈ ئادەمنىڭ ئاتا-ئانام ۋە ئاكام ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردىم. توغرا، مېنىڭ ئىسمىم مەمەتجان ئىكەن. ئاكامنىڭ ئىسمى سەمەتجان ئىكەن. دادام بىلەن ئانامنىڭ ئىسمى نىمە بولغىيتتى؟ بۇنى ھەرقانچە ئويلاپ باقساممۇ بىلىدىغاندەك ئەمەس. ئاكامدىن سوراپ باقماقچى بولدۇم، لىكىن مەندەك بىر يىگىرمە ياشنىڭ (بايا ئانامنىڭ تۇغۇپ يىگىرمە يىل باققان دېگەنلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ يىگىرمە ياش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغانىدىم) قارىسىنى ئالغان يىگىت قانداقمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئىسمى نىمە دەپ سورالايدۇ؟!
      ئەتراپىم بىر دۆۋە ئاھۇ-پىغان، بىر پۈتۈن ئازاپ دېڭىزى، جاھاندىكى ھەرخىل ئازاپلاردىن تەركىپ تاپقان بۇ كىسەلخانا گويا جەسەتخانىدەك مۇزلۇق. مۇشتۇمدەك نازۇك،سەبىي يۈرىكىم يەنىلا شۇنچە ئىسيانكار. شۇ دەمدە ئۆمۈشتىكى بۇرۇنقى ئازاپلىرىم تامامەن ئۇنتۇلغان، لىكىن ئۆزۈمنىڭ كىملىكىنى، مەۋجۇدلۇقىنىمۇ ئوخشاشلا ئۇنۇتقان. ئازاپتىن قۇتۇلغېنىمغا كۈلەيمۇ ياكى ئۆزۈمنى ئىزدەپ خىيال دەرياسىدا قايتا بىر رەت ئۈزەيمۇ؟كاللام بىر پۈتۈن تۇمان، نىرىپلىرىم شۇنچە قالايمىقان. توۋا، ئۆزىنى، كىملىكىنى، مەۋجۇدلۇقىنى ئۇنتۇش نىمە دېگەن ئازاپلىق-ھە! بۇ ئازاپلار ئالدىدا ئىشقى مۇھەببەتنىڭ جاۋابى گويا ئاسمان بىلەن يۇلتۇزدەكلا بىر سىلىشتۇرما بولغۇدەك. ئەنسىرەۋاتىمەن، يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ.ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانلار يالغۇز مەنلا ئەمەسقۇ؟ ئەگەر يالغۇز مەنلا بولغان بولسام نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە! بۇ چاغدا مەنمۇ ئۆزۈمنى ئاسانلا تاپالايتتىم. لىكىن بىر توپ ئۆزىنى يوقاتقانلار ئارىسىدىن ئۆزىنى تونۇشنىڭ ،كىملىكى، مەۋجۇدلۇقىنى بىلىشنىڭ گويا دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەندەكلا تەس ئىكەنلىكى مېنى ئەندىشىگە سېلىپ قويدى. بۇ ئىسيانكار يۈرىكىم قانداق بوپ كىتەر ئەمدى؟؟
      ـــ مەمەتجان، مەن چېقىپ جۈجاڭغا تىلىفون قىلىپ سوخسەت سوراپ كىرەي، بىردەم يالغۇز قالىدىغان بولدۇڭ...
      سەمەتجان ئاكامنىڭ گەپلىرى مېنى بۇ چوڭقۇر خىيال دەرياسىدىن قىرغاققا سۆرەپ چىقتى. مەن دەماللىققا ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قېتىپ قالدىم. ئاكام بۇ تۇرقۇمنى كۆرۈپ بايىقى گېپىنى تەكرارلىدى. مەن سەل بىرنەرسىنى چۈشەنگەندەك بولۇپ بېشىمنى ئاستا لىڭېشتىپ قويدۇم. ئۇ يانچۇقىدىن كىچىك بىر يانفوننى چىقىرىپ بىرنىمىلەرنى باسقانچە سىرتقا ماڭدى. بۇ مۇزلىغان جەسەتخانىدا ئۆزۈم يالغۇز قالدىم. چۈنكى بۇيەردە مەن بىلىدىغان، مېنى بىلىدىغان ھېچكىم،ھېچنىمە يوق ئىدى. تۇيۇقسىز ئالدىمدىن ناتونۇش قېرىنداشلىرىم ئۆتۈشكە باشلىدى. ئۇلارغا دىققەت قېلىشقا باشلىدىم. لىكىن بىرەرىنىمۇ تونۇيدىغاندەك ئەمەس. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرىشەتتى. ئاغرىق ئازابىدا ئىڭراۋاتقانلار بىلەن ئۈن-تىنسىز ياش تۆكىشەتتى. بەزىلىرى مەنمۇ ئاڭلاپ باقمىغان غەلىتە ئاۋازلار بىلەن بىرنىمىلەرنى دەپ يۈرەتتى. توۋا، جاھان نىمانچە كەڭدۇ؟ ئۆز قېرىنداشلىرىمنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەيۋاتىمەن .ياكى مېنىڭ ئۆز ئەسلىم شۇنداق غەلىتە ئاۋازلاردا سۆزلىشىشمىدۇ؟ خىيالىم يەنە بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇزۇن ئالتۇنرەڭ بۈدۈر چاچلىرى ھاۋادا ئەركىن لەيلەپ يۈرگەن ، ئاپئاق يوتىلىرى چاشقان ماراپ ياتقان مۈشۈكتەك ماراپ تۇرىدىغان، كۆكسىدىن ئىككى زەمبىرەك ھازىرلا ئوق ئاتىدىغاندەك ئۇرۇشقا تەييارلىنىپ تۇرىدىغان بىر قىز ( بەلكىم ئايالدۇ) كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭغا قاراپ قېتىپ قالدىم. قارىغاندا ئۇ باشقا بىر دۇنيادىن كەلگەن بولسا كىرەك. خىيال قۇشۇم يەنە ئۇچۇپ كەتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن غەلىتە دۇنيا بار ئوخشىمامدۇ؟ مەنمۇ باشقا دۇنيادىن كەلگەن بولغىيمىدى؟ ياكى بولمىسا بۇ دۇنيا ماڭا تەۋە بولسا باشقا غەلىتە ئادەملەر بېسىپ كىرگەن بولغىيمىدى؟ مەن بۇ سوغۇق جەسەتخانىدىن باشقا دۇنيانى كۆرۈپ باقمىدىم. لىكىن بۇ مۇزلۇق جەسەتخانىدىكى ھەرخىل سىياقتىن ھەممىسى ئىنىق چېقىپ تۇرۇپتۇ. ئەنە، بايىقى باشقا دۇنيادىن كەلگەن ئالتۇن چاچلىق قىز بۇلۇڭدا ئاغرىپ ياتقان، ساقاللىرىغا ئاق يېغىپ كەتكەن سەللىلىك بوۋاينى ھە دەپ تىللاۋاتىدۇ. ئۇ بوۋاي «ۋاي قىزىم، مەن سېنىڭ ئۆز داداڭ، بۇنداق دېسەڭ قانداق بولىدۇ؟» دەپ يالۋۇرىۋاتامدۇ يا بۇيرۇق قىلىۋاتامدۇ ئىشقىلىپ شۇنچە مۇڭ بىلەن يىغلاۋاتىدۇ. مانا، يېنىمدىكى كارىۋاتتا ياتقان بىر ئانا ئازاپلىق ئىڭرايدۇ. بىر يىگىت، يەنە بىر قىز ئۇ ئانىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ يۈزلىرىگە سۆيۈپ تەڭ ياش تۆكىدۇ. ئەنە، ئوتتۇرىدىراق ياتقان بىر كىچىك بالا « ئەييۇ،ئەييۇ» دەپ ئىڭراپ يېتىپتۇ. ئۇنىڭ قېشىدا بىر ئاقكۆڭۈل ئانا «ۋاي بالام نىمە بولدۇڭ؟» دەپ پايپېتەك بولۇۋاتىدۇ. توۋا،ئۇ ئانىنىڭ گەپلىرىنى تولۇق چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن. لىكىن بۇ كىچىك بالا خۇددى مۈشۈك مىياۋلىغاندەك ھېچ گېپىنى ئاڭقىرىغىلى بولمايدۇ. بەلكىم ئۆز ئانىسىمۇ بالىسىنىڭ نىمە دېگەنلىكىنى چۈشەنمەي جىددىيلىشىپ كېتىۋاتقاندۇ. بۇ سىرلىق دۇنيادا يەنە خىيالغا يەم بولۇپ كىتىمەن. توۋا، مەن قايسى ئېقىمغا تەۋە بولغىيدىم؟ ھىلىقى ئالتۇن چاچلىقلار تۈرىگىمۇ ياكى ئىككى خىل سۆزلەيدىغان ئانا-بالا تۈرىگىمۇ؟ ۋەياكى ئانىنىڭ ئازابىغا تەڭ يېغلاپ يۈرگەن بۇ بالىلار تۈرىگىمۇ؟ ئۆزۈمنى ئۇلارغا سېلىشتۇرۇپ كېتىمەن. توۋا، ھەممىمىزنىڭ قاش-كۆزى شۇنچە ئوخشايدىكەن، نىمىشقا مىجەز-خارەكتىر جەھەتتە باشقا دۇنيا بولۇپ كېتىدىغاندىمىز؟
      ـــ مەمەتجان بىرەر نەرسە يىگۈڭ كەلدىمۇ؟
      ئاكامنىڭ ئاۋازى مېنى يەنىلا جاۋاپسىز قالغان قالغان خىيال قوينىدىن تارتىپ چېقاردى.
   دەل شۇ چاغدا كاللامدىن بىر خىيال كەچتى. توغرا، مەن ئۆزۈمنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەمدىم يوق؟ ئەڭ ياخشىسى ئاكام بىلەن بىرەر ئىككى ئىغىز سۆزلىشىپ سىناپ باقمايمەنمۇ؟ ناۋادا  ئۆز تىلىمدا سۆزلەشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان بولسام بۇ دۇنيادا ياشىغىنىمنىڭ نىمە پايدىسى؟ بولدى خىيالنى قويۇپ سۆزلەپ باقاي،بولمىسا.....
         ـــ ئاكا، سەن قانداق شىركەتتە ئىشلەيسەن؟
   شۇلارنى دەپ بولغۇچە يۈزلىرىم كەچكۈزدىكى پەمىدۇر بىلەن رەڭ تالىشىپ تۇراتتى. ئاۋازىم تېتىرەپ –تېتىرەپ چىقاتتى. بۇ ئاددى جۈملە ئۈچۈن خېلى كۈچەنگەن بولساممۇ ئوتتۇرىدا بىر نەچچە قىتىم دۇدۇقلاپ توختاپ قالغانىدىم.
     ـــ ئىنىم، مەن بۇرۇنقى ئىشلارنى ساڭا ئاستا-ئاستا سۆزلەپ بىرەي.....
      ئاكامدىن  جاۋاپ ياندى. دىمەك مەن ئۆز تىلىمدا ئۆز قىرىنداشلىرىم بىلەن ئالاقە قىلالايدىكەنمەن. مېنى ياراتقان ئاللاھ ئىگەمگە مىڭ قەترە شۈكرى!!
        ـــ دادامنىڭ ئىسمى ئابدۇۋارىس، ئانامنىڭ ئىسمى ئاينۇرخان. بىزنىڭ ئۆيىمىز ئالتۇنباغ يىزىسىنىڭ بەشتىرەك كەنتىدە. ئاتا-ئانىمىز دىھقان، مەن پوچتىخانىدا ئىشلەيمەن...
   ئاكام توختىماي سۆزلەۋاتاتتى.لىكىن مەن ھېچنىمىنى ئىسىمگە ئالالماي گويا قارچىغا چاڭگىلىدىكى توشقاندەك بارغانسىرى روھىم چۈشۈپ كىتىۋاتاتتى. بارغانسىرى تۈگۈلۈپ كىتىۋاتاتتىم. ئاكامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغانچە ئەڭ قورقىدىغان ئاخىرەتنىڭ مۇدھىش ئوتلىرى كۆز ئالدىمغا كىلىۋالاتتى. غايىپتىن«ھەي ماڭقۇرت، سېنىڭ بىردىنبىر تاللىشىڭ مانا دەل مۇشۇ يول بولىدۇ »دىگەن كىلىپ مېنى بارغانسىرى ساراسىمىگە سېلىپ قويىۋاتاتتى. يۈرىكىمنىڭ قورقۇنچتىىن ئازاپلىق تېپىچەكلەۋاتقانلىقىنى بەلكىم ئاكام ئاڭلاۋاتقاندۇ. بەلكىم بارچە قىرىنداشلىرىم ئاڭلاۋاتقاندۇ!!
      ئىككى ئەسىرگە تەڭداش ئىككى كۈننى بۇ سوغۇق جەسەتخانىدا ئاران ئۆتكۈزدۈم. ئىككىنچى كۈنى چۈشتىن كىيىن مەن تەشنا بولغان،لىكىن «كۆرۈپ باقمىغان» ئاشۇ ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلدۇق. زىل قوڭغۇراقلىق ئات ھارۋىسى يەڭگىل مۇقام بىلەن بىزنى بىر بوستان ئارىسىدىكى كىچىك كەنىتكە ئىلىپ كىردى. يول بويى قاتار كەتكەن تىرەكلەر، تىرەكلىك ئوتتۇرسىدا سۈزۈك سۇلار ئويناقشىپ ئېقىپ تۇرغان ئىككى كەڭ ئېرىق گويا جەننەتكە تۇتىشىدىغاندەك كۆرىنىدۇ. ئېرىق قىرىغا رەڭگارەڭ مىليۇن يۆگىمەچ گۈلى ناز-كەرەشمىدە يۆگىشىپ ياتىدۇ. گۈللەر ئۈستىدە تانسا ئويناۋاتقان ھەرخىل سىياقتىكى كىپىنەكلەر ناگاھلاردا تىك كۆتۈرلۈپ كۆك قوينىغا كىرىپ  كىتىدۇ. مانا بۇ مېنىڭ يىگىرمە يىل ياشاپمۇ بىلمەيدىغان ئانا دىيارىمنىڭ بىر ھۈجەيرىسى ئىدى.
       خېلى ئۇزۇن ماڭغاندىن كىيىن قارا تورۇق بىزنى كۆك رەڭ بىلەن سىرلانغان ياغاچ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا ئىلىپ كەلدى. ئاكام قۇلىقىمغا پىچىرلاپ ئۆيىمىزگە كەلگەنلىكىمىزنى ئىيتتى. ئاي، يۇلتۇزلارنىڭ قاپارتما نەقىشلىرى چۈشۈرۈلگەن، قارىماققا گويا قەدىمكى سېپىل دەرۋازىلىرىدەك كۆرىنىدىغان بۇ دەرۋازا تىمسالى كۈندۈزى كۆكتە ئاي،يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغاندەك كىشىگە بىر خىل يوچۇن سىزىمنى بىرەتتى. تۇيۇقسىز ھويلا ئىچىدىن يۈگۈرۈپ چىققان ئالا تۆت كۆز ھارۋا يىنىغا ئويناقشىپ يىتىپ كەلدى. مەن ھارۋىدىن چۈشۈشۈمگىلا ئۇ گويا كونا قەدىناس دوستىغا ئۇچراپ قالغان مۇساپىردەك ماڭا شۇقەدەر مىھىر بىلەن قاراپ ئەركىلەپ كەتتى. توۋا، بىر ئىت چىغىدا مېنى تونۇيدۇ، لىكىن مەنچۇ؟ قارىغاندا ئادەم ھايۋاندەكمۇ
   ساداقەتمەن، ۋاپادار بولالمامدۇ نىمە؟
    مانا، بىرەر ئىككى ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. ئۆز ئۆيۈمنىڭ ھەممە يەرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتىم. نىمىشقىدۇر بىلمەيمەن، كۆڭلۈم دەرۋازا ئالدىدىكى قوشماق ئېرىقنى تارتىپلا تۇرىدۇ. ئىختىيارسىز ھالدا شۇياقنى نىشان قىلىپ پۇتلىرىمغا ئىلگىرلەش بۇيرۇقىنى بەردىم. توختاۋسىز ئېقىۋاتقان سۈپسۈزۈك سۇلار نىمىدىندۇر دىرەك بىرىپ ئاستا شىلدىرلايتتى. مەن گويا بىر يىقىملىق مۇزىكا ئاڭلاۋاتقاندەك شۇ يىقىملىق شىلدىرلاشلار ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن. قاچاندۇر بىر چاغ بولغاندا قۇلاق تۈۋىمدە بىر زىل تونۇش ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولدى. ھەيرانلىق ئىلكىدە بېشىمنى تىزلا بۇرىدىم. يول بويىدا مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك چىرايلىق بىر قىز ئوماق تىللىرى بىلەن ماڭا قاراپ سۆزلەۋاتاتتى. ھەيران قالدىم. بۇ مەن تونۇيدىغان بىردىنبىر ئادەم بولسا كىرەك.
       ـــ باھارگۈل!
   ھەيرانلىقنىڭ قىستاشلىرىغا چىداشلىق بىرەلمەي توۋلاپ سالدىم. دەل شۇ دەقىق ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان ئانامنىڭ ھەممىنى بىلىپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئانامنىڭ ئۆزىنى تونالماي ئەكىسچە باشقا يات بىر قىزنى تونالىغانلىقىمدىن ھەيران بولۇپ ماراۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيتتىم.
   ـــ مەمەتجان، مېنى ئەجەپ ئەنسىرەتتىڭىز.سىزنى دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتۇ دەپ  ئاڭلاپ جىددىيلىشىپ ئۆلەيلا دەپ قالغانىدىم....
     ئۇ ئەنە شۇنداق يىقىملىق قۇراللار بىلەن مېنىڭ ھىسياتىمغا ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى. ئىسيانكار يۈرىكىم بۇ  قىتىم ئىسيان كۆتۈرەلمىدى. مەن ئاستا-ئاستا بۇ قىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى، مېنىڭ نىمىشقا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىمنى، ئۆزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئىسىمگە ئېلىۋاتاتتىم. توغرا، مەن مەمەتجان ئابدۇۋارىس، مەن ئۇيغۇر، ئەجدادىم ئۇيغۇر،بۇ مېنىڭ مىللىتىم، بۇ مېنىڭ ۋەتىنىم....
      بۇ چاغدىكى خۇشاللىقىم ئالدىدا باھارگۈلنى ئۇنتۇپلا كىتىپتىمەن. توغرا، ئۆز قىرىنداشلىرى، ئۆز مىللىتى، ئۆز ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببەت ئالدىدا ياخشى كۆرۈپ كەلگەن ۋاپاسىز يارنى ئۇنتۇپ كىتىش تەبىي ئىشقۇ؟!
      بىر چاغ بولغاندا خىيالدىن ئويغانسام ئۇ يەنىلا سۆزلەۋىتىپتۇ. ئۇنىڭ باياتىن بىرى نىمە دىگەنلىكى مەن ئۈچۈن مەڭگۈلۈك يىشىمسىز نامەلۇم ئىپادە ئىدى. مەن ئۇنىڭغا نىمە دېيىشنى بىلمەي قاراپ تۇرىمەن. ئۇ مېنىڭ تېكىلىپ تۇرغىنىمنى كۆرۈپ سەل ئارىسالدى بولدى بولغاي، زىل قوڭغۇراقتەك ئاۋازى سۇغا چۈشكەن تاشتەك ناھايتى تىزلا توختىدى. ئۇنىڭ چىرايىغا قارىسام گويا « غەربكە ساياھەت » فىلىمىدىكى ئەرشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم سۇنۋۇكۇڭدەك توختاۋسىز ئۆزگىرىۋاتقاندەك كۆرىنەتتى. مەن ئۇنىڭ ئەسلى چىرايىنى مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغاندەك قىلاتتىم. چۈنكى ئۇ باشقا ئادەم. مەن باشقا ئادەم. بىزدە ئىككى روھ بار، ئىككى تەن  بار. ئىككى خىل تەپەككۇر، ئىككى خىل تۇرمۇش يولى بار ئىدى.  
      مېنىڭ ئۇنىڭغا يەنە داۋاملىق قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى. قارىغانچە ئۇ تېخىمۇ غەلىتە، بەتبەشىرە سىياقلاردا كۆرىنەتتى. مەن بېشىمنى ئاستا ئىشىك تەرەپكە بۇرىدىم. ئاھ! مېنىڭ ئانام! جان ئانا!!!
      مەن خۇددى كىنودىكى يەل تاپاندەك ناھايتى تىزلا ئانامنىڭ ئالدىغا ئۈندۈم. گويا بۈگۈن قۇياش غەربى تاغقا مۆكۈنسىلا مەن يەنە ھەممىنى ئۇنتۇپ كىتىدىغاندەك ئەڭ چوڭقۇر مېھرىم بىلەن ئانامنىڭ باغرىغا شۇڭغۇدۇم. ئانامنىڭ كۆز يىشى تىمسالى ئابىھاياتتەك شۇقەدەر ئىللىق سىزىمدە يۈزلىرىمگە ئاقاتتى. ياق، يۈزۈمگە ئەمەس يۈرىكىمگە ئاقاتتى. قىرىنداشلىق مېھرىنىڭ، ئانا-بالىلىق مېھرىنىڭ يىغىندا مۇھەببىتى مېنى جەننەتنىڭ ئەسلى ئۆزىنى، كىملىكىنى، مەۋجۇدلۇقىنى، ئەڭ مۇھىمى قەۋمىنى بىلىش ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشەندۈرىۋاتاتتى. مەن مۇھەببەتنىڭ قوينىدا ئۇچىۋاتىمەن.ئېرىق بويىدا يىتىم قالغان باھارگۈلنىڭ قانداق بوپ كىتىۋاتقانلىقىنى، قانداق ئويلاۋاتقانلىقىنى ئەسلا بىلمەيمەن. چۈنكى شۇ دەمدە ئۇنىڭ مەۋجۇدلىقىنى تامامەن ئۇنۇتقان ئىدىم.
       ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتتى. بەخىتنىڭ قوينىدا ئۆتكەندە زادى قانچە كۈن ئۆتكەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىكەن. قۇياش تېخى كۆزىنى ئېچىشقا ئۈكگۈرمىگەن چاغ،خورازلارنىڭ ئاخىرقى سوزۇپ  چىللاشلىرى تېخى بېسىقمىغان سۈبھى پەيتى ئىدى. بامداتتىن يىنىشىمغىلا يانفونۇم سايراپ كەتتى. يانفونۇمغا قاراپ ئۇزاق خىيالغا چۆكىمەن. توۋا، نى-دەرت،نى-ئەلەملەرنى، ناھايتى ئاز بەخىت ئېلىپ كەلگەن بۇ كىچىك چاسا كىسەك بەخىت قوينىدا تۇنجى سايرىغان ئىدى. بۇ سايراشمۇ يەنە شۇ دەرت-پىراق كانىدىن تارقالغان سايراش ئىدى. قايتا-قايتا سايراشتىن كىيىن تەخىرسىزلىىپ كۇنۇپكىسىنى باستىم. باغچىدىكى قۇچاقلاشما جەڭنى كۆرگەندىن كىيىن شۇنچە نەپرەتلەنگەن شۇ قىزنىڭ تىلفونىنى ئالغاندا نىمىشقىدۇر يۈرىكىم يەنىلا قەدىمىنى تىزلەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاش بىلەن يۈرەك سوقۇشۇم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى يەنىلا شۇنچە يىقىملىق، شۇنچە جاراڭلىق ئىدى.
      ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەمەتجان، سېزنى بەك سېغىندىم، كۆرىشەيلى بولامدۇ؟
    ئۇ يەنە كۆرىشىدىغان يەرلەرنى ئىيتتى بولغاي بىر نىمىلەرنى سۆزلەپ قالدى. يۈرىكىم قايتا چۆككەن ئازاپ ئىلكىدە يەنە بىر قىتىم ئۆلگىلى تاس قالدى.
     ـــ ۋەي،  نىمىشقا گەپ قىلمايسىز؟
     ۋەي....
      ـــ ۋەي...!!
   ـــ ئەمىسە تىلفوننى قويىۋەتتىم. بىرەر ئىشىڭىز بولسا قايتا قىلارسىز.
   مانا بۇ مېنىڭ خېلى ئۇزۇن ئويلىنىپ تاپقان تىلفوندا رەت قىلىش ئۇسۇلۇم ئىدى. لىكىن تىلفوننى ئۈزۈپ يانچۇقۇمغا ئاپىرىپ بولغۇچە يەنە سايراپ كەتتى. بۇمۇ دەل ئۇنىڭ نۇمۇرى ئىدى.
       ـــ ۋەي،مەمەتجان، بايا تىلفون قىلغان مەن ئىدىم. گىپىم راسلا ئاڭلانمىدىمۇ؟
      ـــ ۋەي، نىمىشقا گەپ قىلمايسىز؟ باھارگۈل، سىزگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ گەپ قىلىڭ دەيمەن...
      ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن تىلفوننى يەنە قويىۋەتتىم. ئۆزۈمنىڭ دانا تەدبىرىدىن كۆرەڭلەۋاتقان شۇ پەيتتە باھارگۈلدىن ئۇچۇر كىلىپ قالدى. ئۇ كۆرۈشۈش ئويىنىڭ بارلىقىنى، كۆرۈشمەكچى بولغان ئورۇننى ئۇچۇر قىلىپ ئەۋەتكەنىكەن. مەن ئۇنىڭغا قاراڭغۇنى باھانە قىلىپ چىققىلى ئۇنىمىدىم. خىيالىمدا يەنە بىرەر مەيدان ئەر-ئاياللارنىڭ چىلىشىش مۇسابىقىسىگە نائىل بوپ قالارمەنمىكىن دىگەن قورقۇنچ شەيتىنىم ئۈستىدىن ئىزچىل غالىپ كەلگەنىدى.
        چىڭقى چۈشنىڭ قۇياشى زېمىننى كۈل قىلاتتى. دەرەخ ئاستىغا مۆكىنىۋالغان قۇشقاچ باللىرى گويا ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپ تاپالماي يۈرگەن ئازغۇن بەندىلەردەك  ئەتراپقا قورقۇنچ بىلەن قارايدۇ. ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ئۇنۇتقان ئاق بۇلۇتلار كۆكرەك كىرىپ زېمىنغا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ يەڭگىل ئۇچۇپ يۈرۈيدۇ. ھايات مانا شۇنچىلىكلا. ئىگىزدە ئۇچقانلار ھامان قايتىپ چۈشىدۇ. ئەسكى تاملىقلاردا تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلەرمۇ كۆك قەھرىدە پەرۋاز قىلىدىغان ۋاقىتلارمۇ بولىدۇ. پەقەت ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى ئۇنۇتمىسىلا.
      چىڭقى چۈشنىڭ ئوتلىرىنى مۇھەببەت ئوتىغا سىلىشتۇرۇپ كىتىمەن. ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى مۇھەببەت ئوتلىرنىڭ ھەممىسى بۇنداق سەبىي، مېھنەتسىز، باراۋەر، مەڭگۈلۈك بولمايدۇ.
       ساختا مۇھەببەتنى داۋاملىق ساقلاپ قالغۇم كەلمىدى. شۇڭا باھارگۈلگە ئۇچۇر يوللىدىم. مەزمۇنى مۇنداق:  باھارگۈل، بەزى گەپلەرنى ئىيتمىسام بولمايدىغان ئوخشايدۇ. كۆڭلىڭىزگە ئالمىغايسىز.سوراپ باقاي، سېزنىڭ ئامانىتىڭىز بارمۇ؟ سېزگە ئېشىنىپ ياخشى كۆرسەم خاتالاشمىغان بولىمەن،شۇنداققۇ؟ سېزگە چوڭقۇر ئېشىنىپ كەلدىم، مېنى ئۈمۈدسىز قويمايسىزغۇ؟
     كۆز ئالدىمدا بىراۋلار بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ يۈرگەن بىر قىزدىن بۇنداق سۇئاللارنى سوراش ئارتۇقلۇق بولمايدۇ. ئۇنىۇ نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس. يامىنى كەلسە  ئۆزىنى ئاقلايدۇ شۇ.
     ئارىدىن ئالاھەزەل بىرەر يىرىم سائەت ئۆتتى. ئۇنىڭ جاۋاپ ئۇچۇرى يانفونۇمنى ناھايتى تەستە ئېچىنىشلىق تېتىرەتتى. خەتلەر بەكلا كىچىك يىزىلغان، گويا مەجبۇرىيەت ئۈچۈن ئىشلەنگەن تاپشۇرۇقتەك. ئۇ ئۇچۇرىدا مۇنۇ قۇرلارنى يازغانىدى:
      مەمەتجان، مەن سېزنى ماڭا بۇ قەدەر ئىشەنمەس بوپ كەتكەندۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدىم. بوپتۇ، ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەنىكەن، گەپنى ئوچۇق قىلىپ ھەممىمىز ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى. مېنى بۇرۇن بىر يىگىت قۇچاقلاپ باققان، لىكىن مەن پاكلىقىمنى يوقىتىپ باقمىدىم. ھەم مەڭگۈ يوقاتمايمەن.
      بۇنى كۆرۈپ ئۇنى تازا بىر گەپكە سالغۇم كەلدى-دە ئۇچۇر قايتۇردۇم:
       پەقەت بىرلا يىگىت ئەمەستۇ؟ مەن خېلى كۆرگەندەك قىلغان.
    ئۇنىڭدىن تىزلا جاۋاپ ئۇچۇر ياندى:
     ھەممىنى بىلگەن ئادەم نىمىشقا ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىسىز؟ مەندىن نەپرەتلەنمەمسىز؟
      گەپنىڭ ئاخىرى قانداق بولاركىن دەپ چاندۇرماي داۋاملىق ئۇچۇر يوللىدىم:
       مەن سېزنى ياخشى كۆرگەچكە ئۇ ئىشلىرىڭىزنى كەچۈرۋەتكەن.
   ئۇنىڭغا شۇنداق دەپ قويغان بىلەن ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ بۇنداق ئىشىنى كەچۈرەلمەيتتىم. چۈنكى ھەرقانداق غۇرۇرلۇق ئەركەك ئۆزى سۆيۈشكە مۇيەسسەر بولالمىغان لەۋلەرنىڭ بىراۋلارنىڭ ئېغىزىدا زېدە بولىشىغا يول قويالمايدۇ.يەنە كىلىپ كۆز ئالدىدا....
      ئۇ ئۇچۇر قايتۇرۇپ بۇرۇنقى ئىشلىرىنى تىلغا ئالمىسام مەن بىلەن داۋاملىق يۈرۈپ قىلىشنى خالايدىغانلىقنى ئىيتتى. ئۆزۈمچە كۈلۈپ كىتىمەن. نىمە پايدىسى باردۇ بۇ قىزنىڭ مەن بىلەن يۈرۈپ باشقىلار بىلەن ئويناپ يۈرگېنىنىڭ. بەلكىم بۇ خىل قاراش بۈگۈنكى زامان مۇھەببەتلىرىنىڭ بىرەر تىپىك شەكىللىرى بولسا كىرەك.
      مەن كۆنۈپ كەتكەن بارماقلىرىم بىلەن ناھايتى تىزلا باھارگۈلنىڭ تىلفون نۇمۇرىنى باستىم.
     ـــ ۋەي، باھارگۈل، مەن سېزگە راست گەپنى قىلاي. مەن يۈرىكىمنى ئاللىقاچان باشقا بىرىگە ئاتىۋەتكەن...
   ...دۇت...دۇت.....
   تىلفون ئۈزۈلۈپ قالدى. ياق، ئۈزۈلۈپ قالدى ئەمەس ئۇ تىلفوننى قويىۋەتتى. شۇندىن باشلاپ مەن ئۇنىڭغا تىلفون قىلمىدىم. ئۇمۇ قىلمىدى. بەلكىم ئۇ كۆڭلۈمنى بىرىۋەتكىنىمنىڭ بىر قىز بالا ئەمەس بەلكى مېنىڭ قەۋم قىرىنداشلىرىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغاندۇ،ھەم ئويلاپمۇ باقمىغاندۇ.بەزىدە تۇرۇپلا ئويلاپ قالىمەن. باھارگۈلنىڭ بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە يىگىتلەر بىلەن مۇھەببەتلەشكىنىمۇ توغرىدەك بىلىنىپ كىتىدۇ. چۈنكى مەغلۇپ بولغان يىگىتلەر ماڭا ئوخشاش سوغۇق جەسەتخانىغا بىر كىرىپ چىقسا، ئۇچاغدا تەقدىرى باشقىچە بولار ئىدى. لىكىن بۇ خۇددى يەرشارىنى پىيادە ئايلانغاندەك تازا ئۈنۈمسىز بىر ئىش بولۇپ قالىدۇ-دە!
      شۇنداق قىلىپ تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىزدىن ئايرىلدىم. لىكىن يۈرىكىمدە بىرەر ھىجراننىڭ قارا دانچىلىرى تەپچىپ تۇرمايتتى. مەن يەنىلا شۇنچە تەمكىن ئىدىم. مۇھەببەت شىرىن، مۇھەببەت پەسلى ئىللىق، مۇھەببەت چىچەكلىرى شۇنچە رەڭدار،شۇنچە جەلىپكار. مۇھەببەتنىڭ جاۋابى شۇنچە يوچۇن، شۇنچە ئويچان. ئۇ تەپەككۇر قارماقلىرىغا ئىلىنىپ قالسا ئاندىن مىۋىسىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ مېنىڭ جاۋابىم، مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ جاۋابى.
   
   2012-12-27
   شاڭخەي
      
     
   
   
   
   


مەنبە: تۇزتۇراق

ئابدۇقادىر ئابباس تۇزتۇراق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4726
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 08:20:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي  مۇشۇ  يېقىندا  مۇھەببەت  تېمىلىرى  كۆپۈيۈپ  قالدىغۇ  

مەنمۇ  بىرنەچچە  كۇبۇلىت  شېئىرىمنى  سوۋغا  قىلاي

كۆيدۈم دىسەم ئىشەنمىدىڭ ،
سۆيدۈم دىسەم ئېشىۋالدىڭ .
قانداق قىلاي ئەمدى مەن ساڭا ،
كۆڭلۈمنى سەن ھەجەپ بىلمىدىڭ .



تېلفۇن قىلسام ئالىسەن پەرۋاسىزلا ۋە ياكى ياق.
ئۇچۇر  قىلسام يوللايسەن يەنە شۇ ھە  ياكى  ياق .
ئەي يار سۈيەمسەن  مېنى ئېيتقىنە ھە ياكى ياق .
ئالدىماي مېنى ياكى ئۆزىڭنى ئېيتقىنە ھە ياكى ياق .



ئەتىرگۈلنى بەرسەم ئالدىڭ گەپ-سۆز ئولتۇرۇپ ،
دەيسەن كېيىن  يەنە ئۇخماي ئاپتىمەن كەچۈر ئولتۇرۇپ .
ئويلايمەن ياتاقتا يالغۇز سىنى جىمجىت ئولتۇرۇپ ،
ئوينامسەن ياتاقتا سەن دوس- دوس ئولتۇرۇپ .


مەنبە : ئۆز قەلىمىم ( kaliptax )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaliptax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-9 08:21 PM  


ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7588
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 749 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 09:06:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز  ھازىر توغرا پەرەز قىلىدىغانلار ئاساسەن يوق،ھېكايىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ،داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ

مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.

زەرنىڭ دوستى كۆپ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51
يازما سانى: 3564
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19178
تۆھپە نۇمۇرى: 1997
توردا: 8365 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 09:52:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ مۇھەەبەت ياشلىقتا كىشىنى ھەر كويغا سالىدىغان نەرسىكەن .

تاز گۈل تاپسا قىسقىلى جاي تاپالماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91949
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 477
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2013-2-20
ئاخىرقى: 2013-7-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 10:02:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىدە ، ھەقىقى ساداقەتمەنلىكمۇ  ئادەمنى بەخىتسىز قىلىپ قۇيىدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38839
يازما سانى: 354
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4020
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 799 سائەت
تىزىم: 2011-4-26
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 10:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت  كۇيىدا  يۈردۈم بىر مەھەل،
كۈيلىدىم سازىمدا  تۇقۇپ مەن غەزەل.
ئويلىسام  سەۋدالىق  باشلىغان  كوچا،
ئازاپ ھەم جاپادىن  قۇتۇلماس  ئەزەل.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85197
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-17
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 10:51:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپادىلەش ماھارىتىڭىز بولىدىكەن. يەنىمۇ تىرىشىڭ!

ئۆزىڭىزنىڭ كەچۈرمىشىدەكلا ھېس قىلدىم بۇنى   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49551
يازما سانى: 420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3789
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2189 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 10:59:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇھەببەتتە ئىچكى دۇنيانى لەرزىگە سالدىغان بىر خىل قۇدرەت بار، بۇ دۇنيادا پەس قىز - ئوغۇللار بولسا باركى ھەرگىزمۇ پەس مۇھەببەت يوق.

سەۋر قىل !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75241
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3354
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2012-2-9
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:00:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1069
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9953
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:02:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەتنىڭ لوغىتى باردۇر ،
سۆزلىرى ئاز سالمىقى ئېغىر .
مۇھەببەتمۇ تۇغۇلار ئۆلەر ،
بەزى قىلىپ يۈرەكنى يېغىر .

بۈگۈنكى تىرىشچانلىق ئەتىكى مۇۋەپپەقىيەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش