شىنجاڭ كىنوچىلىقى قاچان تەرەققى قىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان ھەممە يەردىن مەدىنىيەت پۇرقى چىقىپ تۇرىدىغان رايۇنلارنىڭ بىرى، شىنجاڭ خەلقى ئەدىبىيات سەنئەتكە ئەھمىيەت بىرىدىغان خەلق ، شۇنىڭ ئىچىدە كىنومۇ بار ، بىز كىچىكىمىزدە يىراق يېزىدا كىنو بار دىسە كىنو كۆرگىلى بارىدىغان ،كىنو شۇنداق ئەتىۋا ئىدى، ھەتتا دەسلاپقى بىر چاس ژورنىلى باركەن دەيتۇق ( ئەسلى خەۋەر ئىدى) . ھازىر ئۇچۇر دەۋرى كىنو دىگەننى ئۆيدە تىلىۋىزوردىن تاللاپ كۆرىدىغان بوپ كەتتۇق . ھەممە ئائىلىدە تىلىۋىزور بار بولدى . تەشۋىقات قۇرالى ئىچىدە تىلىۋىزورنىڭ ( يەنە رادىئومۇ بار) رولىنى ھىچنىمە باسالمايدۇ.
خوش گىپىمىزگە كەلسەك ، ئىلگىرى ( 80-يىللاردا) ‹.ئارتىس بولالمىغان قىز›› ، ‹‹رەنانىڭ تويى›› ‹‹قىرلىق ئىستىكان›› قاتارلىق كىنولار ‹‹ مەمەتنىڭ 2008-يىلى›› دىگەندەك نادىر كىنولار خەلىقنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتقان ئىدى. شۇ كىنولارنى ھازىرمۇ كۆرگەنسىرى كۆرگىسى كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى رايۇنىمىزنىڭ كىنوچىلىقى بەكمۇ ئاستا بولىۋاتىدۇ . ئەدىبىيات سەنئەتتە مەشرەپلىرىمىز بوشلىقنى تولدۇرغان بولسىمۇ ، كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزور پىلىمى يوق دىيەرلىك ، مەسىلەن ، ئىز رومانى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ( قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگىنىڭ ) تىيارتىر بولسىمۇ ، ئىز رومانى ،كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزور فىلىمى قىلىپ ئىشلەنمىدى، ۋە نۇرغۇنلىغان ياخشى ھىكايە ، رومانلار فىلىم قىلىپ ئىشلەنمىدى.
ھازىر ئوپىراتور ۋە كىنو رىژىسورلىرىمىز كۆپلەپ مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ تىلىۋىزىيە فىلىمى ئىشلىمەۋاتىدۇ.
كۇرىيە پىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ كۆرەۋىرەمدۇق، بىزنىڭ نادىر پىلىملىرىمىزمۇ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ كۆرىلسە ياخشى بولاتتى. شۇڭا بىزنىڭ كىنو رىجىسسسورلىرىمىز ئۇيقۇسىنى ئېچىشى كېرەك.
ھازىر تىلىۋىزوردا 2- قانالدا ئالتۇن ۋاقىتتا بىرىۋاتقان كۇرىيەنىڭ‹‹سەرسان بايۋەتچىلەر›› فىلىمىمۇ ناھاتىيىتى ئاددى كۆرىنىشلىك پەقەت تۇرمۇشتىن ئېلىنغان بىر ۋەقەلىك جەريانى خالاس ، بىزنىڭ رىژىسورلىرىمىز نىمىشقا شۇنچىلىك كىنو ئىشلىيەلمەيدۇ؟! بىزنىڭ شىنجاڭدا ئىبرەت بولغۇدەك ، كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك ئىش ۋەقەلەر يوقما ؟ بار لىكىن كىنو شىركەتلىرى قۇرۇلمايۋاتىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلارنى مەرگەز قىلغان ئاساستا ياخشى رۇمان ، ھىكايىلەرنى سىنارىيەلەشتۇرۇپ كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە فىلىمى قىلىپ ئىشلىشىمىز مەدىنىيىتىمىزنى دۇنياغا نامايەن قىلىشىمىز كېرەك.
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى
رەپقەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارخان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-8 11:16 PM