مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 778|ئىنكاس: 12

يامان مۇخبىر .. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 546
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 04:15:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(ھېكايە)

پولات ئاماننۇرى




مەھەللە دوقمۇشىدىن قايرىلىپ، سەل نېرىراقتىكى گېزىت تاختىسىنىڭ يېنىدا گېزىت كۆرۈۋاتقان سۇلايمىنىكامنى كۆرۈپ قالدىم. ئەزەلدىن گېزىت بىلەن خۇشى يوق سۇلايمىنىكامنىڭ گېزىت كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، سەل ھەيران بولدۇم. «بۇنچە قىزىقىپ نېمە خەۋەر كۆرۈۋاتقاندۇ؟» دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزۈپ، سۇلايمىنىكامنىڭ يىنىغا باردىم.

— ئوھۇي، سۇلايمىنىكا. بۈگۈن كۈن نەدىن چىققاندۇ؟ سېنىمۇ گېزىت بار يەردىن تاپقىلى بولىدىكەن-ھە! — دېدىم مەن چاقچاق قىلىپ.

— ھەي، ئۇكام. ئاچچىقتىن يېرىلىپ كېتەيلا دېدىم.



سۇلايمىنىكامنىڭ ئەلپازىدىن خاپىلىق تېپىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى. «سۇلايمىنىكامنىڭ چىرايى ئەجەپ تۇتۇلۇپ كېتىپتۇ-يا، ئۇنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغۇدەك زادى قانداق خەۋەر بېسىلغاندۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ، گېزىتنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە كۆز يۈگۈرتتۈم.

— سۇلايمىنىكا، زادى نېمە ئىش بولدى؟ — دېدىم مەن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي.

— ماۋۇ ئادەمنى تونۇدۇڭمۇ؟ — دېدى سۇلايمىنىكام بىگىز بارمىقى بىلەن گېزىتنىڭ مەلۇم بىر يېرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.

— «پاكىز شەھەر بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىر قىسىم كىشلەر يەنىلا ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋاتىدۇ»، بۇ رەسىمدىكى كىشى ئەجەپ تونۇش چىرايغۇ؟

— بۇ تونۇش چىراي دەل مەن. ئەتىگەن ئۇدۇل قوشنام «گېزىتكە چىقىپسەن» دېۋىدى، چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

سۇلايمىنىكامنىڭ سۆزىدىن چۆچۈپ، رەسىمگە سىنچىلاپ قارىدىم. رەسىمدىكى باش پىرسوناژ سودا ساراي ئالدىغا قويۇپ قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، گازىر چېقىۋاتقانىدى. ئۇ دەل سۇلايمىنىكام ئىدى.

— قايسى كۈنى ئىكەنلىكى تازا ئېسىمدە يوق. ھەدەڭ بىلەن بازارغا چىققان. ھەدەڭ «مايكا كۆرۈپ قويغانىدىم» دەپ سودا-سارايغا كىرىپ كەتتى. ئىچىم پۇشۇپ، گازىرچى بالىدىن بىر سوملۇق گازىر ئېلىپ چاققاچ ئولتۇرغانىدىم. كۆرمەمسەن، بىردەمدىلا گېزىتكە چىقىپتۇ. سۈرەت ياندىن تارتىلغاچقا، ئانچە چېنىپمۇ كەتمەپتىمەن.

سۇلايمىنىكام سۆزلەۋىتىپ ئۆزىچە كۈلۈپ كەتتى. مەنمۇ كۈلۈپ قويدۇم. سۇلايمىنىكام ئۆزىنىڭ گېزىتكە چىققانلىقىنى كۆرۈپ خۇشلىقىدا كۈلدىمۇ ياكى ئۆزىنى مەسخىرە قىلىپ كۈلدىمۇ بۇنى تازا چۈشىنەلمىدىم. «سۇلايمىنىكام بۇ ئىشتىن ساۋاق ئالسىلا بولدىغۇ» دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم.

ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ كەتتى. بىر كۈنى سىرتتىن يىنىپ ھويلىغا كىرسەم، سۇلايمىنىكام يۈگۈرگىنىچە يىنىمغا كەلدى.

— ئۇكام، سەن كۈندە گېزىت كۆرۈپ تۇرىسەنغۇ-ھە؟

— نېمە بولدى؟ يەنە گېزىتكە چىقىدىغان ئوخشىمامسەن؟

— ھەدەڭ قايسى كۈنى گېزىتكە چىققانلىقىمنى كۆرۈپ، سەل ئەندىشە قىلىپ قالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كوچىدا بىر كىشىگە پال ئاچقۇزغانىكەن. ھازىر مۇخبىرلار يامان بولۇپ كىتىپتۇ، «بىر قىسىم كىشلەر يەنىلا پالدىن بېرى كېلەلمەيۋاتىدۇ» دەپ ھەدەڭنىڭ سۈرىتىنى قوشۇپ گېزىتكە چىقىرامدىكىن دەيمىنا.

— نېمە؟

مەنبە :چەبدەس مۇنبىرى. بۇ ھېكايە يەنە («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 2012-يىل 29-مارت سانىدا ئېلان قىلىنغان)



ئاللاھىم سەن ھەممىگە قادىرسەن ،ھەممىنى كۆرۇپ تۇرغۇچىسەن.

تەن ساقلىق،زور ب

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20458
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6495
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 1130 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 06:58:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ راس جۇمۇ...........

مىللەت قورالدا ئەمەس سۈكۈتتە قىرىلىدۇ!

ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4116
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1744 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 07:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى ما ھىكاينى ئۇقۇپ ئىختىيارسىز كۇلۇپ كىتىپتىمەن

كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ“ (سۈرە«زەلزەلە»، 7-، 8-ئايەت)

تەن ساقلىق،زور ب

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20458
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6495
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 1130 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 07:12:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر ئەھلى،سىلەردىن سوراپ باقاي،مەن نىمىشقا تىما يازالمايمەن؟ دائىم تەستىقتىن ئۆتمەيدۇ،ناچار تىمىلار ئەمەستى يازغانلىرىم،بلمىدىم سەۋەبىنى.

مىللەت قورالدا ئەمەس سۈكۈتتە قىرىلىدۇ!

مۇز ئەرۋاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 181
يازما سانى: 357
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 30539
تۆھپە نۇمۇرى: 424
توردا: 1620 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 07:21:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسا بىزنىڭ مۇخبىرلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق بولغان بولسا، مەدەنىيەتسىزلىك، ئادىلسىزلىق ئىشلىرىنى قورقماي گېزىتكە چىقىرالايدىغان بولسا ياخشى بولاتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3458
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 26864
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5049 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 07:26:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MUTU22 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 07:12 PM
مۇنبەر ئەھلى،سىلەردىن سوراپ باقاي،مەن نىمىشقا تىما يا ...

ئارقا ئىشىك قىلىڭ

تىما يوللىغاندا ئۆزىگە خاس سەھىپىگە يوللىغاندىن باشقا كىلىش مەنبەسى ۋە ئىملانىڭ توغرا بولىشىغا كاپالەتلىك قىلسىڭىز چوقۇم تەستىقلىنىپ چىقىدۇ .
يەنە بىرگە سېرىق ، قانۇنغا مۇخالىپ بولغان تىمىلارنىمۇ تەستىقلىماسلىقى مومكىن .

كۆڭلى چۈشسە ئىشەك دىمەي كۆيۈپ قالار بەلكى كىشى ،
قىزغىنامدۇ شۇ ئىشەكتىن بەزىلەرنىڭ نىمە ئىشى .
...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5069
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 846 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 07:26:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمسىمۇ راست

ئۆزياش←شېئىر ئىشقىدا يانغان يۈ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 617
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5913
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 297 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 08:28:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھا,ئاخىرقى جۈملە ھېكايىنى تېخىمۇ قىزىقارلىق قىلىپتۇ.

شېئىر ئۇ شائىرنىڭ چىن ھېسسىياتى،
شېئىرغا مۇجەسسەم  چىنلىق  ھەقىقەت.
شېئىر ئۇ كۆڭۈلگە ھۇزۇر بەرگۈچى،
شۇڭا مەن شېئىرنى قىلىمەن ھۆرمەت.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93949
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 146
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2013-3-27
ئاخىرقى: 2013-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 11:24:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

armanim120@hotmail.com

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2006
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13640
تۆھپە نۇمۇرى: 451
توردا: 2771 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 05:56:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izdaxco يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 11:24 PM
يامان مۇخپىر ..

   

ھەر بىر تىمغا ئېلان قىستۇرۇپ زىرىكمىدىڭلىما؟!   مەن چېغىمدا ئالامەت زىرىكتىم ئاۋۇ ئېلانلاردىن .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش