مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 974|ئىنكاس: 14

ئالتۇن كۈمۈشنىڭ 10يىللىق ياشلىق باھارى ئاخىرلاشتىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7427
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 06:38:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن كۈمۈشنىڭ 10يىللىق ياشلىق باھارى ئاخىرلاشتىمۇ ؟
                   \ forum.png




       يىقىنقى 10يىل مابەينىدە ئالتۇن كۈمۈش شىددەت بىلەن ئۆسۇپ، ئۆزىگە خاس تاۋارلار ئىچىدىكى ھەقىقى قىممىتىنى دۇنياغا تونۇتتى .ئالتۇن كۈمۈشنى ئۆستۇرگۇچى سەۋەپلەرنىڭ كۆپلىكى مۇرەككەپلىكى قالايمىقانلىقى بىلەن تاشقى پىرۋۇت ساھەسىدە ،"خەتەرلىك ،قورقۇنۇچلۇق"دەپ نام ئالغان .شۇ سەۋەپتىن پىشقان تاشقى پىرۋۇت سودىگەرلىرى ئالدىراپ تىنەپ ئالتۇن كۈمۈشكە يىقىن يوللىمايدۇ .
  ئۇيغۇر دىيارى تاشقى پىرۋۇت بازىرىغا قاچان كىرگەنلىكى ماڭا نامەلۇم ،بىراق بۇ سودىدا زىيان تارتىپ كۈلى كۆككە سورۇلغانلار ،گەدەنگىچە قەرىزگە بوغۇلغانلار ھەم شۇنىڭدەك ئۆلىۋىلىش خىيالىغىمۇ كەلگەنلەرنى كۆپ ئاڭلىدۇق .مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك زىيان تارقىنىمىزنى ھىساپلاپ باقساقمۇ،ئىچىمىز ۋىژژىدە ئىيتىشماي قالمايدۇ.
  ئۇنداقتا بىز نىمىشقا بۇنچە زور بەدەل تۆلەيمىز ؟
  يىقىندا بىر كۈمۈش سودىسى قىلىدىغان قىرىندىشىمىزنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلىدىم .دەرۋەقە ئۇ ئوتتۇرا ياش يىگىت ئىدى .ئۇ 2011-يىلى بازارنىڭ ئەڭ جانلىق مەزگىلىدە كۈمۈشنى 8.9يۇەندىن 50مىڭ گىرام ئالغان ئىكەن .شۇ مەزگىلدە بازار يەنە چۇشتى .8يۇەنگە چۇشكەندە ،باشقىلاردىن قەرز ئىلىپ يەنە 30مىڭ گىرام ئالغان ئىكەن .جەمىئى 80مىڭ گىرام كۈمۈش ئاز ۋاقىتتىن كىيىن شاراقلاپلا چۇشۇپ كىتىپ ،بۇ قىرىندىشىمىزنى بىرھەپتىدىلا 150مىڭ يۇەن زىيانغا پاتۇرۋەتتى .ھىلىمۇ ياخشى بۇ تور بانكىسىدىن ئالغان نەخ كۈمۈش بولغاچقا ،تىخى ماللىرى قولىدا بار.بىراق 2يىلدىن بۇيان قەرز ئىگىلىرى گىلىدىن سىقىپ، قەرزنى سۇيلىگىلى تۇردى .ئۇ ئوغرى مۇشۇكتەك ھىلى ئۇ شەھەردە ھىلى بۇ شەھەردە قىچىپ يۇرمەكتە .ئۇ مەندىن مەسلىھەت سورىغىلى كەپتۇ ،ئۇمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بۇ ئالتۇن كۈمۈشنىڭ قاچان ئۆسىدىغانلىقىغا تەلمۇرۇپ قاراپ تۇرماقتا .
سۇئاللىرىمىز يەنە جاۋاپسىز قالدى .ئۇنىڭغا ئۆسىدىغانلىقى توغرىسىدا رىغبەتلەندۇرۇپ بەزلەپ قويدۇم .بىراق قاچان ئۆسىدىغانلىقى ماڭىمۇ مەھۇم ئىدى .ھەرقانداق ئۇستا بىلەرمەن تەھلىلچىمۇ ، بۇ بازاردا يەنىلا شاگىرت ...
   
  ئۇنداقتا قىنى بىزمۇ ئازدۇر كۆپتۇر بىلگەن يەرلىرىمىزغىچە تەھلىل قىلىپ كۆرەيلى :
ئالتۇن 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى تارىخى چوققا نۇقتا 1920دوللارنى ياراتقاندىن بۇيان ئىزچىل تەڭشىلىش ھالىتىدە ماڭدى .2012-يىلى5-ئايدا ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 1526دوللارنى ياراتتى .394دوللارلىق بۇ كەڭ كۆلەملىك تەڭشىلىشتە ئالتۇن 20.55%لىق يۇقىىردىن تۆۋەنگە قارىتا تەگ نۇقتىنى چىڭداش ،بىسىم نۇقتىنى سىناشتىن ئىبارەت مانۋىر خارەكتىرلىك يۆلىنىشتە مىڭىۋاتىدۇ .گەرچە بىز ئاساسىي ئانالىزغا تايىنىپ ئالتۇننىڭ ئۆسۇشى چۇشىشىگە سەۋەپ ئىزدەۋاتقان بولساقمۇ ،ئەمما ئالتۇن كۈمۈش بازىرى يوچۇن ھالەتتە بىر سىستىمىلىق تەۋرىنىشتە مىڭىۋاتقانلىقنى بايقايمىز .بۇ سىستىمىلىق تەۋرىنىش ئالتۇن كۈمۈشنىڭ چوقۇم مەلۇم مەزگىللىك يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تەڭشىلىش باسقۇچىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ،ئەمما چوڭ يۆلىنىشتە ئالتۇن كۈمۈشنىڭ چوقۇمكى ئۆسىدىغانلىقىدىن بىشارەت بىرەپ تۇرماقتا .ئۇ سىستىمىلىق تەۋرىنىش دەل-ئۇزۇن مۇددەتلىك سودىدىكى -تىخنىكىلىق ئانالىزدۇر .
  تىخنىكىلىق ئانالىز ئامىللىرى تىرەش نۇقتا ،بىسىم نۇقتا مۇھىم قىسمىنى ئىگەللەيدىغان بولۇپ، ئالتۇنننىڭ ھازرقى ئەڭ مۇستەھكەم تىرەش نۇقتىسىدىن 1530دوللارلىق تەگ نۇقتا ھىساپلىنىدۇ .ھازىرقى ئەڭ يۇقىرى بىسىم نۇقتا 1620دوللارنى كۆرسىتىدۇ .ئەگەر مۇشۇ بويىچە بولغاندا ،ئامىرىكا فىدىراتسىيە بانكىسىنىڭ بىرتۇرلۇك پۇل سىياسەتلىرى داۋاملىق تۇردە يولغا قويۇلسا ئالتۇن ئۆتكەن يىلقى ئۆسۇش ھالىتىگە كىرەلىشى مۇمكىن .ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى قىسمەن تەھلىلچىلەر ئالتۇننى 1350دوللارغا چۇشۇپ كىتىشى مۇمكىن دەپ ۋەھىمە پەيدا قىلىشماقتا .ئۆتكەن يىلى يازدا بىزمۇ بىرقانچە پىشقان تاشقى پىرۋۇت تەھلىلچىللىرى بىلەن ئالتۇننىڭ 1480دوللادا يىڭى تۆۋەن نۇقتىنى يارىتىدۇ دەپ پەرەز قىلىشقان ،ئەمما كىيىن  يىڭى تۆۋەن نۇقتا ئەمەس يىڭى چوققا نۇقتىنى يارىتىۋەتتى .شۇڭا ئالتۇننىڭ 10يىللىق ئۆسىشى تىخى ئاخىرلاشقىنى يوق ،مەيلى ئاساسىي ئانالىز ئامىللىرىدىن بولسۇن ۋەياكى تىخنىكىلىق ئامىللاردىن بولسۇن ،ئالتۇن كۈمۈشكە ھىلىھەم ئۆسۇش پۇرسىتى كۆپ.قىرىنداشلارنىڭ زىياننى تىزرەك ئەسلىگە كەلتۇرىۋىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن .

                 مەنبەسى : ئۆزۇم




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 06:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 891
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3935
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 855 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:09:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇندىن كۆز يېشى تۆكۈلەر،يۇقۇرقى تەھلىللىرىڭىز خېلى بىلىمگە ئىگە قىلدى،رەھمەت...

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94315
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1034
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:13:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5056
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 708 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:15:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەجەپ نەرسە ئىكەن مۇشۇ ئالتۇن دېگەن، قىممەتلىكى بۇ تۆمۈرنىڭ!
   خۇددى تېمىڭىزدە دېيىلگەندەك سودىگەرلەر باھاسى ئۆسسە بولاتتى دەيدۇ، لېكىن خانىم-قىزلار چۈشسە بولاتتى دەيدۇ. ھەي...

ئاللاھ ۋە ۋىجدانىڭغا خىلاپ بولمىسا تاللىغان يولۇڭدا مېڭىۋەر! خەق نېمە دېسە دەۋەرسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81916
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4389
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 414 سائەت
تىزىم: 2012-6-21
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:22:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالتۇن ئېلىپ ساقلاپ قويساق قەيەردىن ئالساق مۇۋاپىق؟بانكىنىڭ ئالتۇنلىرى بازاردىكىدىن قىممەتمۇ؟ئالدىنقى بىر مەزگىل بانكا ئالتۇنلىرىنىڭ داتلىشىپ قېلىشىدەك خەۋەرلەر تارقالدى،بانكا ئالتۇنىنىڭ سۈپىتى قانداقراق؟بانكىدىن ئالتۇن ئالساق چوقۇم بانكىدا ساقلامدۇق ياكى قولىمىزغا بېرەمدۇ؟

مېنىڭ نېمە دىيىشىمنى كۆرسىتىپ ئاۋارە بولما!ئۆزۈم بىلىمەن

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19519
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1945 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:43:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28464
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5917
تۆھپە نۇمۇرى: 496
توردا: 7700 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:05:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى تېمىڭىزدىكى سوئالىمغا جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت! بىر كىلو كۈمۈشنىڭ پۇلى بىلەن 10 كىلو كۈمۈش ئالگىلى بولىدىغان سودىنى سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ سودا سۇپىسىدا قىلگىلى بولمايدىغۇ دەيمەن. سودا-سانائەت بانكىسىنىڭكىدە 杠杆 يوقتەكقۇ...

...007

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19032
يازما سانى: 286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7427
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 502 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:22:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...007 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-9 12:05 AM
ئالدىنقى تېمىڭىزدىكى سوئالىمغا جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە كۆ ...

ئەرزىمەيدۇ.
مەن سىز دىگەننى ئىنىق بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن .ئادەتتە مەن تور بانكسىدىن نەخ مال ئىلىپلا سودا قىلغاچقا ،ئۇ مۇلازىمەت رايونىدا سىز دىگەن بۇ سودا تۇرى يوق .بەلكىم بۇنى تىجارەت زالىغا بىرىپ ئايرىم ئاچتۇرشىڭىز مۇمكىن . تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى سودا سانائەت بانكىسىغا بىرىپ مۇلازىمەتچى خادىمدىن سۇرۇشتە قىلسىڭىز ،مىنىڭچە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرىشەلەيسىز .
  قوشۇمچە تەكلىپىم ،ئەگەر يىتەرلىك مەبلىغىڭىز بولسا ئەڭ ياخشىسى نەخ مال سودىسى قىلىڭ ،كاپالەت مال سودىسى قىلىپ زىيان تارتىپ كەتكەنلەرنى كۇندە ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19369
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6508
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2010-11-28
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:33:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەھلىلىڭىزگە رەھمەت . مىنىڭچىمۇ 1640 ئەتراپىدىكى تىرەش نۇقتىسى بىر يىلدىن بۇيان خىلى قىيىن سىناقلارغا بەرداشلىق بەردى . لىكىن ئۆسۈش يۆنىلىشىگە چامدىشىغىمۇ ماغدۇرى كەملىك قىلىۋاتىدۇ . دۇنيا ئىختىسادىدا ئازراق جانلىنىش بولسا بولاتتى . بۇ سودىدا بىر يىلدىن بىرى  تاپقان پايدىدىن يەتكەن زىيىنىنىم بەك كۆپ بولدى . ھەي بازارنىڭ ياخشى ۋاقتلىرىدا بىز يوق ، داۋاملىق زىيان ئارقىلىق تەجرىبە سىتىۋىلىۋاتىمىز . ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي . مۇنبەردىن يوقاپ كەتمەڭ . يوقاپ كەتمەكچى بولسىڭىز مەنزىلىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ ھە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24155
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6763
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 1651 سائەت
تىزىم: 2010-12-28
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:39:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئاخرىلاشتى...بۇيىل ئالتۇنىڭ مىڭشى ئالدىنقى يىلنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.ئەڭ ياخشى ئۇچۇرلار چىقسىمۇ ئالتۇن ئورلىمەي كەينىگە ياندى.ئوتكەن يىلى 1523 كە كەلگەندا پەسىللىك سىزاقلىرى .كىسىشمىگەن لىكن بۇ قىتىم چۇشۇش يۇلنىشكە كىسشتى قارغاندا  ئۇزۇن مەزگىلىك يۇلنىش چۇشۇش بولىشى مۇمكىن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش