مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 689|ئىنكاس: 13

باش سۈرئىتىمگە... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 06:08:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باش سۈرئىتىمگە...



(ساتىرا)



قاراخان



  سىزگە ئوخشاش مۇنبەرلەرگە تۈنجى قېتىم كىرگەندە،
بېشى يوق بىر <<چەۋەنداز>>دەك ئېزىپ -تېزىپ يۈرگەندە،
بىر <<قونچاق>>نىڭ  باش  سۈرئىتى ماڭا<<جىن>>دەك چاپلاشتى،
تورداشلىرىم باش سۈرەتتىن بىرنى تاپقىن دىگەندە .

خېلى ئاڭلىق بىر ئاغىنەم جىددى قاراپ بۇ ئىشقا ،
ئۇخلىماستىن كېچە-كۈندۈز قۇلاق سالدى تىۋىشقا.
قالتىس چىچەن بولغاچ ،ئاۋۋال سوراپ كۆردى ئۆزۈمدىن،
سىز ئۆزىڭىز ئامراق زادى قايسى كۇينى چېلىشقا؟

دىدىم شۈندا ئىككىلەنمەي ‹‹لۇشۈن››دىگەن  كۈي  كېرەك،
‹‹ئۇيغۇر››چە كۈي تۇرالامدۇ قېنى  ئۇندىن  يۈكسەكرەك ،
ئۇنىڭ كۈيى ،خۇيىدىن  مەشرىق   تاپقان   ھۇشىنى،
دىدىم ماڭا ‹‹گۈەن سەي››دىكى ئاشۇ يۇۋاش ئۇي* كېرەك .

خاھىشىمغا ،ئىرادەمگە ئاڭلىق قاراپ  توردىشىم،
باش قاتۇردى باش سۈرئەتكە بىكار كەتمەس قان تەرى .
باشقىلارغۇ   تەتۈر  قاراپ كەتتى بىردىن ئۆپكىلەپ،
ئۇيغۇر بەتكە  كىرگۈزمەڭلار! دىدى مېنى  ياش- قېرى.

بىر بۇرادەر قايناپ كەتتى باش سۈرئەتكە قاراپلا،
ئارىمىزغا ئۈسۈپ كىرىپ نەدىن ئۈندى << قەللاپ>>لار.
ئۇيغۇرچە باش ،دوپپىلار چىقمامدىكەن يۇرتۇمدىن،
<<قاراخان>>غا قانداقلارچە ياراپ قالدى يات  باشلار .

يەنە بىرى  ،قايناپ دىدى  باشقىلارغا قېتىلىپ ،
<<قەھىرمان>>دەك قىياپەتكە كىرىۋاپتۇ  پېتىنىپ؟
تۇرسا بىزدە <<لوتۇن >>بىلەن<<ئا.خالىق>>نىڭ سۈرئىتى،
نىمە كەپتۇ <<لۇشۈن>>دىگەن باش سۈرەتكە ئېسىلىپ.

   
دىدىم ئاخىر قېرىنداشلار مېنى <<لۇشۈن> دەپ تۇرۇڭ ،
تىلىم قايماق ،دىلىم مايماق كەتسە، ئەسكە  سەپ  تۇرۇڭ.
ئىرق،جىنىس،مىللەت ئۈچۈن ‹‹ئورتاق باش››نى تاپقۇچە،
دىدىم دوستۇم  غەملىرىمنى تېرىكمەستىن يەپ تۇرۇڭ؟

ماڭا تاپا قىلىپ يۈرگەن غەمگۈزارلار   ئاز   ئەمەس،
ھەر كاللىدا ھەر خىيالكەن مەندە كاللا ‹‹تاز›› ئەمەس.
‹‹تاش››قا،تېگىپ ئەقىل تاپقان، بۇ‹‹ بېشىم››غا، نە ئامال،
كەچۈرۈڭلار مەندە ئەگەر، بولسا ئەقىل ‹‹ساز›› ئەمەس!   

كەمزۇلۇمنىڭ ئىزمىسىنى ئەتتىم تاقاپ بوغۇزغا،
تېشىم ئىسسىق بولسىمۇ ،ئىچىم سوغۇق تومۇزدا.
نادان ئۇيغۇر تەڭ كېلەلمەس تىلى ياتغا بەزىدە،
تىلى ياتنى چوڭ بىلسەممۇ ئەسۇ-يادىم <<ئوغۇز>>دا.

ئاسمىغان بىر قازاننىڭ يىدىم مىننەت ئېشىنى،
قاراخانغا سوۋغا قىلدىم <<لۇشۈن>> تاغام  بېشىنى.
ئۇزاق ئۆتمەي بۇ بېشىمدا يەنە تۈگمەن چۆگىلەپ،
چېكىۋالدىم ئەگرى قىلىپ <<كوڭ يىجى>>دەك << نېشى>>نى.


قالپىقىمغا يارىشا<< قىرغىز>> بولۇپ ئۆتەلمەي ،
ئاراڭلاردىن چۈشۈپ قالسام بىرەر قامۇس پۈتەلمەي.
<<قاراخان>>غا، <<لۇشۈن>>دىن  <<ئۇدۇم >> قاپتۇ دەۋېرىڭ،
دورا بەرسەم ساقىيىپلا كەلسە -كەلمەس <<يۆتەلمەي>>.

<<دوست دۆلەت>> ياكى دوستلار ئەجەپلەنسەڭ  ئەجەپلەن،
شېئىرىمنى<< دورا>> رېتسىپ دىسەم ئاچچىق  غەزەپلەن.
<<كىچىككىنە ۋەقە>>گە ، يۇرتتا  غەليان كۆتۈرۈپ،
<<ياۋا گىيا>>دىسەڭ مېنى يۇلىۋېتىپ شەرەپلەن!

ئۇيغۇرلاردىن لۇشۈن چىقماس دىگەنلەرنى مات قىلاي،
لۇشۈندىن چوڭ بۇرۇت قويۇپ،  قەلىمىنى ئات قىلاي.
شىبلىت ئەمەس خېيىم بىلەن دەسسەپ تۇرۇپ مۈرەڭگە،
نەھايات <<تىل  بازار>>ىنى مەنمۇ بىر كاسات قىلاي!

مېنى داھى <<سەركەردە>>دەپ ئەسلىمىسۇن ئۆلگەندە،
<<نىگارىم>>مۇ يىغلىمىسۇن قارا يەرگە كۆمگەندە.
باش سۈرەتكە لايىق جاۋاپ بەرگۈدەك كۈچ-كۈيۈم بار،
مېنى قوللاپ،قوزغايدىغان ئېلىم ھەقنى سۆيگەندە!

2012-يىلى12-ئىيۇل
1>.  <<يۇۋاش ئۇي كېرەك*>> لۇشۈننىڭ :
<<كالا بولۇپ باش ئېگىمەن سەبئى بالىلارغا،
غەزەپ بىلەن ھومىيىمەن قەبىھ زالىملارغا>> دىگەن مىسراسىغا ئىشارە.
2>.     <<دوست دۆلەت ئەجەپلەنمەكتە>><<دورا>><<يۇرتۇم>><<بەخت تىلەش>><<كىچىككىنە بىر ۋەقە>><<ياۋا گىيا>><<كوڭيىجى>> لار لۇشۈننىڭ ھېكايە فېليەتونلىرى...
3>.<<سەركەردە>>  -رەئىس ماۋزېدوڭ لۇشۈننى پۇرېلىتارىياتنىڭ مەدەنىيەت سەركەردىسى دەپ تەرىپلىگەن....




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-9 02:06 AM  


باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94315
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:05:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۆزياش←شېئىرغا ئامراق يۈرەك

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6713
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-7-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:07:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرئىتىم ئەمەس سۈرىتىم、شېئىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 989
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4064
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 945 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:13:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
handanjan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 10:07 PM
سۈرئىتىم ئەمەس سۈرىتىم、شېئىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم

رەھمەت،ھۈشيارلىقىڭىزغا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3315
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10261
تۆھپە نۇمۇرى: 600
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:58:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ كەلتۇرۇپسىز  باركاللا   

گەزنىنىڭ  ئىككى يۈزى بار ،بىر يۈزىدە نان ياقىدۇ .ئادەمنىڭ بىر يۈزى بار  ئىككى يۈزىدە جان باقىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2602
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9428
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 813 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 10:59:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر باش سۈرەتنى ئىلىمنىڭ سىمۋولى قىلىپ، ئۇنى پەقەت بىر مىللەتنىڭ سىمۋولى دەپ قارىۋالمىساقلا، شۇ باش سۈرەتكە لايىق بىلىمىمىزنى بېيىتالىساقلا شۇ يېتەرلىك.
شېئىرىڭىزنىڭ ئاخىرقى مىسرالىرىدىن ئۈمىتۋارلىق ئۇرغۇپتۇ، لۇشۈننىڭ باش سۆرىتىنى باش سۆرەت قىلغانغا، مەيلى باشقىلار قاندا قارىسۇن، ئىشقىلىپ ياخشى شېئىرلار ئۈزۈلمىسۇن!
ئۇلارغا ياخشى شېئىرلار ئەڭ ياخشى جاۋاپ بولالايدۇ.

ئاسماندىن ھۆرلۈك يامغۇرى ياغسا، قۇللۇققا كۆنگەنلەر كۈنلۈكنى ئاچىدۇ....... ئىسىت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1069
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9817
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 468 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 11:25:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس شېئىر بوپتۇ.

بۈگۈنكى تىرىشچانلىق ئەتىكى مۇۋەپپەقىيەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 900
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1761 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 01:13:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىسقۇ ..

سەن مىنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ بىچارە دىسەڭ، مەن سېنىڭ تۇيغۇڭغا قاراپ بىچارە دەيمەن. ــــــــ جودا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 504
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1451
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 192 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 01:25:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3728
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 03:22:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بالىلار قاچانلا قارىسا سۈرئەت بىلەن سۈرەتنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىكەن دەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش