مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 564|ئىنكاس: 4

كۈلۈمسىرەۋاتقان ئوقۇتقۇچى (ئەكبەر ھىمىت) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87502
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 231
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:19:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كۈلۈمسىرەۋاتقان ئوقۇتقۇچى


ئەكبەر ھىمىت




   «كۈلۈمسىرەش ئۇ خوشامەت كۈلكىسى ئەمەس! ئۇنىڭ قىممىتى شۇ يەردىكى، كۈلكە تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان گۈزەل يۈز بەئەينى قوياش پارلىغان باھار تېڭىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا نە خۇنۇكلۇك، نە بەدنىيەتلىك بولسۇن!»

                                                                       -خاتىرەمدىن

  كۈلۈمسىرەش ئادەملەر ئارىسىدىكى ئارىلىقنى قىسقارتىدۇ، كىشىلەرنى ئۆزئارا تونۇشۇشقا، چۈشىنىشكە يېتەكلەيدۇ. ئۆزئارا چۈشىنىشكەنلەر ئوتتۇرىسىدا ئىناقلىق، ئىتتىپاقلىق ۋە دوستلۇققا يول ئېچىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىجتىمائى ھاۋا ئىللىيدۇ، كۆڭۈللەر بىر-بىرىدىن سۇ ئىچىدۇ. ئىناقلىق-ئۆملۈك قارار تاپقان ئەلنىڭ ئىشلىرىدا بەرىكەت بولىدۇ.

كۈلۈمسىرەش چىقىمى يوق مەبلەغ سېلىشتۇر. كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش دەل موشۇ مەبلەغنىڭ بەرىكاتىدىندۇر. ياخشى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت شەخسنىڭ نۇرغۇن مۈشكۈللىرىنى ئاسان قىلىدۇ، مۇناسىۋەت تورى كەڭ، ئالاقە مۇھىتى قويۇق بولغاندا ئىشلار ئاسان يۈرۈشۈپ، يوللار كۆپىيىدۇ...

كۈلۈمسىرەش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر گۈزەل پەزىلەتتۇركى، كۈلۈمسىرەش بولغان جايدا ئاداۋەت، سۇخۇمەت، يالغانچىلىق، ئىچى تارلىق، قىتىغورلۇق، نامەردلىك، خۇمسىلىق، يۈزسىزلىك، ئەقىدىسىزلىك، ئىناقسىزلىق بولمايدۇ. كۈلۈمسىرەش بولغان جايدا سەمىمىيلىك بولىدۇ، پەزىلەت گۈللىرى ئېچىلىدۇ. دوستلۇق، مۇھەببەت كۆكلەيدۇ. باراقسانلاپ ئاينىيدۇ. ئەقىدە-ئىخلاس بەرق ئۇرىدۇ.

خوشال كەيپىيات ۋە كۈلۈمسىرەش ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر تۈرلۈك ساغلاملىق ھادىسىسى بولۇپ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا ئېيتىلىشىچە، ھازىر خەلقئارادا كۈلۈش گۈزەللىك تەربىيەسىنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنى قىلىنىدىغان، شۇنداقلا كۈلۈش ئەقىل-پاراسەتنى ساغلاملاشتۇرىدىغان تەنھەرىكەت، دەپ قارىلىدىغان بولغان. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ كېنتاكى شىتاتىدا «ئۆسمۈرلەر كۈلۈش كۇلۇبى» تەسىس قىلىنىپ، 15ياشتىن تۆۋەن بالىلارغا تەبەسسۇم كۈلكە تەربىيەسى بېرىلىدىكەن. ئامېرىكىدىكى بەزى كارخانىلار «كۈلۈش كارخانا كەيپىياتىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ» دەپ قارىماقتا. كۈلۈش سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، سوتسىيالىستىك يېڭى ھاياتنىڭمۇ بىر خىل بەلگىسى. سوتسىيالىستىك ۋەتىنىمىزدە خوشال-خوراملىق، دوستلۇق-ئىناقلىق، مېھىر-مۇھەببەت كەيپىياتلىرى خوشخوي چىراي ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. شوڭا ئوچۇق چىراي، خوش چاقچاق بولۇش ئىجتىمائىي مۇھىتىمىزدا بولۇشقا تىگىشلىك يېڭى ئەخلاقى پەزىلەت ھېسابلىنىدۇ.

  مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى بار. ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى بار. شاگىرت بولسا ئۇستاز بولغۇچىنىڭ ئىلمىگە مۇھتاج. ئەكسىچە ئۇستاز بولغۇچى شاگىرتقا ئىلىم سېلىش بەدىلىگە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. دىمەك ئوقۇغۇچى بولغاچىلا ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسپ بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان. ئۆز كەسپىگە بېرىلىش، كەسپنىڭ ئىنچىكە قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىلەپ، كامالەتكە يەتمەكنى ئىزدەش ھەربىر كەسپ ئىگىسىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇسى بولسا كېرەك. ئۆز كەسىپىگە سادىق بولغان ۋە ئۆز كەسپىنى بىجانىدىل سۆيىدىغان كىشىدىلا كەسپ روھى يېتىلىدۇ. كەسپ روھى بولسا كىشىلەرگە ھەرخىل پۇتلىكاشاڭ، جەبىر-جاپالارنى يېڭىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا رىغبەت ۋە مەدەت بېرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. تەلىم-تەربىيە جەريانى ئۇزۇن ۋاقىت، كۆپ زىھىن، ھىسابسىز ئەجىر، ئۆكسىمەس ئەقىدە-ئىخلاس ۋە تاشتەك ئېغىر سەۋر-تاقەت تەلەپ قىلىدىغان مۇشەققەتلىك سەپەردۇر. ئوقۇتقۇچىلار دەل موشۇ ئىلىم سەپىرىدىكى بايراقدارلاردۇر ۋە بۇ سەپەرنىڭ ئەڭ كۆپ تەر تۆككۈچىلىرىدۇر. ئوقۇتقۇچىنىڭ ھىسابسىز مېھنىتى بەدىلىگە تۆكۈلگەن قان-تەرىدىن دەل بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەت ۋە رايوننىڭ كەلگۈسى نەپ ئالىدۇ. موشۇ نۇقتىدىن ئويلىغاندا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەت بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ئادا بولىدىغان ئاددىي جەريان ئەمەس. «بولىدىغان زىرائەت كۆكىدىن  مەلۇم» دىگەندەك، بۈگۈنكى  مائارىپنىڭ سۈپەت-ساپاسى ئارقىلىق ئەتىدىكى تەرەققىياتىمىزنى، يۈكسىلىشلىرىمىزنى قىسمەن بولسىمۇ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. مائارىپتىكى بۈگۈنكى يۈكسىلىش دۆلەتنىڭ ئەتىدىكى گۈللىنىشىدۇر. دەل موشۇنداق بولغاچقا، دۆلىتىمىز يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بېرى مائارىپقا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇن قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاش، ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا قەدەر ھىسابسىز مەبلەغ سالدى ۋە سېلىۋاتىدۇ. ئەۋلادلارغا ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلۈش سىياسى مەدەتكە ۋە قانۇن كاپالىتىگە ئىگە بولدى ۋە بولۇۋاتىدۇ. تېخى نامراتلىق تەلتۆكۈس تۈگىتىلمىگەن يىراق يېزا-قىشلاقلاردىكى ئەڭ چىرايلىق قۇرۇلۇش دەل مەكتەپ بىناسىدۇر. بالىلارنىڭلا ئەمەس ئائىلە باشلىقلىرىغىمۇ زور بېسىم ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كىتاب-ماتېرىيال پۇلى ۋە پارچە راسخۇتتىن تارتىپ قورساق غېمىگە ھەممىسى ھازىر ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت مالىيەسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ھەل بولدى ۋە بولۇۋاتىدۇ...  

  ئەمما، شۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، مائارىپىمىزنىڭ سۈپەت-ساپاسىدا يۇقۇرقىدەك كۆڭۈل بۆلۈشلەرگە يانداشقۇدەك نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيۋاتىمىز. بۇنىڭ جاۋابكارلىقى ئالدى بىلەن موشۇ كەسپنىڭ نېنىنى يەۋاتقان شۇنداقلا موشۇ كەسپ بىلەن كۆكلىگەن مائارىپچىلاردا. دۇرۇس ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسمەسلىكى ياكى تۆۋەنلەپ كېتىشى ئىسلاھات سەركىلىرىنىڭ ساپاسى، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش، تەشكىللەشتىكى ئىلمىيلىكنىڭ كەمچىللىكى،  ئوقۇقۇتقۇچىلارنى قوزغىتىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، بۈگۈنكىدەك بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا مائارىپچىلارنىڭمۇ ھالىنى قويماي، ئارامىنى بۇزۇۋاتقان ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى تۈرلۈك ئىھتىياج ۋە تەلەپلەرنىڭ قىستىشى سەۋەبلىك بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپچىلار قوشۇندىن ئېقىپ كېتىشى؛ بىلىم ۋە ئەقىدىنىڭ ئىسراپ بولۇشى ...دىگەندەك كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلىق.  بۇنى بىر-ئىككى ئېغىز گەپ ۋە بىرەر پارچە يازما بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ مەن مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش سۈپىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنىڭ دىگەندەك ئۈنۈم كۆرسىتەلمىگەنلىكىنى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن ئىزدەپ باقتىم. ئىزدىگەندىن كېيىن مەسىلە تېپىلىدىغان گەپكەن، مەۋجۇت مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە مۇلاھىزىگە تاشلاش پېقىرنىڭ ۋىجدانەن بۇرچى دەپ ئويلىدىم.

  ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىكى زورىيىش ساندىن سۈپەتكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ مەخسۇس كەسپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئىستودىنتلار يىراق يېزا-قىشلاقلاردىكى مەرىپەت بۆشۈكلىرىنىڭ تەۋرەتكۈچىلىرىگە ئايلاندى. ئۇلاردا زامانغا لايىقلاشقۇدەك، نۆۋەتتىكى ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك كەسپى ساپا ۋە دىت بار. ئۇنىڭدىن سىرت مەكتەپلەردە ئوقۇتۇشنى كۆپ خىل ئۇسۇل ۋە شەكىل ئارقىلىق بېيتىدىغان تۈرلۈك ئۈسكۈنە ۋە ئەسلىھەلەرمۇ ھەم بار ئىدى. دىمەك ئۇلار خالىسا ئىنتىرنىت تورى ۋە يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق مەركىزى شەھەرلەردىكى ئەڭ ياخشى ئۆتۈلگەن دەرسلەردىن پايدىلىنالايدۇ، بىلىمىنى ئۈزۈكسىز يېڭىلاپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزالايدۇ. ئەمما، مەخسۇس پىداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇپ كەلگەن زور بىر قىسىم يېڭى ئوقۇتقۇچىلار «ئوقۇغۇچى دىگەن تومۇرچى كېلىدۇ، كۈلۈپ قويدۇڭمۇ شىللەڭگە مىنىدۇ» دەيدىغان قىلچىمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ تۈرتكىسى سەۋەبىدىنمۇ كۈلۈمسىرەشكە بېخىللىق قىلىپ، دەرسخانىنى تومۇز ئايلىرىدىمۇ مۇزلىتىپ، توڭلىتىپ قويۇۋاتىدۇ. بالىلار ئۇلاردىن بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلسىمۇ ئىللىقلىق بولمىغان قەلبتىكى بىلىم تولۇقى بىلەن ھەزم بولمايۋاتىدۇ. بالىلىرىمىز قۇرغاق ئەقىلنىڭ زىرىكىشلىك نەزەرىيەلىرى ئىچىدە ئۆزىدىن ئېغىر قەغەز دۆۋىسىگە كۆمۈلۈپ تولىمۇ تەنھا ۋە يالغۇزلۇق ئازابى ئىچىدە مۆلدۈرلەپ قاراشماقتا. ئۇلار مۇھتاج بولۇۋاتقان ئىللىق قەلب تەلەپچانلىقنىڭ قاتتىق قوللىرىدا بوغۇلماقتا ياكى بىپەرۋالىقنىڭ ئېغىر تاپانلىرىدا يانچىلماقتا...

  ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۈلۈمسىرەشنىڭ كەمچىل بولۇشى قەلبلەرنى زىمىستانغا سۆرىدى، دىللار مۇزلىدى، قەلبلەردە يارقىن قوياش كۆتۈرۈلەلمىدى. قوياش كۆتۈرۈلمىگەن قەلبتە نە ئەخلاق، نە بىلىم يىلتىز تارتالمىدى، بولۇق ئاينىيالمىدى. ئۆز كەسپىگە سۆيۈنۈش ۋە كۆيۈنۈش بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ چىرايىدا بەختىيارلىق، روھى ئازادىلىك پارلايدۇ! بۇنداق چىرايدا رازىمەنلىك كۈلكىسى ئۆچمەيدۇ. دىمەك پېقىر بۇ يەردە تىلغا ئالغان ۋە كۈچەپ تەشۋىق قىلماقچى بولغان كۈلۈمسىرەشنىڭ مەنبىئى قەلبتە، مۇھەببەتتە، سەۋر-تاقەتتە، ئەقىدە ۋە ئىخلاستا! بۇ خىل روھى بايلىققا ئىگە ئوقۇتقۇچىلار مائارىپىمىزنىڭ قىممەتلىك بايلىقلىرى بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ پارلاق ئەتىسى دەل موشۇنداق مائارىپچىلارنىڭ مېھىرلىك ۋە بەرىكەتلىك ئالىقانلىرىدا پەرۋىش تاپىدۇ.

    ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىمغا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش ھاياتىدىكى بىر ئۇنتۇلماس ئەسلىمە توغرىسىدا بىر پارچىدىن ماقالە يېزىپ كېلىش تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇردۇم. ئۇلارنىڭ ماقالىلىرىنى رەتلەپ، خاتىرە قىلىپ ساقلاپ قويۇش ئويۇم بار ئىدى. بەزىدە تېخى بۇنداق ساددا قەلبلەردىن تۆكۈلگەن يازمىلار بىرەر مۇلاھىزىگە «تۇترۇق» بولۇپمۇ قالاتتى. ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئوبدانلا قەلەم قۇۋۋىتىگە ئىگە بىر ئوقۇغۇچۇم بىر كانۋىرتنى كۆتۈرۈپ ئىشخانامغا كىردى.

-مۇئەللىم تاپشۇرۇقنى تۈگەتكەنتىم،-دېدى ئۇ نىمىگىدۇر دىلىغۇل بولۇپ قولىدىكى كانۋىرتنى مىجىقلاپ.  

-ئۇنداقتا كۆرۈپ باقسام بولامدۇ؟-سورىدىم ئۇنىڭدىن.

-بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭدا دىيىلگەن گەپلەردىن سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بار، بۇنىڭدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلارنى ئۆزىڭىزلا بىلىپ قالسىڭىز. ئەگەر ماقۇل كۆرسىڭىز، كانۋرت ئىچىدىكى خەتنى كىيىنرەك ئوقۇسىڭىز،-دېدى نىمىگىدۇر خاتىرجەم بولالماي.

مەن ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە ماقۇل بولدۇم. ئۇ كانۋىرتنى ماڭا تۇتقۇزدى. ئوقۇغۇچۇمنىڭ تەلىپى بويىچە خەت سېلىنغان  كانۋېرتنى ماتېرىياللىرىمنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويدۇم. چاچتىن تولا ئىشلارنىڭ ئالدىرىتىشى سەۋەبلىك ئۇ خەتنى راستىنلا ئىسىمدىن چىقىرىپ قويۇپتىمەن. ئوقۇغۇچىلىرىممۇ ئوقۇش پۈتتۈردى. كىيىن ماتىرىياللىرىمنى يىغىشتۇرىۋاتسام ئېغىزى يىرتىلمىغان كونۋرت قولۇمغا چىقىپ قالدى. خەتنى ئېچىپ ئوقۇپ چىقتىم. شۇندىلا ئاشۇ بىر مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ قانچىلىك روھى ئازاپ ۋە سىقىلىش ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بىزدىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەنگەندەك بولدۇم. خەت مۇنداق يېزىلغانىدى:

« سىنىپتىكى بارلىق ساۋاقداشلارنىڭ چارشەنبە كۈنى بىلەن پەقەتلا خوشى يوق. بۇ كۈنى مەكتەپكە، توغرىراقى سىنىپقا بىرى بېشىمىزدىن سۆرىگەندەك كىرىمىز. ئەگەر سىنىپ مۇدىرىمىزدىن قورقمىساق ئىدۇق، بۇ كۈنى مەكتەپكە ئىككى سائەت كىچىكىپ كەلگەن بولاتتۇق. نەزەرىمىزدە چارشەنبە كۈنى ھاۋا ئوچۇق بولسىمۇ قەلبىمىزدە يەنىلا زىمىستان دەھشىتى ھۆكۈم سۈرىدۇ، جۇت-شىۋىرغان ھۆركىرەيدۇ. بىر خىل قورقۇنچتىن، كۆڭۈلسىزلىكتىن ۋوجۇدىمىز مۇزلاپ كېتىدۇ. مۇزلىمامتى ئەمىسە، قوياش پارلىمىغان قەلبتە نە يورۇقلۇق نە ئىللىقلىق بولسۇن!

پۈشتەك ئاۋازى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ تەرتىپنى جاكارلاپ ۋار-ۋۇر ۋارقىراشلىرى، ئەتىگەنلىك گىمناستىكا، ساۋاقداشلارنىڭ ۋاراڭ-چورۇڭلىرى، گىمناستىكىدىن كېيىن قويۇلىدىغان مۇزىكا، دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى، جىمىىپ كەتكەن كارىدۇر... شۇنىڭدىن كېيىن جىمىپ كەتكەن كارىدۇردا بىر تونۇش ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىدۇ. بۇ ئىگىز پاشنىلىق ئاياغ كارىدۇرغا ئەمەس بىزنىڭ يۈرىكىمىزگە دەسسەپ ماڭغاندەك تۇيۇلىدۇ، ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىشى بىلەن يۈرىكىمىز سېلىپ، كۆزلىرىمىز قاراڭغۇلىشىدۇ، سىنىپمۇ جىمىپ كەتكەن، ھەممەيلەن كۆڭۈلسىز بىر ھالەتتە بەكرەك تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي ئولتۇرىمىز. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ۋاقىت بەكمۇ ئاستا ئۆتىدۇ، بېغىشىمغا ئۆتكۈزىۋالغان كونا سائەتكە تاما ۋە ئىلتىجا بىلەن قارايمەن. ئەمما سائەتنىڭ ئىستىرىلكىسى توختاپ قالغان، ۋاقىت شۈنچىلىك ئېغىر ۋە سالماق ئۆتمەكتە! ئىشكىنىڭ تۇتقۇچى تولغىنىدۇ-دە، ئىشىك نالە بىلەن غىچىرلاپ ئېچىلىپ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز كىرىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ كىرىشى بىلەن تەڭ سىنىپ ئىچىدە مەڭگۈ ئىللىماس بىر سوغوق نۇر، سەلدىن كېيىن باشلىنىدىغان بىر كۆڭۈلسىزلىك كۆڭۈللەرنى غەش قىلىپ ئەلەڭگىشكە باشلايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ قاپىقى تۈرۈلگەن، كۆزلىرى چەكچەيگەن! بىز مىخقا ئولتۇرىۋالغاندەك دىرىڭڭىدە ئورنىمىزدىن تۇرىمىز، ئاۋازىمىزنى بولۇشىغا قويۇۋىتىپ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىزغا ئەتىگەنلىك سالام بېرىمىز. بىرەرىمىزنىڭمۇ ئاۋاز چىقارمىغانلىقى ياكى كىيىن ئورنىدىن تۇرغانلىقى سەۋەبلىك تىل ئىشتكۈسى، كىتاب بىلەن يۈزىگە، گەدىنىگە يەنە نە-نەلىرىگە ئەتىگەنلىك نىسىۋە يىگۈسى يوق. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىزنى شۇ ھامانلا ئولتۇرغۇزىۋەتمەيدۇ، شۇنچە دىققەت قىلسىمۇ بىزدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرغان بىرىمىزگە چايناپ پۈركىۋەتسىمۇ دەردى چىقماس غەزەپ بىلەن ئالىيىدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ... خۇداغا شۈكرى ئۇ باشقا گەپ قىلمايدۇ ۋە ئولتۇرۇشقا ئىجازەت بېرىدۇ. ئۇ قولىدىكى ماتىرىيالنى دەرس مۇنبىرىگە قويىدۇ، شۇ دەقىقىدە يەنە ھەممىزنىڭ يۈرىكىنى بىر قورقۇنچ، ۋەھىمە بېسىشقا باشلايدۇ، ئەمدىلا ئىزىغا چۈشكەن يۈرەكلەر قايتىدىن تىپچەكلەشكە باشلايدۇ، نەپەسلىرىمىز قىيىنلىشىدۇ، ئاندىن يىنىك تىترەش كىچىككىنە ۋۇجۇدىمىزغا چاڭگال سالىدۇ. نەچچىمىزنىڭ چېكىسىدىن سوغاق تەر قۇيۇلۇپمۇ ئۈلگۈرىدۇ تېخى. شۇ دەقىقىدە ئۇ خۇددى ئۆلۈمنامىنى ئوقۇشقا باشلىغان جاكارچىدەك كۆرىنىدۇ كۆزىمىزگە. ھەئە، ئۇ يوقلىمىنى ئاچىدۇ. ھەممەيلەندە ئوخشاش بىر تىلەك، ئوخشاش بىر ئارزۇ. ئۆزىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نومۇرنىڭ نەزەرىمىزدە بىزنى تىللاش ئۈچۈنلا يارالغان ئېغىزىدىن چىقىپ قالماسلىقىنى تىلەيمىز. ئەمما تىلەكلىرىمىز تىلەك پېتى قالىدۇ. ئۇ بىزدىن سىناق ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بىزنى تىللاش، سىلكىش، بىزگە ۋارقىراش، تۇرمۇشىدىكى كۆڭۈلسىزلىكنى بىزدىن ئېلىۋېلىش ئۈچۈنلا نومۇرىمىزنى چاقىرغاندەك تۇيۇلىدۇ!  ھەئە، ئۇ نومۇر چاقىرىدۇ. چاقىرىلمىغانلىرىمىز يىنىك تىن ئالىمىز. نومۇرى چاقىرىلغان بىتەلەي ساۋاقدېشىمىز لاغ-لاغ تىترىگىنىچە ئامالسىزلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرىدۇ، ئۇ ئۆگىنىشتە ياخشى دەپ قارالغان بىر نەچچىمىزگە خۇددى ياۋۇز، قانخور ئوۋچىنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ قالغان كىيىك بالىسىدەك مۆلدۈرلەپ ئىلتىجالىق قارايدۇ، ئەمما بىزدە نىمە ئامال بولسۇن! ئۇنى قۇتقۇزىۋېلىشقا بىزمۇ ئامالسىز بولغاچقا پەقەت ئىچ ئاغرىتىش ۋە مونۇ ئىنساننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەشتىن باشقىنى قىلالمايمىز.

  غەزەپلىك كۆزنىڭ ئالىيىپ، چاچ تۈرمەكلەنگەن باشنىڭ دوسكىنى ئىشارە قىلىشى بىلەن ئۇ دوسكا تەرەپكە ئاتلىنىدۇ، بۇ دىگەن دوسكا ئەمەس، جازانى ئىجرا قىلىدىغان مەيدان ئىدى. بۇ مەيدان شۇنچە سۈرلۈك ئىدى، شۇنچە سوغاق ئىدى، بۇ يەردە بىزنىڭ غورۇرىمىز خالىغانچە خورلىناتتى، دەسسلەتتى، چەيلىنەتتى...

  سوغاق ۋە كۆڭۈلسىز سانلار، «غەرپكە ساياھەت» فىلىمىدىكى ئالۋاستى بالىلىرىغا ئوخشايدىغان ماتىماتىكىلىق فورمىلىلار، ھۈرپىيىپ تۇرغان ھەرخىل بەلگە ۋە سىزىقلار،... ساۋاقدېشىمىز ياق جازا ئىجرا قىلغۇچى دوسكىغا توغرىراقى دوسكىدىكى بىر دۆۋە ناتونۇش سىزىقلارغا قارايدۇ، بۇ بىر دۆۋە سان ۋە سىزىقلار بولسا سەت ھىجاراپ، قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىپ قالايمىقان بولغىلى تۇرىدۇ، ئۇلارنى ئەيۋاشقا كەلتۈرۈش، قىسقارتىپ يىغىشتۇرۇش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن! بور تۇتقان قوللار سىزىلەرلىك تىترەيدۇ، ئىلتىجالىق كۆزلەر ئاۋۋال دوسكىدىكى ناتونۇش سان ۋە سىزىقلارغا ئاندىن يەرگە تىكىلىدۇ. بۇ ساۋاقدېشىمىزنىڭ تەسلىم بولغىنى ئىدى! بۇ ئۇنىڭ جازانى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغىنى ئىدى! موشۇنداق بىر ھالەتنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئوقۇتقۇچىمىز قولىدىكى تولا ئېتىلغانلىقتىن تاش ۋارىقى يىرتىلىپ ساڭگىلاپ قالغان كىتابىنى ساۋاقدېشىمىزغا توغرىلاپ ئاتىدۇ، ئېغىزى ئېچىلىپ ئەڭ لەنەتلىك، سەت تىللار تۆكمە بولۇشقا باشلايدۇ، تىل لوغىتىمىزگە كىرگۈزۈلمىگەن سۆزلەر تۆكمە بولغانچە ئەزۋەيلەپ، ساۋاقدېشىمىز ئانچە-مۇنچە ئۇچۇقدىلىدۇ. يۇمران غورۇر ۋە پاكىز قەلبلەر بىر دۆۋە ئەخلەت-ئۇخلەت، غەلدى-غەشلەرنىڭ ئارىسىدا قېلىپ تۇنجىقىدۇ، پۇرلىنىدۇ، پۈكىلىدۇ، چەيلىنىدۇ،... جازا ئاخىرلىشىدۇ! ئەمدى نۆۋەت يەنە بىر بىتەلەي ساۋاقدېشىمىزغا كېلىدۇ، ئۇمۇ ئوخشاش نىسىۋىدىن بەھر ئېلىپ، مۇشەققەتلىك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سولاشقان، كۆزلىرى قىزارغان ھالەتتە ئەسلى ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ. ئەمدى نۆۋەت ھەممىمىزگە كېلىدۇ. ئۇ ھەممىمىزگە نىسىۋە بېرىپ ئۈلگۈرىدۇ. بوغۇلۇپ سۆزلەيدۇ، ئەسلىدىكى تېگى چىرايلىق چوڭ كۆزلىرىگە يىرتقۇچلارنىڭكىدەك قان تولىدۇ؛ سۇس لەۋ سۇرۇخى سۈرىۋالغان لەۋلىرى كۇھىقاپنىڭ ئېغىزىدەك لەنەتلىك، سېسىق ۋە تولىمۇ ئاچچىق تىللارنى ئۇچۇرۇپ، قۇلاقلىرىمىزغا، يۈرەكلىرىمىزگە، دىللىرىمىزغا، قەلىبلىرىمىزگە تىقىشقا باشلايدۇ؛ بارماقلىرى زاكۇن تايىقى بولۇپ، ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان بىر نەچچەيلەننىڭ ئۇ يەر-بۇ يەرلىرىگە كۈچلۈك-كۈچسىز ھالەتتە تىگىپمۇ ئۈلگۈرىدۇ؛ ئىنچىكە تېرىلگەن قاشلىرى ھىمىرىلگەن؛ قېتى يوق  قاپاقلىرىدىن ئەبەدىي ئىرىمەس سوغاقلىق ياغىدۇ، شۇ دەقىقىدە سىنىپتا زىمىستان دەھشىتى ئەۋجىگە چىقىدۇ...

ئۇ ھېرىپ قالىدۇ، ھاسىرىغىنىچە تىنىقلىرى يېتىشمەي توختاپ قالىدۇ. جۇت-شىۋىرغان ئاشۇنداق ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىر سوغاقلىق سىنىپ ئىچىدە ئەلەڭگىپ تۇرىدۇ. ئۇ بىزنى كەلگۈسىدىكى بىر توپ كىرەكسىزلەرگەن، نان قېپىلارغا، ئۆمرى ئېتىز-ئېرىق ئىشى بىلەن زايە بولىدىغان بىتەلەيلەرگە، ھەم موشۇنداق بولۇشنى تىلەپ ئولتۇرىدىغان ھارامتاماقلارغا ئوخشىتىپ بىر ھازا سۆزلىگەندىن كېيىن بۈگۈنكى ھىساب-كىتابنى تۈگەتكەن بولىدۇ. ئاندىن بىرىنچى قېتىم جازا ئىجرا قىلغۇچىغا ئېتىلغان كىتابنى ئاچىدۇ ۋە بۈگۈنكى يېڭى دەرسنىڭ ماۋزۇسىنى دوسكىغا يازىدۇ. ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، بىزگە تولىمۇ ناتونۇش بولغان سان-سىفىر ۋە فورمىلالار دوسكىدا بوي كۆرسىتىدۇ. ئۇ يېزىشنى تۈگىتىپ ئەمدى سۆزلەي دەپ تۇرۇشىغا بىزنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدىغان سۆيۈملۈك قوڭغۇراق جاراڭلايدۇ! ئا خۇدا ئۇزاققا سوزۇلغان جازا يۈرۈشى ئاخىرلىشىدۇ، ئۇ دەرسنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىمىز لازىملىقىنى مۇنداقلا ئەسكەرتىپ چىقىپ كېتىدۇ. بىز ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، دوسكىدىكى بىر دۆۋە سانلارنى مەشىق دەپتىرىمىزگە پەش، چىكىتلىرىنى چالا قويماي ئەينەن كۆچۈرىمىز. دىمەك ماتىماتىكا دەرسىدە بىز سىنىپتىكى كۆپەيتىپ بېسىش ماشىنىسىغا ئوخشايمىز! ھەربىر سائەتلىك دەرس مانا موشۇنداق ئۆتۈلىدۇ...

  شۇ سەۋەپتىن سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ماتىماتىكا دەرسى بىلەن پەقەتلا خوشى يوق. ئەتىگەندە بۇ دەرس ئۆتۈلىدىغان چارشەنبە كۈنىمۇ نەزەرىمىزدە سوغاق، قورقۇنچلىق بىر كۈنگە ئايلىنىپ قالدى.

  مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئاشۇنداق تىل-دەشنام ئاڭلاپ يۈرۈپ بىر مەۋسۇملۈك ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇردۇق. ماتىماتىكا ئىمتىھانىدا سىنىپىمىزدىن بىرمۇ بالا ئۆتەلمىدى بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىل بولدۇق. ھەر نېمە بولسا ئىمتىھان ئېلىنغان كۈندىن باشلاپ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىزنى مەكتەپ ئىچىدە ئۇچراتمىدۇق!

  تەتىلدىن يىغىلغان كۈنى ئۈچىنچى سائەتتە ماتىماتىكا دەرسى بار ئىدى. بىز دەرس سەتكىسىدىكى «ماتىماتىكا» دىگەن خەتنى كۆرگەن ھامان يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بوشىشىپ كېتەتتۇق، بۇ سىنىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئادىتى ئىدى! ئەمما ئۆيدىمۇ، ئائىلىدىمۇ باشقىلارنىڭ ئاغزىدىمۇ ماتىماتىكا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنەتتى. ئەكسىچە بىزنىڭ ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز سەۋەبلىك بۇ دەرس بىلەن خوشۇمىز بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ماتىماتىكىدىكى سان-سىفىر ۋە فورمۇلا، شەكىللەر بىزگە تولىمۇ ئەھمىيەتسىز بىلىنەتتى، كۆرسەكلا قۇسۇۋىتىدىغاندەك زىرىككەن ئىدۇق.

  ئۈچىنچى سائەتلىك دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىندى. ئاۋۋال كارىدۇر ئاندىن سىنىپ ئىچى جىمىقتى. دەرسكە ماڭغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاياغ تىۋىشى جىمىپ كەتكەن كارىدۇردا بەكمۇ ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئاشۇنداق تىۋىشتىن بىرى سىنىپىمىز ئالدىغا كېلىپ دەقىقە ۋاقىتتىن كېيىن ئىشىك تۇتقۇچى يىنىك تولغاندى. 28جۈپ كۆز ئىشىككە قادالغانىدى. ئىشىك ئاستا ئېچىلىپ قىسقا چېچىنى بېشىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىرلا بوغۇپ قويۇۋەتكەن، بويلىرى ئانچە ئىگىزمۇ ئەمەس، ئورۇق بىر ئوقۇتقۇچى ياق ئوقۇتقۇچى ئەمەس بىر نۇرلۇق قوياش، مىھرى ئىللىق باھار سىنىپقا كىرىپ كەلدى! ئۇنىڭ گىرىمسىز يۈزلىرىدىن باھارنىڭ ئىللىقلىقى تۆكۈلەتتى. كۆزلىرىدە، لەۋلىرىدە، يۈزلىرىدە كۈلۈمسىرەشنىڭ كىشى قەلبىگە ئالەمچە ھارارەت بەخش ئىتىدىغان خۇش تەبەسسۇمى يېغىپ تۇراتتى. قولىدىكى كىتاب-ماتىرىياللىرى چىرايلىق مۇقاۋىلانغان بولۇپ، ئىككى قولى بىلەن كۆكسىگە قويۇۋالغان ئىدى. ئاپئاق كۆينىكىنىڭ كىرسىز ياقىسى كۆكۈش كاستىيومىنىڭ ياقىسى ئۈستىدىن باستۇرۇلغان بولۇپ، چىرايلىق بوينىدا ئاپئاق قاردەك يېيىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ چىراي-تۇرقىدىن تارتىپ كىيىنىشىگە ئاددىي-ساددىلىق ئىچىدىكى ئولۇغلۇقنى، ئوقۇتقۇچىغا خاس سالاپەتنى كۆرۈپ ئۈلگۈردۇق. خىيالىمىزنى ئەسر قىلىۋالغان ماتىماتىكا ۋە ئوقۇتقۇچىمىز ھەققىدىكى سۈرلۈك، قورقۇنچلىق خىياللار بىردەملىك بولسىمۇ يوقالغاندەك بولدى.

-ئەسسالام ساۋاقداشلار؟-دېدى ئۇ بايىقى كۈلۈمسىرىشىنى ئەۋجىگە چىقىرىپ. شۇندىلا چىرايلىق لەۋلىرىنىڭ قورشاۋىدا تۇرغان سەدەپتەك ئاپئاق چىشلىرىنى كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇق.

-سالام مۇئەللىم!-دېدۇق بىزمۇ ھودۇققان، قورۇنغان، خۇدۇكسىرىگەن ھالدا تەكشى ۋارقىراپ.

-رەخمەت، ئولتۇرۇڭلار،-دېدى ئۇ تولۇق ئىگىلىپ. ئاندىن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. دەرۋەقە ئۇ بىزگە ماتىماتىكا دەرسى بېرىدىكەن.

  نەزەرىمىزدە بۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن ماتىماتىكا دەرسى پەقەت سىغىشالمايتتى. ئاشۇ كۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلەر بىلەن تەبەسسۇم كەتمەيدىغان نۇرلۇق چىراي ماتىماتىكا دەرس ئوقۇتقۇچىسىغا ماس ئەمەس ئىدى. لىكىن، ئۇ راستىنلا ماتىماتىكا دەرسى بېرەتتى. ئۇ دەرسنى باشلاپ بىزدىن بىر قاتار ئاساسى بىلىملەرنى سوراپ باقتى. ھېچقايسىمىز جاۋاب بېرەلمىدۇق. ئەمدى نەزەرىمىزدە ئۇنىڭ چىرايىدىكى نۇر ئۆچۈشى، بىزنى ئالدىغان چىرايلىق لەۋلىرى ئارىسىدىكى ئېغىزىدىن ئەڭ لەنەتلىك تىللار يېغىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇنداق بولمىدى! راست ئۇ خاپا بولمىدى، چېچىلمىدى، بىزنى تىللىمىدى، چىرايلىق مۇقاۋىلانغان ماتېرىياللىرى دەرس مۇنبىرىدە رەتلىك تۇراتتى... دىمەك ئۇ راستىنلا خاپا بولمىغانىدى. شۇنداق قىلىپ تۇنجى سائەت دەرستە ئۇ بىز بىلەن تونۇشۇپ چىقتى، ماتىماتىكا ھەققىدە بىز ئاڭلاپ باقمىغان، قىزىقارلىق ھىكايىلەرنى ئېيتىپ بەردى. بىز بۇ سائەتلىك دەرسنى ھودۇقۇش، ئىشەنمەسلىك، گۇمانسىراش، قىزىقىش يەنە خۇدۇكسىرەشتەك مۇرەككەپ ھىسسىيات بىلەن ئاخىرلاشتۇردۇق. ئۇ دەرسكە قانداق كىرگەن بولسا شۇ پېتى چىقىپ كەتتى. بىر تاتلىق تەم تىلىمىزدا، بىر نۇرلۇق ئوبراز دىلىمىزدا قالدى. بىز يېيىشلىك تاماقنىڭ ئارمىنىنى قىلغان ئادەمدەك ئىشىككە تەلمۈرۈپ قاراپلا قالدۇق...

  بىزنىڭ ماتىماتىكا دەرسىگە بولغان پوزىتسىيەمىز بارا-بارا ئۆزگىرىۋاتاتتى. بىز دەسلەپ بۇ يېڭى ئوقۇتقۇچىمىزنى ياقتۇرۇپ قالدۇق. ئاندىن ماتىماتىكا دەرسىمۇ ئۇنىڭدىكى مۇرەككەپ فورمۇلا ۋە سان-سىفىر، شەكىللەرمۇ ئاستا-ئاستا بىزگە تونۇشلۇق بىرىشكە باشلىدى. ماتىماتىكا ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرىمىز ئانچە كۆپ ئەمەس. كۆپۈنچە ھاللاردا بۇ باھار پەسلىگە ئوخشايدىغان سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىمىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىمىز. ئەمما ئۇ قىلچىلىك خاپا بولمايدۇ، رەنجىمەيدۇ، قاقشىمايدۇ. كۈلۈمسىرەپ تۇرغان مىھىرلىك ھالىتى كۆزئالدىمىزدىن پەقەت كەتمەيدۇ. ئۇ بولغاچقىلا ماتىماتىكا دەرسىگە بولغان قىزغىنلىقىمىز، قىزىقىشىمىز ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كەلدى.

   بىز ئۇنىڭدىن قورقمايمىز، ھېيىقىمىز؛ بىز ئۇنىڭدىن ھۈركۈمەيمىز، يېپىشىمىز! بىرەر سۇئالىغا جاۋاب بېرەلمىسەك نومۇس قىلىپ قىزىرىپ كېتىمىز، ئەمما ئۇ ياردەم قىلىپ بىزنى ئوڭايسىز ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ، بىزگە ئىلھام بېرىپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قولىمىزغا قەلەم، سىركول، سىزغۇچ ئېلىپ شەكىل سىزىشقا، ھىسابلارنى ئىشلەشكە، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان بولدۇق. نەزەرىمىزدە ئۇ بىر قوياش، ئۇ كىرسىلا يېرىم بولغان كۆڭلىمىز ۋاللىدە يورۇپ كېتىدۇ! نەزەرىمىزدە ئۇ بىر باھار پەسلى، ئىللىق، مەيىن شاماللىرى بىلەن تۇنجۇققان، دىمىقىۋاتقان قەلبىمىزگە ئارامبەخش بېرىدۇ! بىز ئۇنىڭ كۈلكىسى، كۈلۈمسىرىشى ئۈچۈن بولسىمۇ تىرىشىمىز، ئۇ ئاشۇ يېقىملىق كۈلۈمسىرىشى بىلەن بىزگە نىمىنىڭ ئىشەنچ، نىمىنىڭ غورۇر، نىمىنىڭ مۇھەببەت، نىمىنىڭ ئەقىدە-ئىخلاس، نىمىنىڭ ئۆگىتىش، نىمىنىڭ ھۆرمەت يەنە نېمىنىڭ سەۋر-تاقەت، نىمىنىڭ يېتەكلەش ئىكەنلىكىنى تونۇتتى. چۈنكى ئۇ كۈلۈمسىرەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ئىدى.»

  ماقالە موشۇنداق ئاخىرلاشقان ئىدى. ماقالىنى ئوقۇپ بولۇپ نەچچە كۈنگىچە جىمغۇر بولۇپ قالدىم. دەرسكە كېتىۋاتقان كەسىپداشلىرىمنى يوشۇرۇن كۈزىتىشكە باشلىدىم، ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە-تەنبىھ بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قېشىدا بولدۇم. بىلدىمكى، ئوقۇغۇچىلىرىغا كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىدىغانلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى!

«ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا كۈلۈمسىرەش بىر خىل كۆڭۈل ئىزھارى، بىر خىل سەنئەت، بىر خىل تەربىيە. ئوقۇغۇچىدا بىرەر ئىلگىرلەش يۈز بەرگەندە كۈلۈمسىرەش سەمىمىيلىك بىلەن ماختاشنى؛ ئوقۇغۇچىدا خاتالىق يۈز بەرگەندە كۈلۈمسىرەش ياخشى نىيەت بىلەن كەڭ قورساقلىق قىلىشىنى؛ ئوقۇغۇچى خوشال بولغاندا كۈلۈمسىرەش ئۇنىڭ خوشاللىقىدىن تەڭ بەھرىمان بولۇشنى؛ ئوقۇغۇچى گاڭگىراپ قالغاندا كۈلۈمسىرەش ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچ ئىچىدىكى ئۈمىدنى بىلدۈرىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈمسىرەشنىڭ سىھرى كۈچى!» (ۋاڭ جىندى «كۈلۈمسىرەش بىر خىل تەربىيە» «شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى 2005-يىللىق 5-سان 8-بەتكە قارالسۇن)

مەشھۇر ئامېرىكا پىسخولوگى ئېيپار مالابىئىن نۇرغۇن قېتىملاپ تەجرىبە قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق بىر فورمۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن: ئۇچۇرنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى=%10لىك يېزىق+%35لىك ئىنتوناتسىيە+%55لىك چىراي ئىپادىسى. ئۇنىڭدىن باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئادەمنىڭ ئەستە تۇتۇشىنىڭ %80ى كۆرۈشكە تايىنىپ بەلگىلىنىدۇ. موشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا باھاردەك كۈلۈمسىرەشنىڭ مەڭگۈلۈك قەبرىسىگە ئايلانغان، مۇدھىش سوغۇقلۇق بالقىپ تۇرىدىغان خونۇك چىرايلار ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ %80لىك ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى خورىتىۋېتىدۇ. قىسمەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زالىملىقنى ئاشۇرىۋېتىشى، ئۆزىنڭ سۈر-لاتاپىتىنى ساقلاش، ئاتالمىش «تومۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويماسلىق» ئۈچۈن چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇشى نازۇك قەلبلەرگە بىمەزگىل ئۈششۈك بورىنى ئەكەلدى. بۇ بوران بالىلارنىڭ قەلبىدە ئەمدىلا يېتىلگەن ياكى يىتىلىۋاتقان نۇرغۇن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقلارنى ئۈششۈتۈپ قويدى.

«ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا تۈرلۈك ئۆگىنىش پىسخىك توسالغۇلىرى پەيدا قىلىدىغان ئامىللار»نىڭ «ئوقۇتقۇچىنىڭ تەسىرى» دىگەن قىسمىدا مۇنداق مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنغان: «... مۇئەللىملەر ھەمىشە ئىسمىنا قوشۇپ، مۇھىم نۇقتا تەكرارلىرى ئېلىپ بېرىپ ھەرقايسى دەرس ئارلىقىدىكى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ۋاقىتلىرىنى تارتىۋالىدۇ. تاپشۇرۇق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرىدۇ، دەرسخانىنى سوئال-سوراق، جازا مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئەپ ئۆتۈشتە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى شۇنداقلا ئوقۇغۇچىغا ئىشىنىش، ھۆرمەت دەرىجىسىنىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىكىسىغا بېرىدىغان تەسىرى ئىنتايىن زور. ئوقۇغۇچى بۇ ئوقۇتقۇچىنى ياقتۇرسا، ھەمىشە ئۇ ئۆتىدىغان بارلىق دەرسلەرنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوقۇغۇچىغا بولغان ئىشەنمەسلىك، ھۆرمەتلىمەسلىك، كۆڭۈل بۆلمەسلىكمۇ ئوقۇغۇچىلاردا پىسخىك توسالغۇ پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىل.»

ئوقۇغۇچىنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ، ئۇلار ئوقۇتقۇچىلىرى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىسا كۆپۈنچە ھاللاردا ئۇلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا بولىدۇ. قايسى ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىسا شۇ ئوقۇتقۇچىغا ئۆچ بولىدۇ، دەرسنى ئەستايىدىل ئاڭلىمايدۇ، تاپشۇرۇقنى ئەستايىدىل ئىشلىمەيدۇ ياكى بولمىسا ئۆزىنى كەمسىتىش پىسخىكىسىدا بولۇپ، ئۆزىنى تۇغما دۆت، ھەرقانچە تىرىشسىمۇ ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ، دەپ قارايدۇ ۋە ئاستا-ئاستا ئۆگىنىش ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ. بۇنداق بولغاندا بالىلىرىمىز گەپ ئاڭلىماس ياغاچ قۇلاق، يامان گەپمۇ، ياخشى گەپمۇ تەسر قىلماس مۆڭ، تۈنۈگۈنكى تەربىيە بۈگۈنگىچە تەسر قىلمايدىغان بىغەم، قولىدىن ئىش چىقمايدىغان لايغەزەل، ھورۇن بولۇپ يېتىلىدۇ.

«نۇرغۇن مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدە ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇلار پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۆزىنىڭ مول ھەم ساغلام ھىسسىياتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەيدۇ. ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى توغرا كونترول قىلىپ، تۇرمۇش جەريانىدىكى پاسسىپ كەيپىياتىنى (مەسىلەن، ئاچچىقلىنىش، تەشۋىشلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش، غەزەپلىنىش قاتارلىقلار) ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرمەيدۇ، ئوقۇغۇچىنى ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان نىشان قىلىۋالمايدۇ.»

«ئوقۇڭ، چىراينىڭ ئۆزىمۇ بىر كىتاب» دەيدۇ پىسخولوگلار. كۈلۈمسىرەش كەتمەيدىغان، نۇر تېمىپ تۇرىدىغان گۈزەل چىراي بىر ياخشى كىتابقا ئوخشايدۇ. بۇنداق كىتابنى ھەرقانداق ئادەم زوقلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇيدۇ، نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ.

  ئوقۇتقۇچى ئەنە شۇنداق كۈلۈمسىرەش كەتمەيدىغان ئىللىق چىراي، مېھىر بۇلىقى ئۆكسىمەيدىغان مۇھەببەتلىك قەلبى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھى دۇنياسىنى «ئەملەپ» تۇرغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك جەھەتتىكى «ئىمۇنتىت» كۈچىنى ئاشۇرۇپ ئۇلاردا ساغلام كەيپىيات يېتىلدۈرەلەيدۇ.

مۇئەللىم كۈلۈمسىرەڭ. شۇ كۈلۈمسىرەشلىرىڭىز بىلەن تالاي قەلبلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلىسىز. يەنە شۇ كۈلۈمسىرەشلىرىڭىز بىلەن ئوقۇغۇچى قەلبىدىكى ئوبرازىڭىز نۇرلىنىپ بارىدۇ. كۈلۈمسىرەش جەمئىيىتىمىزنى مىھىر بۇلىقىغا ئايلاندۇرىدۇ.

كۈلۈمسىرەۋاتقان ئوقۇتقۇچى ــــ ئوقۇغۇچى قەلبىدىكى ئۈمىد شامىنى پەرلىگۈچىدۇر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-9 12:31 PM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94262
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 145
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2013-4-3
ئاخىرقى: 2013-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 03:38:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھېچ ئىش قىلمىغان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4278
يازما سانى: 542
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 23177
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 663 سائەت
تىزىم: 2010-7-18
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 06:55:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى ئاچ بۆرە ئەمەس، خىرىس قىلىپلا تۇرىدىغان...ئوقۇتقۇچى شىر-يولۋاس ئەمەس، كاپلا قىلىپ يەيدىغان.  ئوقۇتقۇچى ‹‹زالىم›› بولسا ئوقۇغۇچى‹‹ئالىم›› بولمايدۇ. بەلكى بىر ئۈسكۈنىگە ئايلىنىدۇ. جۇڭگۇچە مائارىپ ئەندىزىسى ئوقۇغۇچىلارنى ‹‹زالىملىق›› بىلەن تەربىيىلەپ، كەلگۈسىدىكى ‹‹زالىم ئوقۇتقۇچى››لارنىڭ ئۇرۇقىنى بېخلىتىدۇ.
مەنچە قەلەم ئېگىسىنىڭ ئالغا سۈرگەن ئىدىيىسى تولىمۇ مۇھىم. بۇنى چۈشىنىش كېرەك. تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق تەڭپۇڭسىزلىقى تۈپەيلى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بەزىدە ھېسيات ئالماشتۇرالماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ. پىداگوگىكا جەريانى بىر ئۇچۇر ۋە ھېسيات ئالماشتۇرۇش جەريانى بولۇش سۈپەتلىك، ئوقۇغىچىغا ئۇچۇر يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان ھېسيات ئالماشتۇرۇش جەريانى بولىشى كېرەك. ھېسيات ئالمىشىش ئەمەلگە ئاشمىسا ئەلبەتتە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مەغلۇب بولىدۇ. بۇ مۇقەررەر ھادىسە...

مائارىپتىكى سۈپەت چېكىنىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك ھادىسە. ئەمما ئوقۇتقۇچى چوقۇم ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ يۇقىرى سۈپەتتىكى مېھرىنى بېرىشى كېرەك. ئوقۇغۇچى دۈشمەن ئەمەس. ئوقۇتقۇچى قوماندان ئەمەس. ئۇ پەقەت روھ يېتىلدۈرگۈچى ۋە ئۆگەتكۈچى. ئۆگەتكۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوبىكتىپنى ئوقۇغۇچىنىڭ يۈرىكىگە قويۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن يۈرىكىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىشنى ۋە سۇغىرىشنى بىلىشى كېرەك.

جاھاندا ‹‹تومۇر تۇتىدۇ›› ‹‹قاپاق پۇچىقىدا سەرلەيدۇ›› ‹‹گەدەنگە مېنىدۇ›› دېگەندەك ‹‹كەسپىي›› گەپلەر بىلەن خوشۇم يوق. ئوقۇغۇچى ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ يېقىملىق، ئەڭ پاك، ئەڭ قەدىرلىك ئادەملەر. ئۇلارنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن ئوقۇتقۇچى ئەلبەتتە ئۆز قەدىرىنى يوقاتقۇچى بولۇدۇ ئەلۋەتتە.

ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا كۈلۈشنى، قانداق كۈلۈشنى، غەزەپلىنىشنى، قانداق غەزەپلىنىشنى، قايغۇرۇشنى، قانداق قايغۇرۇشنى، ياشاشنى، قانداق ياشاشنى، ئۆلۈشنى، قانداق ئۆلۈشنى، ۋە نېمە ئۈچۈن كۈلۈپ، نېمە ئۈچۈن قايغۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن غەزەپلىنىپ، نېمە ئۈچۈن ياشاپ، نېمە ئۈچۈن ئۆلۈشنى ئۆگىتىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئۇ ھەقىقىق ئۇلۇغلۇقىنى ساقلاپ قالالايدۇ...

ھېچ ئىش قىلمىغان كىشى خاتالاشمايدۇ.

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8971
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6376 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 08:51:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇپ چىقىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن. مېنىڭ ئەتراپىمىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، بالىلارغا چىشىمىزنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ قويساق ئۇلار بىزنىڭ شىللىمىزگە مىنىدۇ دەپ قارايدۇ. بىر سىنىپتا 60~70بالا بولغاچقا بىز ئۇلارغا سۈر ھەيۋىمىزنى كۆرسىتىپ قويمىساق،ئۇلار بىزدىن چۈچىمەيدۇ دەپ قارايدۇ.شۇڭلاشقا بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتى قارىماققا يىقىنىدەك قىلغىنى بىلەن ،نۇرغۇن مەسىللەر ساقلانغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-9 09:45 PM  


ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش