چاۋشيەن زادى ئۇرۇش قىلامدۇ قىلمامدۇ؟
جۇڭچىڭ لىنىيەسى 8 – ئاپرېل خەۋىرى: چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلۇدىغان سىنارەدلىرى نىشانغا زادى توغرا تېگەرمۇ، بۇنىڭدىن جىق ئادەم گۇمانلىنىدۇ. بىراق كىمجۇڭئېننىڭ بۇ قېتىم قاتتىق ھەيۋە كۆرسىتىشى ئامېرىكىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتتى. چاۋشيەن زادى جەڭ قىلامدۇ، ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدە بۇنىڭغا قارىتا پىكىر بىردەك ئەمەس.
3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگېل «بەش بۈرجەكلىك بىنا گېزىتى» دە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە نائېنىق سانلار بەك كۆپ، بىز چوقۇم ھەر بىر قېتىملىق ئىغۋانى پاكىز تازىلىشىمىز شەرت».
«قوغداش گېزىتى» دە مۇنداق تەھلىل قىلىندى، «كىمجۇڭئېن ياش، تەجرىبىسىز، غەرب دۇنياسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ناھايىتى زور بىر ئېنىقسىز ئۆزگەرگۈچى مىقدار». ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى (NBC) مۇ مۇنداق تەھلىل قىلدى: ناۋادا كىمجۇڭئېننىڭ دېگەنلىرى ئالدىن كۆرەرلىك بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىنى ئاددىي دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.
بەزى ئىلىمشۇناسلار مۇنداق قارىدى، كىمجۇڭئېننىڭ ئوي خىيالىنى پەرەز قىلماق تەس ئەمەس. ئامېرىكا تافتس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن ۋە تاشقى دېپلوماتىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى لىسۇڭيەن مۇنداق دېدى، كىمجۇڭئېن ھازىر ئويناۋاتقان «دراما» ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىش ئەمەس، «چاۋشيەن پىسخىكا جېڭى قىلىشقا ماھىر. ئۇلار ئاۋۋال جىددىي ۋەزىيەت يارىتىپ، ئامېرىكا، كورىيەلەرگە بېسىم قىلدى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇ سەللا يول قويۇپ، ئاجىزلىقىنى ئىپادىلىسە، بىر قاتار ياردەملەرگە ئېرىشەلەيدۇ».
جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئامېرىكا، كورىيە مۇناسىۋىتى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جوئېل ۋېت NBCغا مۇنداق دېدى، كىمجۇڭئېن پەقەتلا كونا مۇقامغا توۋلاۋاتىدۇ، «چاۋشيەن ھېچقانداق ئاجىزلىقىنى ئىپادىلىمىدى. شۇڭا ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى مۇداپىئە دۈشمەننى ئاجىز، ئۆزىنى كۈچلۈك قىلىپ كۆرسىتىش».
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىسترلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋىلكىنسون مۇنداق دېدى: «چاۋشيەننىڭ ئۇرۇشقا دائىر گەپ سۆزلىرى ۋە تەھدىتى پەقەتلا بىر خىل مودېل بويىچە ماڭدى—ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈش ۋە باشقىلارنى چۆچىتىش. ئەمەلىيەتتە، چاۋشيەن ھەرقانداق تەھدىتنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ».
لىسۇڭيەننىڭ قارىشىچە، چاۋشيەن خۇددى ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ پىسخىكىسىنى قاتتىق ئىگىلىۋالغان دانا قىمارۋاز. «چاۋشيەن ئېلىپ كەلگەن تاشقى دېپلوماتىيە كىرىزىسى ئۆزىنىڭ قولىدا پارتلىشىنى ھېچقانداق زوڭتوڭ خالىمايدۇ. ئۆتكەن 20 يىل ئىچىدە، چاۋشيەن مۇشۇ ئويۇننى ماھىرلىق بىلەن ئويناپ كەلدى: يادرو ئارقىلىق تاشقى دېپلوماتىيەگە تەھدىت سېلىش».
ياپونىيە تاراتقۇلىرى چاۋشيەننىڭ بۇ «مەنمەنچىلىكى» نى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمىدى. 4 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى «يۇمىئورى خەۋەرلىرى» دە مۇنداق دەپ كۈچلۈك تەنقىد قىلىندى: «ئەمەلىيەتتە، دەھشەت يوغان گەپ سۆزلەرنىڭ كەينىدە، چاۋشيەننىڭ ھېچكىمگە دىيەلمەيدىغان دەردى بار. ھەرقايسى ئەللەر چاۋشيەننىڭ ئۇرۇش تەھدىتىنى ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئاشلىق، ئېنىرگىيە ياردىمى بارغانسېرى ئازلاۋاتىدۇ».
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رۇسىيە «مۇتەخەسىسلەر» ھەپتىلىك ژورنىلى مۇنداق تەھلىل قىلدى، كىمجۇڭئېن «پەقەت ۋاشىنگتوننى سۆھبەت ئۈستىلىگە قىستاپ كېلىپ، كورىيەنىڭ يېڭى زوڭتوڭىنى چاۋشيەنگە قاراتقان سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش پارتلىمىغان ئەھۋال ئاستىدا مەزكۇر دۆلەتنى ئىتتىپاقلاشتۇرماقچى».
مەنبە : ئۇلۇنىش تورى