ئۇچ قىز ھەپتىلىك دەم ئىلىشنى تېنىچ ، خاتىرجەم ئۆتكۈزۇش ئۈچۈن شەھەر سىرتىدىكى داچىغا كەلدى . بۇيەرنىڭ ھاۋاسى شۇنداق ساپ، گۇزەل ھەم جىمجىت بولۇپ ، ئارام ئىلىشتىكى ئەڭ ياخشى جاي ئىدى .
- ئاھ~، مانا بۇ بىزنىڭ دۇنيارىمىز قىزلار ، سىرتقى دۇنيا بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆزىمىزنىڭ دۇنياسىغا كەلدۇق ، بۇ يەردە ھىچكىم بىزنى ئاۋارە قىلالمايدۇ ، تېلېفۇنمۇ ھەم شۇنداق –دېدى ماينۇر كارىۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ . قەلبىنۇر شۇنچە ئاۋات شەھەرنى تاشلاپ، بۇ زىرىكىشلىك جايغا كەلگەنگە ئانچە خۇشال ئەمەستەك قىلاتتى . ئۇ دېرىزىدىن سىرىتقا قاراپ خىيالغا پاتقان ھالدا :
-قايتىپ كەتكۈچە ساراڭ بولۇپ قالماسلىقىمنى تىلەيمەن .
-ئامىن ~! –دېدى ماينۇر كەينىگە ئۇلاپلا.
-ئەلۋەتتە ساراڭ بولۇپ قالمايسەن ، قارا بۇنىڭغا –دېدى رەشىدە قولىدىكى خاتىرە كومپىيۇتىرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ . كومپىيۇتىرنى كۆرۇپ قەلبىنۇر خۇددى ئالتۇن تېپىۋالغاندەك خۇشال بولۇپ كەتتى .
- ياق ، بىز بۇ نەرسىلەرنى ئەكەلمەيمىز دېيىشكەن . بۇ قىلغىنىڭ پەقەتلا قاملاشمىدى رەشىدە –دېدى ماينۇر خاپا بولۇپ .
-كەچۇر ، ئۆزۇمنى ئەمەس بەلكى ئۇنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق قىلدىم . بەڭگى تاماكىسىدىن ئايرىلالمىغاندەك ئۇمۇ بۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ –دېدى رەشىدە كۈلۇپ تۇرۇپ .
- رەخمەت ساڭا ، مىنى پەقەت سەنلا چۈشىنىسەن جۇمۇ .
قەلبىنۇر شۇنداق دەپ رەشىدەنىڭ مەڭزىگە بىرنى سويۇپ قويۇپ ، قولىدىكى كومپىيۇتىرنى ئىلىپ چىقىپ كەتتى .
-ماڭا قارا قىزچاق ، بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلىشىڭ كېرەك . كىرىپ كەچلىك تاماق ئەت –دېدى ماينۇر ژورنالنى ۋاراقلاپ تۇرۇپ .
-بۈگۇن سەن ئىتىدىغان بولغانغۇ ؟
-قائىدىگە ئەمەل قىلغانلار بۇگۇنچە بەخىتتىن ھوزۇرلىنىشقا ھوقۇقلۇق . چىقىپ تامىقىڭنى ئەت ، قورسۇقۇم ئىچىپ كەتتى .
رەشىدە غودۇرلىغىنىچە چىقىپ كەتتى . قەلبىنۇر كىيمىنى ئالماشتۇرۇپ چۈشۇپ ، ئاشخانىدا رەشىدەنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى :
- سەن بۇيەردە نىمىش قىلىسەن ؟
-تاماق ئىتىۋاتىمەن –دېدى رەشىدە كۆكتات ئاقلاپ تۇرۇپ .
- بۈگۇن تاماقنى مايمۇنەم ئىتىدىغان بولغانغۇ ؟
-قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭ ئورنىدا مەن جازالاندىم .
-بولدى قىل ، تاماقنى مەن ئىتەي ، سەن چىقىپ كەت-دېدى قەلبىنۇر ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاققا قول ئۇزۇتۇپ .
- بولدى ھېچقىسى يوق .
-سەن مىنى دەپ شۇنداق قىلغان تۇرساڭ.
-ئۆزۇم خالاپ قىلدىم . تاماق ئىتىشمۇ يامان ئىش ئەمەسقۇ ، بىر –بىرىمىزگە بەز قىلساق قورساق ئاچ قالىدىغان گەپ . بولدى ، سەن چىقىپ ئايلىنىۋەر ، ئۆزۇم ئىتەي ، بەك يىراققا كەتمە جۇمۇ ~!
قەلبىنۇر بىر ئاز ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئاشخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئۇ ماينۇرنىڭ ھۇجۇرىسىغا كىرىپ :
-تاماقنى نېمىشقا ئۆزۇڭ ئەتمەيسەن ؟
-مەن ئاۋارىچىلىقتىن كېيىن تۇغۇلغان –دەپ جاۋاب قايتۇردى ماينۇر ژورنالدىن بىشىنى كۆتۇرمەي . قەلبىنۇر يەنە گەپ قىلاي دىدىيۇ ئاغزىنى ئۈمەللەپ بولۇپ توختىۋالدى . ئۇ سىرىتقا چىقىپ ، كۈن ئولتۇرغاندىكى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۇش ئۈچۈن ئۆينىڭ كەينىدىكى تاغقا چىقىپ كەتتى .
- مايمۇن ئاخچا ، تاماق پىشتى چىقىپ يەۋالسىلا –دېدى رەشىدە كۈلۇمسىرەپ تۇرۇپ . ماينۇر قولىدىكى ژورنالنى تاشلاپ قويۇپ رەشىدەنىڭ كەينىدىن مېھمانخانىغا چىقتى .
- قىنى قەلبىنۇر دېگەن چەكەدە ؟ -دېدى ماينۇر بىشىنى ئەتراپقا سوزۇپ .
- تاغنىڭ ئۇلى بوشاپ قاپتىكەن چىڭداپ كىرەي دەپ چىقىپ كەتتى –دېدى رەشىدە تاماق ئۇسسىغاچ . بىردەمدىن كېيىن قەلبىنۇر يوغان بىر قەغەزگە ئورالغان تۆت چاسا نەرسىنى كۆتۇرگىنىچە كىرىپ كەلدى . ئۇلار ئۇنىڭ قولىدىكى نەرسىنى كۆرۇپ ھەيرانلىق ھەم قىزىقىش ئىلكىدە قەلبىنۇردىن سورىدى :
- ئەكىرگىنىڭ نېمە ئۇ ؟-دېدى ماينۇر .
-ئۇچۇپ كەلگەن ئامەت .
-نەدىن ئۇچۇپ كەلدى بۇ ئامەت ؟-سورىدى رەشىدە .
-بىلمەيمەن ، كەلسەم ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپتۇ ، رەسىمدەك قىلىدۇ ، شۇڭا ئىلىپ كىردىم –دېدى قەلبىنۇر ئۇنى ئۈستەلگە قويۇپ .
-چاقچاق قىلمىساڭچۇ ، يىقىن ئەتىراپتا بىزدىن باشقا ئائىلىك بولمىسا ، بۇنى كىممۇ ئەكىلىپ قويار ؟ -سورىدى ماينۇر مەنىلىك كۈلۇپ .
- ئىشەنمىسەڭلەر مەيلى ، ئەمما بۇ راستىنلا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپتىكەن .
- بولدىلا ، كىم قويۇپ قويغان بولسا بولمامدۇ ، تېز ئاچە كۆرۇپ باقايلى-دېدى رەشىدە بولاقتىن كۆزىنى ئۈزمەي .
قەلبىنۇر بولاقنى يەشتى ، ئىچىدىكىسى ھەقىقەتەن بىر پارچە رەسىم ئىدى.
ئۇلار رەسىمنى كۆرۇپ ھەيران قىلىشتى . بۇ بىر ئايالنىڭ رەسىمى بولۇپ ، بىشى يوق ، ئۇچىسىغا قاپقارا كۆينەك كىيگەن ، بىر قولىدا قان تېمىپ تۇرغان پىچاق يەنە بىر قولىدا ئۆزىنىڭ كاللىسى ، پۇتى يالاڭ ئاياغ بولۇپ ، قارىغانسىرى ئادەمنىڭ تىنىنى شۇركەندۇرەتتى .
- بۇ قانداق چاقچاق ؟ -دېدى رەشىدە رەسىمدىن كۆزىنى ئۇزمەي .
- مۇشۇنداق رەسىممۇ بولامدۇ ؟ نېمە دېگەن غەلىتە –دېدى قەلبىنۇر چىرايىنى پۇرۇشتۇرۇپ .
- نېمىلا بولمىسۇن مەن بۇ رەسىمنى ياختۇرۇپ قالدىم . ئادەمگە ئۆزگىچە زوق بىغىشلايدىكەن –دېدى ماينۇر رەسىمنى قولىغا ئىلىپ تۇرۇپ .
- سەن بۇنى ئۆيگە ئېسىپ قويايلى دىمەيدىغانسەن ؟ -سورىدى قەلبىنۇر.
- ئەكىرگەندىكىن ئېسىپ قويۇش كېرەك ئەمدى ، بولمىسا كۆڭلىگە كىلىدۇ بۇ چوكاننىڭ – دېدى ماينۇر چاقچاق قىلىپ .
- بۇنىڭغا قارىسا ئادەمنىڭ قۇسقىسى كىلىدىگەن ، چىرايىغا قارىغىنە ئۇنىڭ – دېدى رەشىدە .
- ئېھ~! بولدى ، سىلەردە قىلچىمۇ گۇزەل –سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش تۇيغۇسى يوقكەن . بولدىلا ، ئەڭ ياخشىسى بۇنىڭدىن ئۆزۇملا ھوزۇرلىناي . شۇنداق قىلسامغۇ بولا ؟
ماينۇر رەسىمنى ئېلىپ ھۇجۇر ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . قەلبىنۇر بىلەن رەشىدە بىر-بىرىگە قاراپ قويۇپ گەپمۇ قىلماي ئۆز ئۆيلىرىگە كىرىپ كەتتى .
قەلبىنۇر ئادىتى بوينچە كومپىيۇتىرنى ئېچىپ مۇنبەر ساياھىتىنى باشلىۋەتتى . يېرىم كېچە بولدى ، ماينۇرمۇ تېخىچە ژورنال كۆرىۋاتقان ئىدى . بىر چاغدا رەسىمدىكى ھېلىقى ئايال رەسىم ئىچىدىن ئاستا چىقىپ ماينۇرغا يېقىنلاپ كەلدى . ئۇ ھىچنىمىنى سەزمەستىن دۇم ياتقىنىچە ژورنال كۆرىۋاتقان ئىدى. بىر چاغدا ئۇنىڭ بوينىغا بىرتامچە قان تېمىپ چۈشتى . ماينۇر قولى بىلەن قان تامچىپ چۈشكەن جاينى سۇرتىۋىتىپ ، ژورنالنىڭ بىتىنى ئۆرىدى ، دەل شۇ چاغدا ئۇ قولىدىكى قان دېغىنى كۆرۇپ قالدى ۋە ھەيران قالغان ھالدا كەينى تەرەپكە قارىدى ، كەينىدە ھېلىقى رەسىمدىكى ئايال بىر قولىدا قان تامچىپ تۇرغان پىچىقىنى يەنە بىر قولىدا كاللىسىنى تۇتقان ھالدا تۇراتتى . ماينۇر قورققىنىدىن قاتتىق ۋاقىردى ، بىراق ئۇنىڭ ئاۋازى ھۇجۇر ئۆينىڭ ئىچىدىن تىشىغا چىقمىدى . ئايال كاللىسى بىلەن ئۇنىڭ بىشىغا قاتتىق بىرنى سالدى ، ماينۇر ئەس –ھۇشىنى تەستە يىغىپ يەنە ۋاقىرماقچى بولدى ، ئايال قولىدىكى پىچاقنى ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ ئىچىگىلا تىقىۋەتتى . ماينۇر خۇددى بوغۇزلانغان قويدەك كارىۋات ئۈستىدە تىپىرلاشقا باشلىدى.
قان ئۇنىڭ ئاغزى –بۇرنىدىن ئىقىپ چىقىپ ، ئاپئاق يوتقاننى بىردەمنىڭ ئىچىدىلا قانغا بويىۋەتتى . قانخور ئايال ئۇنىڭ ئاغزىدىن پىچاقنىمۇ ئالماستىن رەسىم ئىچىگە كىرىپ كەتتى . ئەتىسى سەھەردە رەشىدە ئۇنى چاقىرغىلى كىردى، ئۇ ماينۇرنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرۇپ قورققىنىدىن قاتتىق ۋاقىرىۋەتتى . قەلبىنۇر ھۇجۇر ئۆيىدىن چىقىپ ئۇنىڭ يىنىغا كەلدى ۋە سورىدى:
- نېمە بولدى ؟ سەھەردە نېمانچە ۋاقىرايسەن ؟
رەشىدە قورققىنىدىن گەپمۇ قىلالمىدى ، ئۇ قولى بىلەن ئۆي ئىچىنى كۆرسەتتى. قەلبىنۇر كىرىپلا قورققىنىدىن ئاغزىنى تۇتۇپلا قالدى . ماينۇر كارىۋىتىدا ئوڭدا ياتقان سالدا جان ئۈزگەن ئىدى . پىچاق ھىلىھەم ئۇنىڭ ئاغزىدا ئىدى . ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى رەسىمدىكى قانخور ئايالنىڭ قولىدا ئىلگىركىگە ئوپمۇ –ئوخشايدىغان يەنە بىر قانلىق پىچاق پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى .
داۋامى بار
مەنبە : قەلەم