ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرگەن پادىشاھ
Aziz nesin
بىر ۋاقىتلار بىر دۆۋلەتتە ناھايىتى ھىلىگەر ۋە قۇۈ بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ ناھايىتى مەككار ۋە قانخور بىر پادىشاھ بولغانلىقى ئۈچۈن ئىزتىراپ ئىچىدە ياشىغان بولغاچقا ئوردىسىدا خاتىرجەم تۇرالمايدىكەن. ئۇ داۋاملىق قىلىق، قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ خەلق ئىچىگە سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزى توغۇرلۇق نىمە دىيىشىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرىدىكەن.
كېيىنكى كۈنلەردە دۆۋلەتنىڭ ئەھۋالى خاراپلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا پادىشاھ خەلقىنىڭ ئۆزى توغۇرلۇق ئېيتىلىۋاتقان ناچار سۆزلەرنىڭ كۈندىن- كۈنىگە كۆپىيىۋاتقانلىغىنى بىلىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ بازارلارنى ئايلىنىوپ يۈرۈپ، ئۆزى داۋاملىق كېلىپ، كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىىنى ئاڭلايدىغان چايخانىغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ شۇنداق دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپتۇ:
- پادىشاھنى يەر يۈتسۇن.
- قۇرۇپ كەتسۇن بۇنداق پادىشاھ.
بەكمۇ ھىلىگەر بولغان پادىشاھ كىشىلەر تۇپىغا قوشۇلۇپ، ئۆزىنى تىللاشقا باشلاپتۇ:
- يەردىن- يەرگە ئۇرۇلۇپ، سۆرۈلۈپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قان قۇسۇپ ئۈلسەڭ، بىزمۇ سەندىن قۇتۇلساق.
يەنە بىركۈنى پادىشاھ قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ شەھەردىكى بىر چايخانىغا كىرىپتۇ. بۇ چايخانىدىمۇ كىشىلەر پادىشاھنى تىللاۋاتقان ئىكەن. پادىشاھ ئۇلارغا،- « سىلەر پادىشاھنى نىمىشقا بۇنداق ھاقارەت قىلىسىلەر» دەپ سوراپتۇ. ئۇ كىشىلەردىن بىرسى ئاچچىغىدا ۋاقىراپ تۇرۇپ شۇنداق دەپتۇ:
نىمىشقا تىللىمىغۇدەكمىز؟ خەلقىمىز ئىشسىز، ئۆز ۋەتىنىدە ئىشسىزلىقتىن ئاچ قېلىپ، قىرىلىپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆز ۋەتىنىدە ياشىيالماي، مۇساپىر بولۇپ باشقا دۆۋلەتلەرگە چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. پۇلدار، ھوقۇقتار كىشىلەرنىڭ ئىشىكلىرىگە تەلمۈرۈش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدىغان ھالغا كەلدۇق. شۇ چىگرالار ئېچىلسا، باشقا دۆۋلەتلەر بىزنى ئىشچىلىققا قۇبۇل قىلسا، ھەممە ئادەم قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇ دۆۋلەتتە قېرى، ئاجىز، مېيىپ ۋە بالىلاردىن باشقا ھىچكىم قالمايدۇ.
ئۇ كىشىلەردىن يەنە بىرسى قوپۇپ شۇنداق دەپتۇ:
ھەممە نەرسە قول كۆيدۈرگىدەك قىممەت... ياشاش كۈندىن- كۈنىگە تەسلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. مال باھاسى ھەر كۈنى ئۈسۈپ كىتىۋاتىدۇ. كىشىلەر ئارقا- ئارقىدىن دەردىنى تۆكۈشكە باشلاپتۇ.
- ئارقا ئىشىك قىلساڭ ئىشىڭ ئىش بولىدۇ، قىلالمىساڭ ھىچنىمە يوق. «پارا» ئېلىشقا «سوغا» دەپ ئىسىم بەردى. پۇلىمىزنىڭ قىممىتى كۈندىن كۈنىگە تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ. سېتىلدۇق ئۈچ تىيىنگە، قەرز بولدۇق ئۇچقان قۇشقا. ... . ھېلە سۇ يوق، ھېلە توك. ھېلە گاز توختىغان، يەنە تۈك يوق. تاپقان گازلىرىڭ يېقىلماس، يېقىلغانلىرى پارتىلار، بۇمۇ يەتمىدى، پادىشاھغا تۆلەيدىغان ئالۋاڭ- ياساق، باجلارنىڭ كۆپلىكىنى دېمەيسىز. خەلقنىڭ ھالى نىمە كۆرىدىغان، سورايدىغان ئادەم يوق. ئۆي ئىجارىسىنىڭ قىممەتلىگى، كىشىلەر ئۈمۈتسىز، ھەممە ئادەم بۇرۇختۇرمىچىلىق ئىچىدە... .
خەلق پادىشاھنىڭ كەلسە كەلمەس قالايمىقان قانۇنلىرىنى ساناپمۇ تۈگۈتەلمەيتتى.
قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ خەلقنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرغان مەككار پادىشاھ ئۆزىنىڭ پادىشاھلىغىنىڭ بىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنى تىللاشقا باشلىدى:
- ئۇ زالىم پادىشاھنىڭ ئىككى كۆزى كور بولسۇن!...
پادىشا ئۆزىنى ئۆزى كۈچەپ تىللاۋەرگەچكە خەلق ئۇنى ئۆزلىرىدىن بىرسى دەپ ھېساپلاشقا باشلىدى.
يەنە بىركۈنى پادىشاھ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ خەلق ئىچىگە كىرگەندە شۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلىدى:
- ئەمدى بۇنداق كېتىۋىرىشكە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.
- بۇنداق كېتىۋەرسە ھەممىمىز ھالاك بولىمىز.
- بىر چىقىش يولى تېپىشىمىز كېرەك.
بىر كۈنى پادىشاھ يەنە قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، يۈشۈرۈنچە ئوردىسىدىن چىقىپ بىر مىھمانخانىغا كەلدى. پادىشاھ بۇ مىھمانخانىدا ياشلارنىڭ يىغىلىشىپ پادىشاھنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر يول تېپىش ئۈچۈن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىۋاتقانلىغىنى ئاڭلىغان ئىدى. پادىشاھ قىممەتلىك سوغىلار تەغدىم قىلىپ، مىھمانخانا خوجايىنىنى ئۆزىنىڭ ئادىمى قىلىۋالغان ئىدى. بۇ خوجايىن ئۆزىگە مەرتلەرچە نۇرغۇن قىممەتلىك سوغىلار بەرگەن كىشىنىڭ ھىلىگەر، زالىم پادىشاھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇنى مىھمانخانىدىكى ياشلارغا تۇنۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پادىشاھ ئۇ ياشلارنىڭ مەخپى يىغىنىغا قاتناشتى. ياشلار زالىم پادىشاھنى ھاقارەت قىلىشاتتى، پادىشاھ ئۆزىنى ئۆزى ئۇلاردىنمۇ بەكەرەك تىللايتتى. ياشلار بىرنى تىللىسا پادىشاھ بەش قېتىم تىللايتتى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھ ياشلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. ئاخىرى پادىشا ئۇلارغا:
- دوسستلار، سىلەر تامامەن ھەقلىق سىلەر. ئەمما گەپنىڭ قولىدىن بىر ئىش كەلمەيدۇ. قۇرۇق گەپ بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدۇ. ئەمىلى بىر ئىش قىلىشىمىز كېرەك... .
ياشلار،
- نىمىش قىلىشىمىز كېرەك دەپ سورىدى.
پادىشاھ،
- بۇ زالىم پادىشاھنى تەخىتتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەخپى بىر تەشكىلات قۇرۇشىمىز كېرەك.
ئۇ مەيدانغا جەم بولغان ياش ئىشچىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار... بۇ تەكلىپنى توغرا تاپتى. پادىشانى تەخىتتىن چۈشۈرۈش ئۈچۈن مەخپى بىر تەشكىلات قۇرۇشتى. زالىم پادىشاغا ئەڭ قارشى بولغان بۇ كىشىلەر پۇخراچە كىيىنىۋالغان زالىم پادىشانى بۇ تەشكىلاتنىڭ پاشلىغى قىلىپ سايلاپ چىقىشتى. شۇنداق قىلىپ زالىم پادىشا ئۆزىنى ئۆزى ئاغدۇراتتى. پادىشاھ ياشلارغا،
- تەشكىلاتىمىز ئۈچۈن پۇل لازىم. ئالدى بىلەن باڭكىلارنى بۇلايسىلەر ئارقىدىن بايلارنى بۇلايسىلەر دېدى.
ياشلار تەشكىلاتنىڭ باشلىغىنىڭ بۇيرۇقىنى ئۇرۇنلاشقا باشلىدى. باڭكىلار بۇلىنىشقا، بايلار تۇتقۇن قىلىنىپ، پۇل- ماللىرى بۇلاپ كېتىلىشكە باشلىدى. پادىشاھ مەخپى تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغانلىغى ئۈچۈن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىچىگە ئۆزىنىڭ ئىشپىيۇنلىرىنى، مۇخپىرلىرىنى، ئىنسان قىلىغىدىكى ئىتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. قايسى باڭكىنىڭ قاچان بۇلىنىدىغانلىقىنى، قايسى باينىڭ تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى پادىشا ئالدىن بىلەتتى. شۇڭا ياشلار نەق مەيداندا تۇتۇلۇشقا ھەتتا بەزىلىرى ئۆلۈشكە باشلىدى.
خەلق، خەلقنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن بۇلاڭچىلارغا، بايلارنىڭ دۈشمىنى بۇلاڭچىلارغا قارىتا غەزەپلىنىشكە باشلىدى. زالىم پادىشاغا قارشى كىشىلەرنىڭ ئۆچمەنلىكى ئەمدىلىكتە ئىشچى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى... لاردىن تەركىپ تاپقان بۇ بۇلاڭچىلارغا قارىتىلىشقا باشلىدى. پادىشاھ بارلىق خەلقلەرنىڭ نەپرىتىدىن تەلتۈكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تەسىرى كۈچلۈك بولغان باشقا يول ئىزدەيتتى. بىر كېچىسى پادىشا تەشكىلات ئەزالىرىغا،
- بىز بۇ زالىم پادىشاھنى بۇنداق قىلىپ يۈرۈپ تەختتىن چۈشۈرەلمەيمىز دېدى.
دۆۋلىتى ۋە خەلقىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە رازى بولغان بۇ كىشىلەر، ئانداق بولسا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك دەپ سوراشتى.
پادىشاھ،
- قۇلۇڭلاردىن نىمە كەلسە شۇنى قىلىشىڭلار، ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈشىڭلار، تەشۈىقات ۋارىقى چىقىرىپ تاملارغا چاپلىشىڭلار، كىتاپلار نەشىر قىلىپ تارقىتىشىڭلار، بىزگە قارشى بولغانلارنى ئۆلتۈرۈشىڭلار كېرەك! دېدى.
تەشكىلات ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەقىللىق كىشىلەر پادىشانىڭ بۇ بۇيرۇغىنىڭ بەكمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، پادىشاغا قارشى چىقماقچى بولغان بولسىمۇ تەشكىلات ئىچىگە سىزىپ كىرىۋالغان پادىشانىڭ ئادەملىرىنىڭ يالغان- ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن يىتىم قالدۇرۇلدى. ئۆلتۈرۈش، كۆيدۈرۈش، بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش... لار باشلاندى. ئەمدىلىكتە بولسا خەلق زالىم پادىشانى ئۇنۇتقان بولۇپ، ھەممە كىشى دېگىدەك بۇ بۇلاڭچى قاتىللارنى قاغاشقا باشلىدى. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ پادىشاغا بولغان نارازىلىق تۇلۇق بېسىقمىغان ئىدى.
پادىشاھ ئوردىسىدىكى ۋاقىتتا بولسا،
- دۆۋلىتىمىزدە قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچىلارنىڭ باشلىرى ئېزىلىدۇ دېيتتى، ئەمما قىلىق، قىياپەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولغان ۋاقىتتا بولسا تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇ بىركۈنى تەشكىلات ئەزالىرىغا،
- بىرادەرلەر، بىز ئۇ زالىم پادىشانى ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ قۇتۇلالمايمىز دېدى.
ياشلاردىن بىرسى،
- ئۇ بەدبەخت پادىشانىڭ نۇرغۇنلىغان مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلىرى بار، ئوردىغا قانداق كىرەلەيمىز؟ دېدى.
پادىشاھ،
- سىلەر ئۇ ئىشنى ماڭا قويۇپ بىرىڭلار. مەن ئۇ زالىم پادىشانى ئۆلتۈرىدىغان پىدائىلارنى يۇشۇرۇنچە ئوردىغا باشلاپ كېرىشكە مانا مەن مەسئۇل... دېدى. تەشكىلات پادىشانى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. پادىشا بولسا دۆۋلىتىدىكى ئەڭ ئۇستا ھەيكەل تاراشنى تاپتۇرۇپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ھەيكىلىنى خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش قىلىپ مومدىن ياساپ چىقىشنى بۇيرىدى. ھەيكەل خۇددى پادىشاغا ئوخشايتتى. ئۇ ھەيكەلگە پادىشانىڭ كىيىملىرىنى كەيدۈردى. بېشىغا ئۈچ تۇغلۇق پادىشانىڭ تاجىنى كەيدۈردى. ئىچىنى تۇخىنىڭ قېنى بىلەن تولدۇرۇپ پادىشانىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.
پادىشا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كېلىدىغان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئۆتىدىغان يوللىرىدىكى نۆۋەتچىلەرنىڭ ۋە يېقىن ئەتراپتىكى گۈللۈك، باغچە، مەيدانلاردىكى نۆۋەتچىلەرنىڭ ئورنىنى بوش قالدۇردى. ئۆزى بولسا پادىشانى ئۆلتۈرىدىغان مەخپى تەشكىلات پىدائىلىرىنىڭ باشلىقى بولدى.
پادىشاھ، قېنى بىرادەرلەر ئاشۇ زالىم، بەدبەخت پادىشانى ئۆلتۈرەيلى!... دېدى.
بۇلار مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئوردىنىڭ ئىچىگە كىردى. ھىچقانداق ئەسكەرلەر بىلەنمۇ قارشىلاشمىدى. ئۇدۇل بېرىپ پادىشا قەسىرىگە كىردى. پادىشا تەختىدە ئولتۇراتتى. پۇخراچە ياسىنىپ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولىۋالغان پادىشا تەختتە ئولتۇرغان مومدىن ياسالغان پادىشاغا قاراپ،
- مەلئۇن، بەدبەخت! دېگىنىچە قېلىچىنى قېنىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ پادىشاغا قاراپ ئېتىلدى. بوينىغا بىر قېلىچ ئۇرۇش بىلەن پادىشانىڭ بېشىنى تىنىدىن جۇدا قىلدى. پادىشانىڭ كېسىلگەن بوينىدىن ئاققان قان ئەتراپقا يېيىلىشقا باشلىدى.
ياشلار،
- قۇتۇلدۇق، قۇتۇلدۇق! دېگىنىچە سۈيۈنچىدىن ۋاقىرىشىپ بىر- بىرىنى قۇچاقلىشىپ تەنتەنە قىلىشتى.
ياشلار مەخپى تەشكىلاتنىڭ بۇ قەھرىمان باشلىقىنى بوش قالغان تەختكە ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلىپ سايلىدى. شۇنداق قىلىپ پادىشا ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرۈپ، ئۆزىدىن بوش قالغان تەختتە ئۆزى ئولتۇرغان بولدى.
شەھەرگە تارقالغان ياشلار، بىر بەدبەخت پادىشادىن قۇتۇلدۇق. ئادالەتلىك دۆۋلەت قۇرۇمىز! دىيىشىپ غەلبە تەنتەنىسىدىن مەسخۇش بولغان ھالدا قىقاس، چۇقان سېلىشتى.
خەلقنىڭ دۈشمىنى ئېلان قىلىنغان پادىشاھ يېڭىدىن خەلقنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرگەن پادىشاسىغا ئايلاندى.
بۇ مەسەل ھەممە دۆۋلەتلەرنىڭ تارىخىدا دېگىدەك بىر قېتىم يۈزبەرگەن . تارىخى كىتاپلاردا بۇ مەسەل توغۇرلۇق شۇنداق خاتىرەلەر بار:
«بالىلار! سىز سىز بولۇڭ، ئورنىغا قويىدىغان يېڭىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلمەي تۇرۇپ كونىسىنى تىگىشتۈرىمەن دېمەڭ! بولمىسا يېڭى ھېساپلىغان نەرسىڭىز يەنىلا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىۋالغان كونىسى بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا بولسا، ھەممە نەرسە كونىسىدىنمۇ بەتەر بولۇشقا قاراپ يۈز تۇتىدۇ.»
مەنبەسى، تۈركىيە يازغۇچىسى Aziz nesin ئەسەرلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى.