ئەزالارنىڭ شىكايىتى
(ھېكايە)
كېچە، ئەتراپ جىمجت، مەلۇم مەكتەپنىڭ قىزلار ياتاق بىناسىدىكى جىمجىتلىتىن ئادەمنىڭ قورقۇسى كىلەتتى. تۇرۇپ–تۇرۇپ ئاڭلىنۋاتقان خورەك ئاۋازى ۋە جۆيلۈشلەر بولمىسا بۇ يەر خۇددى قەبرىستانلىقنى ئەسلىتەتتى. ئەنە ئاشۇ جىمجىتلىق ئېچدە بىركۆز ھە دەپ ياش تۆكۈۋاتاتتى. بۇنى كۆرگەن يەنە بىر قىزنىڭ كۆزى ئەجەپلىنىپ ئۇنىڭدىن سوردى:
–ساڭا نېمە بولدى قېرىندىشىم؟
بۇنى ئاڭلىغان ياش تۆكۈۋاتقان كۆز ياشلىرنى توختىتالماي:
–سورما،سورما، مىنىڭ بىشىمغا كەلگەن كۈن ئىنسان زاتىنىڭ بىشغا كەلمىگەي، ماڭا قاراپ باقە مەن ئۆزۈمگە ئوخشاپتىمەنمۇ؟ مۇشۇنداق ئارام ئالدىغان ۋاقىتىمۇ ئارام ئالالمىسام نېمە كۈن بۇ ماڭا؟
يەنە بىر كۆز ئۇنىڭغا تىكىلدىيۇ چۆچۈپ كەتتى.
–سەن بىزنىڭ قېرىندىشمىز كۆز بولامسەن؟قىنى سەندىكى گۈزەللىك؟ قىنى سەندىكى نۇرلار؟
ياش تۆكۈۋاتقان كۆز ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى:
–مەن بۇ رەزىل ئېنسانغا كۆز بولۇپ يارتىلغاندىن بىرى بۇ ماڭا كۆرمىگەن كۈننى كۆرسەتتى. كىچكىدىغۇ ئوسمىلارنى قويۇپ خىلى ئاسرايتى، كۆڭۈل بۆلەتتى لىكىن چوڭ بولغانسىرى ئالقانداق ئاچچىق ماڭا سۈرتۈپ كىرپىك ۋە قاش قېرىنداشلىرىمنى ئازاپلاپ قاتۇرۇپ يۈرىيدىغان قىلىقلارنى چىقىردىغان بولۋالدى.ئۆزۈڭمۇ بىلسەن قېرىندىشىم بىز نۇرغۇن ناشايان ئىشلاردىن ئۆزمىزنى تارتاتتۇق لىكىن قاش بىلەن كىرپىك قاتۇرۋىتىلگەچكە ئامال يوق قارايمەن. مەن كۆرگەن ئەۋرەتلەرنى، زىنالارنى ساناپ بىرەلمەيمەن. ئۆلگەن كۈنۈمدىكى يىلان–چايانلارنىڭ ئازابىنى ئويلاپ ياش تۆكۈۋاتمەن قېرندىشىم–دېدى كۆز ئۆزنى تۇتۋالالماي.
بۇنى ئاڭلىغان ھىلقى كۆز گەپ قىلىشقا تەمشىلۋىدى ئىغىز سۆزلەپلا كەتتى:
–نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ساڭا تەسەللى بىرەي دەپ ئويلايتىم لىكىن مىنىڭ ئازاۋىممۇ يىتىپ ئاشدۇ، بىلسەن ئككىمىز بۇ يورۇق دۇنياغا تەڭلا كۆز ئاچتۇق مەن ئەنە ئاشۇ ۋاقىتتىن بىرى ھەركەتكە كەپتىم توختاپ باقىنىم يوق، مەن ئويلايمەن شۇ ۋاقىتتا ئېگەم بەك قاتتىق ۋاقىراپ يىغلاپ كەتتى شۇ چاغدىن باشلاپ يوغناپ كەتىمىكىن دەيمەن. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئانا سۈتى بىىلەن تويۇنغان بولسام بۇ كۈنگە قالماس بولغۇيتۇم مىنى تۇغقان خوتۇن كۆكسۈم ئاغرىيدۇ يەي، مەن بەك ئورۇق سۈت چىقمايدۇ يەي دەپ يۇرۈپ نەلەدىن تىپىپ كەلدىكىن كالنىڭ سۈتى بىلەن ئىغىزلاندىم. ئېگەمنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى مەينەتلىكنى دىمسەن ھەيران قالسىلەر، نېمە تاپسا ماڭا بىرەتتى،ئالمايمەن دىسەم ئۇنماي زورلاپ تىقاتتى. ھە بوپتۇ بۇنى كىچىكلىك دەي دەپ ئولتۇرسام ئەمدىلىكتە چوڭ بولۇپ مەن تەمىنى تىتىمىغان نەرسە قالمىدى ھاراق،تاماكا، نىشە، كالپۇك يەنە......
–بولدى قىلغىن ئىغىز –دېدى ھىلقى كۆز– لىكىن سەن ئۆزۈڭگە ئوخشىمايلا قاپسەنغۇ؟
–نەرىنى دەي دوستۇم، بۇ رەزىل ئېنسان مىنى كۆز–كۆز قىلمەن دەپ ئالقانداق بوياقلارنى سۈرتۈۋەردى، ئىسدە بار يادىدا يوق بىرە قىتىممۇ يۇيۇپ قويمىدى، يەنە سىلەرگە كۆرسەتمەي دەپ تۇرغان ئۇكام چىشنىڭ ھالىنى دىمەيلا قوياي ئەگەر ھازىر ئازراقلا مىدىرلىسام سىلەر يىغلاپ تاشلايسىلەر، بۇ پۇراقنىڭ دەردىدە چىشمۇ ئۆزنىڭ دەردىنى ئۆزى بىلىپ ھۇشسىزلىنىپ ياتدۇ. مەن يارتىلغاندا ھەمدۇ–سانالار مەن ئارقىلىق تارقىتلاتتى، لىكىن ھازىر مەندىن ھەمدۇ–سانا ئەمەس غەيۋەت–شىكايەت تارقىتىلماقتا، مەن ئارقىلىق تارقىتىلغان غەيۋەت–شىكايەتلەر نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ بىشغا چىقتى، بۇنىڭ سورۇغنى قاچانمۇ تاتىپ بولارمەن ئەمدى؟–دېدى ئىغىز شۈمشەيگەن ھالدا.
قاتتىق يىغا ئاۋازىدىن ئەزالار چۆچۈپ ئەتراپىغا قاراشقا باشلىدى، بۇ ۋاقىتتا پۇت ئىڭرىغان ھالدا سۆزلەشكە باشلىدى:
–مىنى قۇتقۇزۋىلىڭلار! مەن ئەمدى ياشمايمەن، تويدۇم بۇنداق تۇرمۇشتىن؟
–ساڭا نېمە بولدى–دېدى ھىلقى كۆز
–مىنىڭ دەردىمنى بىلمەيسەن، مەنمۇ ئىغىز ۋە كۆز بىلەن ئۇرۇق–تۇغقان، ئۇلارنى زىناغا مەن ئاپاردىم، گۇناھ پاتقىقىغا باشلىدىم، تۇغۇلغان ۋاقتىمدا ھەمدىن ئارزۇلىقى،ئەركىسى مەن ئىدىم، كۈن بويى ئۇخلايتىم لىكىن چوڭ بولغانسىرى ۋەزىپەم ئېغىرلاشتى، ئۆزۈمنى كونتورول قىلالمايدىغان دەرىجىگە بىرىپ يەتتىم. قاۋاقمۇ–قاۋاق، دىبامۇ–دىبا ... ئىش قىلىپ بارلىق گۇناھلارنىڭ ئۇۋسىغا يۈگۈردۈم،ھازىرغىچە جەينىمازغا دەسسەپ باقىنىمنى بىلمەيمەن، ئۇنى ئاز دەپ ھەر خىل شەكىلدە شەكىلدە ياساندىم كىچىلىردىن باشقا ۋاقىتتا تاپنىمنى كۆتۈرگەن ھالدا ھەربى ھالەتتە يۈردۈم، ئۇنى ئاز دەپ نۇزەيكۇ دەمدۇ جىمىيكۇ دەمدۇ تار بىر ئېشتان كىيمەن تىنجىقتا، ئاخشاملىرى سالالمايمەن ئىنجىقتا، گايىدا ئاپپاق يوتام ھوزۇرلىندۇ ئاپتاپتا، گايى ھوزۇرلىنمەن ئەركەكلەرنىڭ شەھۋەت ئوتدىن. ئۇ ۋاقىتىكى كۆزلەرنىڭ نۇردىن خىجىل بولۇپ يوپكىلارنى تارتىپ باقمەنيۇ لىكىن يوتدىن ئاشالمايمەن، ئويلاپ بىقىڭلار قېرىنداشلار بۇ نېمە كۈن ماڭا؟ ئەمدى مەن قانداقمۇ ياشايمەن؟ ھۈھۈھۈھۈھۈھۈھۈھۈ......
ئۇنىڭ يىغسىغا باشقىلارمۇ جۈر بولۇشتى، بۇ ۋاقىتتا قول ئۇلارنىڭ ياشلرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ:
–بارچە دەرد مەندىلا بارمىكىن دىسەم سىلەرمۇ ئازاپلىنۋىتىپسىلەر–دېدى. بۇنى ئاڭلىغان كۆز:
سەندە نېمە دەرد بار دىگنە ئاڭلاپ باقايلى.
–مەن–دەپ سۆزنى باشلىدى قول– رەببىم ياراتقان ۋاقىتتا ماڭا ئلتىجا قىلسۇن دۇئا قىلسۇن دەپ يارتىلغانمەن لىكىن بۇ ياشقا كەلگۈچە دۇئاغا بىرىپ باقمىدىم، ياخشى ئىشلارنىمۇ قىلىپ باقمىدىم، ئەكىسچە كۆزنى، ئىغىزنى، پۇتنى ئاشۇنداق ياساندۇرۇشقا ئىشلىتىلدىم. يەنە بۇرۇنقى ھالىتىمنى رەڭگىمنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىم، كۈنگە خىلمۇ–خىل ياسنىمەن،خىنلەرنى قويۇپ يۈرۈيمەن، ئىش قىلىپ مىنىڭ تۇتۇپ باقمىغان نەرسەم ئاز قالدى،يەنە قانداق كۈنلەرنى كۆرەمەنكىنتاڭ؟
بۇنى ئاڭلىغان كۆز غەزەپ ئۇچقۇنلىرنى چاچرېتىپ:
–قېرنداشلار! بىز ئەرىز قىلايلى،بىزنى قۇتۇلدۇرۋالسۇن؟–دېدى. بۇنى ئاڭلىغان باشقا ئەزالار بىردەكلا:
–كىمگە ئەرىز قىلمىز؟
–بىزنى ياراتقان ئىگمىزگە، ئاللاھقا ئەرىز قىلايلى!!!
–توغرا شۇنداق قىلىش كىرەك– ھەممە ئەزالار سۆزلەشكە باشلىدى، بۇ ۋاقىتتا قۇلاق:
–قېرىنداشلىرىم مىنمۇ ئىلۋىلىڭلار مەنمۇ ئەرىز قىلمەن؟
–نېمە–دېدى كۆز ھەيران بولۇپ–سەن نېمگە ئەرىز قىلسەن؟
–مەن–دەپ سۆزنى باشلىدى قۇلاق–ئەسلى ئاللاھنىڭ زىكىرلىرنى ئاڭلاشقا، ئەزان ئاۋازلىرنى ئاڭلاشقا يارتىلغان،لىكىن مەن بۇ ۋاقىتقىچە ئۇنداق ئاۋازلارنى ئاڭلاپ باقمىدىم، ئاڭلاپ قالغۇدەك بولسام يولۇرۇمغا توساقلار قۇرۇلدى ئغىز–بۇرنۇمغا يۇملاق نەرسىلەر تىقىلدە نەغمە–ناۋا باشلاندى. مەن جۈر بولمىغان نەغمە–ناۋا،غەيۋەت–شىكايەتلەر قالمىدى، كۈنمۇ بۇ شۇڭا مىنمۇ ئالغاچ كىتىڭلار؟
كۆز بۇنى ئاڭلاپ قولنى ئۇنىڭغا سۇندى دە ھەيرانلا قالدى:
–قىنى سەندىكى لاتاپەت؟ قىنى ئۇ گۈزەل ھۆسنۈڭ؟ نېمە بۇ ھالقىلار؟
قۇلاق بۇنى ئاڭلاپ ئۆزنى تۇتۋالالماي يىغلاپ كەتتى:
–بۇ رەزىل ئېنسان ئۆزنىڭ ھۆسنىنى نامايان قىلمەن دەپ ماڭا ھەدىدىن ئارتۇق تۆمۈرلەرنى ئارتىۋەتتى تىخى بىر نەچچە يىرىمدىن تۆشۈكلەرنىمۇ ئاچتى، ھەر خىل مىخلارنى قاقتى ئامال يوق قاراپ تۇردۇم، سوزۇلدۇم شۇنىڭ ئۈچۈن مىنمۇ ئالغاچ كىتىڭلار قېرىنداشلار! سىلەردىن ئۆتۈنۈپ قالاي؟
ئەزالار قاتتىق دەر–غەزەپكە كەلگەن چىغى ھىلقى كۆزگە قاراپمۇ قويماي ئەرىز ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.
ياتاق بىناسىدىكى بۇ جىمجىتلىق تاڭ سەھەرگە يىقىن بۇزۇلدى، مەكتەپ ئىچدە ساقچى ماشىنللىرى ھۇقىرايتى. بىر ياتاقتىكى مەلۇم بىر قىز نېمە سەۋەپتىنكىن ئەيتاۋۇر ئىغزى تارتىشقان، كۆزلىرى ساڭگىلغان،پۇت–قوللىرى ئېقىشقا باشلىغان ھالدا جان ئۈزگەن بولۇپ ئۇنىڭ بەدىنىدىن چىققان سىسىق پۇراق بىنانى بىر ئالغان ئىدى، دوختۇرلار ئۇنى ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭغاندا ئۇنىڭغا بىر نەرسە تىكىلگەندى ئۇ بولسىمۇ كېچىدىكى ئىشلارنىڭ بىردىن–بىر شاھىدى بولغان ھىلقى كۆز ئىدى.
مەنبە:ئۆزۈم ئوۋچى
2013يىلى 4 ئايىڭ 7 كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا owqi450 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-7 09:34 PM