«تەڭرىتاغ ئوغلى» دراممىسى توغرىسىدا
كۆرەشچان يىللارنىڭ باتۇر كۈيچىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلاۋىي شائىرى، ۋەتەنپەرۋەر جەڭچى لۇتپۇللا مۇتەللىپ، 1922-يىلى 16-نويانىردا دۇنياغا كەلگەن. 1945-يىلى 18-سىنتەبىردە ئاقسۇدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرى تەرىپىدىن پاجەئەلىك ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇ ئاقسۇدا «ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ناملىق ئىنقىلاۋىي تەشكىلات قۇرۇپ، ئىلغار كۈچلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئامما ئىچىدە ياپۇن باسقۇنچىللىرىغا ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىللىرىگە قارشى كۆرەشنى قانات يايدۇرغان. بۇ دراممىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ئاقسۇدا ئېلىپ بارغان ئىنقىلاۋىي پائالىيەتلىرى تىپىك ۋە جانلىق تەسۋىرلىنىدۇ. شۇنداقلا شائىرنىڭ ئالىجاناپ ئەخلاقى پەزىلىتى،ۋەتەنپەرۋەرلىگى ،خەلققە بولغان چوڭقۇر مھرى-مۇھەببىتى ۋە دۈشمەنگە بولغان چەكسىز سىنىپىي ئۆچمەنلىگى مەدىھلىنىدۇ. دراممىنىڭ ئاپتۇرى-ئابلەت قىيۇم. رىژىسۇر-ئىسلامجان. ئاساسلىق روللاردا: لۇتپۇللا مۇتەللىپ-مەمەت تۇراپ. بىلال ئېزىزى-ھېكىم تىيىپ. ئابلا روزى-ئابدۇرىھىم ھاپىز. مونىردىن خوجا-ئابباس نۇردۇن. لۇجىڭ-مۇتەللىپ. ھۈسەينۇپ-نىياز توقا. ئانارگۈل-ئاسىيە ئىمىن. ھاشىم بوۋاي-يار ئىلى جاۋ خەنچىڭ-ئابدۇرىشىت ئىمىن. ۋۇشاۋبىڭ-ئەخەت مۇسا. ئابباس خوجا-ئىسلامجان.ھېكىم نۇر-خۇشتار ئابلىمىت ئايتىللا-ئاينۇر قاتارلىقلار بۇ 6 پەردىلىك مۇزىكىلىك دراممىنى شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى سۈرەتكە ئالغان. قىسقىچە مەزمۇنى: لۇتپۇللا مۇتەللىپ-1939-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ،ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇپ،يەنئەندىن شىنجاڭغا كەلگەن كومىنىستلار ۋە مەشھۇر مەدىنىيەت ئەرباپلىرىنىڭ دەرسىنى ئاڭلاپ،يېڭى مەدىنىيەت ھەركىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ،ياپۇن باسقۇنچىللىرىنىڭ جوڭگۇغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقلىرىنى قاتتىق سۆكۈپ،«جوڭگۇ»،«مۇھەببەت ۋە نەپرەت»،كۆرەش قىزى»،«ماي،كۆرەشچان ئاي»،«يانار تاغلار»،«پادىشا سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ»،«ئەجەل ھودۇقۇشى»قاتارلىق كۆپلىگەن شىئېر،داستان،فىليەتۇن، سەھنە ئەسەرلىرىنى يېزىپ،خەلقنى زۇلۇمغا قارشى كۆرەشكە چاقىرىدۇ. ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇشنى غەلبىلىك تاماملىغاندىن كىيىن، 1942-يىلى 6-ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى»ئىدارىسىدا ئىشلەپ، بۇ گېزىتنىڭ ئەدىبىيات بېتىنىڭ مۇھەررىرلىگىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 1943-يىلى قانخور جاللات شىڭشىسەي ئىلغارلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ،كومىنىستلارنى،ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەرنى كەڭ كۆلەمدەتۇتقۇن قىلىپ قىرغىن قىلىدۇ. ۋەزىيەتتە چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ. شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى لۇتپۇللا مۇتەللىپتىن خاتىرجەم بولالماي، « خىزمەت يۆتكەش باھانىسى بىلەن 1943-يىلى سىنتەبىردە ئۇنى ئاقسۇغا ماڭدۇرىدۇ. لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئاقسۇغا كېلىپ، «ئاقسۇ گېزىتى»دەئىشلەپ بىلال ئېزىزى،مونىردىن خوجا، ئابلا روزى قاتارلىق شائىر ئىنقىلاپچىلار بىلەن تونۇشۇپ، «ياش ئۇچقۇنلار ئىتتىپاقى» ناملىق ئىنقىلاۋىي تەشكىلاتنى قۇرۇپ،1945-يىلى دىھقانلار ئاممىسىنى گومىنداڭغا قارشى قۇراللىق قوزغىلاڭغا تەشكىللەپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىغا ماسلىشىش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقاندا گومىنداڭ ئىشپىيۇنلىرىنىڭ ساتقىنلىقى بىلەن قولغا ئېلىنىپ،1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى سەبداشلىرى بىلەن بىرگە ئاقسۇدا باتۇرلارچە قۇربان بولىدۇ. تەييارلىغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
|