|
|
|
|
يەر شارىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرىققي قىلىشىغا ئەگىشىپ دۇنيادىكى بارچە مىللەتلەر ئۈزىنىڭ مىللى خاسلىقىنى ھە دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە بىزنىڭمۇ بارچە مىللەتلەر قاتارىدا مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە تارىخىمىزنى نامايەن قىلىش ھۇقۇقىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىز بار تارىخ ۋە كىملىكىمىزنى نامايەن قىلىشىمىز ئۈچۈن ھەرقايسى بىلۇگ ۋە مۇنبەرلەردە تارىخقا ۋە مىللىي خاسلىققا ئىگە مەزمۇنلارنى كۆپرەك تەشۋىق قىلايلى!
1-جىدىن بىر ئادەمنىڭ سۆز ھەركىتىدىن ئۇنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشىمىز مۇمكىن شۇڭلاشقا ھەربىر گەپ سۆزىمىزدە باشقىلارغا مۇھتاج بولمىغان ئاساستا ئۆزتىلىمىزدا سۆزلەيلى ! باشقىلار ئالدىدا ئۆز ئارا سۆزلەشكەندە باشقىلارنىڭ تىلىنى ئارلاشتۇرمايلى (مەسىلەن تېلفۇن نۇمۇرى دىگەندەك) باشقىلار يېنىدا سىز ئۆز ئارا سۆزلىشىپ سان سىفىرلارنى باشقىلارنىڭ تىلىدا دىسىڭىز ئۇلار بىزنىڭ تىلىمىزدا دىمىسە بولارنىڭ سان سىفىرلارنى دەيدىغان تىلى يوق ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ ئۆزىدە بولمىغان ئادەم باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى خىجىللىقتا ئىشلىتىپ تۇرىدۇ ئەجداتلىرىمىز بىزگە ھەممىنى تۇلۇق قالدۇرۇپ كەتكەن شۇڭا باشقىلار ئالدىدا بىزنىڭ ھېچقانداق تىل قىسىمچىلىقىمىز يوق 2-جىدىن QQ ۋە مىكرو بىلۇگ ئىشلەتكۈچىلەر چۇقۇم ئىسىم قوللانغاندا ئۇيغۇر ئۆلچەملىك لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىڭ ! بۇنىڭدىن سىزنىڭ ھەرقانداق مۇھىتتا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭىز چىقىپ تۇرسۇن 3-جىدىن QQ ۋە مىكرو ئۇچۇردا خەت ئالاقە قىلغاندا چۇقۇم ئۆلچەملىك ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىڭ !
مەسىلەن تۈۋەندىكى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىغا ئوخشاش ! بۇنىڭدىن ئوخشاش بولمىغان سۆزلەرنىڭ ئوخشاش بولغان ھەرىپتە ئىشلىتىشتىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-8 04:07 PM
|
|
|
|
|
|