ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا سەپەر (1)-مىراس كىيملىرى
ئۇيغۇر كارخانىلىرى تۇرلۇك مۇشەققەتلەرگە قارشى ئىلگىرلىمەكتە. ئەمما ئۇلار جەمىيەتكە زور مەنپەئەت ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
‹‹ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا سەپەر››-ھەر قايسى ساھەلەردە يول ئىچىپ ئىلگىرلەۋاتقان ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى جامائەتچىلىككە توغرا يۆنىلىشتە تونۇشتۇرۇش،كارخانىلار بىلەن ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە ئېقتسادشۇناس مۇتەخەسسلەرنىڭ ھەمكارلىششى،كارخانىلار بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقى،كارخانىلار بىلەن ۋاكالەتچى ۋە ئستىمالچىلارنىڭ ھەمكارلىقى،كارخانىلار بىلەن ئادەم كۇچىنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىقنى ئشقا ئاشۇرۇش ئۇچۇن ‹‹بىرلىك كارخانا سىتراتىگىيە تەتقىقات مەركىزى ››قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان ئىجتىمائى- ئېقتسادى(كارخانا ۋە جەمىيەت ) ھەمكارلىق پائالىيتى .پائالىيەت قەرەللىك ھالدا ئۇيغۇر كارخانىلىرىنى نەق مەيدان ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق تونۇشتۇرىدۇ
.
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇرۇمچى مەغرىپ سودا چەكلىك شركىتى مىراس كىيملىرى خىزمەت بىناسىدا ‹ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا سەپەر› پائالىيتىنىڭ 1-سان چىيى ئۆتكۇزۇلدى.
چايغا رەھبەرلەر ،مۇتەخەسسلەر، كارخانىچلار، مىراس ۋاكالەتچىلىرى بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىندا مەغرىپ شركىتى باش لىدىرى ھاجى قەمىرىدىن شركەت ھەققىدە چۇشەنچە بەردى ۋە كەلگۇسى تەرەققىيات يولىنى ئىزاھلىدى.
شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئېقتساد ئۇچۇر كومېىتىتى مۇئاۋىن نازىرى ئابلىمىت ئەپەندى ھۆكۈمەتنىڭ مىللى كارخانىچىلار ئۇچۇن قاراتقان ئىتىۋار سياسەتلىرىنى ،ۋە بۇ جەھەتلەردىكى ناھايتى كۆپ تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى تەپسىلى تونۇشتۇردى.
قارلۇق شركىتىنىڭ مەسئۇلى پەخىردىن قارلۇق ئەپەندىممۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلدى!
شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى باش لىدىر ياردەمچىسى،بۇگۇنكى ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا سەپەر –پائالىيتىنى تەشكىللىگۇچى،بىرلىك كارخانا سىتراتىگىيە تەتقىقات مەركىزى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ‹‹ئۇيغۇر كارخانىلىرىغا سەپەر››پائالىيتىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەھمىيتىنى تونۇشتۇردى.كارخانىلارنىڭ ئۇيغۇر مەۋجۇتلۇقىدىكى مۇھىم رولى ۋە بۇ رولنى قانداق قىلغاندا يۇقىرى پەللىدە جارى قىلدۇرغىلى بولىدىغانلىقى ،بۇ سەپەر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان ئۇنۇم ھەققىدە سۆز قىلدى.
شنجاڭ ئۇنىۋرسىتىتى ئېقتساد پەنلىرى دوكتۇرى مۇھەممەد ياسىن ئەپەندى ‹‹مىللى كىيم –كىچەكلىرىمىزنى دۇنياۋى داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرۇش ۋە ساقلانغان مەسللەر››تېمىسدا سۆز قىلدى.
شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ياش كارخانىچلار جەمئىيتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى،شنجاڭ قارلۇق مىدىيا پەن تىخنىكا چەكلىك شركىتىنىڭ ئىجرائىيە باش لىدىرى پەخرىدىن قارلۇق‹‹ زامانىۋى كارخانىلارنىڭ خاسلىقى ››ھەققىدە سۆز قىلدى.
تونۇلغان دىنى ئالىم،ئەزكا چاي-تائاملىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇسەمەت ھاجىم ‹‹ئسلامدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئورنى››دىگەن تېمىدا سۆز قىلدى.ۋە ئسلامدىكى ئېقتساد ئىڭى،تەرەققىيات تەشەببۇسلىرى،زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇشتا ئسلامنىڭ ئاكتىپ قاراشلىرى ۋە نۆۋەتىتىكى ھەمكارلىق دىگەن تىمىدا سۆز قىلدى.
مىراس كىيملىرىنىڭ قەشقەردىكى ۋاكالەتچىسى ئەنۋەر ھاجىم ھەمكارلىق تەسراتى قسقىچە ھەققىدە سۆز قىلدى.
شنجاڭ مالىيە-ئېقتساد ئۇنىۋېرسىتىتى دوتسنتى،ئۇرۇمچى مەغرىپ سودا چەكلىك شركىتىنىڭ تەكلىپلىك باش دىرىكتورى نۇرگۇل شركەتنىڭ ئىلمى ئۇسۇلدا باشقۇرۇلۇش تەرەققىيات يولى ھەققىدە سۆز قىلدى.
ئاخىرىدا يەنە
شنجاڭ ئۇنىۋرسىتىتى ئقېتساد پەنلىرى دوكتۇرى ئۆمەرجان ئەپەندى بىلەن داڭلىق مۇخبىر ئابدۇشۇكۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ مىللى كارخانىلار ھەققىدىكى تەسراتى ۋە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سۆھبەت ۋە لېكسيەدىن كىين مىمھانلار مىراس كىيملىرىنىڭ بۆلۇم ۋە ئشخانىلىرىنى نەق مەيدان ئىكىسكۇرسىيە قىلدى.
ئارقىدىن مىراس كىيملىرى تەييارلىغان 100 كىشلىك زىياپەت چىيغا قەدەم تەشرىپ قىلدى.
يىغىنغا شنجاڭ تىلىۋىزىيە ئستانستىنىڭ نوپۇزلۇق رىياسەتچىسى جۇشقۇن جۇمە رىياسەتچىلىك قىلدى،شنجاڭ تىلىۋىزيە ئستانسسى،ئۇرۇمچى تىلىۋىزيە ئستانسسى،شنجاڭ گىزىتى،ئېقتساد گىزىتى،مسرانىم تور بېكىتى،ئانا تۇپراق تورى ،كارۋان تور بېكىتى،بىلقۇت تور بىكىتى،ئەپەندىم تور بىكىتى،ئايال بىز تور بىكىتى،مال دۇنيا تور بىكىتى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشتى.
كارخانىچىلار چىيى داۋاملىق ئۆتكۇزۇلۇپ ،ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن،شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېقتسادى ئىگىلىكىنىڭ كەلگۇسى ئۇچۇن تۆھپىلەرنى قوشقۇسى.
(مىسرانىم تور بىلەن بىرلىك تەتقىقات مەركىزى) تەييارلىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-9 11:13 AM
|