ئىنسانلار ئاچالمىغان يەنە قانداق سىرلار بار؟
1. ئىپتىدائى قەبىلە خارابىسى:
لىۋاننىڭ بالبىرك كەنتىدىكى بىر ئىپتىدائى قەبىلە خارابىسىدە بىر بۇتخانا بار بولۇپ، بۇ بۇتخانىنىڭ سىرتقى ئايلانمىسى ئۈچ پارچە غايەت زور تاش بىلەن قورشالغان. بۇ تاشنىڭ بىرسى بىلەنلا كەڭلىكى ئالتە مىتىر، ئۇزۇنلۇقى ئون ئىككى مىتىر، قىلىنلىقى 30 سانتىمىتىر كىلىدىغان بەش قەۋەتلىك بىنادىن ئۈچنى سالغىلى بولىدۇ. ئەينى چاغدا بۇ ئۈچ پارچە تاشنىڭ بۇ يەرگە قانداق يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ.
2. ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تەرەپكە قىيسىيىشى:
ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى سانتاكىس بازىرىنىڭ ئەتراپىدا سىر لىق بىر جاي بولۇپ، بۇ جاي پۈتۈنلەي بۈك باراقسان دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان. ھەمدە دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى بىر يۆنىلىشتە بىر تەرەپكە سىڭايان بولۇپ قالغان. ھەتتا ئادەملەرمۇ بۇ يەرگە كەلگەندە ئىختىيارسىز ھالدا دەرەخلەرگە ئوخشاشلا بىر تەرەپكە قىيسىيىپ قالىدىكەن، بىراق يىقىلىپ چۈشمەيدىكەن ھەمدە ھېچقانداق كۈچ سەرپ قىلمايلا ئۇچقاندەك تېز ماڭالايدىكەن. بۇنىڭدىن بشقا ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان نەسىلەر، ئۇچار قۇشلارمۇ بىر يۆنىلىشتە قىيسىيىپ ئۇچىدىكەن. بۇ غەلىتە ئەھۋالنى نىيوتوننىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىي چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىكەن.
3. تارىختىن بۇيان يادرو ئۇرۇشى يۈز بەرگەنمۇ؟
1972 – يىلى ئاخرىقىدىكى گابۇن جۇمھۇرىيىتىدە بۇنىڭدىن 2 مىليارد يىل ئىلگىرىكى ئوكىلۇ ئۇران كېنى ۋە يادوررىئاكتور بايقالغان. بۇ يادرورىئاكتور ئالتە رايۇندىكى تەخمىنەن 500 توننا ئۇران رودىسىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تەخمىنەن 500 مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ھەركەتلەندۈرۈلگەن. مۇكەممەل ساقلانغان ۋە قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولغان بۇ يادرورىئاكتورنى زادى كىملەر قالدۇرۇپ قويغان؟ چۈنكى ئىنسانلارنىڭ يادروتىخنىكىسىنى ئىگىلەپ تۇنجى يادرورىئاكتورىنى قۇرغان ۋاقتى 20 – ئەسىرنىڭ 40 – يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ.
4. بور دەۋرىدىكى يەر قاتلىمىدىن بايقالغان ئادەم ئىزى:
1968 – يىلىى ئالىملار ئامېرىكىدا ئىنسانلارنىڭ تاشقائايلانغان ئىككى ئاياغ ئېزىنى بايقىغان، يەنى بۇ ئاياغ ئېزى يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمكى بىر خىل جانلىق تىرولىتا قۇرىتىنى (بۇ قۇرت نەچچە يۈز مىليۇن يىل ئىلگىرى يوقالغان) دەسسىگەندىكى ئىز ئىكەن. ئىنسانلارنىڭ تاشقا ئايلانغان بۇ ئاياغ ئېزى گىئولۇگىيەدە كېبىرىي دەۋرىگە مەنسۇب بولۇپ، ھازىرغىچە 500 مىليۇن يىل بولغان. ئۇنداقتا بۇ ئىزنى 500 مىليۇن يىل ئىلگىرى كىم قالدۇرۇپ قويغان؟ (ئاتىئىزمچىلارنىڭ قارىشىچە) ئىنسانلار نەچچە يۈز مىليۇن يىل ئىلگىرى ئادەمسمان مايمۇن دەۋرىدىن خوشلاشقان تۇرسا، 500 مىليۇن يىل ئىلگىرى يەر شارىدا قانداقمۇ ئىنسان بولسۇن؟
5. ماھىنرو دارتمونىڭ ھالاك بولۇشى:
ھىندى دەرياسى بويىدىكى پەنجاب ۋىلايىتى ئەتراپىدا بايقالغان ماھىنرو دارتمو قەدىمىي شەھەر خارابىسى 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇ خارابىلىقتىن زور مىقداردا ئادەمنىڭ سۆڭەكلىرى چىققان. سۆڭەكلەرنىڭ بەزىلىرى كوچىلاردىن، نۇرغۇنلىرى ئۆزلىرى ئولتۇرغان ئۆيلەردىن چىققان. بىر قەدەر چوڭ بولغان خارابىلىقلاردىن قاتار ئۆلۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى بايقالغان،. بۇ جەسەتلەرنىڭ بەزىلىرى ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالغانبولۇپ، خۇددى ئۆزىنى قوغدىغاندەك ھەم قورقۇنچلىق ئىشنى كۆرگەندەك ھالەتتە ئىكەن. بۇنىڭدىن ئۆلگەن بارلىق ئادەملەرنىڭ تۇيۇقسىزلا تۇرغان يىرىدە ئۆلۈپ كەتكەن دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.
ئەينى ۋاقىتتا بۇ قەدىمىي شەھەردە چوقۇم ئادەتتىن تاشقىرى غايەت زور بىر ۋەقە يۈز بەرگەن. بۇ زادى قانداق ۋەقە؟ يانار تاغ پارتلىغانمۇ؟ بىراق بۇ شەھەر خارابىسىدىن نەچچە مىڭ كىلۇمىتىر دائىرىدە يانار تاغنىڭ ئېغىزى بايقالمىغان. ئارخىلوگلار قىزىپ چىقىرىلغان ئادەمنىڭ باش سۆڭىكى ئۈستىدە ئىنچىكە خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭىكىدە يۇقىرى تىمپىراتۇرىدىكى قىزىش ئالامەتلىرىنى بايقىغان.بۇ ئەھۋال شەھەردىكى ئادەملەرنىڭ يۇقىرى تىمپىراتۇرىنىڭ تەسىرىدىن ھالاك بولغنالىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كىشىلەر بۇ ىارابىلىقتىن يەنە مەلۇم خىلدىكى يۇقىرى تىمپىراتۇرا ئىزنالىرىنى، ھەتتا تورتىن ماددىسىنى بايقىغان، بۇ خىل ماددا يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا تىېزلىكتە ئېرىگەن جىسىم يۈزىنىڭ يەنە تېزلىكتە سوۋۇشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر كىشىلەر يادرو قۇراللىرى پارتلىغنا نەق مەيداندا بۇ خىل ماددىنى بايقىغان.
6. نېمە ئۈچۈن يەر شەرىنىڭ ئىككى قۇتۇپى ئالمىشىدۇ؟
800 مىليۇن يىل ئىلگىرى كومپاس جەنۇبىي قۇتۇپنى كۆرسىتەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن شىمالى قۇتۇپنى كۆرسەتكەن. يەر شارى ئۆزئوقىدا ئايلانغاندا ئىچكى مەركىزىدىكى سۇيۇقلۇق ئۆز ئارا ئارلىشىپ ماگنىت مەيدانى ھاسىل قىلىدۇ. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشتىن كېلىپ چىققان مەركەزدىكى ھەرىكەت يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشى ماگنىت مەيداننىنىڭ ئىككى قۇتۇپىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئورۇن ئۆزگىرىش جەريانى باشلانسىلا يەر شارىدا 7000 يىلدا جەنۇب – شىمال ئالمىشىشتەك چوڭ ئۆزگىرىشنى تامالايدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بىر نىليون يىلدا ئىككى – ئۈچ قېتىمدا يۈز بېرىدۇ. ئەمما ھېچكىم بۇنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ.
7 . يەر شارىدىكى شىمالى 30 گىرادۇسلۇق كەڭلىكنىڭ سىرى:
يەر شارىدىكى شىمنالى 30 گىرادۇسلۇق كەڭلىك ئەتراپىدىكى رايۇنلانرىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، جانلىقلار تۈرى كۆپ، كان بايلىقى مول، ھاۋ اكىلىماتى ئۆزگىرىشچانبولۇپ، ئۇ يەردە ئاجايىپتەبئىي مەنزىرىلەر ۋە چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان ئاجايىپ سىرلىق ھادىسىلەر بار. بۇ كەڭلىككە يەر شارىدىكى ئەڭ ئىگىز چوققا چۇمۇلاڭما چوققىسى، ئەڭچۇڭقۇر دېڭىز جىلغىسى مارىيانا دېڭىز جىلغىسى، شۇنداقلانىل، ئىفرات، چاڭجىياڭ، مىسىسىپى قاتارلىق دەريالارنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزلىرى قايلاشقان.
يەر شارىدىكى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىگە جايلاشقان قەدىمكى ئېھرام، سەھرايى كەبىر چۆللىكىدىكى تايسور ئوتئىلاھى تەسۋىرلەنگەن تام رەسىمى، ئۆلۈك دېڭىز، بابىلۇن ئاسمان باغچىسى، بىرمۇدا ئۈچ بۇرجەك رايۇنى، قەدىمكى زامان مايا خارابىلىكى قاتارلىق تا بۈگۈنگىچە يېشىلمىگەن سىرلار دەل بۇ جايدا بولۇپ، ئادەمنى ھەيرنا قالدۇرىدۇ.
بۇ كەڭلىكتە ئايرۇپىلان ۋە پاراخۇتلار دائىم دىگۈدەك ھالاكەتكەئۇچرايدۇ. مۇشۇ كەڭلىككە جايلاشقان «كالفۇرنىيە ھالاكەت جىلغىسى» نىڭ ئۇزۇنلۇقى 225 كىلومىتىر،كەڭلىكى 6 -26 كىلۇمىتىر بولۇپ ئىككى تەرىپى پۈتۈنلەي تىك ھاڭ. 1949 – يىلى بىر ئالتۇن تەكشۈرۈش ئەترىتى يولدىن ئىزىپ قىلىپ بۇ جىلغىغا كىرىپ قالغان ۋە پۈتۈنلەي ھالاك بولغان. بۇ سىرنى ئېچىش ئۈچۈن بىر نەچچە ئىكىسپىدىيە ئەتىرتى ھالەكەت قىلغىسىغا بېرىپ بىرسىمۇ ھايات قايتىپ كىلەلمىگەن. لېكىن بۇ يەردە قۇشلارۋە ھايۋانلار بەھوزۇر ياشاۋېرىدىكەن.
«بىلىم كۈچ» ژورنىلىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 11:21 AM