مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 691|ئىنكاس: 13

قىزارغان يوپۇرماق‹‹ئىزھار›› [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 01:51:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

yopurmak.jpg

قىزارغان يوپۇرماق
‹‹ئىزھار››

پەرىشان بولدۇم.
يەنىلا مىنىڭدە سېخىلىق بار.
سەن باھارنى ئەسلىتىپ،سەلىكىن  شاماللىرىڭنى باشلاپ دەرگاھىمغا كەلگىنىڭدە ،سېخىلىق بىلەن يوپۇرماقلىرىمىنى شاماللىرىڭغا سوۋغا قىلغان ئىدىم،ئەسلا يوقىتىش ھېس قىلمىغان ئىدىم.ئەپسۇس!بىلمەپتىمەن...سەلكىن شاماللىرىڭنىڭ كېلىشى ،بوران چاپقۇندىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن.ئاشۇ خۇشپۇراق سەلكىن شاماللىرىڭىنى باھارىم دەپ بىلىپ لەرزان سۆيىنىپ مەسىت بولۇپ ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن.

قېنى سەلىكىن!
قېنى مەيىن!
قىنى خۇش پۇراق!
قېنى سەن!
ھەممىسى تۈگىدى.
كەتتىڭ.
مەزگىللىك ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن.
ئەمما دەرگاھىمدا سوۋغا قىلغان جۇدۇن،بورانلىرىڭنى قالدۇرۇپ كەتتىڭ.دەرگاھىمغا سىنى باشلاپ،قەلىب دېرىزەمنى ئاچقىنىمغا ئۆكۈنىۋاتىمەن.مەن ئۆزەمنى ئۇنۇتقان ھالدا ھەممە -ھەممىنى ساڭا بېغىشلاشنى،ئۈزۈل-كېسىل تەغدىم قىلىشنى ئەلا بىلىپ خانەمگە كىرىشىڭگە ئىجازەت بەردىم،كىرىپ كەلدىڭ ،ئەمما سەن قوبۇل ئەيلىمىدىڭ،ھاجەتسىز دىدىڭ.ئەمدىلا ياشارغان بىر-ئىككى تال يوپۇرماقلىرىمنىمۇ بوش قويماي چەيلىۋىتىپ يوقالدىڭ.ئۆز-ئۆزەڭدىن پەخىرلىنىۋاتامدىغانسەن!

ساڭا،سەلكىن شاماللىرىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغىنىمنى كۆز يېشىم ئىچىدىن قايتا تېپىۋالدىم.
ناۋادا سەنلا بويرۇق قىلساڭ ھەممە-ھەممىدىن ئايرىلىپ ھوزۇرۇڭدا بولار ئىدىم.
ناۋادا سەنلا بويرىساڭ دەريا بويىغا بېرىپ مەڭگۈلۈك ئۇزاپ كېتەي.
كۆزلىرىم يىراقتىن سىنىڭ مەيىنلىكىڭگە ئىلتىجا بىلەن قاراپ تۇرماقتا.
بىلىمەن سەن ئەمدى كەلمەيسەن ،مەخسىدىڭ بولغان ئاشۇ ئىككى تال يوپۇرماقنى رەزىللەچە بورانلىرىڭ بىلەن ئۇچۇرۇپ سارغايىتتىڭ.
ئېسىڭدە بامۇ،مەن ئاشۇ بورانلىرىڭ ئىچىدە تۇرۇپ <يېشىل يوپۇرماقمۇ ھامان قىزىرىدۇ>دىيەلىدىم خالاس.
سەن ئاشىقىڭنىڭ بۇ سۆزىگە پەرۋا قىلمىدىڭ.
سىنىڭ تەبەسسۇمىڭنىڭ تەسىرىنى بىلدىم،بىلدۈردىڭ.زۇرمرەت يۇلتۇزۇمنى ئىزلەشكە قالدۇرۇپ قويغان،ئاجىز يورۇپ تۇرغان كىچىكىنە قەلىب شامىمنىمۇ بورانلىرىڭ بىلەن ئۆچۈرمەك بولدۇڭ.زۇمرەت يۇلتۇزۇمنى ئىزلەش يولۇمنى توسۇماقچى بولدۇڭ.مىنى قاراڭقۇ تۈن قوينىغا تاشلاپ قويماقنى ئەلا بىلدىڭ.بۇلارنىڭ سىنىڭ مەخسىتىڭ بولۇپ قالغانلىقىغا پەقەتلا ئەقلىم يەتمىدى.
گۈزەللىكىڭنى،خوشاللىقىڭنى،ھەسرىتىڭنى،ھارارەتلىك نۇرىڭنى مىنىڭ كىچىكىنە شەخسىي دۇنيارىمغا ئېلىپ كىرىپ، ئۆچەي دەپ قالغان ھاياتىمنى قايتا جۇلالىتىشنى ئۆزۈڭ ئېيىتقان ئىدىڭ.سەن ئارقاڭغا ياندىڭ.
ئېلاھى قەسىرىڭنىڭ پىنھان ئېشىكىنى ئېچىپ،مىنى تەكلىپ قىلغان ئىدىڭ.تەنھا،يالغۇز خانەڭگە شاملارنى يېقىپ شەخسىي دۇنيارىمىزنى قوشۇۋىتىپ پۈتۈنلۈكنى،بىرلىشىشنى،قوشۇلىشىشنى ئىيىتقان ئىدىڭ.

ئەپسۇس!

پەقەت تەڭرى ئالدىدىلا دىدارلىشىش ئىمكانىيىتىنى قالدۇرۇپ يوقالدىڭ.

سىنىڭدىن ھېچنىمە كۈتمەيمەن.پەقەت ئاخىرقى ئۆتىنىشىم زۇمرەت يۇلتۇزۇمنى ئىزلەش يولۇمنى ئەمدى توسۇمىغىن.زۇمرەت يۇلتۇزۇمنىڭ يۈرىكىمدە قايتا چاقنىشنى،يوپۇرماقلىرىمنىڭ قايتىدىن ياشىرىپ گۈل چېچەكنىڭ قەلبىمدە ئېچىلىشىنى،ۋۇجۇدۇمدا يالقۇننىڭ قايتا يېنىشىنى توساپ قويمىغىن.
يۇلتۇزۇمنىڭ كېچىلەردىن مىنى ئىزلەپ نازلىق ئويغىتىشىنى كۈزەتمىگىن!
مىنىڭ قانائەت ھاسىل قىلىشىمغا پەرۋا قىلمىغىن!

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئاپتۇرى:ئىزھار





تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-13 03:28 AM):
ياختۇرسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ                      ياختۇرمىسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 1047
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 12:39:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ئاچچىق بىرنى ئۇھ سېنىپ قويغۇن كېلىۋاتىدۇ.... تېمىڭىزغا رەھمەت .

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 01:45:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن يېزىپ بولغىچە،يېشىل يوپۇرماقنى قىزارتىپ بولغىچە قانچىلىغان قېتىم ‹‹ئوف››دىگەندىمەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 625
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10436
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1360 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 01:47:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن «ئۇھ» دېگۈدەككەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87888
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 01:49:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى چېقىپتۇ، بۇنىڭدا ھېچ ئۇف دىگۈدەك ئېش يوخكەن !تولا ئۇف دەۋەرسەك ئۆمرىمىز قېسقىراپ كېتىدۇ، شۇڭا  ئۇف دىمەڭ قېرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93816
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2014-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 01:51:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىسكىن ئاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 01:55:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى شۇنداق يىنىك، لىرىك چىقىپتۇ...  مەنمۇ بىلىپ بىلمەي «ئۇف....» دەپ سالدىم دىسە..
  
  تېمىللىرىڭىز بىر بىرىدىن سەرخىل~!  بۇندىن كېيىنكى قەدەملىرىڭىز تېخىمۇ قۇتلۇق بولغاي~ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   happy123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 01:55 PM  


كۈلكىللىرىمگە كۆز تەگمىسۇن

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 01:57:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەسەردىنمۇ بەكرەك ئۈستىگە چىقارغان رەسىمگە قىزىقتىم . قارىغاندا ps تىن خېلى ماھارىتىڭىز بار ئوخشايدۇ ھە ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 01:08:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 01:57 PM
مەن ئەسەردىنمۇ بەكرەك ئۈستىگە چىقارغان رەسىمگە قىزىقت ...

ماھارەت دىگىلى بولمايدۇ،قىزىقىشىم با شۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81163
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6007
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 244 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-9 02:38:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
happy123 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 01:55 PM
تىلى شۇنداق يىنىك، لىرىك چىقىپتۇ...  مەنمۇ بىلىپ بىلمەي  ...

رەھمەت سىزگە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش