مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1129|ئىنكاس: 17

ياش ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگىسى نۇرەخمەتجان مەمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 3040
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 27027
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7921 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:48:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياش ئوقۇتقۇچىلار ئۈلگىسى- نۇرەخمەتجان مەمەت

راست ئىشلار خاتىرىسى

     مەن بۇ يازمىنى چىن ئىنسانى قايىللىق تۈپەيلىيازدىم. ئۇ خوشامەت،شەخسى غەرەز،زورۇقۇپ ماختاش دېگەنلەر ئارىلاشمىغان،يالغانمۇ قېتىلمىغان تەسىرلىك بىر باياننامە.مەن تونۇشتۇرماقچى بولغان بۇ يىگىت بىرەر ئەمەلدارمۇ ئەمەس.ئالىم، ئىنژىنىر،مۆتىبەر دېگەنلەرگە ئوخشايدىغان نوپۇزلۇق زاتلاردىن ياكى نامى ھەممىگە تونۇلۇپ كەتكەن بىرەر مەشھۇر شەخسلەردىنمۇ ئەمەس. بەلكى ئۇ تەكلىماكان چۆلىنىڭ غەربى جەنۇبى چېتىدىكى ئاددىي،ناھىيەنىڭ يىراق بىر يېزا باشلانغۇچ  مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئاددى بىرئوقۇتقۇچى. ئۇ تولىمۇ ئاددىي،تۈز كۆڭۈل،چىقىشقاق،قىزغىن بىر يىگىت. ئۇنىڭ ئۆزىئاددىي كىشى بولۇپلا قالماي ئاتا-ئانىسىمۇ ئىش ئورنى،باياشات مال-مۈلكى يوق ئاددىپۇقرالاردىن. لېكىن مانا شۇنداق بىر ئائىلىدىن نۇرەخمەتجاندەك ئىسىل بىر يىگىت يېتىشىپ چىققان.مېنىڭ ئۇنى ‹‹ئىسىل›› دەپ تەرىپلىشىم ۋە سىلەرگە تونۇشتۇرۇشۇمبىرەر زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭغا بولغان چەكسىزقايىللىقىم،ھۆرمىتىم‹‹تەرىپلەشكە،تونۇشتۇرۇشقا ،ياش ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈلگە قىلىشقائەرزىيدىغان تىپ›› دەپ قارىغانلىقىمدىن بولغان. ئۇنىڭدا باشقىلارغا ئوىشىمايدىغان،ھازىرقىزامان يىگىتلىرىدە كەمدىن كەم تېپىلىدىغان نۇرغۇن ئىسىل، گۆھەردەك تەرەپلەر بار، شۇڭائۇنى تونۇشتۇرغۇم كەلدى.

گەپنى ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ئەشۇ كۈندىن باشلاي.‹‹ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىكئوقۇتقۇچىسى››لىق ئۇنۋانغا شەرت ھازىرلاش ئۈچۈن ئىدارىنىڭ تەلىپى بويىچە تۆۋەنگەچۈشۈپ، يېزىمىزنىڭ ئەڭ يىراق كەنتىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە بېرىپ بىر يىل ياردەمچى  ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ۋەزىپىسى زىممەمگە يۈكلەندى.ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئەتىسى ئەتىگەندە موتسېكىلىت بىلەن ئەسلىدىكى خىزمەت ئورنۇمدىن 25 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى 7-كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگەيۈرۈپ كەتتىم.

    بۇ مەكتەپ ئالدىنقى يىللاردىكى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىخچاملاش شامىلىداتاقىلىپ قالغان بولۇپ، بۇ يىل شۇ كەنتتىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بىرىنچىيىللىقتىن 3-يىللىققىچە بولغان ئۈچ سىنىپنىڭ يېشى كىچىك  ئوقۇغۇچىلىرى يۆتكىلىپ ئوقۇۋاتقان يىراقكەنتلەردىكى مەكتەپلىرىدىن ئەسلى مەكتىپىگە قايتۇرۇلغان ئېدى.بۇ مەكتەپنىڭ ئەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ ئىخچاملىۋېتىلگەن بولغاچقا مەرگىزى باشلانغۇچ مەكتەپمۇدىرى قايتا قۇرۇلغان بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈپ بولالماي بېشىقاتقان،ئاخىرى ئەپلىك چارە تېپىپ ماڭا ئوخشاش  ئۇنۋان ئېلىشقا ئېھتىياجى چۈشكەنلەرنى ھەرقايسىمەكتەپلەردىن بىر يىللىق توختام بىلەن بۇ مەكتەپكە ۋاقىتلىق يۆتكەپ كېلىپ ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان ئېدى.

