مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 713|ئىنكاس: 15

ئىلچى خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93140
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 52
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2013-3-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:28:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەن ئىلچى كوماندىسى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ خوتەن ۋىلايىتىدكى پۇتبول سەۋىيىسىگە قارىغاندا  بىر قەدەر تارىخى ئۇزۇن ئەنئەنىۋى كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ . ئىلچى كوماندىسى خوتەن شەھرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا مۇسابىقىلىرىدە ئۇدا يەتتە قېتىم چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن .ھازىر ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ خوتەن پۇتبولچىلىقىنىڭ بۈشۈكى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە ...!  ھازىر خوتەن بىرلەشمىسگە قاتنىشىۋاتقان ئىلچى كوماندىسى دەل شۇ ئىلگىركى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزالىرى بولۇپ ئۇلارنىڭ ھازىر ئوتتۇرچە يېشى 20 ياش ئەتراپىدا بۇ كوماندا خوتەن پۇتبولچىلىقىغا نىسبەتەن كەلگۈسى پارلاق دەپ قارالغان ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسى .

كوماندا بەلگىسى

220413smcgjsm77j7mz73g.jpg

ئىلچى كوماندسى ئەزالار ئارخىۋى

كوماندا تېرىنىرى : دىلمۇرات ئابدۇجەلىل
ۋارتتا : نۇرمۇھەممەت
بېك : نۇرئەخمەت ، سەمەت ، مەتقاسىم ،
ئوتتۇرا مەيدان : ئابدۇجەلىك ، ئۇبۇل ، مەتتۇدى ،
ھۇجۇم : تۇسنىياز
ئىلچى كوماندىسى بۇ پەسىللىك خوتەن بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى .



220431qpg6qpqcpu666qt2.jpg


ئىلچى كوماندىسى بۇ پەسىل ب  رايۇنغا بۆلۈنگەن بولۇپ ب رايۇندىكى 18 ئايلانما مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن سەككىز كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن . 4\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇدا چىمپىيون بولۇپ كىلىۋاتقان ئىخۋان كوماندىسىنى 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتۇۋېلىپ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىدى . يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شوخ كىنو تورى كوماندىسىنى 4:1 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ كەتتى . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خوتەن ۋىلايىتىدىكى كونا كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بىرى بولغان ھېيتگاھ كوماندىسىنى 5:1 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ بۇ پەسىللىك خوتەن پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈردى .
ئىلچى كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى 18 ياشلىق نۇرمۇھەممەت بۇ پەسىللىك خوتەن پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋارتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .
220421391e2w42zee43oey.jpg

220416afafkaa2z85z87sz.jpg


220428u9bge4egwfnggeul.jpg

220424wz4z08wjkg44zzba.jpg



ئىلچى كوماندىسىنىڭ بۇندىن ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ قىسقىچە ئارخىۋى

خوتەن ئىلچى كوماندىسى 2001-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان
بۇ كوماندىنىڭ ئەسلى قۇرغۇچىسى خوتەن شەھەرلىك ئىلچى باشلانغۇچ مەكتىۋى ، ئىلچى باشلانغۇچ مەكتىۋى بۇرۇندىن باشلاپ خوتەن شەھرىدىكى  باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىلىرىغا قارىغاندا پۇتبول سەۋىيىسى بىر قەدەر ياخشى بولغان كوماندا ئىدى.
باشلاشغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول  مۇسابىقىلىرىنى چىڭ تۇتقاندا بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشى ئالاھىدە ياخشى بولۇدۇ باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلىغاندا چۇقۇم شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولۇدۇ گەرچە باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىلىرىدا مۇنتىزىم مەشىق قىلىش پۇرسىتى بولمىسىمۇ بۇ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى ئۈچۈن زور تۈرتكە بولۇدۇ چۈنكى خەلقىمىزنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشى بىر قەدەر تۈۋەن بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم.
2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تەسىرى ۋىلايىتىمىز پۇتبولچىلىقىغا خېلى ياخشى بولدى خوتەن خەلقىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشى بىر قەدەر ئاشتى شۇنىڭ بىلەن 2003-يىلىدىن باشلاپ خوتەن شەھرىدە باشلانغۇچ مەكەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان پۇتبول مۇسابىقىسى يولغا قويۇلدى بۇ مۇسابىقىنى ھازىرغىچە ھەر يىلى 5-ئايدا ئۆتكۈزپ كىلىۋاتىدۇ.
ئىلچى كوماندىسى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ تۇنجى نۆۋەتلىك خوتەن شەھرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن
پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپتىكى پۇتبولنى ياخشى ئوينايدىغان بالىلارنى يىغىپ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت مەشىقلەندۇرۇپ قاتناشتۇرغان.
نەتىجىدە ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە چىمپىيون بولدى .
ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى2003-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك خوتەن شەھرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى تارتىۋالغاندىن كىيىن مەكتەپ رەھبەرلىرى بۇ مۇسابىقىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان بولدى . 2004-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە ئىنتايىن ياخشى تەييالىق قىلدى چۈنكى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ لوڭقىنى تاتقۇزۇپ قويغۇسى يوق ئىدى . ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 14تارماق مەكتىۋى بولۇپ مۇشۇ مەكتەپلەرنى ئۆز ئارا مۇسابىقەلەشتۈرۈپ ئىپادىسى ياخشى بولغان بالىلارنى تاللاپ 35كىشىلىك بىر كوماندا تەشكىللىدى كىيىن بۇلارنىڭ ئارىسىدىن شاللايدىغانلىرىنى شاللاپ مۇسابىقە باشلىنىش مەزگىلىگىچە 18نەپەر ئەزا نى تاللاپ چىقىپ بىرنەچچە ئاي دەرىستىن سىىرتقى مەشىققە سالغاندىن كىيىن 2-نۆۋەتلىك مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى.2004-يىلىدىكى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى ئۇغۇز چايلىرى شىركىتى قوللىغان ئىدى . ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كۆك رەڭلىك كىيىمىنىڭ كەينىگە ئۇغۇز چايلىرى كوماندىسى دەپ بېسىلغان ئىدى بۇ قېتىملىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭمۇ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇدا ئىككى قېتىم چىمپىيون بۇلۇپ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى . شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ھازىر خوتەن بىرلەشمىسىدە توپ ئويناۋاتقان تۇسنىياز ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋاتتا بولۇپ باھالاندى ئۇنىڭ ۋاراتانىڭ ئۈستى تۆرىگىچىلىك ئىگىزلىكتە كەلگەن توپلارنى يەڭگىللىك بىلەن ئۆزىنى ئېتىپلا تۇتۇۋىلىشلىرى بارلىق تاماشىبىنلارنىڭ قىررۇ -چىررۇ قىلىپ ئۇنىڭغا مەدەت بىرىشكە ئۈندەيتتى. ھازىر بۇ بالا ۋارتتا بولمىسىمۇ مەيدان ئىچىنى ئىنتايىن ياخشى ئويناۋاتىدۇ ، ئۇنى ئىلچى كوماندىسىنىڭ يادرولۇق ئەزالىرىنىڭ بىرى دىيىشكە بولۇدۇ. 2005-يىللىق خوتەن شەرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىسى ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئۆتكۈزۈلدى ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك مۇسابىقىمۇ مۇشۇ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى چۈنكى بۇ مەكتەپنىڭ پۇتبول مەيدانى چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن شەھەرنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان ئىدى
مەكتەپ رىشاتكىسىدىن يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارمۇ مۇسابىقىدىن خەۋەر تېپىپ مۇسابىقە كۆرگىلى كىرەتتى ھەتتا مەكتەپ مەيدانىغا پاتمىغان تاماشىبىنلار رىشاتكىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ مۇسابىقە كۆرەتتى.
ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ گۇرپا مۇسابىقىسىدە شورباغ باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقتىن گۇرپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقىپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۈچلۈك دەپ قارالغان 5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىلەن ئوينىدى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئەزالىرى كۈچلۈك مەدەت بىرىش ئاستىدا ئاخىرى بۇ كوماندىنى2:0مەغلۇپ قىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يەنىلا شورباغ باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىلەن ئۇچرۇشۇپ بۇ كوماندىنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ قېتىم چىمپىيون بولۇدۇ . مەكتەپ رەھبەرلىرى ئىنتايىن خوشال بۇلۇپ مەكتەپنىڭ پۇتبول كوماندىسىغا تېخىمۇ ياخشى شاراھىتلارنى ھازىرلاپ بېرىدۇ . 2005-يىلىدىن باشلاپ بۇ مۇسابىقە خوتەن ۋىلايىتىدە ئەڭ قىززىيدىغان تاماشىبىنلارنى جەلىپ قىلىدىغان چوڭ تىپىكى مۇسابىقىگە ئايلىنىدۇ خوتەن خەلقىنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزىقىشىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك ئاشىدۇ.
2006-يىلىلىق مۇسابىقىدە ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى 2-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2:1نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ تۆتىنچى قېتىم چىمپىيون بولۇدۇ . ئەينى ۋاقىتتىكى2-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ ئىلچى باشلانغۇچ كوماندىسى مۇسابىقە ئاخىرلاشقىلى سەككىز مىنۇت قالغان ئەھۋال ئاستىدا بىر نۇمۇ كەينىدە قالغان ئىدى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئارقىمۇ ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:1گە ئۆزگەرتىدۇ
بۇنىڭدىن خوتەن شەھرىنىڭ رەھبەرلىرى ئىنتايىن مەمنۇن بولۇدۇ، چۈنكى بۇ كوماندا ئۇدا تۆت قېتىم چىمپىيون بولدى.
2007-يىلى بۇ مۇسابىقە ئاخىرى ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ سايىپخانلىقىدىن توختاپ گۇجانباغ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلىدۇ ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىلەن گۇجانباغ باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىر گۇرپىغا بۆلۈنىدۇ بۇگۇرۇپپىدا كۈچلۈك بولغان 2-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىمۇ بار ئىدى
بۇ گۇرپا ھالاكەت گۇرپىسى ئىدى ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى گۇجانباغ باشلانغۇچ كوماندىسىغا 1:0بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇدۇ، بىراق ھەر ئىككىلى كوماندا باشقا رەقىپلىرىبى مەغلۇپ قىلىپ گۇرپىدىن بىللە چىقىپ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغىچە كىلىدۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كۈچلۈك دەپ قارالغان سايىپخان كوماندىنى ئۇتۇپ
5-قېتىم چىمپىيون بولۇدۇ شۇنداقلا ئالتىچى قېتىملىق مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈش شەرىپىگە ئېرىشىدۇ.
2008-يىلى بۇ مۇسابىقە ئىلچى دىيارىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ ئۇدا بەش قېتىم چىمپىيون بولغان ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئۈچۈن ئۆز مەيدانىدا چىمپىيونلۇقنى تارتقۇزۇپ قويۇش بەكمۇ ئېغىر كىلەتتى شۇڭلاشقا ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى پۇختا مەشىق قىلىدۇ دوسلۇق مۇسابىقىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ تۇرۇدۇ
مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان دوسلۇق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدا ئۈرۈمچى سۇڭچىڭلىڭ پۇتبولچىلىق مەكتىۋىنىڭ ئوقۇغۇچىسىدىن ئىككىسى بار ئىدى بۇنىڭ بىرى ئابدۇرسۇل ئىسىملىك بىر بالا بولۇپ ھازىر بۇ بالا ئىچكىردە مەشىقلىنىۋېتىپتۇ
يەنى بىرى خوتەن شەھرىدە نام چىقارغان كىچىك چولپان مالىك ئىدى. بۇ مۇسابىقىدە ئىلچى باشلانغۇچ كوماندىسى 1:0بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن رەسمى مۇسابىقە باشلىنىدۇ ، كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ھەر ئىككىلى كوماندا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىنتايىن كەسكىن ، يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدۇ مۇسابىقە ۋاقتى جەمى 60مىنۇت ئىدى مۇسابىقە باشلىنىپ 58مىنىۇر بولغۇچە توپ كىرمەيدۇ
ھەتتا ئىلچى كوماندىسىنىڭ تىيېنئىرى ئابلىكىم ئەپەندى ۋە ئىلچى كوماندىسىنىڭ بۇرۇنقى ئەزالىرىنىڭ كۆزلىرىدىن تارام - تارام ياش ئاقىدۇ .
ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىكى11-نۇمۇرلۇق تەنھەرىكەتچى يەنى كوماندا باشلىغى قاسىم ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھۇجۇمچىسىنى باشقا مۇساپىيەچى ئەزالار توسالمىغانلىقى ئۈچۈن مۇداپىيەدە تۇرۇپ ئوينايدۇ ۋاقىت توشقىلى ئىككى مىنىۇت قالغاندا قاسىم ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى نۇرمۇھەممەتتىن توپنى ئۇنىڭ ئالدىغا باشلاشنى تەلەپ قىلدۇ ، توپنى ئۇنىڭ ئالدىغا باشلاپ بىرىدۇ قاسىم توپنى ئۆزۈنىڭ مەيدانىدىن ئېلىپ مېڭىپ قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسى ئالدىغىچە بەش ئەزانى ئالداپ ئۆتۈپ بۇ توپنى ئۇرۇدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئىلچى خەلقى ئالەمچە خۇشاللىققا چۈمۈدۇ ، مۇسابىقە 1:0بىلەن ئاخىرلىشىپ
ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئۇدا ئالتە قېتىم چىمپىيون بۇلۇشتەك يۈكسەك نەتىجە يارىتىدۇ.
2009-يىلى لاسكۇيدا ئۆتكۈزۈلىدۇ بۇ قېتىم ئىلچى باشلانغۇچ كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچتا گۇجانباغ باشلانغۇچ مەكتىۋىگە 1:0بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئويناش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ 3-لىكنى تالىشىدىغان مۇسابىقىدە ئۈمۈت باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچۈنچىلىككە ئېرىشىدۇ
2010-يىلى8-قېتىملىقى شورباغ باشلانغۇچ مەكتىۋىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ ئىلچى باشلانغۇچ كوماندىسى شورباغ باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىنى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە
1:0بىلەن ئۇتۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىدۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيون لاسكوي باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىن ئىككى توپ ئىستىمال قىلىۋالىدۇ ، كىيىن ئارقىمۇ - ئارقا ئىككى توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىدۇ ، نۇقتا توپ جېڭىمۇ باشلىنىدۇ نۇقتا توپ جېڭىدە ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئۇتۇپ 7-قېتىملىق چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
2011-يىلى يۇرۇڭقاش باشلانغۇچ مەكتەپتە 9-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ بۇ قېتىم ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىرقەدەر تۈۋەن بولۇپ ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى 5-لىككە ئېرىشىدۇ .5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى چىمپىيونلۇققا ئېرىشىدۇ. لاسكۇي 2-لىككە گۇجانباغ 3-لىككە ئۈمۈت 4-لىككە ئېرىشىدۇ
2012-يىللىق مۇسابىقىنىڭ سايىپخانلىقى توساللا باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىغا تەۋە بولۇدۇ .  بۇنىڭدىن ئىلگىرى خوتەن شەھرىدە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىلا ئۆتكۈزۈلەتتى 2011-يىلىدىن باشلاپ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا پۇتبول مۇسابىقىسىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغان بولدى.
بۇ قېتىملىق تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىملىقى ئىدى . تۇنجى قېتىملىق باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقە يۇرۇڭقاش ئوتتۇرا مەكتىۋىدە ئۆتكۈزۈلدى مۇسابىقە جەريانى ئىنتايىن ياخشى بولدى ئىلچى يېزىسىنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ نامى
4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدى.
تۆت كۈچلۈككە 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ،3-ئوتتۇرا مەكتەپ ، شورباغ  ئوتتۇرا مەكتەپ ، سايىپخان يۇرۇڭقاش ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىلىرى كىردى
4-ئوتتۇر مەكتەپ كوماندىسى يېرىم ھەل قىلغۇچتا شورباغ ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىغا 4:3بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇدۇ 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە يۇرۇڭقاش ئوتتۇرامەكتەپ كوماندىسىنى1:0بىلەن ئۇتۇپ 3-لىككە ئېرىشىدۇ. مۇسابىقىدە شورباغ ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى چىمپىيون بولۇدۇ 3-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى2-لىككە ئېرىشىدۇ . ھازىرقى خوتەن بىرلەشمىسىدىكى كوماندا ئەزالىرى دەل مۇشۇ ئىلچى باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسىدىن يىتىشىپ چىققان بالىلار بۇ بالىلارنىڭ پۇتبولغا بولغان قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ ئىلچى كوماندىسى 2009-يىلى بىر مۇسابىقە ئويۇشتۇرۇدۇ مۇسابىقىگە لوپ ناھىيەسى كوماندىسى ھېيتگاھ كوماندىسى، قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار قاتناشقاچقا ئىلچى كوماندىسى نەتىجىگە ئېرىشەلمەي قالىدۇ چۈنكى مۇسابىقىگە ياش چەكلىمىسى قويۇلمىغان ئىدى . ئىلچى كوماندىسىنىڭ بالىلىرى ئەمدىلا 18ياشقا كىرەي دىگەن بالىلار ئىدى ئەڭ چوڭى 19ياش ئەتراپىدا ئىدى.
ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئىلچى كوماندىسى خوتەن بىرلەشمىسىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىۋاتىدۇ كوماندا ئەزالىرىنىڭ يېشى تېخى كىچىك بولۇپ ئەڭ چوڭىمۇ 22ياشقا كىرمىگەن بالىلاردىن تەشكىللەنگەن ئىلچى كوماندىسى بىر پەسىللىك مۇسابىقىدە 3-لىككە ئېرىشتى .
3-قېتىملىق خوتەن بىرلەشمىسىدە 2-لىككە ئېرىشىدۇ 4-قېتىملىق خوتەن بىرلەشمىسىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىلچى كوماندىسى تارىخدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى .



خوتەن پۇتبول بىرلەشمىسى تور تەشۋىقاتى : پۇتبولچى مۇنبىرى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 11:36 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11095
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5019 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 10:29:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇتەن بىرلەشىمىسى ئۈزلۈكسىز كىڭىيىۋاتىدۇ،تەرەققى قىلىۋاتىدۇ،خوتەن پۇتبۇلچىلىغىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ،پۇلدار تاشچىلارنى پۇتبۇلغا مەبلەغ سىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ شىنجاڭ پۇتبۇلنىڭ مەبلەغسىز قىلىشىدەك بوشلۇقنى تولدۇرىشىغا،تىخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 10:46:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن،  يەنىمۇ تىرشىڭلار!!!!!!!!!

ئاجايىپ سەزگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9235
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12205
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 5907 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:10:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلچى كوماندىسىنى مۇبارەكلەيمەن ، 2011 -يىللىق دوسلۇق لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىدە ،مەن يېتەكلىلىك قىلىپ ئوينىغان كوماندىمىز يۇرۇڭقاش،داۋايى ،3-ئوتتۇر كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ،سەككىز كۈچلۈكتە شورباغ كوماندىسىنى يېڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچتا ئەڭ كۈچلۈك كوماندىغا تەلىيمىز ئوڭدىن كېلىپ ئۇتۇۋالاي دەپ تۇرغاندا ،(ئەڭ كۈچلۈك كوماندىنىڭ تېرنىرى مېنىڭ بۇرۇنقى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچۇم ئىدى ) ، تېرنىرى كېلىپ ، ھەقىقەتەن ياخشى ئوينىدىڭلار ..ئاپىرىن ،بىراق سېلە بىزنى ئۇتۇۋالساڭلار ،ئىلچىنى ئۇتالمايسىلەر دەپ بېسىم قىلىپ ،ئۇتتۇرۇپ بەرگەنىدۇق ..(ھازىر ئويلىسام بەك پۇشايمان قىلىمەن ) .نەتىجىدە بىزگە ئۇتتۇرۋەتكىلى قىل قالغان كوماندا ئىلچىنى 8:1 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ چىمپىيۇن بولغان . بىز بولساق لېۋىمىزنى چىشلەپ يېرىم ھەل قىلغۇچتىلا توختاپ قالغانىدۇق ...
بۇ قېتىم قىشلىق تەتىلدە خوتەن قارىقاش، چىرا ،لوپ قاتارلىق ناھىيلەردە مۇسابىقىلار ئۆتكۈزۈلدى ، مېنىڭ ئىخۋان كۇلۇبىدا تەپكۈم بارئىدى ، بىراق قەتتى پۇرسەت بولمىدى ، ئۇنىڭ ئۇستىگە تېرىنىرىغا ئۇدۇل بېرىپ مەن تېپەي دېيىشنى لايىق كۆرمەي ،قايتىدىن كوماندا يېتەكلەپ تەييار بولغاندا ،قارىقاشقا تىزىملىتىشقا كېچىكىپ قالدۇق ، چىرىغا يىراق كۆرۈپ تىزىملاتمىدۇق . لوپقا بولسا سىرتتىن كوماندا تىزىملاتمىدى .. شۇنىڭ بىلەن تەتىلمۇ توشتى . بۇ قېتىم ئاللا خالىسا يازلىق تەتىلدە مۇسابىقىلەرگە چوقۇم قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز...ئىنشائاللا .

يوق ئشىىم ھاكىم،ئەمەلدار،شاھى-سۇلتانلار بىلەن،بىرگە بولسام دەيمەن دائىم باغرى سۇنغانلار بىلەن.

پادىشاھ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:12:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەسسالامۇ ئەلەي

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68965
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2305
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2011-12-7
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:28:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
molla-zaidin يوللىغان ۋاقتى  2013-4-9 11:10 AM
ئىلچى كوماندىسىنى مۇبارەكلەيمەن ، 2011 -يىللىق دوسلۇق لو ...

قاملاشمىغان ئىنكاس !
ئۇتتۇرۇپ بەردۇق دېگەن قانداق گەپ ئۆزى ؟
ئەگەر مەشقاۋۇلىڭىز ئۇتتۇرۇپ بەر دەپ كەلگەن بولسا مەشقاۋۇللۇق سالاھىيىتى يوق كىشىكەن . بېسىم قىلىپ ، يېڭىلىپ بەر دېگەچكە ئۇتتۇرۇپ بەر دەپ تۇرىۋالغاچقا يېڭىلىپ بەردۇق دەپ تۇرىۋالسىڭىز ، سىزنى مەڭگۈ ئۇتۇق قازىنالمايدى قاتارىدىكەن دەپ قارايمەن .


ئۆزگۈرۈش زورغۇ ! ئاز قالدىم مىكرو بلوگ ئۇلىنىشىنى تاپالماي قالغىلى  

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5891
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 294 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:38:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
falcon يوللىغان ۋاقتى  2013-4-9 11:28 AM
قاملاشمىغان ئىنكاس !
ئۇتتۇرۇپ بەردۇق دېگەن قانداق گەپ ...

قەتئىي قوشۇلىمەن،ئاتالماس ئوقىدىن چىچالماس پوقىدىن دەپ…

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

پادىشاھ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:43:28 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
قانۇن تۈزۈملەرگەئاڭلىق رىئايەقىلايلى!..

پادىشاھ

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80202
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2012-5-16
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:47:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
قانۇن تۈزۈملەرگەئاڭلىق رىئايەقىلايلى!..

ئاجايىپ سەزگۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9235
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12205
تۆھپە نۇمۇرى: 531
توردا: 5907 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:27:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
falcon يوللىغان ۋاقتى  2013-4-9 11:28 AM
قاملاشمىغان ئىنكاس !
ئۇتتۇرۇپ بەردۇق دېگەن قانداق گەپ ...

ھەقىقەتەن شۇنداق بولغان ، ئۇ چاغدا مەن كىچىكتىم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كوماندىنى ئۆزۈم تەشكىللىگەن ، لېكىن ھېلىقى تېرنىر مېنىڭ پۇتبول تېخنىكامنى ئۆستۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم چەكسىز . مەيداندىكى بالىلارنىڭ ھەممسى بىزنى ئۇتسىكەن دېگەن ئۈمۈتتە ئىدى ،چۈنكى مەن بۇ كوماندىنى ئۆگۈنلىۈككە مۇسابىقە باشلايدۇ دېگەن كۈنىسى ئاڭلاپلا تەشكىللەپ چىققان ... ھەقىقەتەن شۇ مۇئەللىم بېسىم ئىشلەتكەن ، چۈنكى كوماندامدىكى مەندىن باشقا 5 بالا 3- ئوتتۇر مەكتەپتە ئوقۇيتتى ، مەن تولۇقسىزنى شۇ مەكتەپتە پۈتتۈرۇپ تولۇق بىرىنجى يىللىق بىرىنجى ماۋسۇمنى باشقا مەكتەپتە ئوقۇغان ، شۇ قىشلىق تەتىل ئۆتۈپ كەتسە ئانا مەكتىپىم 3- ئوتتۇرغا يۆتكەلمەكچىدىم ،دېمەك يەنە شۇنىڭ قولىغا چۈشەتتىم . ئالدىنقى مەيدان نەتىجە 3:1 بىز مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە ئىدۇق . ئوتتۇر مەيدان دەم ئېلىشتا شۇنداق گەپ بولدى ، كېيىنكى يېرىم مەيدان نەتىجە 3:3 بولدى ،مۇسابىقە ئاخىرلىشاي دېگەن دە بىزگە جازا توپ چىققان ،قايىدە بويىچە بۇنى ئۆزۈم تېپەتتىم، بېسىمنىڭ چوڭلىقىدىن ھەم، مەسئۇلىيەتتىن ئەنسىرەپ مەن ئۇنى سەپدىشىمگە  ئۆتۈنۈپ بەردىم، ناھايىتى ئېنىق ئۇ توپنى بوش ھالدا ئوتتۇرغىلا تېپىپ بەردى ، مۇئەللىممۇ رازى بولدى ..لېكىن بىزنىڭ ئىستىقبالىمىزغا زور تەسىر يەتتى ، مەيداندىكىلەر ناھايىتى ئېچىندى ...ئەپسۇس ئەقلىم يوق چاغلاركەن ...

يوق ئشىىم ھاكىم،ئەمەلدار،شاھى-سۇلتانلار بىلەن،بىرگە بولسام دەيمەن دائىم باغرى سۇنغانلار بىلەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش