مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 378|ئىنكاس: 2

قۇتۇلۇش يولى (ئەركىن روزى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58247
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4481
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1517 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 06:25:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قۇتۇلۇش يولى

ئۆزىگە تايىنىش ،ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇشنىڭ رولى شۇقەدەر چوڭ .ئۆزىگە تايىنىشنىڭ ئۆزىلا قىممەتلىك روھ ،ئۇلۇغ پەزىلەت .

سىز ئۆزىڭىزگە تايىنىشنى مەڭگۈ بىلمەيدىكەنسىز نامراتلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايسىز.ئۆزىگە تايىنىشتىن تاشقى ياردەمنى ئەلا بىلىش ھەر قانداق ئادەمنى بارغانسىرى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ .

ھارقانداق نەتىجە ئەمەلىي ھەرىكەتتىن كىلىدۇ .ھەربىر كىشى مەيلى ئۇ ئالىم بولسۇن ،تەتقىقاتچى بولسۇن ،پادىشاھ بولسۇن ياكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بولسۇن ،ھەتتا ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىگە ئىسمى چۈشمىگەن ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى ئاددىي پۇقرا بولسۇن ،پەقەت ئۇ ئۈزىنىڭ ئەقىل پاراستىنى ئىشقا سېلىپ ،ئۆزلىكسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا ،ۋە ئۆزى قىلىۋاتقان ئەڭ ئاددىي ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ،ئۆز ھەركىتىنىڭ خوجايىنىغا ئايلانغاندىلا ئاندىن جەمىئىييەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنالايدۇ.جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئورنىنى تاپالايدۇ .باشقىلارنىڭ شاپاتىنى كۈتۈپ تۇرۇش ،ئاللىقانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا تەلمۈرۈش ،ياكى بىرەر خوجايىننىڭ بىرەر ئورۇننى باشقۇرۇش يىتەكلەپ تۇرۇشى ياكى نازارەت قىلىپ كۆرسىتىشنى كۈتۈپ تۇرۇش ،تاشقى ياردەمگە تەلمۈرۈش ،كىشىنى قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ .

بىزدىكى بىر ئەجەللىك ئاجىزلىق شۇكى ،بىز كۆپىنچە ئۆزىمىزنىڭ قورسىقى تويسا ،ئۆزىمىز ئانچە – مۇنچە ياخشى كۈنگە ئىرىشسەك ،ياكى چىرايىمىزدا ئانچە – مۇنچە كۈلكە پەيدا بولسا ،ئەتراپىمىزدىكى ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن كۈنلىرىنى غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان قولى قىسقا كىشىلىرىمىزنى ،تۇرمۇشتا چىقىش يولى تاپالماي ياش تۈكىۋاتقان كىشىلىرىمىزنى كىشىلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالىمىز .

ھۇرۇنلۇقتىن ،لاغايلاپ يۈرۈشتىن ئۈمۈتسىزلىكتىن ۋە باشقا ئەسكىلىكلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى تېپىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ھەممىدىن مۇھىمى شەخسىيەتچىلىكتىن ،چېچىلاڭغۇلۇق ،روھى جەھەتتىكى قۇلچىلىق ۋە پارچىلىنىشتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى دادىل ئىزدەپ تېپىشىمىز .بۇنىڭ ئۈچۈن بىر- بىرىمىزنى قېرىنداشلارچە كۈزىتىش ، قېرىنداشلارچە سۈيۈش ،قېرىنداشلارچە يىتەكلەش ۋە يۈلەش ئېڭىمىزنى تۇرغۇزىشىمىز كىرەك .ئىككى تال پۇلنى كۈرۈپ دۇنيادىكى ھەممە ئەسكىلىكلەرنى قىلىدىغان شۆھرەتپەرەس ،قىزىلكۆز ،ئىسىراپخورلارغا يېپىشقاندىن كۆرە ،كۆپرەك دىققەت ئىتبارىمىزنى ،ھايات يولىنى تەسرەك داۋاملاشتۇرىۋاتقان ،ھەتتا داۋاملاشتۇرالماي كىچىككىنە قارا خىزمەت ،كىچىككىنە تەمىنات ئۈچۈن باشقىلار ئالدىدا چىراي سارغايتىپ بەدەل تۆلەۋەتقان ئاكا-ئۇكىلارغا ،ئاچا-سىڭىللارغا ئاغدۇرىشىمىز ،ئۇلارنىڭ پەن-مەدەنىيەت ساپاسىنى يوقىرى كۈتىرىشىىمىز ،ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ،مۇستەققىل ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بولۇشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بىرىشىمىز كىرەك .

ھايات يولىدا بوزەك بولغان ،زىيان تارتىپلا ئۆتىدىغان ،ھاقارەتلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى روھىي دۇنياسى قۇرۇق ،تەربىيسىز قالغان ،ساپاسى تۆۋەنلەپ كەتكەن كىشىلەردۇر .ئۇلارنى پەقەت قېرىنداشلىق مىھرى بارلارلا قۇتۇلدۇرالايدۇ.  

كىچىككىنە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىلا ئۈزىنى تاشلىۋىتىدىغان ، ھەدىسىە زاماندىن زارلىنىپ يۈرىدىغان كىشىلەرنىڭ ،ئۈزىنىڭ خاتالىقى بىلەن  نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا قىلىپ ،ئاخىرى «ئادەم خام سۈت ئەمگەن»دەپ ھەممە گۇناھنى سۈت بەرگەن ئانىسىغا يۈكلەپ قويىدىغان كىشىلەرنىڭ ، ئۆزى ۋە ئۆز پەرزەنتلىرى ،ئۆز قېرىنداشلىرى ،ھەتتا ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپى بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىشلار ئۈچۈن سوكۇلداپ ، ھاياتنى ئاچقىق مەسخىرە ئىچىدە ئۆتكۈزىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ، پەقەت ئۆزى ئازادە قولايلىق ،باياشات شارائىتتا ياكى باشقىلارنىڭ ھاجىتى چۈشىدىغان ئورىندا تۇرىۋاتقانلىقى ئۈچۈنلا ئۆز خەلقى ،ئۆز قېرىنداشلىرى ھەتتا ئاتا-بوۋىلىىرىنى ياراتمايدىغان ،قولى قىسقا ھاجەتمەنلەرنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئاشۇ تېتىقسىز بىچارىلىكتىن ،روھى ئاجىزلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقىشنى چوڭ نىشان قىلىش كىرەك .

ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى پەرق كۆپىنچە ھالدا شەيئىلەرنى كۈزىتىش شەيئىلەرنى چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدا كۈرىلىدۇ .قەلبنىڭ كۈرىدىغىنى كۆزنىڭ كۈرىدىغىنىدىن كۆپ بولىدۇ ،ئورۇسلاردا :«تەپەككۈر قىلىشنى ،كۈزىتىشنى بىلمەيدىغان ئادەم ، ئورمانلىقتا كىتىۋېتىپمۇ ياغاچ تاپالمايدۇ »دىگەن تەمسىلى بار .

نامراتلىق ئىشلىمىگەنلىكتىن كىلىدۇ .بىلمەسلىك بىلىمسىزلىكتىن كىلىدۇ .بىلىمسىزلىك بىر كىشىنىڭ تۇغما كەمتۈكلىكى ئەمەس ،ئۇ سىزنىڭ ئۈگەنمەسلىكىڭىزدىن كىلىپ چىقىدۇ .

ئەگەر سىز بۇ دۇنيادا داۋاملىق ياشايمەن دەيدىكەنسىز ،ئۆمرىڭىزنىڭ بىر كۈن بىر ئاي ،بىر يىل بولىشىدىن قەتئى نەزەر ھەر بىر مىنۇتنى قەدىرلەپ ، ئادەم بۇلۇشنى ،يۈرۈش تۇرۇشنى ،گەپ قىلىشنى ھەتتا قانداق غىزالىنىشتىن باشلاپ نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۈگىنىشىڭىزنى كىرەك . ئۈزىڭىزنى قۇتقۇزۇشنى ،قېرىنداشلارغا كۈيۈنىشنى ،مىھرى-مۇھەببەتنى ۋە سەۋىر –تاقەتنى ،ئىنساپ ،ۋە چىداشنى جان دىلىڭىز بىلەن ئۈگىنىشىڭىز كىرەك .

ئۆگەنگەنسىرىڭىز ، كۆزىڭىز ،چىھرىڭىز ،قەلبىڭىز روشەنلىشىدۇ .

ئەتراپىڭىزدىكى ئاجىز ،ھۇرۇن ، نامرات قېرىنداشلىرىڭىزغا ياردەم قىلىشنى بىلەلەيسىز ،ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى ئۇلارغا ئۈگىتەلەيدىغان بولىسىز . تەپەككۇرىڭىز ئېچىلىدۇ .ئاستا-ئاستا سىز ئۈزىڭىزنىڭ ھېچكىمدىن قېلىشمايدىغان ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلىسىز .بۇ خىل ھىسىيات سىزگە پۈتمەس تۈگىمەس كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ .

ھەر قانداق بىر رايۇن ،ھەر قانداق بىر قوۋم بىكارچىلىقتىنلا ۋەيران بولىدۇ . بىكارچىلىق پۈتۈن ئىنسانىيەتنى تەلتۈكۈس ۋەيران قىلالايدۇ. شۇڭا نامراتلىقتىن ،بىلمەسلىكتىن قۇتۇلىشنىڭ ئاچقۇچى بىكارچىلىقتىن قۇتۇلۇشتۇر .بىكارچىلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ناھايىتى كۆپ ،لېكىن ئەڭ مۇھىمى ئەقىل ئىشلىتىش ۋە پەرزەنتلەرگە ئەقىل ئۆگىتىش .بۇ ھەممىمىزگە تەۋە بولغان مەجبۇرىيەت ،ئۇلۇغ قۇرلۇش ۋە مۇقەددەس ھوقۇق .ئەمگەكچان ئەقىل پاراسەتلىك ئەجدادلار چىرىقى بىزنىڭ بىكارچىلىقىمىز تۈپەيلىدىن ئۈچۈپ قالمىسۇن .

ئەركىن روزىنىڭ «قۇتۇلۇش يولى»ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .

بۇ كىتاب 2003-يىلى نەشىردىن چىققان ،ئىلگىرى مۇنبەرگە يوللانغان ياكى يوللانمىغانلىقىنى بىلمەيمەن ،لېكىن ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمدا ئىنتايىن ئىلھاملىنىمەن . شۇڭا ياخشى نەرسىلەردىن ئورتاق بەھىر ئېلىش نىيىتىدە قىسقارتىپ ئۇرۇپ چىقتىم ۋە مۇنبەرگە يوللىدىم.


ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلەش تورى ئىگىلىك تىكەشتكى ياخشى ھەمرايىڭىز. www.uyigilik.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84479
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-8-29
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:25:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەركىن رۇزىنىڭ بۇ يەردە كىيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار  دىگەن  ماقالىسى بولسا ئۇنىمۇ يوللاڭە ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6472
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 950 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-11 01:10:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ....مۇشۇ كۈنلەردە بىزنىڭ ياشلىرىمىز؛بىلىم،ئىرادە،غايە...نامراتلىقىدىن قانداق
قۇتۇلۇشنى بىلمەي يۈرگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش