مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 873|ئىنكاس: 7

كروران دىيارىغا زىيارەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9737
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 06:33:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



كروران دىيارىغا زىيارەت




ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز تورداشلار! ئۇزۇن بوپتۇ سىلەر بىلەن شەخسىي يازمىلىرىم بىلەن كۆرۈشمىگىلى. بۇنى ئىجادىي يازما دېيىشكە بولمايدۇ. پەقەت كروران دىيارى چاقىلىق ناھىيەسىدە بىر ھەپتىلىك خىزمەت جەريانىدا ھېس قىلغان ۋە كۆرگەن-بىلگەنلىرىمنى بايان قىلغان زىيارەت خاتىرىسىدۇر.بۇنىڭدىن 15 يىل ئىلگىرى ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىققاندا سىنىپ مەسئۇلىمىز ۋە 30 نەچچە ساۋاقدېشىم بىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى مىللەتلەر فولكلور مۇزىيىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش،ئىشلەپچىقىرىش بويۇملىرىنى توپلايمىز، دېگەن مەقسەت بىلەن بېرىپ، چاقىلىق ناھىيسىنىڭ ئۇتام،تىكەنلىك،ۋاششەرى قاتارلىقيىزىلىرىنى پىيادە كەزگەنلىكىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ چاغلاردىكى ئاقكۆڭۈل دېھقانلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن قىممەتلىك بويۇملىرىنى مىللەتلەر مۇزىيىغا ھەقسىز تەقدىم قىلغانلىقى،بىر تىيىنمۇ ھەق ئالمىغانلىقىنى، ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بىزگە ئوخشاش چاقىرىلمىغان مىھمانلارنى ئۇچۇق-يورۇقلۇق بىلەن قارشى ئېلىپ، ئۆيىدە بارنىممەتلىرىنى داستىخانلىرىغا ئايىماي تۆككەنلىكى ھېلىمۇ تۆنۈگۈنگىدەك ئېسىمدە .دولىسىغا يوغان كەتمەنلەرنى سېلىۋىلىپ،قاپىرىپ كەتكەن ئاياقلىرى بىلەن يەرنى گۈرسۈلدىتىپ دەسسەپ مېڭىپ يۈرگەن بوۋايلارنىڭ "بوۋا،قانچە ياشقاكىردىلە؟" دېگەن سۇئالغا، "بالام، ئاران 101 ياشقا كىردىم"دەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى، بىزنىڭ بىر-بىرىمىزگە قاراپ ئۇلارغا ھەۋەس ئىلكىدە باققانلىرىمىز ھازىرغىچە تاتلىق ئەسلىمە بولۇپ مەن بىلەن بىللە ياشاپ كېلىۋاتقانلىقى بۇمۇ بىر رىياللىق. شۇنداق، ئادەم ھاياتىدا مەنىلىك ئۆتكۈزگەنكۈنلىرىنى ئەسلىگىنىدە، تاتلىق ئەسلىمىلەر قوينىدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتەك ئەلەيلىگىنىدە ئۆزىنى قۇشتەك يېنىك ھېس قىلالايدۇ. شۇ كۇنلەرنى سېغىنىدۇ.شۇ كۈنلەرگە قايتقۇسى، ئەينى ۋاقىتتا قەدىر-قىممىتىنى قىلالمىغان تەۋەرۇك كىشىلەر بىلەن قايتا مۇڭداشقۇسى، شۇ ۋاقىتتا ھامىلە پېتى قالغان سۇئاللارنى سوراپ بىلىۋالغۇسى كېلىدۇ. ئەپسۇس،ۋاقىتنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدۇ، بىز ئاشۇ ئېسىل پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزۋەتكەنلىكىمىزنى ئويلىغىنىمزدا ئۆز-ئۆزىمىزنى "مەن نېمە دېگەن دۆت ھەم بىپەرۋا" دەپ ئەيىبلىمەي تۇرالمايمىز ئەلۋەتتە.


  ئەسلىمىلەرنى ئەسلەۋەرسەك،تېمىمىزدىن خېلىلا چەتنەپ كېتىشىمىز ئېنىق.ئۇنداق بولسا، سەپەر جەريانىدىكى ھاسىلاتلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى باشلىۋىتەيلى:



باشتا دەپ ئۆتكىنىمدەك، چاقىلىق ناھىيەسىگە ساياھەت ئۈچۈن ئەمەس، خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن بېرىش پۇرسىتى كېلىپ قالدى.باشلىقتىن چاقىلىق ناھىيەسىگە بارىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇشال بولدۇم.چۈنكى، 15 يىل بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر مېنى بۇ دىيارغا تېخىمۇ قىزىقتۇرغان، بۇ ھەقتىكى كۆرگەن، ئوقۇغان،ئاڭلىغان ئۇچۇرلار بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئەھميىيەتلىك بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەركورلىدىن يولغان چىقتۇق. ماشىنا ئالاھەزەل ئىككى سائەت ئەتىراپىدا ماڭغاندىن كېيىن لوپنۇر ناھىيەسىدىن چىقىپ، 31-تۇەن دائىرسىگە كىرگەندىن تارتىپ ماڭا ئانچە تونۇش بولمىغان مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى. 15 يىل ئىلگىركى مەنزىلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم.چەكسىز كەتكەن ئېتىزلىقلار،باغلار ...... تۇيۇقسىز ئېتىز بويلىرىدىكى ئىگىز ھەم قۇيۇق توغراقلارغا كۆزۈم چۈشتى. ھەمدە بۇ جايلارنىڭ ئىلگىرى كەڭ كەتكەن توغراقلىق ئىكەنلىكى كېيىن توغراقلارنىڭ كېسىۋىتىلىپ، يەرلەرنىڭ ئېچىلغان بولىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىپ يەتتىم. 31-تۇەندىن ئۆتۈپ، لوپلۇقلارنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولغان مۇھىم بىرجايى يېڭىسۇغا يىتىپ كەلدۇق. يول بويىدا ئاندا-ساندا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا،ئاساسلىقى توغراق، يۇلغۇن قاتارلىقلار بار ئىدى. يىراقتىن قۇملۇقنىڭ يىگانە قاراۋۇلى بولغان توغراقلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ھەر خىل شەكىلگەكىرگەن توغراقلارنىڭ قىياپەتلىرىدىن ئۇلارنىڭ نۇرغۇن بوران-چاپقۇنلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولاتتى. ئۇلارنىڭ يىل ھالقىلىرىغا پۈتۈلگەن ئۆتمۈشنىڭ سىرلىرى مېنى ئۆزىگە تېخىمۇ تارتىپ، يىراق ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەشكە ئۈندەيتتى.



قايغۇلارغا پاتقان چىغىدا،


يېرىلىپتۇ قوۋزاقلار پىنھان.


پۈكۈلمەپتۇ لېكىن تىزلىرى،


جۇت-بورانلار سوقسىمۇ ھامان.



قۇملۇق ئارا تۇرۇپتۇ مەغرۇر،


زىمىن بىلەن بىللە سىردىشىپ.


شاھىت بوپتۇ نۇرغۇن سىرلارغا،


تارىخ بىلەن ئۆتكەچ ياندىشىپ.



تەكلىماكان توغراقلىرى قەدىمكى كروران،پىشامشان،شەھرى كېتىك.....لەرنىڭ گۈللەنگەن ۋە خاراپ بولغان مەزگىللىرىنىڭ ، ئۆردەك بوۋام تۆگە كارۋانلىرىنى باشلاپ ماڭغان چاغلارنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك گۇۋاھچىسى. قۇم ئاستىغاكۆمۈلگەن شەھەرلەر، قۇم ئاستىغا بۆلەنگەن مەدەنىيەتلەرنىڭ شاھىدى. ناۋادا مۆجىزە يۈز بېرىپ توغراقلار تىلغا كىرسە ئىدى. بىزگە قەبرىلەردىن جەسەت ئىزدەشنىڭ ،ئوردىدىكى ساپساپچى ئۆلىمالار يازغان تارىخ كىتاپلىرىنى ھەجىلەپ ئولتۇرۇشنىڭ زۆرۈريىتى قالماس ئىدى.  



تىلغا كىرسە بەردەم توغراقلار،


تىرىلسە ھەم تارىم مومىياسى.


ئات چاپتۇرغاچ ئېتىلسا دەيمەن،


ھون بوۋامنىڭ كۆمۈش ئوقياسى.



سەپەر داۋاملاشماقتا..... خىياللىرىم توختاۋسىز ئىلگىرلىمەكتە،بارخانلار ئارىسىدا يۈگىرەپ يۈرگەن ئاقۇش پاتمۇچۇقتەك گاھ ئۇياققا،گاھ بۇياققا ئۆزىنى تاشلىماقتا. دۇنيادا خىيالدەك ئەركىن نەرسە يەنە بارمىدۇ؟نەگە بارغۇسى كەلسە شۇ يەرگە بارىدۇ، كىم بىلەن سىرداشقۇسى كەلسە شۇنىڭ بىلەن سىردىشىدۇ.ماڭغۇسى كەلسە شامالدەك، ياتقۇسى كەلسە ئىزلەڭگۈ بالىدەك.



يېڭىسۇدىن چىققانسىرى چاقىلىق ناھىيىسىنىڭ چىگىرىسىغا قاراپ يېقىنلىشىشقا باشلىدۇق. يول بويلىرىدا كۆزگە چېلىقىدىغىنى ئاندا-ساندا توغراقلار، يۇلغۇنلار، تاقىر بارخانلاربولدى. مانا يولنى قۇم بېسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆت چاسا قىلىپ، قۇمغا پاتۇرلۇپ توقۇلغان قۇمۇش توساقلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بۇلارغا قاراپ ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرسىدىكى قارمۇ-قارىشلىقنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەندەك بولدۇم. يېڭىسۇدىن ئۆتۈپ 34-تۇەنگە يېقىنلىشاي دېگەندە، يولدا قۇمدانچىلىرىنىڭ خۇددى سۇدەك ئۇياق-بۇياققا ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. سىرتتا شامال خېلىلا كۈچىيىپ قالغان ئىدى، شامال بىلەن تەڭ ئاسماندىن توپا-چاڭ يېغىشقا باشلىدى.يول داۋاملاشماقتا، قۇم دانچىلىرى شاماللارغا ئەگىشىپ قوشنا بارخانلارغا قاراپ كۆچمەكتە.


سۇ ئىگىزدىن پەسكە قاراپ ئاقىدۇ، دەريالارغا،كۆللەرگە قۇيۇلىدۇ. چاڭقاپ كەتكەن دالىلارنى، چەكسىز كەتكەن ئورمانلارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ. لېكىن قۇمچۇ؟ قۇمنىڭ ئېقىش نىشانى يوق، يول باشلىغۇچى شامال قايسى تەرەپكە باشلىسا، شۇ تەرەپكە قاراپ يول ئالىدۇ. مۇنبەت ئېتىزلار بولسا كۆمىدۇ، ياشارغان تېرەكلەر بولسا قۇرىتىدۇ، زىمىننىڭ يۈرىكىنى چاڭقتىدۇ، لەۋلىرىنى چاك-چاك يارىدۇ. مانا بۇ زىدىيەت ئىچىدىكى دۇنيا. سۇ ياشارتقانلىقى ئۈچۈن مەدىھيلەشكە، قۇم كۆمگەنلىكى ئۈچۈن قارغىشقا لايىق دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بەزىدە زىمىننى ياشارتقان سۇ غەزەپكە كەلگەندە، قۇملۇق تەرەپكە قېچىپ ھاياتنى ساقلاپ قېلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەسلىدە تەكلىماكاندىكى قۇم بىلەن سۇ بىر تۇققانلاردىن ئىدى. ئالىملارنىڭ تەكلىماكاننىڭ نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى چەكسىز كەتكەن دېڭىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويىشى ھەرگىزمۇ سەۋەبسىز ئەمەس. شۇنداق، دېڭىز ئاستىدا قۇم بار، قۇم ئاستىدىمۇ سۇ بار. تەكلىماكاندىكى قۇملار كروراندەك، قەدىمكى نىيە بەگلىكىدەك دۆلەتلەرنى يۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ؛ئۇلارنىڭ كروران گۈزىلىدەك، مىرەن مەلىكىسىدەك تارىم مۇمىيالىرىنى چىرىتىۋەتمەي، سېسىتىۋەتمەي، پارچىلىۋەتمەي زامانىمىزغىچە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بۇ مۆجىزىنى ياراتقۇچىسى ئەنە شۇنداق ياراتقان دېيىش ئەقىلغە ئەڭ مۇۋاپىقتۇر.



ئانىنىڭ كۆكسىگە ئوخشاش بارخانلار،


زىمىننىڭ قوينىدا ياتار تولغىنىپ.


چىللىسا غايىبتىن خورازلار بەس-بەس،


يۇلغۇنلارچۈشىدىن كېتەر ئويغىنىپ.



ئالتۇننى تۆشەك قىپ ياتقان يىلانلار،


قۇياشقا سالام دەپ چىقار ئالدىراپ.


ناتۇنۇش يېزىقتا پۈتۈلگەن كىتاب،


ئولتۇرار تەكچىدە يالغۇز مۇڭسىراپ.



قان ھىدى ئىستىگەن يانىڭ ئوقىمۇ ،


دات بېسىپ ياتىدۇغەمكىن يىگانە.


ئەتىراپقا چېچىلغان قۇلۇلە قېپى،


دېڭىزنى سېغىنىپ قىلىدۇ نالە.



تۇرىدۇ قۇم تولۇپ كۆمۈش پىيالە،


بىر ۋاقىت شاھلارنىڭ لەۋلىرى تەككەن.


يۇشۇرۇپتۇ ئۆزىنى مىسران قىلىچمۇ،


رەھىمسىزياۋلارنىڭ بېشىنى ئەگكەن.



كىملەردۇرئىشلەتكەن قاشتاش بىلەيزۈك،


كەسلەنچۈك كۆزىنى قىلىدۇ غەلەت.


بۆرىنىڭ مايىقى كۆيگەن تۇرلاردا،


ئۆكسۈيدۇ ئۈمىدى ئۈزۈلگەن غەپلەت.



سەپەر داۋاملاشماقتا، خىياللىرىم ھازىر بىلەن ئۆتمۈش ئارىسىدا بېرىش-كېلىش قىلماقتا. قۇملۇقلار، توغراقلار ئاياقلىشىپ كەڭكەتكەن يۇلغۇنلۇق دالاغا چىقتۇق. ئەتىياز بولغاچقىمىكىن يۇلغۇنلۇق دالا بىر خىل سۈكۈتكە چۆمگەندەك، ئۇيقۇسىدىن ئويغانمىغاندەك تۇيۇلدى. ناۋادا ياز بولغان بولسا ئىدى، بۇ يۇلغۇنزارلىقتىكى قىزغۇچ چېچەكلەر كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك گۈزەل مەنزىرىگە ئايلانغان بولاتتى. شۇنداقتىمۇ، خىيالىمدا بۇ يۇلغۇنزارلىقنىڭ ياز پەسلىدىكى ھالىتىنى تەسەۋۇر قىلىپ يەتتىم. يۇلغۇن چېچىكىكە ئامراق ھاشارەتلەربەزمىگە چۈشكەن، كەسلەنچۈكلەر، پاتمىچۇقلار شىرىلداپ ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈشكەن،ئاپتاپقا تويمايدىغان كىلە ئاپپاق قورسىقىنى پومپايتىپ ئوڭدىسىغا ياتقان،توشقانلار ئۇششاق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىزىنى كىرتىلدىتىپ قىيىشقان، ھەر خىل ئۆمۈچۈكلەر ئولجىلىرىغا ئالدىراش تور توقۇۋاتقان... ئىشقىلىپ جېنى بارلىكى جانلىق ھاياتلىق ئۈچۈن تىركەشكەن، كۈرەش قاينىمىغا ئۆزىنى ئېتىشقان بولاتتى. بۇخىياللارنى داۋاملاشتۇرۋېتىپ ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئىز ناملىق شېئىرىدىكى يۇلغۇنغا مۇناسىۋەتلىك مىسرالارنى ئويلاپ قالدىم:


قالدى ئىز چۆللەر ئارا،گاھى داۋانلاردا يەنە،


قالدىنى- نى ئارسلانلار دەشت-چۆلدە قەبرىسىز.


قەبرىسىز قالدى دېمەڭ، يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،


گۈل-چېچەككە پۈركۈنۈر تاڭنا باھاردا قەبرىمىز.



ئىز، داۋان،دەشت-چۆل، قەبرە، ئارسلانلار،يۇلغۇن، تاڭنا باھار .... مانا بۇ بىزنىڭ پۈتكۈل تارىخىمىزغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق سۆزلەردۇر. ھەر بىر قېتىم بۇ شېئىرنى ئوقۇغان چېغىمدا ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل بىر تارىخىنى ئوقۇپ چىققاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن. ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ شېئىرى تالانتىغا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىگە قايىللىقىمنى بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن.


يۇلغۇن چۆللۈكتىكى توغراقتىن قېلىشمايدىغان قەيسەر ئۆسۈملۈك، ئۇنىڭ قىزغۇچ چېچەكلىرى دالىنى يېڭى كېلىنچەكتەك نازۇك ۋە جەلب قىلارلىق ھالەتتكە كىرگۈزسە، يەر ئاستىغا چوڭقۇر ئورناشقان يىلتىزلىرى، يىلتىزىنى مەركەز قىلىپ يېيىلغان شاخچىلىرى مۇستەھكەم ئېتىقاد ئاستىغا ئۇيۇشقان ئىجتىمائىي توپنى ئەسلىتىدۇ.



چېچەكلىرىڭ سالىدۇ ئەسكە،


جەڭگاھلاردا چاچىرىغان قاننى.


ئايسىز تۈندە كۆيگەن تەنلىرىڭ،


ئۆچۈرمىگەن ئوتنى، گۈلخاننى.




ئۆز يېرىڭدىن كۆچمەي تۇرغىنىڭ،


ئەجدادىمنىڭ قېنىغا سىڭگەن.


سۇلتان بولماي، ئۇلتان بولۇشنى،


ئاتا-بوۋام سەندىن ئۆگەنگەن.



ئۇنۇتماپسەن ئەسلىڭنى ھەرگىز،


چۆللەر كەزگەن باتۇر ئۆردەكتەك.


ئۆز-ئۆزۈڭگە ئۈمىد بېغىشلاپ،


ياشاپ كەپسەن باتۇر ئەزمەتتەك.



سەپەر داۋاملاشماقتا، شوپۇردىن بۆلەك ئۇيقۇغا كەتكەن ھەمراھلىرىمنىڭ ئىگىز-پەس پۇشۇلداشلىرى مېنىڭمۇ ئۇيقۇ لەشكەرلىرمنى مۈگدەشكە ئۈندىمەكتە. تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغان مەنزىرىدىن چۆچۈپ كەتتىم. يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى چۆللۈكتە پارچە-پارچە سۇ كۆلچەكلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بۇ كۆلچەكلەر بارا-بارا كېڭىيىپ كۆز يەتكۈسىز دېڭىزدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. شوپۇردىن سورىدۇم: بۇ قاقاس چۆللۈككە نەدىن كەلگەن سۇ بۇ؟ ئۇ سۇئالىمغا قىسقىلا جاۋاب بەردى. " بۇ لوپنۇر كۆلى شۇ". لېكىن، مېنىڭ بۇنىڭغا ئىشەنگۈم كەلمىدى. لوپنۇر كۆلى 1960-يىللاردىلا پۈتۈنلەي قۇرۇپ كەتكەن تۇرسا؟ مەنئوقۇغان ماتىرىياللاردىكى ئۇچۇرلار بىلەن بۇ جاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى زادىلا ئوخشىمايتتى. شۇڭا، سۇئالىرىمنى ئامانەت قويۇپ،تېيىز كۆلگە تىكىلگەچ، خىياللىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم." 1928-يىلدىكى ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇيۈزى كۆلىمى 3100 كىۋادىرات كلومىتىر بولۇپ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر شەرقى ئاسىيا چوڭقۇرۇقلۇقىدىكى ئىككىنچى چوڭ ئىچكىي قۇرۇقلۇق كۆلى ھېسابلىنىدىكەن". مانا بۇمەن بىلىم-كۈچ ژورنىلىدىن ئوقۇغان لوپنۇر كۆلىنىڭ ئېنىق كۆلىمى ئىدى. كۆزئالدىمدىكى كۆلنىڭ دائىرسى ھەرگىزمۇ يۇقىرىقى كۆلەم بىلەن تەڭلىشەلمەيتتى. ئاخىرى چاقىلىق ناھىيەسىگىمۇ يىتىپ كەلدۇق. بىزنى كۈتۈۋالغىلى چىققانلاردىن تۇنجى بولۇپ،سورىغىنىم مۇشۇ كۆل ھەققىدىكى سۇئال بولدى. يول بويىدىكى بۇ يېڭىدىن سۇ تولغان كۆل ئەسلىدە "تارتما كۆلى" ئىكەن. بۇ كۆلدىكى سۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، گوۋۇيۇەن مەبلەغ چىقىرىپ تارىم دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىنىغا سۇ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئىكىلوگىيەلىك مۇھىتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يولغا قويۇلىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان سۇ ئىكەن. "تارتما كۆلى"نى يەنە خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويچە"تېتىما كۆلى"دەپمۇ ئاتايدىكەن. بۇ كۆل چەرچەن دەرياسىنىڭ قۇيۇلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ،غەرپتىن سۇ ئېقىپ كىرسە، شەرقتىن ئېقىپ چىقىپ قارا بوران كۆلىگە قۇيۇلىدىكەن."تارتما"نامى مۇشۇ كۆلنىڭ سۈيىنىڭ تارتىلىپ چىقىپ كېتىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن قويۇلغان نام ئىكەن. مېنىڭچە، مەن كۆرگەن بۇ كۆل "تارتما كۆلى"نىڭ بىر بۆلىكى بولسا كېرەك. ئىشقىلىپ نېمىلا بولمىسۇن، چۆللۈكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بۇ "ئابى ھايات"نىڭ دېڭىزسۈيىدەك كۆپكۆك چايقىلىپ تۇرغانلىقىدىن كۆڭلۈم باشقىچە سۆيۈندى. لوپنۇر كۆلىنىڭ بىر قىسىم مەنزىرلىرىنى ئېكىسپىدىتسىيىچى سىۋىن ھىدىن ۋە سىتەيىنلەر تارتقان ۋە سىزغان سۆرەتلەردىن كۆرگەن، ئەسئەت سۇلايمان يازغان "ئۇيقۇغا كەتكەن كروران گۈزىلى"ناملىق پوۋىستتىن بۇ ھەقتىكى بايانلارنى ئوقۇغان بولغاچقىمىكىن، بۇكۆلنى كۆرگەن چېغىمدا ئاشۇ سۈرەتلەر ۋە تەسۋىرلەر خىيال ئىكرانىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى.



قۇمۇشلىرىڭ شىۋىرلاپ تىنماي،


كىملەرنىدۇ قوشاققا قاتقان.


سەن پايانسىز بىر دېڭىز ئىدىڭ،


مىھىر بىلەن بىر ئەلنى باققان.



توغراقلاردا چېپىلغان قىيىق،


يايرار ئىدى قوينۇڭدا ئەركىن.


يىكىنىڭگە قونغان تورغايلار،


سايرار ئىدى خۇشئاۋاز تەمكىن.



قۇرۇق چىقماس ئىدى ساچقاقمۇ،


گۆلمىلەردە بېلىقلار لىپ-لىق.


سەن ياشارتىپ تەكلىماكاننى،


تارىخ پۈتتۈڭ كۆمۈلمەس شانلىق.



قىتئە ئاتلاپ كەلگەن سەيياھلار،


سېنى كەزگەن جېنىدىن كېچىپ.


سۈيۈڭ تۇزلۇق بولسىمۇ ئەمما،


ئىچكۈم بارتى ئۇنى دۈم يېتىپ.




دولقۇنلىنىپ، چايقىلىپ شۇنداق،


قۇرۇپ كەتمەي تېشىپ كەتسەڭچۇ.


ياڭراتقانچە ئۆزۈلمەس كۈيلەر،


دېڭىزلاردىن ئېشىپ كەتسەڭچۇ.



مانا مۇشۇنداق تۇيغۇلار ئىچىدە بىر كۈنلۈك سەپەرمۇ ئاخىرلاشتى، مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىپ، بىرەرقۇردىن "ئۇف"دېيىشتۇق. ئەتىسى قىلىدىغان خىزمىتىمىزگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بالدۇرلا ئارام ئېلىش ئۈچۈن يېتىپ قېلىشتۇق. ئەمما، تاڭ خېلى بىرمەزگىلگە بارغۇچە، يولدىكى ھاياجانلىرىم بېسىلماي ئۆتمۈش بىلەن ھازىر ئارلىقىدا توختىماي قاتناۋاتقان خىياللاغا يۈگەن سالالماي تولغىنىپ ياتتىم. قايسى ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن. سەھەردە خىزمەتدېشىمنىڭ تۈرتىشى بىلەن ئۇيقۇمنى تەسلىكتە ئاچتىم. كېچىدە كۆرگەن غۇۋا چۈشلىرىمنى ئەسلەشكە تىرىشىپ باقتىم، ئەمما بىرىنىمۇ تۈزۈك ئەسلىيەلمىدىم. بۈگۈنكى ئاساسلىق پىلانىم خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش بىلەن بىرگە، چاقىلىق ناھىيەسى تېلېگىراف ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان تىرىشچان، ئىزدىنىش روھىغا باي، تارىخ-مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى غالىب بارات ئەرك ئاكا بىلەن پۇرسەت چىقىرىپ دىدارلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئىدى. شۇڭىلاشقا، كەچ بولۇشنى تەققازالىق بىلەن كۈتتۈم، كەچلىك تاماقتىن كېيىنلا ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلدىم. ئۇ تېلېفۇنۇمنى ئېلىپ، مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى ئۇققاندىن كېيىن، ئىشلەپ ھېرىپ قالغىنىغا قارىماي مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. بىز مېھمانخانىنىڭ ياتىقىدا ئىككى سائەتتىن ئارتۇقراق مۇڭداشتۇق، ئەھۋاللاشتۇق. راست گەپنى قىلسام، مۇشۇنداق كىشىلىرىمىز بىلەن بىرەر يېرىم دەم ھەمسۆبەتتە بولۇش، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇش، كەمتەرلىك بىلەن مەدەت بېرىشلىرى ئىچىدە ئۆز روھىنى كۆتۈرۈش،ئۆز-ئۆزىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. سۆھبەت جەريانىدا ئۇنىڭ يەنىلا توختىماي ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى چەرچەن ناھىيەسىدىكى يازغۇچى تۇرسۇن مەھمۇت بىلەن بىرلىشىپ "چەرچەن تارىخى"نى يېزىپ پۈتتۈرۈپ نەشرىياتقا تاپشۇرغانلىقىنى، يەنە خېلى كۆپ ئىلمىي تېمىلار ئۈستىدا داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم. "سىزمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، كۆپرەك تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىڭ"دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەم خىجىل بولدۇم ھەم شۇنداق قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم.



گۈزەل ھايات مەڭگۈ ئەمەس ساڭا باقى،


تۈگەر ئۆمرۈڭ چۆگلەۋەرسە ۋاقىتنىڭ چاقى.


ئۆتۈۋەرسە كۈنلەر،ئايلار ۋەياكى يىللار،


بىر كۈن شاراپ تەڭلەر ساڭا ئەزرائىل ساقى.



شۇنداق، ئەزرائىل ئۆلۈم شارابىنى تەڭلەشتىن بۇرۇن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قېلىۋىلىشىمىز كېرەك.ئۆمۈرىمىزنىڭ ئاخىرىدا ھايات جامىمىزغا پۇشايماننى لىقلاپ قۇيۇپ ئوۋچىنىڭ ئوقياسى تەگكەن يارىدار كىيىكتەك ياش تۆككىنىمىزنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق. ۋاقىت تۈن يېرىمغا يېقىنلاشتى، ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىرىمىز يەنىلا شۇنداق قىزغىن ئىدى. ئەلۋەتتە،ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى سوراپ بىلىۋىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم،ئەمما ئۇ سائىتىگە قاراپ، خىزمەتدېشىمنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى قىلىپ قويماسلىقىنى ئېيتىپ مەن بىلەن خوشلاشتى. ئەتىسى چۈشتە، يەنە توپتىن ئايرىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇماڭا كروران،چاقىلىق ۋە لوپنۇرغا مۇناسىۋەتلىك خېلى كۆپ ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن"چاقىلىق تارىخى ماتىرىياللىرى"دىن بىر نەچچىنى سوۋغا قىلدى. بۇكىتابلار مېنىڭ بۇ قېتىمقى قىسقا سەپىرىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋە ئەڭ قىممەتلىك سوۋغا بولدى.


ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن چاقىلىقتا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزنى تۈگەتتۇق. چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىت ئەركىن پائالىيەت قىلىشقا بېرىلگەن ئىدى. خىزمەتداشلىرىمغا چاقىلىق ناھىيەسىدە يېڭىدىن سېلىنغان "كرورەن مۇزىيى"غا كىرىپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلدىم.ھەممەيلەن بىردەك بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.ئەمدى مەن بىلەن بىرلىكتە"كروران مۇزىيى"نى كۆرۈپ چققايسىزلەر.




muziy sirti.JPG





كروران مۇزىينىڭ سىرتقى كۆرىنىشى





"كرورانمۇزىيى" چاقىلىق ناھىيەسىگە ساياھەتكە كەلگۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن بىر كۆرۈپكېتىشكە ئەرزىيدىكەن. مۇزىينىڭ سىرتقى كۆرنىشىدىن بىر خىل قەدىمىي پۇراق چىقىپ تۇرىدىكەن. مۇزىينىڭ ئالدى تەرىپىدىكى بىر قاراشتىلا كىشىنى ئۆزىگە تارتىدىغان سىۋىن ھىدىن بىلەن كروراننى تاپقان ئۆردەكنىڭ ھەيكىلى ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئەسكە سالاتتى.


ordek.JPG




كروران قەدىمكى شەھىرىنى بايقىغۇچى ئۆردەك ۋە دۇنياغا تونۇتقۇچى سىۋىن ھىدىننىڭ ھەيكىلى



ئەنە پىپايان قۇملۇقتا كېتىۋاتقان تۆگە كارۋىنى، ئەڭ ئالدىدىكى تۆگىنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىدا مەھكەم تۇتقان ئۆردەك ئەتراپتىكى ھەر بىر بارخانغا ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر تاشلىماقتا، چورۇقلىرىغا چىڭدىشىپ قالغان قۇملارغا پىسەنت قىلماي قاچانلاردۇر بىر ۋاقىتلاردا كېلىپ كەتكەن كونا خارابىلىك ياكى ئەجداتلىرىنىڭ ماقاتلىقىنىڭ ئورنىنىڭ قاياقتا ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا؛ ئۆردەكنىڭ كەينىدىكى تۆگىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان سىۋىن ھىدىن تەگسىز خىياللارغا غەرق بولغان ھالدا، پەيدا بولۇش ئالدىدىكى مۆجىزىلەرنى تەسەۋۇر قىلماقتا، ئالدىدا كېتىۋاتقان كىيىملىرى كونا ھەم جۇجۇل بولۇپ كەتكەن بۇ ئادەمنىڭ ھەرىكەتلىرىگە بىر خىل گۇمانى نەزەر بىلەن تىكىلمەكتە؛كارۋان ئارسىدا بۇ پەرەڭنىڭ ئەخمەقلىقىغا ھەيران قالغان باشقا ئەزالار بۇنىڭ بىلەن بىللە باياۋانغا تەۋەككۇل قىلىپ كىرىپ قالغىنىغا ئىچىدە پۇشايمان يىمەكتە. كارۋاندىكى تۆگىلەردىن باشقىلار چارچىغان، لەۋلىرى يېرىلغان،كۆزلىرىگە قۇم تىقىلغان... نەچچە يەردە دەم ئېلىپ يولنى داۋام ئەتمەكتە... مانا تويۇقسىز قارا قۇيۇن كۆتۈرۈلدى،كارۋان سېپى قالايمىقانلاشتى، ھەركىم ئۆز جىنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلاتتى، ھەممەيلەن قاتتىق ئاۋازدا بىر-بىرىنى توۋلايتتى، ئەمما، قۇم ئارىلاش بوران ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ناتۇنۇش بارخانلارنىڭ ئارىسىغا ئاپىرىپ غايىب قىلاتتى.بوران توختىدى، قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالغان كارۋان بىردىن، ئىككىدىن كېلىپ بىريەرگە توپلاندى. كارۋان باشلىقى سېۋىن ھىدىن كارۋاندىكى ئەزالارنىڭ ساق ياكى ساق ئەمەسلىكىنى سۈرۈشتۈشنى ئۇنتۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆلچەش-سىزىش ئەسۋاپلىرىنىڭ بار-يوقلىغىنى دېرەكلەشكە باشلىدى، ئاخىرى قۇملۇقتا سۇ تېپىپ ئىچىش، خارابىلىكلەر ئۇچىرىسا ئۇلارنى قېزىش ئۈچۈن ئىشلىتىلدىغان گۈرجەكنىڭ يوقالغانلىقىنى ئاڭلاپ ساراسىمىگە چۈشتى،تىت-تىت بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ بۇ تىت-تىتلىقىنى كۆرگەن ئۆردەك بېشىنى تۆۋەن سېلىپ،ھېچنېمىنى بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋىلىشنى راۋا كۆرمىدى. ھەمدە مەردانىلىك بىلەن گۈرجەكنى تېپىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پايانسىز چۆللۈكتە ئۆزى يالغۇز ئارقىغا قاراپ يولغا چىقتى. ھەمدە ئىلگىرى چۈشكۈن قىلغان جايدىن گۈرجەكنى تېپىپ، كارۋاننىڭ كەينىدىن يېتىشىۋىلىشقا ئالدىرىدى. "ئالدىرىغان يولدا قالار"دېگەندەك،ئۇ يەنە بىر قېتىم قۇملۇقنىڭ قۇماندانى قارا بوراننىڭ سۈرگۈن قىلىشىغا دۇچاربولدى. قارا بوران ئۇنى سۈرگەن پېتى ئۆگزىسى يوق بىر كونا تاملىققا ئەكەپ قويدى.بوران توختىدى، لېكىن قۇياش ئاللىقاچان ئىشتىن چۈشۈپ،ئۆيىگە كىرىپ كەتكەن ئىدى.ئامالسىز ئۆگزىسى يوق بۇ "مىھمانساراي"دا يۇلتۇزلار بىلەن سىرداشقاچ تاڭنى ئاتقۇزدى. تاڭمۇ ئاتتى، ئۇ كۆزىنى ئېچىپ ئەتىراپقا نەزەر تاشلىدى، ئۇ ئۆزى تۇرغان بۇ جايدا ھەر خىل غەيرى نەرسىلەرنىڭ چېچىلىپ ياتقانلىقىنى بايقىدى. ھەمدە قىزىل چاچلىق، كۆككۆزلۈك خوجايىننىڭ ئىزدەۋاتقان يېرىنىڭ نەق مۇشۇ ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. قۇم ئاستىدىن يېرىمى چىقىپ قالغان بىر تاختاينى قولىغا ئالدى،ئۆرۈپ-چۆرۈپ قارىدى. تاختاي يۈزىدىكى ئۆمۈچۈك پۇتىدەك ئىمىر-چىمىر نەرسىلەرنى كۆرۈپ ھەم ھەيران قالدى ھەم ئەجەبلەندى. بۇ تاختاينى گۈرجەك بىلەن قوشۇپ سىۋىنھىدىننىڭ يېنىغا ئېلىپ باردى. ئۆردەكنىڭ قولىدىكى تاختاينى كۆرگەن سىۋىن ھىدىن ھاياجاندىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. سۈيى تۈگەي دەپ قالغان كارۋاننى كەينىگە ياندۇرۇپ، ئۆردەك تېنەپ كېلىپ قالغان كونا تاملىققا يېتىپ كەلدى. مانا بۇ جاي سىۋىن ھىدننىڭ نامىنى پۈتۈن دۇنياغا تونۇتقان قەدىمكى كروران دۆلىتىنىڭ خارابىلىكى ئىدى.



سۇدا ئويناپ شۇنچە بىمالال،


ئاتالغانتىڭ بىرئوماق ئۆردەك.


قۇملار ئارا ئۆزگەن چىغىڭدا،


چاخچاق قىلدى ئۇنتۇلغان گۈرجەك.



تەقدىر ئەمەس تەلەي شامىلى،


ئېزىقتۇردى سېنى يولۇڭدىن.


"ئايدىنتۆرە"كەتتى ۋاقىراپ،


شۇ تاختاينى ئېلىپ قولۇڭدىن.



قۇم ئاستىغا كۆمۈلگەن شەھەر،


ئۆز-ئۆزىنى كۆرسەتتى بىردىن.


ھەيران قالدى جاھان ئەھلىمۇ،


بۇ چۆللۈكتە ئېچىلغان سىردىن.



چورۇقلۇرۇڭ قالدۇرغان ئىزلار،


نامىڭ بىلەن كۆچتى كىتابقا.


سۇئاللارنىڭ ئۆزۈلدى يىپى،


ئېرىشكەندە ئېنىق جاۋابقا.



ئويقۇسىدىن ئويغىنىپ گۈزەل،


كىرپىكىدىن ئاتقاندا ئوقيا.


"كروران"ننىڭ سېپىل تاملىرى،


قەددىنى تىك رۇسلىدى قايتا.



سۇدا ئۈزۈپ ئىزىڭ قالمىغان،


قۇمدا يۈرۈپ قالدى  نىشانىڭ.


كەتكەن چاغدا قەبرىسىز كەتكەن،


ئەمدى كۆپتۇرئۇلۇغ ئۇنۋانىڭ.



ھازىر بىرمۇ غاز-ئۆردەكلەر يوق،


سەن سۇ ئۈزگەن لوپنۇر كۆلىدە.


باسالمىدۇق باسقان يولۇڭنى،


تىنەپ يۈرگەچ غەمنىڭ چۆلىدە.




ئۆردەك ۋە سىۋىنھىدىنلار بىلەن" خوشلىشىپ" مۇزىي بىناسىغا قاراپ يول ئالدۇق، مۇزىيئىشكىنىڭ ئالدىغىراق قويۇلغان قەدىمكى ئىش پائالىيەتلەر ئۇيۇلغان قىيا تاش سۈرىتىكىشىنى ئىختىيارسىز يىراق قەدىمكى زامانغا ئېلىپ بارىدىكەن.


qiyatax.JPG




قەدىمى قىياتاش رەسىملىرى



مۇزىي بىناسىنىڭ سول تەرپىگە ناھايىتى چوڭ قىلىپ كروران گۈزىلىنىڭ تاشقا ئۇيۇلغان پوترىتى، ئوڭ تەرەپكە كروران دۆلىتى مەزگىلىدىكى دىننىي ئېتىقادقا سىموۋۇل قىلىنغان ئۈچ دانە چوڭ بۇت قويۇلغان ئىكەن. مۇزىينىڭ ئۈستى قىسىملىرى ئاساسەن كروران قەدىمكى شەھرىنىڭ كومپيوتىر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن كۆرۈنىشىگە ئاساسەن لاھىيەلەنگەن ئىكەن. مانا بۇ مۇزىينىڭ سىرتقى كۆرۈنىشى.


بىز بارغان كۈنىدۈشەنبە كۈنى بولۇپ، ئەسلىدە قائىدە بويچە دۈشەنبە كۈنى مۇزىي ساياھەتچىلەرگەئېچىلمايدىكەن.بىز تونۇشلار ئارقىلىق مۇزىينىڭ مەسئۇل خادىمىنى چاقىرتىپكەلگەچكە،مۇزىيدا بىزدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى. مۇزىينىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە ئاساسلىقى چاقىلىق، كروران،مىرەن قاتارلىق جايلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى سۈرەتلەر،چاقىلىق ناھىيىسىنى ئاساسىي تېما قىلغان ماي بوياق رەسىملەر  قويۇلغان ئىكەن.



kororen qizi.JPG




ماي بوياق رەسىم "كروران قىزى"



كىشىنى ئۆزىگە ئەڭ جەلبقىلىدىغىنى يەر ئاستى قەۋىتىگە قويۇلغان قۇرۇق جەسەتلەر، جەسەتلەرنىڭ قەبرىلىرىدىن چىققان ھەمدەپنە بويۇملىرى ئىكەن. ھەمدەپنە بويۇملىرىنىڭ كۆپىنچىسى خەن سۇلالىسى،ۋىي-جىن سۇلالىلىرى دەۋرىگە تەئەللۇق قىممەتلىك بويۇملار ئىكەن. تۇرمۇشتا ئىشلىتىلدىغان تارغاقتىن تۇتۇپ، ئۇرۇشتا ئىشلىتىلدىغان ئوقيالارغىچە ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكىنى ساقلاپ قالغان ئىكەن. قۇرۇق جەسەتلەرنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى چىرىپ كەتمەي مۇشۇ دەۋرىمىزگىچە يىتىپ كەلگەنلىكىگە ھەممىمىز تولىمۇ ھەيران بولدۇق.كروران گۈزىلىدىن كېيىن مىرەن خارابىلىكىدىن چىققان "مىرەن مەلىكىسى"ھەممىدىن مۇككەممەل بولۇپ، چىراي شەكلىنىڭ ساقلىنىشىمۇ كروران گۈزىلىنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن. مۇزىي مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، "مىرەن مەلىكىسى"نى 3200يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ بېكىتىپتۇ.


miren melikisi.jpg



"-مىرەن مەلىكىسى تۇغۇتتا ۋاپات بولغان ئىكەن"-دېدى، مەسئۇل خادىم. ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا تېخىمۇ سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدۇق،ھەقىقەتەن لەۋلىرىدە قېتىپ قالغان قان داغلىرىنى ھېلىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن. ئاق سېرىق يۈزلىرى، ئىگىز بۇرنى، تېقىمىدىن ئېشىپ چۈشكەن قوڭۇرچاچلىرىدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەن گۈزەل بىر "مەلىكە"ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش مۇمكىن ئىكەن.


گۈزەللىكىڭ بولدى نامايەن،


ئىگىز بۇرنۇڭ سۇنبۇل چېچىڭدىن.


ئۆتتى بەلكىم تالاي كەچمىشلەر،


ئاق كىرمىگەن ئاشۇ بېشىڭدىن.



ئاچچىق تولغاق يېگەن چېغىڭدا،


چىشلىۋاپسەن لېۋىڭنى مەھكەم.


ئەمما تەقدىر رەھىمسىز ئىكەن،


بىرەلمەپتۇ دەردىڭگە مەلھەم.



سەن تۇغماقچى بولغان خانزادە،


قاي يۇرتلارنى تىترىتەر ئىدى.


پالۋان كەبى ئوينىتىپ نەيزە،


ياۋلارنى يەر چىشلىتەر ئىدى.



ئۆزۈڭ بىلەن بالاڭنى قوشۇپ.


ئەپسۇس ئەجەل ئېلىپ كېتىپتۇ،


سېنى تاللاپ ئالغان شاھنىمۇ،


دەرت-ھەسرەتكە سېلىپ كېتىپتۇ.



"مىرەن مەلىكىسى"بىلەن خېلى "ئەھۋاللاشتۇق"، مۇمكىن بولسا، ئۇنى ئوتتۇرغا ئېلىپ خاتىرە قالدۇرغىمىز بار ئىدى، ئەمما بۇنىڭغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، ھەم بۇنداق قىلىشنىڭ "مىرەن مەلىكىسى" قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدىغانلىقىنى، مۇزىي مۇئەككىلىنىڭمۇ تەڭلىتە قويىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ،ھېچقايسىمىز چىش يېرىپ بىر نەرسە دېيەلمىدۇق. مۇزىينىڭ ئىچىنى ئايلىنىشقا باشلىدۇق. مانا ئەمدى كىروران دىيارىغا كەلگەن ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭ باش سۈرەتلىرى ئېسىلغان يەنە بىر زالغا كىردۇق. ئۇلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئوقۇغاچ ياۋرۇپادەك نەچچە مىڭ كىلومىتىرلىق مۇساپىنى يىراق كۆرمەي بۇ دىيارغا جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، ئىلمىي تەكشۈرۈشكە كەلگەن بۇ جانابلارغا قايىل بولماي تۇرالمىدۇق.مەيلى ئۇلار قانداق مەقسەتتە بۇ جايلارغا كەلسۇن، يازغان ئىلمىي ئەسەرلىرىدىن مەلۇمكى، ئۇلار ھەقىقەتەن بۇ سىرلىق زىمىننى بىزدىن خېلىلا بۇرۇن چۈشەنگەن، چۈشەنگەندىمۇ ئەڭ چوڭقۇر يەر قاتلاملىرىغىچە چۈشەنگەنلىكى مەلۇم ئىدى.ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىگەللىگەن ئۇنۋېرسال بىلىمى، ئىزدىنىش روھى، قىلىۋاتقان ئىشىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنىڭ كۈچلۈلىكى ئالدىدا ھازىرقى زاماندىكى ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىتاب دۆۋىلىرى ئىچىدىن گۆھەر ئىزدەيدىغان بىزگە ئوخشاش زىيالىلارھەقىقەتەن يىپمۇ ئىشىپ بېرەلمەيتتۇق. ئېكىسپىدىتسىيىچىلىكتىن ئىبارەت بۇتەۋەككۇلچىلىق بىلەن قاراملىق بىرلىشىپ كەتكەن كەسىپنى قىلىش ھەمدە بۇ جەھەتتە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىدى.

prjiwaliskiy.JPG





berigman.JPG



شۇڭىلاشقا، مەيلى بۇلار يىپەك يولىدىكى "ئەجنەبىي ئالۋاستىلار"بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە كۆز يۇمۇش نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مانا بۇ ۋاقىتتا ئويلاپ قالدىم: مەھمۇد بوۋىمىز ئېكىسپىدىتسىيىچىلەرنىڭمۇ بوۋىسى ئىكەن، ئۇ كەزگەن قىشلاقلار،قىر-دالىلار، تاغ-ئېدىرلار؛ ئۇ مۇڭداشقان قېرى-چاللار، مۆتىۋەر ئاقساقاللار،ئاددىي بۇدۇن-ئاۋاملار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس ئىدى. قېنى، مەھمۇد بوۋىمىزدىن كېيىن قايسىمىزيەنە مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلالىدۇق؟ ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە گەپ بولغاندا باشنى پۇتنىڭ ئۇچىغا قاراتماقتىن باشقا ئامالىمىز يوق.


"ئېكىسپىدىتسىيچىلەر"بىلەن خوشلاشتۇق، دېققىتىمىزنى يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى بىر قىسىم يادىكارلىقلارتارتتى. مىنگو دەۋرىدىكى ئەمەلدارلارنى تەيىنلىگەنلىك ئىسپاتنامىسى، ئۇيغۇرئاقارتىش ئۇيۇشمىسى تەرپىدىن تارقىتىلغان گۇۋاھنامىلەرمۇ بىزنى خېلىلا قىزىقتۇرغانئىدى.

mingo.JPG




guwaname.JPG





بىز تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى تارىخ ، بىزتوغۇلۇشتىن بۇرۇنقى كەچمىش، ئەجداتلىرىمىزنىڭ يېرىلغان يىرىك تاپانلىرى قالدۇرغانسۆيۈملۈك ئىزلار. شۇنداق، ياشىغان ئىكەنمىز ئىز قالدۇرشىمىز كېرەك، قالدۇرغاندىمۇ ئەۋلادلار پەخرلەنگۈدەك ئىز قالدۇرۇشقا تىرشىشىمىز كېرەك. "ئىز بىراۋنىڭ ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ"دېگەن سۆزنىڭ ھېكىمىتىنى تارىخى خارابىلىكلەردىن،تارىخى قوليازمىلاردىن كۆرۈۋېلىش ئەلۋەتتە تەس ئەمەس. ئەشۇ خارابىلىكلەر، بىزھازىر كۆپىنچىمىز ئوقۇپ تېگىگە يېتەلمەيدىغان كىلاسسىك ئەدەبىي ۋە تارىخى ئەسەرلەرئەجداتلار باسقان ئەگرى-توقاي يوللارنىڭ يالدامىسى.



مۆھۇر كەبى بېسىلسا دىلغا،


ئەجداتلارنىڭ باسقان ئىزلىرى.


ئىزنى ئىزلاپ ماڭىدۇ ھامان،


ۋەتەن سۆيەر ئوغۇل-قىزلىرى.



قۇم كۆچسىمۇ ئۆچمىگەن ئىزلار،


سۆزلەپ بېرەرئۆتمۈشنى بىر-بىر.


مىڭ ئۆيلەردەك تىلسىملىق قەبرە،


ھامان بىزگە ئېچىلىدىغان سىر.



يەتكىنىدە مەنزىلگە بىر كۈن،


ئۈمىد ئارتقان تۆگە كارۋىنى.


چىچەكلەيدۇ قىپقىزىل يۇلغۇن،


توغراقلارنىڭ قالماس ئارمىنى.


"كروران مۇزىيى"دىن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا يېنىپ چىقتۇق، قەبرىلەردىن، خارابىلىكلەردىن ئۆيىنى كۆچۈرگەن مومىيالارغا،قايسىدۇر بىر جەڭ مەيدانىدا رەقىبىنى ئاتتىن يىقىتقان ئوقيالارغا،خانىش-مەلىكىلەرنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك بويۇنلىرىدا جەۋلان قىلغان ئالتۇن زۇننارلارغا،ناتونۇش يېزىقلاردا تارىخىمىزنى ساقلاپ كەلگەن تاختايلارغا،تەكلىماكان چۆللىكىدە كۆمۈلگەن مەدەنىيىتىمىزنىڭ قىممىتىنى بالدۇر تونۇپ يەتكەن"ئەجنەبىي ئالۋاستىلار"غا، ئۆردەك كەبى ئەجداد ئىزىنى ئۇنۇتمىغان باتۇرئىزچىلارغا، قەبرىسىنى قۇياش شەكلىدە ياساپ، قۇياشتەك نۇر چېچىپ تۇرۇشنى،قۇياشتەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان سۆيۈملۈك لوپلۇقلارغا، لوپنۇر كۆلىنىڭ سۈيىدە چايقىلىپ گۆلمىلەرگە چۈشكەن لوخا بېلىقلارنى قىرغاقلارغا ئېلىپ چىققان قولۋاق-قىيىقلارغا...خوش دېگىنىمىزچە ئىچ-ئىچىمىزدىن قايىللىقىمىزنى بىلدۈرمەي تۇرالمىدۇق.مانا بۇلار بىزنىڭ يىلتىزىمىزنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بۇ يىلتىزلار گەرچە شەكلىنى ئۆزگەرتسىمۇ، ئۇلار ئاتا قىلغان روھى ئىشەنچ ۋە مەنىۋى ئىزگۈلۈك يەنىلاياپ-يېشىل ھالەتتە ئىدى.



چۆلدە يىلتىز تارتقان توغراقتەك،


باغاشلىسام دەيمەن تارىمنى.


يەتسەم دەيمەن سىرلار تەكتىگە،


بەدەل قىلىپ جانۇ بارىمنى.



لوپ كۆلىدە ئۈزسەمكەن دەيمەن،


ئۆز قولۇمدا چاپقان قىيىقتا.


سۇئالىمنى تاشلىسام دەيمەن،


گۆلمىلەردىن قاچقان بېلىققا.



چېگىلىكتە تۈنەپ قالسامكەن،


يۇلتۇز كەبى تولغان چېچەككە.


گۈلخانلارنى يالقۇنجاتسامكەن ،


قوشاقلارنى ياڭرىتىپ كۆككە.



سونايلىنىپ يېتىپ باقسامكەن،


ھەسەن-ھۈسەن رەڭلىك پالازدا.


ئۇجۇللاردىن تېتىپ باقسامكەن ،


ئۇلۇغ مومام قۇرۇتقان يازدا.



تاڭ ئاتقۇچە ئاڭلىسام دەيمەن،


لوپلۇق بوۋاي سۆزلىسە چۆچەك.


ئەۋلادلار ھەم ئاڭلىسا دەيمەن،


ئاق سالغاندا باشقا كېلەچەك.



ئارمانلارغا باي بولار ئادەم،


دەرمانلارغا يەتكۈچە ھەردەم.


ئۆز-ئۆزىنى ئونتۇش جىنايەت،


بۇنى ئەستە تۇتقايمەن مەھكەم.



"كروران مۇزىيى" شۇنداق قىلىپئارقىمىزدا قالدى،ئەتىسى چاقىلىق بىلەن خوشلىشىپ قەدىمىي شەھەر چەرچەنگە يۈرۈپ كەتتۇق. چەرچەندە خىزمەت ئالدىراشچىلىقى بىلەن بولۇپ كېتىپ تارىخى ئىزلارنى زىيارەت قىلىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدۇق. ئەسلىدە چەرچەن مۇزىيى، نىيازبەگ قوروسى،زاغۇنلۇق قەبرىستانلىقى قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىشنى پىلان قىلغان.ئەمما،بەزى، ھۆكۈمەت مىھماندارچىلىقلىرى سەۋەبىدىن كىچىمۇ-كۈندۈز باشلىقنىڭ كونتىروللىقىدا بولۇپ قالدۇق. خۇدايىم بۇيرۇسا، يەنە چەرچەنگە بېرىش نىسىپ بولسا،بۇ جايلارنى تەپسىلىي كۆرۈش پىلانىمىزنى كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز مۇمكىن.


كورلىغا قايتاشىمىزدا يەنە كەلگەن يولىمىز بىلەن قايتتۇق، بۇ دەل 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى نورۇز كۈنىگە توغرا كەلدى. چاقىلىقنىڭ ۋاششەرى بازىرىغا يېقىن كەلگەندە، قۇرۇپ كەتكەن كونا دەريا ئېقىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇزلۇق ئوغلاق تارتىش پائالىيىتىگە داخىل بولدۇق. ياش چەۋەندازلارنىڭ ئات ئۈستىدىكى ماھارىتىدىن ھوزۇرلاندۇق. يىگىتلەرنىڭ ئىرادىسىنى، ماھارىتىنى تاۋلايدىغان بۇ پائالىيەتتىن شۇنداق سۆيۈندۈق. ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ يەنىلا چەت سەھرا قىرلىرىمىزدا ئۆز قىممىتىنى يوقاتماي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق.


oghlaq.JPG





oghlaq tartix.JPG




قىسقا فىلىمنىمۇ كۆرۈپ باققايسىلەر:


بۇ ئاددى زىيارەت خاتىرەمدە ئامال بار ئەھمىيىتى بار ئىشلارنى يېزىشقا تىرىشتىم، خاتىرە نەقمەيداندا بىرمۇ-بىر يېزلماستىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئەسلەش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلدى.شۇڭىلاشقا كەم قالغان ياكى خاتا كەتكەن جايلار بولسا تەنقىدىي پىكرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


مەنبە:لوپنۇرى تور خاتىرىسى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 07:07 PM  


miren melikisi.jpg
tam resimliri.JPG
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
korul + 155 نادىر تىما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 155   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82570
يازما سانى: 485
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5437
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:26:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   شۇنداق ئېسىل بىر تېما بوپتۇ! قولىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن،  ئۇقۇپ بولۇپ خۇددى ئۆزۈممۇ بىر قېتىم شۇ يەرلەرگە بېرىپ كەلگەندەك ھېس قىلدىم.
بۇ خىل تىپتىكى ماقالە ئادەمنى ھەقىقەتەن قىزىقتۇرىدىكەن. بولۇپمۇ «كىچىك مىرەن مەلىكىسى»گە «كىروران گۈزىلى»دىنمۇ بەكرەك قىززىقاتتىم. تېمىىڭىزدىكى« ... ئۇ ئەسلى تۇغۇتتا ۋاپات بولغانكەن...» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، شۇنداق ھەيران قالدىم دېسە!

ھايات ماڭا يىغلاش ئۈچۈن بىر سەۋەب تېپىپ بەرسە مەن كۈلۈش ئۈچۈن مىڭ سەۋەب تاپىمەن.
پاتەم بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:14:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 01:22:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31235
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:08:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت....مىنىڭ ئانا ماكانىمنى ياخشى تۇنۇشتۇرۋىتىپسىز.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75070
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 9737
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 601 سائەت
تىزىم: 2012-2-8
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 12:42:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمامنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان يۇقىرىدىكى دوستلارغا كۆپ تەشەككۈر!تەنقىدىي پىكىرىڭلارنىمۇ بېرىشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77608
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 08:26:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ئوقىۋىتىپ خۇددى شۇ دەۋىرگە بارغاندەك بولدۇم.نادىرلاشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن .رەھمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش