مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2022|ئىنكاس: 19

كاپالەت پۇلىدا ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 902
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3950
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 860 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 01:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
< كاپالەت پۇلى > دىگەن جۇملىنڭ ئوزىدىنلا بۇنىڭ مەنىسىنى ھارقانداق ئادەم چۇشىنىۋالالايدۇ، بۇ  ھەرقانداق ئادەمنىڭ كاللىسىدا  ئوموملىشپ بولغان ئۇقۇم. بەك ئەپسۇس بۇ ئۇقۇمنى كەنت كادىرلىرى ھازىرغا قەدەر چۇشەنمىدى ياكى چۇشەنگىسى يوق. بۇ پۇل ئەسلى كومۇنۇستىك پارتىيە رەھبەرلىگىدىكى ھوكۇمىتىمىزنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ روھى بولۇپ، تۇرمۇش قىيىنچىلىغى ئېغىر، ئەمگەك كۇچىدىن قالغان، قارىغۇچىسى يوق، مېيىپ ، ئاجىز، قارا قوساق مۇناپىق چىرىندىخور كەنت كادىرلىرى سەۋەبىدىن بىچچارە ھالغا چۇشۇپقالغان، تۇرمۇشى ئاساسى كاپالەتكە ئىگە بولمىغانلارغا ، جان بېقىش ئىمكانىيتى يوقلارغا  بېرىلدىغان پۇل ئىدى . لىكىن ھازىر قارايدىغان بولساق ئەھۋال بۇنىڭ ئەكسىچە بۇلۇپ، ھوكۇمەتنىڭ فورمۇلاسىدىن خېلى يىراق .ئانداقتا كەنت كادىرلىرنىڭ فورمىىلاسى قانداق؟ 1- ئالدى بىلەن كەنت كادىرلىرنىڭ جەمەتى بۇلۇش كېرەك، ئۇلار مەيلى باي مەيلى نامرات بولسۇن شەرتسىز ئالىدۇ، 2-   ئەل- ئاغىنە يېقىنلىرى ئالىدۇ ، 3-كەنت كادىرلىرىغا كىم خوشامات قىلسا ،يېرىنى تېرىشىپ  بەرسە، ئورمانلىرىغا قارىسا ، خوتۇنلىرى ئويىگە بېرىپ تامىغىنى ئەتسە ، كىرىنى يۇسا، نېنىنى ياقسا شۇ ئالىدۇ  . بۇ نىمە دىگەن نومۇسسىزلىق؟ بۇلارنى تەربىلەيدىغان نۇمۇسسىزلىق كۇرس بارمۇ قانداق؟ جەنۇپتىكى ئەھۋالغا قارىغاندا ئاساسەن ئوخشاش دىيەرلىك، كەنت كادىرلىرنىڭ فورمۇلاسىغا چۇشمىگەن ھەرقانداق كىشى بوۋاي ، موماي، مېيىپ، نامرات بۇلۇشىدىن قەتتى نەزەر كاپالەت پۇلى ئېلىش مۇمكىن  ئەمەس. ئالغان تەغدىردىمۇ ئۇلارغا ھوكۇمەت بەرگەن  ئۇن، ماي، گۇرچ،قاتارلىقلارنىڭ ھىچقايسىسىنى ئالالمايدۇ . ماددى بۇيۇملار كادىرلارنىڭ شەخسى مۇلكى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . ھىچ ئەقلىم يەتمەيدۇ، ھوكۇمۇتىمىز دېھقانلارنىڭ شۇنچە كوپ قىيىنچىلىغىنى بىلىپ شۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن ياخشى سىياسەتلەرنى چىقاردى ، نۇرغۇن مەبلەخ چىقىرىپ يولىدىيۇ لىكىن شۇ پۇللارنىڭ كىمنىڭ چونتىگگە چۇشۇپ كىتىپ بارىدۇ ، ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قانداق دىگگەندەك نازارەتچىلىك تۇزۇمىدە يۇچۇقلار كوپمۇ قانداق؟ مۇناپىق، چىرىندى كەنت كادىرلىرى قاچانغىچە دېھقانلارنىڭ قېنىنى شورا؟ ھەرقېتىملىق ۋەكىللەر يىغىندا  ۋەكىللەر ئاغزى - ئغزىغا ، ھاياجان بىلەن شاللىرىنى چاچىرتىپ  دېھقانلار ئۇچۇن  مۇلازىمات قىلىمىز دىيشىدۇيۇ توۋەنگە چۇشۇپلا ئاتام ئېيتقان بايقى، لىكىن بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىننىڭ ئىلگىركى يىغىنلارغا قارىغاندا پەرىقلىق   تەرپىنى ھىس قىلدىم . بىرقەدەر ئەمىليەتكە ئۇيغۇن دەپ قارايمەن،  شۇڭا بۇ رەزىل چىرىندىخورلارنىڭ تاناۋىنى تارتىدىغان ۋاخ كەلدى دەپ قارايمەن ھەم يۇقۇرى دەرجىلىك رەھبەرلەرنىڭ بۇ ئىشقا ئەستاھىدىل مۇئامىلە قىلىشىغا ،نازارەتچىلىك تۇزۇمىنى كۇچەيتىشىگە چۇڭقۇر ئىشىنىمەن  .                  (مەنبە خام ماتىريال باي ناھىيە قىزىل يېزا)

توردىشىمىز كىرساينىڭ <<باغداش تورى>>دىكى يوللانمىسى...

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4645
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 275
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4075 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 04:43:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەقىنىڭ ھەقىنى يىيش شۇ ئادەمىنى ھەرگىز كۆكلەتمەيدۇ ..بۇنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمىزغۇ ؟ بۇنىڭ زىينىنى ھامانىم تارتىدۇ

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90896
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 215
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-1-30
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 05:04:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5021
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 05:16:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆرگۈنۈمنى دەپ ئۆتەي.مەن خوتەندىن بىزنىڭ بۇ يۇرۇتلاردىمۇ بەك كۆپ بۇنداق پۇل تارقىتىدىغان-ئالىدىغان ئىشلار.بىراق،كىم ئېلىۋاتىدۇ بۇ پۇللارنى...1. چوڭ يۈز ئابرويلۇق ھاجىلىرىمىز ئېلىۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە خوتەندە مۇشۇنداق پۇل تارقىتىدىغان ۋاقىتتا  قارايدىغان بولساق ھاجىلىرىمىزنىڭ ئاياللىرى ئۆچرەتتە تۇرۇپ كىتىدۇ.2.كەنىت،يېزا -بازار كادىرلىرى3. باي -غۇجاملار 4.تىلەمچىلەر5.شەھەرلىكلەر(يەنى شەھەردە ئولتۇرۇقى بار،تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار)... ئەمدى گەپ قىلغۇم يوق،سۈكۈتتە تۇراي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5021
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 05:21:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇنىڭ بېشى لاي بولسا ئايىغىمۇ لاي بۇلىدۇ.پارىخورلۇق ۋە نەپسانىيەتچىلىك "چوڭچى" جوڭگۇدا ئاتام زامان دىن تارتىپ ئودۇم ئوخشايدۇ. بۇ ئىشلانىڭ ئوڭشىلىشىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ...
ھەر مەخلۇقكى تونۇسا رەببىنى ...

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 943
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 166
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 05:25:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ بەزى بىر قوڭالتاقلارغا ئازراقلا مەنسەپ تېگىپ قالسا بولدى ئىشتانغا پاتمايدۇ، ھەتتا ياراتقان ئىگىسىنىمۇ تونۇمايدۇ بۇ كىسپۇرۇشلار..........  ھەقنىڭ ھەققىنى يەۋىرىپ ئاخىر بىركۈنى كۆتىدىن قان يېرىڭ ئاقىدىغۇ مۇ مەلئۇنلارنىڭ..........

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 بوش قارغاڭ،تاھارات با.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1069
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9770
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 449 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 05:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل تاپقانسېرى تاپقىسى كىلىدىغان ئوخشايدۇ.ھەتتا ئاشۇ بىچارېە نامرات دېھقان ئاجىز قىيىنچىلىقى بارلارغا بېرىلىدىغان ئازغىنە پۇلنىمۇ بوش قۇيىۋەتمەي چۆنتىكىگە سىلىپ.ئۇلار ئۇچۈن بۇ پۇل گازىر پۇرچاق پۇلى بولغان بىلەن ھەقىقى قىيىنچىلىقى بارلارغا نىسبەتەن قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدۇ بۇنىڭ بىلەن ھىساپلاشمايدۇ.

بۈگۈنكى تىرىشچانلىق ئەتىكى مۇۋەپپەقىيەت

چىدىماسلار يوقالسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3897
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 508 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 05:29:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنساپ كىمىيىپ كىتىۋاتىدىغان ئوخشايدۇ بۇ جەمئىيەتتە،

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3503
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11099
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 5020 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 05:56:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە مۇشۇ تۆۋەن كاپالەت پۇلى دىگەن نەرسە بىزگە نۇرغۇن زىيان ئىلىپ كەلدى.مەسىلەن:1.ئەسلىدىنلا ئۆز ئەمگىكىگە تاينىپ ھالال ياشاۋاتقان كىشلىرىمىز ئاشۇ ئازغىنە پۇلنى دەپ ئايدا چىقىدىغان مائاشىمىز بار دەپ تىرىشچانلىقىنى بۇشاشتۇردى،ئىشلەپ پۇل تىپىپ كەتسەم كاپالەت پۇلۇمنى توختىتىۋىتىدۇ دەپ سىرىقتال كۈن ئۆتكۈزۈشكە رازى بولدىكى ئۆز كۈچىكە ئەقىل پاراسىتىگە تاينىپ بىيىشنى ئويلاپمۇ قويمىدى،قەشقەردە ئىنىمنىڭ ئاچقان دۇككىنىغا ئايدا 1500سوم مائاش بىرىپ ئىشلىتىدىغانغا ئادەم چىقمىدى،يىزىدىكى نامرات دىھقانلارنى ئىزلىسىمۇ ئالىدىغان كاپالەت پۇلىمىز بار تۇرسا نىمە قىلىمىز جاننى قىيناپ دەپ ئۇنىمىدى،ئەمگەك كۈچى تاپماق تەسلىشىپ كەتتى،كىشلىرىمىز تىخىمۇ ھورۇن قاششاق بولۇپ كەتتى.
2.مۇشۇ پۇلنى قولغا كەلتۈرىمىز دەپ خوشامەتچىلىك ،تەخسىكەشلىك ئاۋۇپ كەتتى.
3.پۇلنى ئالغانلار مۇناسىپ شۇ پۇل بەرگۈچىلەرگە خىزمەت قىلىشى كىرەك دەيدىغان ئاڭ بولغاچقا ھەدىسىلا يامانغا يان تاياق بولىدىغان ئىشلار، چىقىمچىلىق ،ئوز-ئارا ئورىغا ئىتتىرىش ،بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىكتەك ئىللەتلەر باش كۆتۈرۈپ كەتتى..بۇنىڭغا مىسال كۆپ..ئالغۇم يوق..
4.نامراتلىق شۇ نامىرات كىشلەرنى قانداق قىلىپ قىيىنچىقىنى يىڭىشكە،بىيىشقا ئويلاندۇرىدىغان،كاللا ئىشلىتىشكە ،توختاۋىسىز ئالغا ئىلگىرلىتىشىكە ئۈندەيتى.بۇ كۈچ كىشلەرنىڭ روھى ئىڭىنى چىنىقتۇراتتى،شۇ كىشلەرنى تۇرمۇش قاينىمىدا تاۋلايتى،ئەمما كاپالەت پۇلى ئالغاندىكىن بۇ روھنىڭ كىرىكى قالمىدى،كاللىنى ئىشلىتىشنىڭ زۇرۈرىيتى قالمىدى.تىرىشىشنىڭمۇ ئورنى يوق،ئۈجمە پىش،ئاغزىمغا چۈش دەپ ياتسىلا بولىدۇ.
5.كاپالەت پۇلى نامىراتلارنى شۇ ئازغىنە پۇلنىڭ قولىغا ئايلاندۇردى،قۇلچىلىق ئىددىيسى كۈچەيدى،پۇلنى بەرگۈچىلەر ھاكاۋۇرلارچە پۇلنى بەرگەن بولسا،شۇ پۇلنى ئالغۇچىلار پۈكلىنىپ تۇرۇپ خوشامەت جىلۋىسىنى نامايەن قىلىپ  پۈكلەندى،شۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ كۈندە شۇنداق جىلۋىلەرنى كۆرىۋەرسە ،ئۇلارمۇ ئۈگىنىپ شۇنداق چوڭ بولمايدۇ دەپ كىم ئىيتالايدۇ؟..
6.ئولتۇرۇپ قالغان ئايپاتەملەر ئالىدىغان ئەر چىقسىمۇ ئەرگە تەگسەم كاپالەت پۇلۇمنى توختىتىۋىتىدۇ دەپ ئەرگە تەگمەي ئولتۇرىۋىرىدىكەن ......7.كىشلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىناقلىق مىھرى-مۇھەببەت سۇسلىشىپ كەتتى....8........يەنە ئىنتايىن جىق ...دىسەم گەپ تولا ...يىل بىشىدا ئابدۇكىرىم ئابلىز «زامان»سەنئەت كىچىلىگىدە تۆۋەن كاپالەت پۇلى توغرىسىدىكى ناتوغرا ئىشلارنى قامچىلاپ ناھايىتى قىزقارلىق ئىتۇت ئويناپتىكەن،مەن نەق مەيداندىن كۈرۈپ بەك قايىل بولغان،قالغىننى كۈپچىلىك بىرنىمە دەپ بىقىڭلار..

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
meyip.dos + 155 ماختاشقا تېگىشلىك
nazigul8 + 22 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 177   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1401
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 06:47:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باي ناھيسدە بەك زۇلۇم جىقكەن ، خەلقى شۇنچىۋلا يۇۋاش خەلىقمۇ ، نىمىشقا يۇقۇرىغا ئەرىز قىلمايدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش