مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 8

خىيالىزىمدىن بىر توپلام(ئەپچىلەم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 1223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1179 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 01:41:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خىيالىلىزىملىق ھېكايىلەر

زەھەرلىك ئاڭ


                   بېل گەيتىس ئۆلۈپتۇ!نىمە؟ بېل گەيتىس ئۆلۈپتىما؟
بېل گەيتىستىن ئىبارەت بۇ كاتتا شەخىسنىڭ ئۆلىشى پۇتكۈل دۇنيانى زىل_زىلگە سېلىۋەتتى.   
زامانىمىزنىڭ داڭلىق زەردارى،مال-مۈلىكى دۇنيادىكى20نەچچە دۆلەتنىڭ بايلىقىنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغان،شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساخاۋەتچى،مىكرو سوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇشۇنداقلا بىز بىلەن ئايرىلغانىدى.
ئۇنى ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانىيەت ئاسمىنىدىكى چاقنىغان نۇرانە يۇلتۇز دېيىشكە بولاتتى،ئۇراستىنلا بىر تالانت ئېگىسى،قان -تەرى بەدىلىگە قۇرۇلغان مىكروسوفىت شىركىتى،دەل ئۇنىڭ تالانىتنىڭ نامايەندىسى.ئۇ دۇنيانىڭ قەدىمىنى تېزلەتتى،ئېنتىرنىت-تور يولىنى پۇتۇن دۇنياغا تۇتاشتۇرۇپ دۇنيانى كىچىكلىتىۋەتتى،بىراق ئۇ چاقناشتىن توختىدى.پۇتكۇل دۇنيا ئۇنىڭ ئۆلىمى ئۈچۈن قايغۇردى،ئامىرىكا ھۆكۈمىتى گەيتىسنىڭ ئۆلىمى ئۈچۈن ئالاھىدە تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى،دۆلەت بايراقنى ئۈچ كۈن يېرىم چۈشۈرۈپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىدى،جاي-جايلاردىن بۇ مەشھۇر زاتنىڭ ماتىمىگە ۋەكىللەر كېلىپ  ئۇنىڭ  تەزىيە مۇراسىمىغا قاتناشتى،ئەلۋەتتە بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزمۇ چوڭقۇر تەزىيەلىرى بىلەن بۇ شەخىسكە بولغان قايغۇرۇش ھىسياتىنى ئىپادىلىدى.گېزىت-ژۇرنال،ئاخبارات-ئىنرتىرنىت،خەۋەر-تېلىۋىزىيە...ۋاستىلىرى بۇ زات توغۇرلۇق خەۋەر بېرىپ خەلىقنىڭ كۆڭلىگە گەيتىستىن ئىبارەت بۇ داڭدار شەخىسنى سىڭدۇرۇپ پۇتكۈل دۇنيادا بېل گەيتىسنى ئەسلەش قىزغىنلىقى قوزغىدى.
ئۇ،يېڭى ئەسىرنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچتى،ھەرقېتىم ئۈچ دابىلىيۇنى باسقىنىمىزدا ئۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزغد كېلىدۇ، بەلكىم گەيتىسمۇ شۇنى ئويلىشى مۇمكىن ،گەرچە ئۇ مىكرودىن ئىبارەت بۇ ئىسىمنى تۇتقا قىلىپ مىكرو سوفىتنى ۋۇجۇتقا كەلتۇرگەن بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ياراتقىنى غايەت زور ئىدى،ئۇ چۈشىنى رىياللىققا ئايلاندۇردى،كىشىلەرگە تىرىشچانلىقىنىڭ مېۋىسىنى كۆرسىتىپ قويدى ھەم بىز بىلەن تەڭ بەھرىمان بولدى.
ئامىرىكىنى مەركەز قىلغان ماتەم مۇراسىمى بارغانچە ئەۋجىگە چىقتى،كىشىلەر ئۇنى تەرىپلەپ تاس قالغانىدى ئەۋلىيالىق مۇقامىغا چىقارغىلى ،نەگە قارىسا گەيتىسنىڭ گېپى،بىراق ئۇنى راستىنلا تەرىپلەشكە ئەرزىيتى.
مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە مىكروسوفىت شىركىتىدىكى بىر خادىم تۇيۇقسىز ئامىرىكا زۇڭتۇڭىغا پۇتكۈل دۆلەت مىقياسىدا ئۈچ كۈن تورتوختىتىپ گەيتىسنى ئەسلەش تەكلىپىنى بەردى،بىراق ئۇخادىم بۇنىڭ كەينىدە بىر قارا قۇيۇننىڭ بارلىقىنى بىلمەيتى،بۇ تەكلىپ ئامىرىكا زۇڭتۇڭىغىمۇ يارىدى ھەم پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىغا ئۈچ كۈنلۈك يەرشارى خارەكتىرلىك  تور توختىتىش توغۇرلۇق  مۇراجەتنامە سۇندى ،پۈتكۈل خەلىق ۋە دۇنيا بۇ كاتتا زەردارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەيەنلەشتۇرۇپ بۇ مۇراجەتنى قۇبۇل قىلدى .خىيىم-خەتەر قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغانىدى،بىراق دۇنيا يەنىلا گەيتىسنى ئەسلەش قاينىمىغا غەرىق بولۇپ كەتتى.
شۇنىڭ بىلەن ئامىرىكا باشچىلىقىدا پۇتكۈل دۇنيادا ئۈچ كۈن تور توختىتىش ئېلەن  قىلىندى، ئەلۋەتتە بىزنىڭ رايۇنلارمۇ تور توختاشنى قوللىغۇچىلار تەرەپتارلىرى ئىدى.ئامىرىكا دەسلەپ تور توختىتىپ يەنىلا دۇنيادا باشلامچىلىق رولىنى ئۆتىدى.تورتوختىغان تۇنجى كۈنىلا ئامىرىكىنىڭ دۆلەت-مۇداپىيە،ئالەم قاتنىشى،داۋالاش-سەھىيە،ئوقۇ-ئوقۇتۇش....ئىشلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى،تور توختىغان نەچچە سائەت ئىچىدىلا ئامىرىكا نەچچە يۈز مىليون ئىقتىسادىي زىيان تارتىپ يەنە بىر  قېىتملىق كىرزىس دەۋرىگە قەدەم قويدى،ھەش-پەش دېگۈچە تورنىڭ توختىشى ياۋرۇپا،ئاسىيا،ياپۇنىيە،جۇڭگو.....قاتارلىق دۇنيانڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى.قىسقىغىنە بىر كۈن ئىچىدىلا پۈتكۈل دۇنيا چوڭقۇر كىرزىس پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، بىراق ئۇلار تولىمۇ كىچىككەنىدى،
ئۇلار بۇنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇناتتى،بىراق دۇنيانىڭ خوجىسى دەپ قارالغان ئامىرىكا ھۆكۈمىتى يۈزىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنى ئويلاپ بۇئىشنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشىنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتتى، كىشىلەر ئارىسىدا نارازىلىق ئەۋجى ئالغىلى تۇردى،بىراق ئامىرىكىدىن ئىبارەت ئېنتىرنىت تورى ئارقىلىق قەد كۆتۈرگەن دۆلەت بۇ زەربىدە ئەڭ ئاۋال تىز پۈكتى،تېخى بىر كۈن تۇلۇق توشمايتۇرۇپلا ئامىرىكا پۈتكۈل دۇنياغا،تورنى ئەسلىگە كالتۈرۈش توغرىلىق ئىلتىماس سۇندى،ئەلۋەتتە دۇنيا خەلقىمۇ ئامىرىكىنىڭ مۇشۇ گېپىگە تەشنا ئىدى.
مانا ئىنتىرنىت تورى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا تەرەققىياتىدىكى بەلگىلىك رولىنى ئۆتەشكە ئاتلاندى،بىراق قالدۇق مەسىلىلەر يەنىلا ساقلانغانىدى.ئىنتىرنىتقا مۇناسىۋەتلىك پۇتكۈل ماتىرىيال غايەت زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىدى،ئامىرىكاFBAنىڭ جاسۇسلىرى مىكروسوفىت شىركىتىدىكىلەرنىڭ بۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرغا قويىشى غەرەزلىك بولغان، بۇلارنىڭ قىلمىشى،دۇنياغا غايەت زور خەتەر ئەپكەلدى دەپ قارىلىپ شىركەت خادىملىرىنى نەزەربەنت قىلدى،شىركەتنىڭ مال مۈلىكى توڭلىتىلدى،قىسقىسى بېل گەيتىس بىر ئومۈر قان تەر بەدىلىگە ياراتقان ئىگىلىكى قىسقىغىنە بىر كۈن ئىچىدىلا ۋەيران بولغانىدى،ياق ئۆز مەبلىغىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ زىياننى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى.كىشىلەر بارا بارا گەيتىسنىڭ تۆھپىلىرىنى ئۇنتۇشقا باشلىغاندەك ئۇنى قارغايتى،دېمىسىمۇ بىر كۈن تورنىڭ توختىشى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلماس جاراھەتنى قالدۇرۇپ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بۇ زەردارنى تەۋرىتىپ قويغانىدى.نەچچە ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ يەرشارى يەنىلا  تور توختاشتىن ئىلگىرىكى دەۋىرگە قايتىپ كېلەلمىدى،كىشىلەرنىڭ قارغىشى تۇتقاندۇ بەلكىم،ئامىرىكا بىر كۈن تورتوختاش بەدىلىگە ئىقتىسادىنىڭ10يىل چىكىنگەنلىكىنى ھىس قىلدى،خەلىق غەزەپ ئوتىدا تاس قالدى گەيتىسنىڭ قەبرىسىنى چۈۋۈپ تاشلىغىلى،ئېلىمىزمۇ بۇ بېسىمنىڭ تەسىرىدىن تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان زور بېىمغا دۇچ كەلدى،جاي-جايلاردا نارازىلىق كەيپىياتى مەۋجۇت ئىدى،بىراق نەچارە ھىچ قايسى دۇلەتتە بىر-بىرىگە ياردەم بەرگىدەك ماجال قالمىغانىدى، چۇنكى يەرشارى تورلىشىپ كەتتىدە؟
ياۋرۇپانىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن تېخىمۇ ۋەھشى ئىدى، تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ياۋرۇپا تەشكلاتىدىكى دۆلەتلەر جىددىي يىغىن ئېچىپ بۇخەتەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ئەمما ھەممە دۆلەت ئۆز ھەلەكچىلىكىدە بولغاچقا بۇلارنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ناھايىتى ئۇزۇن بىر جەريان كەتكەنىدى.قىسقىسى پۇتكۈل يەرشارىدا گەيتىسنى بالايى ئاپەتنىڭ يىلتىزى دەپ قارىلىپ غاليانلار ئۈزۈلمي كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.نەچچە ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن مىكروسوفىت شىركىتى ئۆز ئەسلىگە كەلدى، شىركەت خادىملىرى ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنىلا پۇتكۈل دۇنيا خەلقىگە ناماقۇل بولدى، بىراق خەلىقنىڭ غەزەپ ئوتى بۇلارغىلا پەسلەپ قالمايدۇ دە!
مانا ،شىركەتمۇ بۇرۇنقىدەكلاخىزمەتكە كىرىشتى، ئىش باشلىغان تۇنجى كۈنىلا شىركەتنىڭ پايچىكى توۋەنلەشكە باشلىدى ،مۇنداقچە ئېيىتقاندا بۇ شىركەتنىڭ ھالاك بولىشى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلققىدىلا قالغانىدى،بىراق ئۇلار خىجىللىق تۇيغۇسىدىنمۇ ئەيتاۋۇرھۆكۈمەتتىن ياردەم تەلەپ قىلمىدى،ئامىرىكا  بۇ تەرەپلەرنى ئاللىقاچان سېزىپ بولغانىدى،بىراق ھۆكۈمەتتە بەچارە، ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنمۇ يەتكىچە تۇرسا،؟
بىر يىلمۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئۆتۈپ كەتتى بىراق تورتوختاشتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنىڭ نەتىجىسى ھىچبىر تۈزىلەي دېمەيتى.يەنىلا مىكروسوفىت شىركىتىدىن ،بېل گەيتىستىن نارازى بولۇش كەيپىياتى سۇسلىشىپ قالمىغانىدى،ھەممىنى بەك قايىل قىلىدىغىنى بولسا كىشىلەر تەرىپىدىن نەچچە ئايغا قالماي  تاقىلىپ قالىدۇ دەپ قارالغان بۇ شىركەت تېخىچە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى  ساقلاپ تۇرۇۋاتاتتى .راست گەپنى ئېيىتقاندا ئامىرىكا ۋە پۇتۇن دۇنيا مىكروسوفىتنىڭ ھەيران بولىشىنى خالىمايتى،نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى ئىشلار بارا بارا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغانىدى، بۇ زەربىدىن ئەڭ ئاۋال ئامىرىكا غالىپ كەلدى، دۆلەت بولسا  دۇنيانىڭ   خەتەرگە  يۇلۇقىشىدا بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىز بار دەپ ئويلاپ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان دۆلەتلەرگە ياردەم قولىنى سۇنۇشقا باشلىدى ،لىكىن ھەممە دۆلەت نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق بۇ زەربىدىن قۇتۇلۇپ قالغانىدى پەقەت ياۋرۇپا دۆلەتلىردىلا بۇ خەتەرنىڭ قالدۇق تەسىرلىرى قالغانىدى،شۇڭا ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئاۋال شۇ جايلارغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.
شۇنىڭدىن كىيىن نەچچە كۈنلەر ئۆتمەيلا مىكرو سوفىت شىركىتى دۇنيا مىقياسىغا ئۆزىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلقماقچى بولدى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئامىرىكا ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىملىق تاللاشقا دۇچار بولدى،ئۇلارئېشىنچە مەبلەغنى ئاللىقاچان ياۋرۇپا ھۆكۈمىتىگە ياردەمگە بېرىپ بولغانىدى.ئۇلار ،ياق پۈتكۈل دۇنيا خەلقى بۇ مىكروسوفىتتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك شىركەتنىڭ غۇلاپ چۈشىشىنى خالىمايتى،شۇڭا بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ھەرقايسى دۆلەتلەر قولىدىن كېلىشىچە  بۇ شىركەتكە ياردەم بېرىپ ئۇلارنىڭ خەتەردىن قۇتۇلىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى،قىسقىغىنە نەچچە ئاي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق شىركەت يەنە بۇرۇنقىدەك ھاياتى كۈچ بىلەن جانلىنىشقا باشلىدى، پۈتكۈل دۇنيانىڭ تەرەققىياتى تور توختاشتىن ئىلگىرىكى دەۋىرگە قايتقانىدى.
كىشىلەر بارا-بارا گەيتىسكە بولغان خاتا چۈشەنچىنى ئۇنتۇپ يەنىلا ئۇنىڭ ئەينى دەۋىردىكى شانلىق نەتىجىلىرىنى ئەسلەشكە باشلىدى.ئەينى زاماننىڭ كاتتا زەردارى بولغان بۇ شەخىس كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى يېڭى دەۋىرنىڭ بايلىق ئىلاھى دەپ قارالدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا بولغان مەدىھيەلەر ئۈزۈلۈپ قالمىدى.ھەرقىتىم تورغا چىققاندا كىشىلەرنىڭ قەلىپ ئېكرانىدا بېل گەيتىس ئەكىس ئېتەتتى .

                                                            خاتىمە
بۇلارنى يېزىۋېتىپ تۇيۇقسىز بۇ ھاياتنىڭ مەنتىقىسىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەنگەندەك بولدۇم ،شانلىق نەتىجە بىلەن شەرمەندە بولۇشنىڭ ئارلىقى پەقەت قىل بىلەن قىلنىڭ ئۈستىدىكى بىر ئىشكەن خالاس،پەقەت بىر شەيئىلەرگە نىسبەتەن توغرا پوزىتسىيە تۇتساقلا ،غەلبە بىزگە  قۇچاق ئاچىدىكەن، ئەلۋەتتە ،بەزىدە غەلبە قازىنىشىمىز ناھايىتى ئۇزاق بىر جەريان،بىراق بىز تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا ھەممە توسالغۇنى  يېڭىپ كېتەلەيدىكەنمىز.مەن گويا پايانسىز ئوكياندىكى تەنھا قولۋاققا ئوخشاش تېڭىرقاپ يۇرمەكتىمەن ،دولقۇنلارنىڭ مېنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن ،بىراق مەن يەنىلا خوشال ،چۈنكى مەن كۈلۈپ ياشاشنى يىراقنى كۆرۈشنى ئۆگىنىۋالدىم ئەمەسمۇ ؟
قىزىققانلىق ئادەمنى ھەرخىل كويلارغا سالىدىكەن ،بىردەملىك ھاياجان ،ئادەمدە بىر ئۆمۈر ئۆرتىنىش ھەسرەت ئوتلىرىنى قاينىتىپ بىزنىڭ بۇ ھاياتقا بولغان ئىرادىمىزنى تەۋرىتىپ قويىدىكەن .شۇڭا ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ھايات ئادەمگە پەقەت بىر قېتىملا كېلىدۇ ،قانداق ياشاش ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزدا،ھەركىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى،قىسقىغىنە سەۋەنلىك بىزنىڭ بىر ئۆمۈر تۆلىگەن بەدەللىرىمىزنى بەئەينى بىر ئوچۇم توپىدەك سورىتىشى مۇمكىن .


سەمىمىي ئەسكەرتىش: بىل گەيتىس ئۆلمىدى،بۇ پەقەت مەندىكى غەلىتە ئاڭنىڭ بىر خىل ئىپادىلىنىشى  .تەسەۋۇرۇمغا تايىنىپ روياپقا چىقارغان ئەسەر  ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا پوزىتسىيەدە بۇ ئىجادىمدىن بەھىر ئېلىشىنى سورايمەن .


گۈل ئىچىدە ئۆتكەن كۈنۈم





بۇلبۇلۇڭ بولاي ،
شاخىڭگە قوناي.
سۆيگەن يايرىڭ،يايرىڭ بولمىسا،
مەن يايرىڭ بولاي .

ناخشىنىڭ مۇڭلۇق  كۈيىگە رام بولۇپ خىياللار دېڭىزىغا چۆمۇپ كېتىپتىمەن .
-ھەي!مەنمۇ بىر بۇلبۇل بولۇپ ئۆزەم ياخشى كۆرگەن شاخقا قۇنۇپ مۇھاببەتنى كۈيلەپ قانغۇچە بىر سايراپ تۇرسام، نىمانداق ئېسىل ، رومانتىك ھىسيات بۇ ھە!
نىمىشقىكىن بىر ناخشا ئالدىراپ يۈرەك تارىمنى چەكمەيتى، توۋا بۈگۈن نېمە بولغاندىمەن، كونا بىر خەلق ناخشىسىغۇ بۇ، نەچچە يىلدىن بۇيان ئاڭلىغاندا ئەجەپ بۇنداق ھىسيات بولمىغانتىيا مەندە، ئەجىبا؟
شۇلارنى ئويلاپ يەنە شۇ ئادىتىم بويىچە خىيالى دۇنيا ئالىمى ئىچىگە غەرىق بوپ كىتىپتىمەن .
مىڭىۋاتىمەن،مېڭىۋاتىمەن، ئاپپاق بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە توپا رەڭ ئاياغ ئىزىمدىن نۇسخا قالدۇرۇپ ئەتراپىمغا تەئەججۈپ ئىچىدە قارىغىنىمچە يولۇمنى داۋام قىلماقتىمەن ، قانچىلىك ماڭغانلىقىمنى ئۇقمايمەن، بۇرنۇمغا بارا-بارا خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ ھىدى ئۇرۇلۇشقا باشلىدى، يىراقتىنلا مەسخۇش بۇلۇشقا باشلىدىم،ئەمدى يەنە ئالدىمغا ماڭسام مەست بولۇشۇم ئېنىق ئىدى،شۇندىمۇ ئالدىمغا داۋاملىق مېڭىۋەردىم ، نىمىشقىكىن ئۆزەمنى مۇشۇ يەردە بىر بۇلبۇلغا ئايلىنىدىغاندەك، بىر گۈل شېخىغا قۇنۇپ مۇڭلۇق سايرايدىغاندەك ھىس قىلاتتىم.مېڭىۋەردىم،
-پاھ!
كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم، رەڭگارەڭ گۈللەر دۇنياسى، بەلكىم ھېلىقى ناخشىنى ئىجات قىلغۇچى مۇشۇ يەردە شۇ ناخشىغا خېمىتۇرۇچ توپلىغان بولىشى مۇمكىن ، گۈللەرنىڭ ھىدىنى پۇراپ-پۇراپ قانمايتىم، مەس بولدۇممۇ ،بۇنىسى ماڭا نامەلۇم، بۇ غايىۋى جەننەتتە ھەممە شەيئىگە ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ ،گۈللەرنىڭ گۈزەل رۇخسارىدىن توختىماي بەھىر ئالماقتىمەن ،قايسى گۈلنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەم ماڭا رايىشلىق بىلەن سالام بېرەتتى، قىزىق دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە ،ئۆزەمنىڭ بۇ غايىۋى دۇنيادا بۇ قەدەر قارشى ئېلىندىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن دېسە؟راس گەپ قىلسام قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىدىكى شۇ بىر مەيدان كومىدىيە مېنىڭ قەلىپ ئېكرانىمدىن تېخىچە يوقالمىغانىدى، مەن قورقاتتىم، يەنە بىرىنىڭ مېنى ئاشۇنداق كولدۇرلىتىشىدىن سەت قورقاتتىم. شۇڭا گۈللەرنىڭ بۇنچە قىلىشى مېنى سەل خۇدۇك قىلىپ قويدى، ئۆزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان بىرخىل ھاياجان ۋە، گاڭگىراشلار ئىچىدە توختىماي ماڭماقتىمەن، تۇساتتىن بىر گۈلنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدىم، بۇ گۈل ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى، ئۇنى يۇلۇش ئۈچۈن قۇلۇمنى ئۇزاتتىم.
-ۋايجان!
قانداق موللاق ئاتقانلىقىمنى بىلمەيلا قالدىم، بىردەمدە ھۇشۇمغا كېلىپ قارىسام يۇمشاققىنا تۇپراق قوينىدا يېتىپتىمەن.تېخىمۇ ھەيرانلىق ئىچىدە ئەتراپىمغا قارىدىم.
-ياق!ياق!
شۇنداق قورقۇپ كەتتىم ، بۇيۇم پاكالاپ كەتكەن ،گۈللەردىن قىلچىلىق پەرقى يوق، شۇئان ئۆزەمنى ئەسكە ئېلىپ قىياپىتىمگە قارىدىم،قارىسام ئۆزەم دائىم ئويلايدىغان بۇلبۇل ئاتلىق بىر قۇشقا ئايلىنىپتىمەن ، باشتا ئۆزەمنىڭمۇ ئىشەنگىم كەلمىدى، ئەمما ئىشەنمەي نېمە ئامال، بۇ خىيالى دۇنيادا نېمىلەرنى بولمايدۇ دەيسىز.يەنە تۇرۇپ خوشالمۇ بولاتتىم، مەن ئارزۇيۇمغا يەتكەنىدىم ،بۇلبۇل بولۇپ گۈل شاخىگە قۇنۇشتەك شۇ بىمەنە خىيالىم راستىنلا ئەمەلگە ئاشقانىدى.
-مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھىلىقى ناخشا يايراپ تۇرسا ، ئالامەت پەيزى بولاتتى دە؟
توساتتىن شۇ ناخشىنىڭ مۇڭلۇق مىلودىيىسى ياڭراشقا باشلىدى.
بۇلبۇلۇڭ بولاي،
شاخىڭگە قوناي.
.................
.................
قانىتىمنى ئەركىن يېيىپ گۈللەر دۇنياسىدا پەرۋاز قىلىشقا باشلىدىم،ئۆزەم خالىغان بولبۇلغا قۇناتتىم، خالىغان گۈللەرنىڭ بەرگىلىرىگە توختىماي سۆيۈپ كۆڭلۈمنى خوش قىلاتتىم، گۈللەرمۇ مەندىن شۇنى تاما قىلىۋاتاندەك ماڭا ئىنتىلەتتى، تەلپۇنەتتى، تالاي گۈللەرنىڭ بەرگىگە قۇنۇپ توختىماي سايرىدىم ، ئۇلارنىڭ يۇمران بەرگىسىدىن توختىماي ھۇزۇرلاندىم، شۇ تەرىقىدە ئالدىمغا ئىلدام ئۇچۈپ كېتىۋەردىم، ئۇچقانچە گۈلللەرنىڭ سەرخىلى ئۇچىرايتى، قايسى گۈللەرگە قۇنۇشنى بىلەلمەي گاڭگىراپمۇ قالاتتىم بەزىدە،مېنىڭ پەيزىمگە جۆر بولۇۋاتقان ماۋۇ ناخشىچۇ تېخى، نەگە بارسام ماڭا ھەمرا، ھەر بىر قېتىم بىر گۈل شاخىغا قۇنۇپ ، بەرگىلىرىگە توختىماي سۆيگەندە بۇ ناخشا مېنى بەزلەيتى، بەلكىم مەن قونغان شۇ گۈلمۇ ناخشىنىڭ مۇڭلۇق كۈيىدىن تەسىرلەنگەن بولسا كېرەك،مېنىڭ قاناتلىرىمغا يۆنەلگىنىچە ئۆزىمۇ سەزمەي مېنىڭ قوينۇمغا شۇڭغۇپ كېتىپ باراتتى، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى مەن بۇخىل ئىشلاردىن زىرىكتىم مۇڭلۇق مۇھاببەت كۈيلىرىمۇ، گۈللەرنىڭ خۇش ھىدلىرى، ئاشۇ جۇلالىنىپ تۇرغان بەرگىلىرىمۇ ...مېنى بىزار قىلىشقا باشلىدى، توساتتىن قانداقتۇر بىر گۈل مېنىڭ دېققىتىمنى تارتتى، ئۇ گۈل باشقا گۈلدىن ئانچە پەرىقلەنمەيتى، خۇش ھىد،جۇلالىنىپ تۇرغان بەرگى، زىلۋا قەددى قامىتى، ئۆزىنىڭ گۈللەرنىڭ ئىچىدىكى پەرىزات ئىكەنلىكىنى مانا مەن دەپ تۇراتتى .ئۇنىڭ ئەتراپىدىمۇ باشقا گۈللەر ئېچىلمىغان، ئۆزى يەككە ھالدا قەددىنى رۇسلاپ نىمىلەرگىدۇر تەلمۇرۇپ تۇراتتى، مەن ئۇ گۈلىنڭ قېشىغا ئۇچۇپ باردىم ، نىمىشقىكىن ئۇ باشقا گۈللەرگە ئوخشاش مېنى قەددىنى ئىگىپ قارشى ئالمىدى،،تۇپراق ئۈستىدىكى شۇ مەغرۇر قىياپىتى توساتتىن مېنىڭ قەلىپ تارىمنى چەكتى، ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي ئۇ گۈلگە ئېتىلدىم، ئەمما يېقىن كېلىپ ئۇ گۈلگە قۇنۇشتىن قورقتىم، چۈنكى ئۇ گۈلنىڭ تىكىنى بار ئىدى، قانداق قىلىشىم كېرەك، قاناتلىرىمىنى قاققىنىمچە ئارقامغا قارىدىم ، قاراپلا ھەيران قالدىم ، ھەممە گۈللەر سولىشىپ قالغان ، بۇرۇنقى گۈزەللىكىدىن ئەسەرمۇ يوق، يەنە توساتتىن ئالدىمدىكى گۈلگە قاراپ قالدىم.
-باشتا ئەجەپ سەپ سالماپتىكەنمىنا، توغرا، باشتىكى گۈللەرنىڭ ھىچ قايسىسىنىڭ بۇنداق تىكىنى يوق ئىدى،ئەمما ، بۇ گۈل..............
توساتتىن ناخشىمۇ توختاپ قالدى ، ھەممە ئەتراپ تىمتاس ، بۇ جىمجىتلىقتىن مېنى سەل سۈر بېسىپ قالدى، قانداقتۇر بىر غايىۋى كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە قانىتىمىنى ئەركىن قېقىپ ئالدىمدىكى بۇ مەغرۈر گۈلگە قۇنۇشقا تەمشەلدىم.
-ھا.....
ئاغرىق دەستىدىن ۋايجانلاپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
يەنە خىيال دېڭىزىغا غەرىق بوپتىمەن دە،كۆزۈمىنى ئېچىپ ، ئالدىمغا قارىدىم ، ياتاق ئۆيۈمدە يېتىپتىمەن، سىن قويغۇدىن يەنە شۇ ناخشا ئاڭلىنىپ تۇرۇپتۇ، توساتتىن ئېكراندىكى شۇ ناخشىغا كىرىشتۈرگەن بىر شېئىرغا قارىدىم .

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن ،
تىكەنسىز ئەمەسكەن بىلدىم گۈل دېگەن.
ئارقامغا قايىتقانتىم گۈل ئېيىتتى كۈلۈپ ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل نەدە ئىكەن


مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم ، چۈنكى مەن شۇ گۈلگە قورقماي قونالىغانىدىم، گەرچە خىيالى دۇنيادىكى شۇ قىسقىغىنە ۋاقىت مېنى بىردەملىك تۇيغۇلارغا باشلىغان بولسىمۇ ، رىئاللىققا قايتقاندىن كېيىن يەنە بىر مىسقال ئەقىل تاپقاندەك بولدۇم .ئاچچىغىمدا قولۇمدىكى نەرسىنى بىرنى ئېتىپ چىقىۋاتقان مۇڭ كۈينىڭ ئۈنىنى ئۆچۈردۇم، تاماكامنى چىشلەپ ئالدىمغا نەچچە قەدەم ماڭدىمدە، قەلىپ دەرۋازامنى ئېچىپ تۆۋەندىكى قۇرلارنى خاتىرلەشكە باشلىدىم.
_قىزلار بەئەينى بىر گۈلگە ئوخشايدۇ،ئوغۇللار نېمىشقا ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ قالىدۇ؟ سەۋەبى،قىزلاردا ئاشۇ گۈلدە بولۇشقا تىگىشلىك تىكەن كەمچىل، گۈل تىكەنسىز بولغاچقا بۇلبۇل خالىغان گۈلگە قونالايدۇ، بەلكىم شۇ گۈللەرمۇ شۇنداق بولۇشنى خالايدىغان بولىشى مۇمكىن ،شۇڭا بىزدەك بۇلبۇل دەپ قارىلىۋاتقان يىگىتلەر ئۆزىمۇ سەزمەي ئاشۇ تىكەنسىز گۈللەرگە قۇنۇپ قالىدۇ،ئازمايدىغان كىم بار، ئەمما بۇنىڭ كاساپىتىگە ئوغۇللار ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ سانالماقتا، ئوغۇللار بۇ تىكەندىن گۈلدىن قورقامدۇ؟ياق ، ئۇ قورقۇش ئەمەس ئەيمىنىش، ئەنە دېگەندەكلا دۇنيا ئەرلەر قېنى سىلەر دەپ چۇقان سالماقتا، ئەمما قىزلار قېنى سىلەر دەپ چۇقان سالىدىغان بىرمۇ كىشى چىقمىدى، ئەمدى چىقىدۇ، تىكەنلىك گۈللەر قېنى دەپ ..................
قەلبىمگە يۇقارقى قۇرلارنى پۈتۈپ بولۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم،بۇ ئەپچىلەمىنڭ تۇنجى ھېكمەتلىك سۆزى ئىدى ، تۇرۇپلا يەنە ئويلىنىپ قالدىم،يۈگرەپ تالاغا چىقىپ ئايغا قارىدىم ، نىمىلەرنىدۇر ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتىم ،بەلىكم سامادىن ماڭا، پەقەت ماڭىلا نىسىپ بولىدىغان شۇ تىكەنلىك گۈلنى ئىزدەۋاتقان بولسام كېرەك.




ھاڭ



بۈگۈن يەنە كۆڭلۈم پەرىشان،بىر ئىشنى ئويلاپ ئۆزەممۇ ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم، قانداق تۇيغۇ دەپ ھەيران بولغان بولىشىڭىز مۇمكىن ، بوپتۇ، سىزنى تەقەزا قىلماي گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەي يېكىندىن بۇيان ھاڭ دېگەن گەپكە قىزىقىپ قالدىم ، ئامال نېمە ؟ئوغۇل بالا بوغانكىن قىزىقىش بوپ تۇرىدىكەن ، تەسەۋۇر قىلىشقا باشلىدىم ،ھەممىڭلارغا مەلۇم مەن تەسەۋۇرنى خىيالى دۇنيادىن ئىزدەيمەن شۇڭا يەنە تەسەۋۇر قىلىۋېرىپ شۇ دۇنياغا كېتىپ قاپتىمەن ، يەنە نېمىدى كۆردۈڭ دەيسىز بەلكىم ، پۈتۈنلەي ھاڭ ، نەگە قارىسام ئوخشاش، ماڭىدىغان يەرمۇ يوق، قارىسام بىر قورام تاش باكەن شۇنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ خىيالغا چۆمۈپ قالدىم ،بەلكىم سىز بايا تېخى ھەممە يەر ھاڭ دەۋاتاتتى بۇ قورام تاش نەدىن پەيدا بوپ قالدى دەپ ئويلاۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن ، خىيالى دۇنيادا كېتىۋاتقان چېغىمدا مۇشۇ تاشقا پۇتلىشىپ تاس قالدىم چوقامنى يەتتە پارچە قىلغىلى ، شۇڭا ئاچچىغىمدا تاشنى بىر يۆتكىۋىتەي قىيىنچە مەندىن باشقىلار پۇتلىشىپ يۈرمىسۇن دەپ ئويلاپ تاشنى يۆتكىشكە تەمشىلىپ شۇئان ئارقامغا قارىسام ھەممە يەر ھاڭ ، بۇ نېمە ئىش بوپ كەتتى ئەمدى، بەلكىم سىلەر سېزىپ بولغانسىلەر، ئەسلى مۇشۇ يەردىمۇ مۇشۇنداق قورام تاش بولغان يۆتكىۋەتكەندىن كېيىن مۇشۇنداق ھاڭ پەيدا بولۇپ قالغان،شۇڭا ئاخىرقى بۇ تاشنى يۆتكەپ قۇيۇشتىن سەل ئەيمىنىپ قالدىم ،دېمىسىمۇ شۇ، كۆزى بوغانكىن ئايلىنىپ ماڭسۇن ، شۇلارنى ئويلىغاندا يەنە بىر خىيال كۆڭلۈمدىن غىل-پاللا كەچتى، قانداق خىيال دېمەمسىلەر، شۇ ياشلىق بوغانكىن مۇھاببەتكە ئېنتىلىپ قالىدىكەنمىز، شۇنى ئويلاپ قالدىم :مۇھاببەت يولىدا سۆيگەن يارىدىن ئايرىلىشتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كېرەك . ھېلىقى بىر ناخشا باغۇ، ئوقيا بولۇپ تەگدى يۈرەكنىڭ بېغىغا ....دەپ شۇنىڭدەك مۇھاببەت بەئەينى بىر ئوقيا ، ئۇ تەگمىسە ياخشى ،تىگىپ قالسا يۇلۇپ ئالماقنىڭ ئورنى يوقتە، يۇلۇپ ئالدىم دېگەنلىك ئايرىلىشتىن بىشارەت، مىخنىمۇ دەرەخقە قېقىپ يۇلۇپ ئالسا ھامان زىدىسى قالىدۇ، مۇھاببەتمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدىغۇ، شۇنىڭدەك گەرچە بۇ قورام تاشلارمۇ يولىمىزنى توسۇۋالدى دەپ ئاھ ئۇرغىنىمىز بىلەن ئۇنى ھامان يۆتكىسەكمۇ ئۇنىڭ ئىزى قالىدۇ، بەزىلىرى تولدۇرغىلى بولمايدىغان ھاڭ بولۇپ شەكىللىنىدۇ، ھەممىمىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ يولىمىزغا پۇتلاشقان قورام تاشنى ئېلىپ تاشلاشتىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى ھەرخىل يولار ئارقىلىپ ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمىز، غالىپلار، مەغلۇبىيەتنى ئاشۇ قورام تاشقا ئوخشىتىدۇ، شۇ تاشنى ئېلىۋەتكەندە يولىنىڭ ئۇچۈق بولىدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىىلىدۇ، شۇڭا مەيلى قىز-ئوغۇل بولايلى شۇ غالىپلىق يولىدا بىزنىڭمۇ مېڭىپ باققىمىز كېلىدۇ، ئامال قانچە بىزگىمۇ بار ئاشۇ قورام تاش، ئېلىۋەتمىسەك يولىمىز ئېتىلىدۇ،شۇڭا ھەممىمىز بەس-بەستە پۇتلىكاشاڭلارنى تازلاش ئۈچۈن كۆرەش قىلىمىز، خالىمىغانلىرى بولسا غالىپلەر نەزىرىدە ئىرادىسى كەمچىل بولۇپو قالىدۇ ،خۇددى مېنىڭ بايىقى تاشنى يۆتكەشنى خالىمىغىنىمدەك ،ھەي!دۇنيانىىڭ ئىشلىرى زادى بىۋاپا، ئەنە قاراڭلار ھەممىمىز سەندىن مەن قالامتىم دەپ قورام تاشنى يۆتكەش كۆرىشىگە ئاتلىنىپ كەتتۇق، ئەلۋەتتە ئادەمنىڭ قىيىنچىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇنىڭدەك بىزگە ئۇچىرايدىغان توسالغۇ،قورام تاشلارمۇ ئوخشاش ئەمەس، بەزىلىرى مۇنداقلا قىلساق بىزگە داغدام يول ئاچىدۇ، يەنە بەزىلىرى باكى شۇنچە ھەيۋەت،شۇنچە گىگانىت، قاراپ تۇرۇپلا قالىمىز، بۇلار دەل بىزنىڭ ئىرادىمىزنى سىنايدىغان قورام تاشلار، ھەقىقىي غالىپلاردىن بولۇش ئۈچۈن چۇقۇم مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىشىمىز كېرەك ، يەنە ئاتلاندۇق، نېمىسىنى دەيسىز، شۇنچە قىينىلىپ ئاران قورام تاشنى يۆتكەپ ئالدىمىزغا مەغرۇر،داغدام قەدەم تاشلاپ كېتىپ قالدۇق، چۈنكى غالىپلار ئارقىغا قارىمايدۇ ئەمەسمۇ، مەنزىل ئالدىمىزدا تۇرسا دېگەن نىياتتە مېڭىۋەردۇق، ئەجدادىمىز ماڭغان يولدىمۇ ماڭدۇق، ئەمما دۇنيانىڭ تەرەقىياتى بىزنىڭ ماڭىدىغان يولىمىزنى چۈشەپ قويدى، ئەمدى ئۇلار ماڭغان بەزى يوللار بىزگە ماس كەلمەيتى، توختاپ قالايلىمۇ؟ياق ،دۇنياغا يىغلاپ تۇغۇلغان ئىكەنمىز مېڭىشنى ئۆلگىچە داۋاملاشتۇرىشىمىز كېرەك .بىز شۇنچە يول مېىڭپ كەپتىمىز ، يولللار ئۆزگەردى، ئەمما بىر قاراش تېخىچە ئۆزگەرمىدى، ئۇ بولسىمۇ مەڭگۈ ئارقىغا قارىماي دادىل قەدەم تاشلاپ ئالدىغا مېىڭىش، بىر ھىساپتا بۇمۇ خاتا گەپ ئەمەس، ئۆز قەدىمىگە پۇختا بولسا ئارقىغا قاراشنىڭ نە ھاجىتى، بەلكىم مەڭگۈ ئالدىغا قاراپ ماڭىدىغانلار بۇ ھېكمەتنى بىلىدىغان بولسا كېرەك.ئەجدات ماڭدى ، بىز ماڭدۇق ، بەلكىم ئەۋلادىمىزمۇ شۇ نىيەتتە داۋاملىق يولنى مېڭىپ غالىپلاردىن بولۇپ چىقىشى مۇمكىن .
ئەمما مېنىڭ ماڭغىم كەلمىدى، جايىمدا تۇرۇپ توختاپ قالدىم، ئاستىمدا قورام تاش، ئارقامدا ھاڭ، راست گەپ قىلسام ئالدىمغا قاراشتىن قورقۇپ قالدىم، ئالدىمدىمۇ ھاڭنىڭ بولىشىدىن ئەنسىرايتىم ،ئەگەر شۇنداق بولسا، مەن مۇئەللەقتىكى تاشتا ئولتۇرۇپ قالغاندەك بولمايمەنمۇ، چۈنكى مەنمۇ ئەقىل ئىگىسى، ھاڭغا چۈشۈپ كەتكۈم يوقتە، ئۇزاق -ئۇزاق ئويلىنىپ كەتتىم، خىيال ئىچىدە خىيال:توۋا تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئالدىمىزدىكى پۇتلىكاشاڭلارنى تازلاپ كەلدۇق، مەقسەت پەقەت بىر، ھەممىمىز پۇتلىشىپ كەتمەسلىكنى ئويلاپ شۇنداق قىلدۇق ئەمما ، شۇ قورام تاشلارنى يۆتكەپ بولغاندىن كىيىن ئارقىمىزغا قاراشنى ئۇنۇتتۇق، ئەمدىچۇ، ئارقىمىزدا شۇ قىيىنچىلىقنىڭ ئىزى قالغان، تالاي يىللاردىن بۇيان قانچىلىك قورام تاشلارنى يۆتكىسەك شۇنىڭغا يارىغا ئىز شەكىللەنگەن، قارڭلار ، ئۇلار ئەمدىلىكتە ھاڭ بوپ شەكىللىنىپتۇ، پۇتلىشىپ كېتىشتىن ئەنسىرىگەن ئادەم چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەپتۇ دېسە، راستىنلا قىزىق ، قورام تاشلارنى يۆتكەش كۆرىشى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ، شۇلانى ئويلاپ قالدىم، ھاڭلارنى تىندۇرۇش كۆرىشى قاچان باشلىنار....................................

ئاپتۇر ئىلاۋەسى:بۇلار ھەممىسى پەقەت خىيالى تۇيغۇنى رىئال دۇنياغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا يېزىپ چىققان خىيالىزىملىق ئەسەرلەر، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەسەرگە قارىتا قالايمىقان پوزىتسىيەدە بولماسلىقىنى ، ھەمدە مېنىڭمۇ بەك خىيالچان بالىكەن دەپ ئويلاپ قالماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن، بۇ ھېكايىلىرى پەقەت ئۇقۇرمەنلىرىمىنڭ ئوقۇشى ئۈچۈن يولاندى .بەلىكم بۇ بالىنىڭ ھېكايىسىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مۇشۇنداق خىيال ئىچىگە مۇجەسسسەملەنگەن دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن ، ئەلۋەتتە ، خىيالمۇ ئاساسسىز بولمايدۇ........


مەنبەسى: ئەپچىلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-9 09:32 AM  


كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8681
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 10:00:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ،ئىنىم ئەمدى خىيالىزىملىق ھېكايە يازىدىغان بوپكەتتىڭما؟....
............
ئىزدىنىش-ئاخىرى ئادەمنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ... توختىماي ئىزدەن ،توختىماي ئۈگەن، توختىماي ياز!....
.........
بۇ ھېكايىلىرىڭگە يەنە ئازراق ئىشلەپ، مەتبۇئاتلارغا سۇنۇشنى ئويلىشىپ باق......داۋاملىق تور يازغۇچىسىلا بولۇپ قېلىشىڭنى خالىمايمەن...تەم-تىم قەدەملىرىڭنى ئەمدى چوڭ-چوڭ ئال! چۈنكى سەنمۇ ئەمدى يىگىت بوپ قالدىڭ!...

                                                               ئاكاڭ: نازارەتچىدىن.

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94315
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1034
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:13:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5891
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:32:57 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى خېلى ياخشىكەن

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8075
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1938 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 01:51:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېل گەيتىس توغۇرلۇق يازغىنىڭلار ماڭا بەك يارىدى ، قەلىمىڭلار بارغانچە ئۆتكۈرلىشىپ كىتىپ بارىدۇ جۇمۇ  !

چىشىمغا تەگمە !

مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 1223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1179 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 10:59:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazaratqi يوللىغان ۋاقتى  2013-4-9 02:00 PM
ۋاھ،ئىنىم ئەمدى خىيالىزىملىق ھېكايە يازىدىغان بوپكەت ...

مەتبۇئات دېگەن يەرگە قانداق ئەۋەتىشنى ئۇقمايمەن ئۇستاز ، قارىغاندا مۇنبەر مېنىڭ ئەڭ ياخشى مەتبۇئاتىم ئوخشايدۇ ،

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8681
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 02:34:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-4-9 10:59 PM
مەتبۇئات دېگەن يەرگە قانداق ئەۋەتىشنى ئۇقمايمەن ئۇست ...


قانداق ئەۋەتىشمۇ گەپمۇ، سەن ئۈرۈمچىدىغۇ؟... بازار ئايلانغاچ بېرىپلا،ئۆزۈڭ بەرمەمسەن ئۇنى تەھرىرلەرگە. سالاملاشقاچ.....
قايسى ژۇرنال ياكى گېزىتنىڭ ئاستىغا قارىساڭ ئادرېسى بارغۇ.... دۆت.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-10 02:34 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ap~qilam + 500 okلىكىن بىراۋنىڭ ئالدى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8681
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 302 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-10 02:49:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراۋنىڭ ئالدىغا ئۇدۇللا بېرىشتىن خىجىل بولىمەن دىمەكچىمۇ؟..... ئەسەر يازغان ئىكەنمىز دادىل بولۇشىمىز كېرەك... تەھرىرلەر دېگەن بەكلا سەمىمى ئادەملەر... ھەرگىز ئىككىلەنمە ئىنىم....
.............
كەلگۈسىدە  يازغۇچى ياكى شائىر بولۇپ چىقىش ئۈچۈن  مەتبۇئاتلارغا ئەسەر ئەۋەتمىسەك بولمايدۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nazaratqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-10 02:49 PM  


مەن ھامان پارتىلايمەن!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 1901
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 1223
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1179 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 10:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazaratqi يوللىغان ۋاقتى  2013-4-10 06:49 PM
بىراۋنىڭ ئالدىغا ئۇدۇللا بېرىشتىن خىجىل بولىمەن دىمەك ...

راست گەپ قىلسام قانداق ئەۋەتىش  ئۇسۇلىنىمۇ ئۇقمايمەن

كىـشــى مــېنـى كـىــشى دېـــسە كـىـشـى مـېـنـىڭ كىـشمىــشىم، كـىشـى مېـنــى كـىـشـى دېـمـىـسە كىـــشى بــىلـەن نېمـــە ئىــشـىم .→مەرھابا 21 باھارىم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش