سۇڭجىياڭنىڭ ساداقەتمەنلەر سارىيىدىكى سەزگۈرەشتىلىرى
ئابلا راخمان تۆتتاش
سۇڭجىياڭ سوڭ سولالىسى ساماۋىسى سەلتەنىتىنىڭ سادىق سەركەردىسى، سۆزمەن، سىپايە ،سۆلەتسىز سىياسىيۇن.
سۇڭجىياڭ ساڭجۇدىكى ساياھىتىدە سارايلاردا, سەي سۆھبەتلىرىدە سىپاھلاردىكى سۆرەلمىلىك، ساختىپەزلىك، ساختىلىقنى سانچىلىپ سېسىتقاچقا سەھەردىلا سولاقخانىغا سۆرىلىپ سولاندى.
ساتقۇنلارنىڭ ساختىپەزلىك سۆزلىرىنى سۇڭجىياڭدەك ساداقەتمەن سان-ساناقسىز سانغۇنلار سودا-سېتىق، ساياھەتلەردە سەزمەي سىردىشىپ،ساختىلىقنىڭ سايىسىدىن ساقلىنالمىدى.
سۆلەتۋاز سىپاھلار سەمىمىيەتسىز سەتەڭلەرگە سىلجىپ سۈركىلىپ، سەپەرلەردە سارايلارنىڭ سەرمايىسىدا سونايلىنىپ سازلىنىپ، سادىق سىرىنگۈللەرگە، سۇڭجىياڭ،ساۋجىڭلارنىڭ سادىق سەتەڭلىرىگە ساپاسىزلارچە سۇقۇلۇپ سۈركىلىپ،سۇرۇنلاردا سۇقۇشۇپ سېسىپ، سارايۋەنگە سانسىز سانچىلىپ سازلاندى..
سۇڭجىياڭ سادىق سەركەردىلەرنىڭ سايىسىدە سوڭ ساماۋىسىنىڭ سەلتەنىتىگە سۈركىلىپ، سەتەڭلەرگە سۈركەلمەي ساداقەت سازىنى سانغۇنلارنىڭ سەمىمىلىكىگە سانچىپ، سوڭ سەلتەنەتىدىن سۈيۈنۈپ-سېغىنىپ، سەپەرداشلارسەپلەنگەن سۈپسۈزۈك سۇ ساھىلىدىكى سەيلىگاھىدا ساراڭلىقتىن ساقلىنالماي، سەيجىڭنىڭ سەنىمىدە ساماندەك سارغىيىپ، ساختا ساداقەتمەنلىك سۆزلىرىنى سەزمەي، سانغۇن-سەركەردىلەرنىڭ سەمىمىيىتىگە سەپ سالماي، سەھەردىلا سالامنامىنى سۇڭ سولالىسى ساماۋىسىنىڭ سەلتەنەتىگە سۇنۇپ، سەيجىڭغا سالپىيىپ سوغا-سالاملارنى سۇندى. سوڭ سۇلالىسى سەلتەنىتىدىكى ساپاسىز سەركەردە-سەرۋازلار سوڭجىياڭنىڭ سوۋغاتلىردىن سۆيۈنمەي، سۇ سەلتەنىتىنى ساقىتىش سەرلەۋھىسىدىكى سوقۇشلاردىن ساۋاقلىنىپ، سوڭجىياڭنىڭ سەركەردە-سەرۋازلىرىنى سەزدۈرمەي سۇندۇرۇشنى سۆزلەشتى. سۇ سەرۋازلىرى ساتقىنلارنىڭ سۈيقەستىدە سورۇلۇپ،سۇقۇلۇپ، سىغدىلىپ سوڭجىياڭنىڭ سەلتەنىتى سولىشىپ، ساماندەك سارغايدى.
ئابلا راخمان تۆتتاش
2013-يىل 8-ئاپرېل
تۆقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 07:43 PM