|
|
|
|
1. يولۋاس ناملىق تانكا <گىرمانىيە>
يولۋاس گىرمانىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ۋەكىل خارەكتىرلىك تانكىلىرىدىن بىرى ھىسابلىنىدۇ.بۇ تانكىنىڭ ئىغىرلىقى 57توننا،5ئادەم باشقۇردىغان بۇلۇپ ئىغىر تىپلىق تانكىغا كىرىدۇ.ماتورى700ئات كۇچىگە ئىگە،ئەڭ تىز سۇرئىتى 45كىلومىتىر\سائەت،ئالدىغا8خوت،كەينىگە4خوت،زەنجىرىنىڭ كەڭلىكى72.5سانتىمىتىر بۇلۇپ،ئەڭ قىلىن قوغدىنىش پولاتنىڭ قىلىنلىقى 11سانتىمىتىرغا يەتكەن.8.8سانتىمىتىر كەڭلىكتىكى كالبىرلىق زەنبىرىگى 2000مىتىر يىراقلىقتىن 11سانتىمىتىر قىلىنلىقتىكى ھەرقانداق پولاتنى تىشىپ ئۆتەلەيدۇ.بۇ تانكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا جەمئىي1354نى ياسالغان.
2.سىتالىن-3 <روسىيە>
روسىيە يولۋاس ناملىق تانكىغا قارشى تۇرۇش ئۇچۇن ياسىغان تانكىلىرىنىڭ بىرى.ئىغىرلىقى 48.68توننا،4ئادەم باشقۇردۇ.ماتورى 650ئات كۇچىگە ئىگە.قىلىنلىقىمۇ11سانتىمىتىر .زەمبىرىگى 12سانتىمىتىر.ئەڭ تىز سۇرئىتى 36. 1000مىتىر يىراقلىقتا 16سانتىمىتىر يىراقلىقىتىكى پولاتنى تىشىپ ئۆتەلەيدۇ. يىتەرسىزلىگى:شۇپۇرنىڭ ئايرىم چىقىش-كىرىش ئىشىكى يوق.تانكىغا ئوق تەگسە شۇپور قچىپ كىتەلمەيدۇ.
3.ت -34-85 <روسىيە >
روسىيە2-دۇنيا ئۇرۇشىدا مۇشۇ تانكىغا تايىنىپ غەلبە قىلغان.بۇ تانكىنىڭ ئىغىرلىقى 32توننا.ماتورى 520ئات كۇچىگە ئىگە.قىلىنلىقىمۇ9سانتىمىتىر .زەمبىرىگى 8.5سانتىمىتىر.ئەڭ تىز سۇرئىتى 55.ئالدىغا 5خوت،كەينىگە1خوت.بۇتانكىنى روسىيە گىرمانىيەنىڭ <قارا يىلپىز>ناملىق تانكىسىغا قارشى تۇرۇش ئۇچۇن مەخسۇس ياسىغان.ھەمدە گىرمانىيەگە قارشى بىرلىن ئۇرۇشىدا ناھايىتى ياخشى رول ئوينىغان!
4.قارا يىلپىز ئوتتۇرا تىپلىق تانكا <گىرمانىيە>
بۇ تانكىنىڭ ئىغىرلىقى 45.5توننا.5ئادەم باشقۇرىدۇ.ماتورى 700ئات كۇچىگە ئىگە.قىلىنلىقىمۇ11سانتىمىتىر .زەمبىرىگى 7.5سانتىمىتىر.ئەڭ تىز سۇرئىتى 55.ئالدىغا 7خوت،كەينىگە1خوت .بۇ تانكىنىڭ زەمبىرىگىنىڭ كالبىرى كىچىك بولغان بىلەن ئۇقىنىڭ تىشىپ ئۆتۇش ئىقتىدارى ياخشى.ھەمدە 2دۇنيا ئۇرۇشىدا جەمىئي3126دانە ياسىلىپ ئىشلىتىلگەن.
5.پەنسېس <ئامرىكا>
بۇ تانكىنىڭ ئىغىرلىقى 41.5توننا.5ئادەم باشقۇرىدۇ.ماتورى 500ئات كۇچىگە ئىگە.زەمبىرىگى9 سانتىمىتىر.ئەڭ تىز سۇرئىتى 48.بۇ تانكىنىڭ زەمبىرىگىنىڭ كالبىرى كىچىك بولغان بىلەن ئۇقىنىڭ تىشىپ ئۆتۇش ئىقتىدارى ياخشى.ھەمدە 2دۇنيا ئۇرۇشىدا جەمىئي1436دانە ياسىلىپ ئىشلىتىلگەن.
6.يولۋاس شاھى <گىرمانىيە>
بۇ تانكىنىڭ ئىغىرلىقى70توننا.5ئادەم باشقۇرىدۇ.ماتورى 700ئات كۇچىگە ئىگە.قىلىنلىقىمۇ18سانتىمىتىر .زەمبىرىگى 8.8سانتىمىتىر.ئەڭ تىز سۇرئىتى 38.ئالدىغا 8خوت،كەينىگە4خوت .بۇ تانكىنىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن ئىغرلىقى بەك ئىشىپ كىتىپ،ھەركەتچانلىقىغا تەسىر يەتكەن.ھەمدە زەمبىرىگى بەك ئاجىز بۇلۇپ قالغان.2دۇنيا ئۇرۇشىدا جەمىئي489دانە ياسىلىپ ئىشلىتىلگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا burkut0994 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-7 02:21 PM
|
|
|
|
|
|