رۇزا تۇتۇپ ئىچىمدە ھېيت ئوينايمەن تېشىمدا،
بىراۋلارغا ھەرگىزمۇ كۆرسەتمەيمەن يېشىمنى.
ھەۋەس بىلەن قارايدۇ تېخى بەزى تۇنۇشلار.
ھېچ دىمەيمەن ئۇلارغا دىلىمدىكى ھەسرەتنى.
رۇزا تۇتۇپ ئىچىمدە ھېيت ئوينايمەن تېشىمدا.
خاراكتىرىم شۇ ئىكەن دىگۈم كەلمەس سىرىمنى.
شۇڭا كۈلۈپ يۈرىمەن، كۆز يېشىمنى يۇشۇرۇپ.
بىر ئاللاھتىن تىلەيمەن بىرەر چۇقۇم بەختىمنى.
رۇزا تۇتۇپ ئىچىمدە ھېيت ئوينايمەن تېشىمدا،
كىملەر دۈشمەن كىملەر دوست بىلەلمەيمەن پەقەتلا.
شۇڭا تەنھا يۈرىمەن، يالغۇزلۇقنى خالايمەن.
ھەسرىتىمنى سۆزلەيمەن پەقەت مۇشۇ شېئىردا.
مەنبە: ئۆزۈم