"يۇلتۇزلارنىڭ سۆزلىرى" گە __ ئالىي ئىنكاس
ئاپتۇر بۇ ئەسىرىدە ئۆزىنى سەھەردىكى چولپان يۇلتۇز ئورنىدا قويۇپ،ئەتراپىنى يوشۇرۇن ھالدا تەپسىلىي كۈزەتكەن.كۈندۈزنى __ قۇياشقا، كېچىنى __ ئايغا ئوخشۇتۇپ تەسەۋۋۇر قىلىپ ،بۇ كېچە بىلەن كۈندۈز قوينىدا بولۇۋاتقان يەنى "جاھالەت-زۇلمەت" ئاسمىنىدا قادىر بولغىنىچە ئۆز "نۇرى" بىلەن بۇ قاراڭغۇ - زۇلمەت كېچىگە زىننەت بېرىۋاتقان يۇلتۇزلارنىڭ تەدرېجى "يوقۇتۇش ھەم يوقۇلۇش" پاجىئەسىنى بىر تارىخى گۇۋاھچى سۈپىتىدە ھۇشيارلىق بىلەن كۈزىتىپ، " يۇلتۇزلار بىر-بىرلەپ تۆكۈلسە ، ئاستا - ئاستا باشقا يۇلتۇزلارغا تەسىر قىلمايدۇ _ دەپ ، كىممۇ ئېيتالايدۇ ؟! دېگەن سۇئالنى قويۇپ تۇرۇپ ،تارىختىن بۇيان بىر- بىرلەپ تۆكۈلۈپ يوقالغان يۇلتۇزلارنىڭ ئۆتمۇشتىكى پاجىئەلىرىگە ئېچىنىپ ھازىرقى بار بۇلۇپ، زۇلمەت ئاسماندا چاقناۋاتقان يۇلتۇزلارنىڭ كەلگۈسى قىسمىتى __ تەغدىرىدىن ئەندىشە قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ " ئاھ ،خۇدا ! بۇ زادى نىمە ئىش ؟! ئۇ يۇلتۇزلار تۆكۈلسە، بۇ يوقىلىش ھالىتى ئاستا-ئاستا باشقا يۇلتۇزلارغا تەسىر قىلمامدۇ؟! ئاشۇنداق تەدرىجى ھالدا ئاسماندىكى يۇلتۇزلار بىر - بىرلەپ تۆكۈلۈپ تۈگىسە _ھە !؟ ... ئۇنىڭغا قارىتا كىم -كىمدىن ھېساپ ئالىدۇ ؟ بۇ ھېساپقا كىملەر جاۋاپكار ؟! " دېگەن مەزمۇندىكى جۈملىلەر ئارقىلىق قالغان "يۇلتۇز"لارنى بۇ "ھېساپ"تىن ئاگاھلاندۇرغان.
"يەنە نۇرغۇن سۇئاللار ۋە جاۋاپلار بار" دىگەن ئىبارە ئارقىلىق بۇ قاراڭغۇ كېچەنىڭ "زۇلمەت ئاسمىنى" نى بېزەش ئۈچۈن نۇر بەرگەن يۇلتۇزلاردىن، بەرگەن تۈرلۈك نېئمەتلەردىن ئۇنىڭ ئېگىسى بولغان زات ئاللاھ زامان ئاخىرىدا يەنى يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن ،ئاي يېرىلغان ،ئاسمان ئۆز زىننىتىنى يوقاتقان ، قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچكەن، تاغلار كۆكۈم-تالقان بولغان چاغ __ قىيامەت كۈنىدە قاتتىق سۇئال قىلىپ ھېساپ ئالىدىغانلىقىنى بۇھېساپقا چۇقۇم جاۋاپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
بۇ كۈن كېلىشتىن بۇرۇن شۇ ھېساپ ئالغۇچى زاتنىڭ بىلدۈرگەن ھەقلىرىگە ئەمەل قىلىشىمىز ، بىر- بىرىمىزگەتەۋسىيە قىلىشىمىز، بىر - بىرمىزگە ياردەمدە بولۇپ ، ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈشىمىز كېرەكلىكىنى ، ئۇنداق قىلمىغاندا يۇلتۇزلار __ بىزلەرنى بىر پاجىئەلىك يامان ئاقىبەتنىڭ كۈتۈپ تۇرۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ ئاقىبەتنىڭ قايسى سۈرەتتە ئىكەنلىكىنى پەقەت بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىشىنىڭ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان .
بۇ ئەسەرنى ئاپتۇر چوڭقۇر تەپەككۇرى ھەم ئىنتايىن باي تەسەۋۋۇردا يىراقنى كۆرەر سەزگۈرلۈك بىلەن يازغان .
ئاللاھ ئىلىمىنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن !، تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرىغا بەرىكەت ئاتا قىلسۇن،ئامىن!!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سىراج تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-11 02:39 AM