مەن مەنزىلگە يېتىپ كېلىپ  ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىىسغاكىرگەن چېغىمدا چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئوندىن ئاشقان بولۇپ  بۇ دەرس ۋاقتى بولغاچقا ئىشخانىدا پەقەت دەرسىيوق ئىككىلا ئوقۇتقۇچى قالغان،باشقىلار دەرسكە كىرىپ كەتكەن ئېدى.مەن ئۇلار بىلەنسالاملىشىپ بولغاندىن كېيىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.ئۇلار بىلەن بۇرۇندىنلا تونۇشىدىغان بولغاچقا خاراكتىرىمىز ۋە قىزىقىشىمىزنى بىلىشەتتۇق.بۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى كونىلار ۋە يەرلىك تونۇش  ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ ئارىسدا پەقەت بىرسىلا يېڭىكەلگەن،مەن بىلەن تونۇش بولمىغان،باشقا يۇرتتىن (خوشنا ناھىيەدىن)كېلىپئىشلەۋاتقان تېگاڭ(ئالاھىدە شىتات)لىق ئوقۇتقۇچى ئىكەن.يەنە كېلىپ ئارىمىزدا پەقەتشۇلا بۇ يەرگە ئۇنۋان ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن يىراق،شارائىتىناچار يەردە ئىشلەشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئىكەن.يۇقارقى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاۋېتىپ بۇ ئوقۇتقۇچىغا قىزىقىپ قالدىم.

-سىزنىڭقىزىقىدىغىنىڭىز تېخى بۇلا ئەمەس،-دېدى تونۇشتۇرغان ئوقۇتقۇچى،-نۇرەخمەتجان(ئۇنىڭئىسمى شۇنداق ئىكەن) باشقا ھېچقايسىمىزغا ئوخشىمايدۇ،ئۇ سىزگە ئوخشاش كىتاپخۇمار،بىلىمخۇمار،قىزغىن،خۇشچاخچاق يىگىت ئىكەن.سىلەرنىڭ قىزىقىشىڭلار،خاراكتىرىڭلار ئوخشاپ كېتىدۇ شۇڭاسىز بىر سىرداش دوست تاپتىم دەپ خۇشال بولسىڭىز بولىدۇ.

بۇ گەپ ماڭاياقتى،شۇڭا ئۇنى تېزراق كۆرۈشكە،راست شۇنداق ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىشكە ئالدىراپقالدىم.دەرس سائىتى توشقىچە ھەر بىر مىنۇت ۋاقىت ماڭا سائەتتەك تۇيۇلۇپ كەتتى.

ئاخىردەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ ئوقۇغۇچىلار كىچىك ئارام ئېلىشقا قويۇپبېرىلدى.دەرسكە كىرگەن ئوقۇتقۇچىلار كىتاپ، دەپتەر ۋە يوقلىمىلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ بىر-بىرلەپ ئىشخانىغا قايتىپ كىردى.مەن ئۇلار بىلەن بىر بىرلەپ كۆرۈشۈپ قىزغىنئەھۋاللاشتىم.لېكىن مەن تەقەززا بولغان يىگىت تېخىچە چىقمايۋاتاتتى. ئۇ ۋاقتىداكىرمىگەندىن كېيىن يەنە بىر ئوقۇتقۇچى چىقىپ ئۇنى ئارام ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپبىرنەچچە ئوقۇغۇچىغا دەرس چۈشەندۈرىۋاتقان يېرىدىن چاقىرىپ كىردى.

مەن ئۇنىڭغاسەپسالدىم،ئۇ 23-24 ياشلار چامىسىدىكى ئىگىز بوي،ئورۇقراق،چىرايى بۇغداي ئۆڭ يىگىت ئېدى.مەكتەپ تۈزىمى تۈپەيلى يالاڭباش يۈرگەن بولسىمۇ، مەكتەپ پورمىسى بولغان قاراكۆك شىم كاستۇمى بىلەن ئاق كۆڭلىكىنى رەتلىك پاكىز كىيگەن ئېدى.قاپقارا كۆزلىرىدىنئاددىي ساددا كىشىلەرگە خاس مۇلايىم لېكىن ئىللىق بىر خىل نۇر چاقناپ تۇراتتى.ئۇمەن بىلەن بۇرۇن كۆرۈشۈپ باقمىغان بولسىمۇ لېكىن ئىتتىك كېلىپ خۇددى كوناتونۇشلاردەك قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشۈپ ھال-ئەھۋال سورىدى.

كېيىنكى سائەتلىك دەرستە ئۇنىڭ دەرسى يوق ئىكەن شۇڭا ئككىمىز  ئىشخانىدا قېلىپ ئۆز ئارا تونۇشقاچ پاراڭلاشتۇق.

بۇ يىگىتنىڭتولۇق ئىسمى نۇرئەخمەتجان مۇھەممەت بولۇپ مارالبېشى ناھىيەسىدىن ئىكەن. ئالىيمەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولۇپ ئىلگىرى خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىداتارىخ كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇغان،ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەن ناھىيەسىنىڭ شەھەرئەتراپىغا جايلاشقان مەلۇم يېزىسىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە بىرنەچچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.ئۇ ئاتا ئانىسىنىڭ بىرلا يالغۇز ئوغلى بولۇپ ئاتا-ئانىسى قېرىپ قالغان،مۇقىم ئىقتىزادى كىرىمى يوق نامراتراق كىشىلەرئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە دادىسى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولغاچقا ئوغلىنىڭ يۇرتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ ئۆز يۇرتىدا خىزمەتكە چىقىپ  ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپقالغان ئىكەن.نۇرئەخمەتجان ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشنىڭ نۇرغۇن يولىنى قىلغانبولسىمۇ لېكىن ھىچ ئامالى بولماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ بۇندىنبىرنەچچە يىل بۇرۇن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىپتۇ.ئۇ-يەر بۇيەرلەرگە قاتراپمۇۋاپىق  ئىش ئىزدەپ تاپقان پۇلى بىلەن ئۆيىدىكىلەرنى بېقىپتۇ.لېكىن مۇقىم كىرىمى بولمىغاچقا يەنىلا قىينىلىپتۇ.شۇنىڭبىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۆگەنگەن كەسپىبىلەن شۇغۇللىنىش قارارىغا كەپتۇ.بىلىملىكلەر ھىچقاچان يەردە قالمايدۇ.ئۇ ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپتۇ،لېكىن قېرىشقاندەك يەنىلا ئۆز ئۆيىدىن300كىلومېتىردىنمۇ ئارتۇقراق يىراقلىقتىكى خوشنا ناھىيەنىڭ ئەڭ يىراق يېزىسىدىكىباشلانغۇچ مەكتەپكە(يەنى بىزنىڭ يېزىنىڭ ئارا گەمە كەنت باشلانغۇچ  مەكتىپى)گە ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپتۇ.بۇ يېزىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىلى ئىككى يىلچە بوپتۇ.بۇ جەريانداخوتەندىكى چاغدا ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇغان قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىلىك بىر قىز بىلەن توي قىپتۇ.ئۇ قىزمۇ ئۆز ناھىيەسىنىڭ شەرقى جەنۇپ تەرىپىدىكى يىراق بىر يېزاباشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.ئۇلار خىزمەت تەقسىماتىدابىرى شەرىققە،يەنە بىرى غەرپكە بۆلۈنۈپتۇ.خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئارىلىقى150كىلومېتىردىن ئاشىدىكەن.

-ئۇنداقتا ئىككىڭلار ھەپتىدە بىر كۆرۈشەلەيدىغان ئوخشىمامسىلەر؟!

-ياق،ھەركۈنى كۆرۈشۈپ تۇرىمىز.

-ھە قانداقئامال قىلدىڭلار؟

-ئۇ ھەركۈنىكەچ 70 كىلومېتىر يىراقتىن مەن تەرەپكە كېلىدۇ،مەنمۇ 80 كىلومېتىر يىراقتىن ئۇتەرپكە بارىمەن.ئىككىمىز ئوتتۇرىلىقتىكى ‹‹ي››ناھىيە بازىرىدىن 50نەچچە كىۋادىراتمېتىرلىق ئۆيدىن بىرنى ئىجارىگە ئالدۇق.بىز ھەر كۈنى كۈندۈزى كاككۇك بىلەنزەينەپ،كېچىسى غېرىپ بىلەن سەنەم بولۇپ كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىمىز.ھە قانداقامۇئەللىم؟!

ئۇ قىزىقچىبولغاچقا سۆزىنىڭ ئاخىرىنى خوتەن شىۋىسى بىلەن چۈشۈردى.بىز كۈلۈشتۇق.شۇندىن كېيىنئىككىمىز قىزىقىشىىز،دۇنيا قارىشىمىز،ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى ھەققىدىكىئورتاقلىقلىرىمىز ھەققىدە قىزغىن پاراڭلاشتۇق.باشقىلار دېگەندەك ئۇ ھەقىقتەن مېنىڭسۆھبەتدىشىم ئىكەن.

شۇندىن ئېتىبارەن بىز ئاكا ئۇكىلاردەك قىزغىن مۇئامىلە قىلىشىپ،يېقىن سىرداش دوستلاردەك سائەت-سائەتلەپ پاراڭلىشپ يىراق يېزا مەكتىپىدىكى زېرىكىشلىك كۈنلەرنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزدۇق.

نۇرەخمەتجاننىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇ كىتاپخۇمار ئېدى.قولىدىن كىتاپ چۈشۈرمەيتتى.پۇل تاپسىلاكىتاپ سېتىۋالاتتى.باشقىلار تاپقان پۇللىرىنى ھاراق ئىچىش،تاماكا چېكىش،ئۆيسېتىۋېلىش،ئۆي بېزەش،ماشىنا سېتىۋېلىش،ئىسىل كىيىم سېتىۋېلىش،ياخشىيەپ-ئىچىش،ئويناش،قىمار ئويناش،ساياھەت قىلىش...قاتارلىق ئىشلارغا سەرىپ قىلسا ئۇپەقەت كىتاپلا سېتىۋالاتتى.كىتاپنى ئەڭ زور قىممەتلىك بايلىق سۈپىتىدە ئەتىۋارلاپ ساقلايتتى.باشقىلار بىنا ئۆيى،چىرايلىق ماشىنىسى،كىيگەن ئىسىل كىيىملىرى،ئوينىغانئويۇنلىرى بىلەن پەخىرلەنسە، ئۇ ساقلىغان،ئىزدەپ تاپقان قىممتلىك كىتاپلىرى ۋەژورناللىرى بىلەن پەخىرلىنەتتى.باشقىلار بايلارنى،ئەمەلدارلارنى،چولپانلارنى دوستتۇتسا، ئۇ بىلىملىكلەرنى، ئالىملارنى،تەتقىقاتچىلارنى،يازغۇچى-شائىرلارنى،مۇتپەككۇرلارنى دوست تۇتۇشنى،ئۇلار بىلەن تونۇشۇش سىردىشىشنى ياخشى كۆرەتتى ھەم ئەمەلىيىتىدىمۇ شۇنداق قىلاتتى.مەسىلەن رەھمەتلىك تەتقىقاتچى ئالىمىمىز يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇقھاياتۋاقتىدا ئۇ بۇ ھۆرمەتلىك كىشىمىزنى نەچچە قېتىملاپ ئۆيىگە يوقلاپ بارغان،ھەتتائۆزى خوتەندە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق خوتەندىن ئۆيئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرۇپ بىر تەرەپتىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇلانغاچ يەنە بىرتەرەپتىن خوتەندىكى مىللىي تىۋىپلارغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىۋاتقان مەزگىللەردىمۇپات-پات ئۇنى يوقلاپ كىرىپ پاراڭلاشقان،سىرداشقان ئىكەن.مەننۇرئەخمەتجاندىن قانداق كىتاپلارنى يىغىپ ساقلايدىغانلىقنى سورىدىم. ئۇ:

- مەن گەرچەتارخ كەسپىدە  ئوقۇغان بولساممۇ لېكىنئەدەبىياتقا بۆلەكچە ئىشتىياقىم بار.بولۇپمۇ كىلاسسىك ئەسەرلەرگە بەكرەك قىزىمەن.شۇڭاتارىخقا دائىر كىتاپلارنى،كىلاسسىك ئەدەبىياتقا دائىر كىتاپلارنى،دۇنيائەدەبىياتىدىكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان مەشھۇر ئەسەرلەرنى،شۇنداقلا پەلسەپىگە دائىر بولغان كىتاپلارنىمۇ يىغىپ ساقلايمەن،بوش ۋاقىتلىرىمدا ئوقۇپ بىلىم ئالىمەن.

-قانچىلىككىتاپ ساقلىيالىدىڭىز؟

-مارالبېشىدىكىئۆيۈمدە 2000پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ-ژورناللىرىم بار،ي ناھىيەسىدىكى ياتاق ئۆيۈمدەبولسا 300پارچىدەك كىتاپلىرىم بار.بۇلار مەن نەگە بارسام بىرگە ئېلىپبارىدىغان،بوش ۋاقىت چىقارساملا ئوقۇپ پايدىلىنىدىغان كىتاپلىرىمدۇر.

-كىتاپلارنىقانداق سېتىۋالىسىز؟بىلىشىمچە سىز خىزمەتكە چىققىلى ئانچە ئۇزاق بولماپتۇ،شۇنچىۋالا كۆپ كىتاپلارنى قانداق يىغدىڭىز؟

-دەم ئېلىشكۈنلىرى ۋە تەتىللەردە  يىراق-يېقىندىكىناھىيە ۋە شەھەرلەرگە بېرىپ كىتاپخانىلارنى ئارىلايمەن،شەخسى كىتاپخانىلارغىمۇكىرىپ ماتېريال ئىزدەيمەن.قىممىتى بار بولغان،ئكزۈمدە يوق بولغان كىتاپلارنى نەدەبولسا شۇ يەردىن سېتىۋېلىپ كېلىپ ساقلايمەن.ئۇندىن باشقا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەر،ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىرىدەدېگۈدەك ساۋاقداشلىرىم،ماڭا ئوىشاش كىتاپخۇمار دوست بۇرادەرلىرىم بار.بىز ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىپ ئۆزىمىزدە يوق، لېكىن باشقا يۇرتتا بار كىتاپلارنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرىمىز.كېرەكلىك كىتاپ قەيەردە بولسا شۇ يەردىن شۇ دوستلىرىمىزنىڭ قولىئارقىلىق سېتىۋېلىپ ئالدۇرۇپ كېلىپ ساقلايمىز.

-كىتاپلارنىئۆزىڭىزلا ساقلامسىز ياكى باشقىلارغىمۇ ئارىيەتكە بېرەمسىز؟

-كىتاپنىڭ قەدرىنى بىلىمخۇمارلار بىلىدۇ.بىلىم بىلەن ئىشى يوق ساپاسىز  كىشىلەرگە ئەڭ ياخشى كىتاپنى بىكارغا بەرسىڭىزمۇ ئوقۇمايدۇ،قەدىرلەپ ساقلىمايدۇ.مەن كىتاپلارنىلا ئەمەس كىتاپخۇمارلارنىمۇ دوست تۇتىمەن،ئۇلارنى ئۆزىدە يوق كىتاپلار بىلەن تەمىنلەيمەن،ئۇلاردىمۇمەندە يوق قىممەتلىك كىتاپلار بار بولۇپ قالسا ئارىيەتكە ئېلىپ كېلىپ ئوقۇپبىلىمىمنى ئاشۇرىمەن.كىتاپ ئوقۇش مەن ئۈچۈن ئالەمچە ھوزۇر.

-مەنمۇكىچىكىمدىن سىزگە ئوخشاش كىتاپخۇمار كىشى،كىتاپ سېتىۋېلىشنى،كىتاپ ئوقۇشنى بەكياخشى كۆرىمەن.ساقلىغان كىتاپلىرىم سىزنىڭكىچىلىك كۆپ بولمىسىمۇ لېكىن ھەرھالداخېلى كۆپ ۋە ياخشى كىتاپىرىم بار.بىز بۇندىن كېيىن ئۆز ئارا كىتاپئالماشتۇرايلى،ياخشى كىتاپلاردىن بىرلىكتە بەھىر ئالايلى.

-بەك ياخشىگەپ قىلدىڭىز،شۇنداق قىلايلى.

گەرچەشۇنداق دېيىشكەن بولساقمۇ لېكىن مەن ساقلىغان كىتاپلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭدا بار بولغاچقائۇ مەندىن كىتاپ ئارىيەتكە ئالمىدى لېكىن ئۇ ئەتىسىلا ئۆيىدىن 100پارچىدىن ئارتۇق ياخشى كىتاپلارنى ئېلىپ كېلىپ ئىشخانىمىزدىكى بىكار تۇرغان كىتاپ ئىشكابىغا تىزىپقويدى.شۇندىن بېرى چۆلدەرەپ تۇرىدىغان ئىشخانىمىز خېلىلا ئاۋاتلىشىپ قالدى.بىزبىكار بولۇپ قالساقلا ئۇ كىتاپلاردىن خالىغىنىمىزنى ئېلىپ ئوقۇپ بىلىمئالاتتۇق،بەھىرلىنىپ كىتاپ ھوزۇرىنى سۈرەتتۇق.بۇ كىتاپلاردىن ئۆزىمىزلا پايدىلىنىپقالماي ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئارىيەتكە بەردۇق.نۇرئەخمەتجان ئېھتياجىمىزغا يارىشائۆيىدىن داۋاملىق يېڭى يېڭى كىتاپلارنى ئېلىپ كېلىپ كىتاپ تۈرىنى 200خىلدىنئاشۇرۇۋەتتى.ئۇ بەكلا ساددا،تۈز كۆڭۈل بولغاچقا كىتاپلىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىپكەتمەيتتى.مەن ئۇنىڭ كىتاپلىرىنىڭ قولى ئەگرىلەر تەرىپىدىن 2-3تىن بولۇپ يۈتۈپ كېتىپ كىتاپلىرى ئۈچۈن ئىچ قاينىقى تارتىشى،بىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىشىدىنئەنسىرەپ تولا چاغلاردا ئۇنىڭ كىتاپلىرىنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ يوقاپ كەتكەنلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ جايىغا قويۇپ قوياتتىم.

نۇرئەخمەتجانكىتاپ ساقلاشقا قىزىققاندىن باشقا ئاسارە-ئەتىقە ساقلاشقىمۇ بەكلاقىزىقىدىكەن.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە خوتەندە ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان چاغلىرىدا يىغىپئۆۇىدە  ساقلاپ قويغان قەدىمكى تۇرمۇشبويۇملىرىمىزمۇ خېلى بار ئىكەن.ئۇلارنىڭ ئىچىدە،مىللىيچە تون،خۇرجۇن،قار سالۋاتۇماق،ئاق تۇماق،بادام دوپپا،كانىۋاي كۆينەك،تەڭنە،ئاياق،نەقىشلىك ياغاچ قوشۇق،ھارۋاچاقى،كونا چىراق...دېگەندەك تۈرلۈك كونا تۇرمۇش بويۇملىرىدىنمۇ يۈزدىن ئارتۇقراقىبار ئىكەن.بۇلتۇر نورۇز بايرىمىدا نورۇز بوۋاي ياسىغان ۋاقتىمىزدا نۇرئەخمەتجان ئالايىتەن مارالبېشىغا بېرىپ تون،تۇماق،ئۆتۈك،خۇرجۇن قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپكېلىپ پائالىيىتىمىزگە ھەسسە قوشتى.

نۇرئەخمەتجاننىڭ پەزىلەتلىرى  ھەققىدە يەنە نۇرغۇن تەپسىلاتلار بار،مەن بۇخاتىرىنىڭ   داۋامىدا ئۇ قىزىقچىلىق قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن كۈلكىلىك ھىكايىلەر،ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ئەھمىيەتلىك دەملەرنىمۇ داۋاملىق يېزىپ يوللايمەن.بىراقلا كۆپ يېزىپ يوللاپ مۇنبەرداشلارنى زېرىكتۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن بۈەۈن مۇشۇنچىلىك يوللاندى.داۋامى داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.

مەنبەسى ئۆز قەلىمىم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 10:53 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

بىرى دېدى:تۇخۇمن

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32619
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4211
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2013-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:44:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلىق  ئۇلۇغ  ھەم پاك  كەسىپ...بىراق  شۇ   مائاش.....

ھەممىز  ھەربىر تىنىق  ئۈچۇن جاۋاب  بىرەلىگۈدەك  ياشايلى!

باشقىلارغا تەبە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 1483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7775
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 6457 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:57:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى بەك ئۇلۇغ كەسىپ.ھەممە ئادەم ئوقۇتقۇچىغا ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21086
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2109 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:58:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى تولۇمۇ شەرەپلىك كەسىپ، بۇ كەسىپنى ئەلبەتتە قەدىرلىشىمىز كىرەك.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94430
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-4-6
ئاخىرقى: 2013-6-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:07:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئۇقۇتقۇچىللىرىمىزنىڭ قەدرىنى قاچانمۇ قىلامىز ؟ئوقۇتقۇچىلارنىڭ روھىتى باي ،قولى گاداي .مائاشى ما ئايدىن ئا ئايغا يەتمىگەن ......ھەي .مىنىڭ دادامغا ھۆرمىتىم ئۇنىڭ 40 يىللىق مائارىپچى كەسپى بىلەن ھەسسىلەپ ھۆرمىتىم ئاشىدۇ .ھەم پەخىرلىنىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9884
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 04:42:18 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Bu yıgıt. Hakıkatan. Isıl yıgıt. Sız yopurgıdın  ohxaysız. Men bu balını mekteptıkı wakıttın tartıpla belımen.  Tapkan pulıga. Kıtap alıdıgan  kotabhımar bılımlık bla. Ununda bazka okutkuqılardakdak yahxı xaraetnı tama kılıdıgan adat yok

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15070
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9884
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2010-10-24
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 05:02:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۇنىڭ بىلەن  مەكتەپتىكى چاغدىلا  تونۇشۇ  ئىدىم  گەرچە مەن ئۇنىڭدىن (ئىككى قارار  تۆۋەن  ئوقۇساممۇ  ) ئۇ ئەينى چاغدا  ئۇنىڭ خوتەندىكى ئىجارە  ئۆيىدە  ئانچە  مۇنچە  مۇڭدىشىپ  چىقاتتىم  ،  تارىخ  جەھەتتە  ئۇ ھەقىقەتەن  بىلىملىك بالا  ،    تاپقان پۇلىنىڭ 70پىرسەنتىگە  كىتاب سېتىۋىلىپ  ئوقۇيتى  ئەينى چاغلاردىمۇ . ئۇ بلا  ئوقۇتقۇچىلىقىنى جان  بېقىش ئۈچۈن  ئەمەس  ( مەنغۇ  بۇ مەمۇرى خىزمەتنى جان بىقىش ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن ) ئۆزىنىڭ ۋىجدانى بۇرچى  دەپ  ئويلاپ  قىلىدىغانلار دىن . ئۇنىڭ بۇرچ  تۇيغۇسى  ناھايتى  كۈچلۈك  ئۇزۇن  بولغان بۇ يىگىت بىلەن  ئالاقىلىشالمىغىلى  ناۋادا  ئىغىر كۆرمىسىڭىز تىما  ئاپتورى  ماڭا  بۇ يىگىتنىڭ  نۇمۇرىنى ئۇچۇر قىلىپ  ئەۋەتىپ بەرسىڭىز

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94315
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 11:38:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94438
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2013-4-6
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94315
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1027
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 05:52:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش